كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 4

يۈرۈكۈم تەزكىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈرۈكۈم تەزكىرىسى
ئارزۇيۇم، تىلىكىم، ئارمانىم ھەم سىز،
كۈچ-قۇۋۋەت، مادارىم، دەرمانىم ھەم سىز.
بۇ ئۆمرۈم سىز بىلەن ئۆتسە مەن رازى،
مەڭگۈگە سۆيۈشكە قارارىم ھەم سىز.

سېغىنىشىم، ئەسلىشىم، خۇمارىم ھەم سىز،
ياماندىن ساقلاشقا تۇمارىم ھەم سىز.
سەمىمى، چىن سۆيگۈ پاكلىق بابىدا
ئىشەنچىم، دىلكىشىم، بۇزرۇكۋارىم سىز.

سىز بىلەن مەنىلىك مىنىڭ ھاياتىم،
سىز بىلەن ئۆتكۈردۇر پەي ھەم قاناتىم.
ئاي، قۇياش، تاغ، دەريا ھەم گۇۋاھ بولسۇن،
«قەتئى ۋاز كەچمەسلىك» قەسەم جاۋابىم.
ئاپتورى : مۇنبىرىمىز يېڭى ئەزاسى- TAYMAS



baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-16 18:44:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك   تەزكىرىسى   خېلى   پەيزى   يېزلىپتىغۇ   بۇنى    يۈركۈم   تەزكىرىسى    دىگەندىن    كۈرە    يۈركۈم    ۋەدىسى   دىسەك     بولغۇدەك   چۈنكى بەك   تاتلىق    ئارمانلار   ئەكىس     ئەتتۈرلۈپتۇ  .   
تايماس    شىكەردەك   شەنبىدە   شېئىر   يېزىپسىز  بىزمۇ    شىرىن   ھىس   -تۇيغۇلارغا    چۈمۈلدۇق   رەھمەت  .
ۋاقتى: 2015-5-17 09:46:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئر يىزىپىسز، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ۋاقتى: 2015-5-18 20:20:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پەلسەپىۋى ئەسەردىن بىرنى ئوقۇيدىغان بولدۇم دەپ ئاچسام بىر مۇھەببەت شىئېرىكەن. ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2015-5-20 10:56:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش