كۆرۈش: 320|ئىنكاس: 5

بايقاش ئەھلىگە:

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بايقاشتىكى بارلىق دوسلار مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن...  مەن بايقاش تورىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بايقاش تورىنىڭ تېىخمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيتىم بار دەپ قارايمەن....
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بايقاشتىكى دوسلارغا دىمەكچى بولغىنىم بايقاش تورىدىكى باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى ۋە بايقاش ئەھلىنىڭ قىزغىنلىقى ئاستىدا بايقاشقا يوللانغان ماتىرىياللارنىڭ تۈرى ۋە كۆپلى جەھەتتە بەك ياخشى بۇلىۋاتىدۇ... لېكىن مىنىڭ دىققەت قىلىشىمچە بۇ ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈپ بايدىلىنىدىغانلار، كۈرىدىغانلار كۆپ بۇلسىمۇ بىراق ئىنكاس يازىدىغانلار يوق دىيەرلىك بۇلىۋاتىدۇ......... شۇنچە ياخشى تىمىلار نىمىشقا ئىنكاسسىز قالىدۇ... بىر ئىككى قور خەت يېزىش شۇنچە تەسمۇ، بۇ بايقاشتىكى بارلىق دوسلار ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە...
  بايقاشتىكى زىبا خانىم :
ئىنكاس يېزىڭ تېمىغا

ئەركەم ئىجادىيىتى

قاراپ باقسام مۇنبەرگە،
تېمىلار بەك تېتىملىق.
ئەزالارمۇ بەك قىزغىن،   
كۆرۇلۇشى رېتىملىق.

ئەمما ئىنكاس بەكلا سۇس،
قالدۇرمايمىز نېمىشقا.
ۋاقىت يوقمۇ ۋە ياكى،
خوشياقمامدۇ يېزىشقا.  

ئىنكاس دېگەن تېمىغا،
جان بېرىدۇ بىلەمسىز.
نەچچە قۇرلا يۈرەك سۆز،
قالدۇرغانغا ئۆلەمسىز.

تەمسىز بولۇپ قالمامدۇ،
تۈز سالمىسا قېيمىغا.
خۇش بوپ قالاي دوستلۇرۇم،   
ئىنكاس يېزىڭ تېمىغا

دىگەن تىمىنى يوللاش ئارقىلىق  بايقاش ئەھلىنى ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق تىما ئىگىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى.......
شۇڭا دوسلارنىڭ تىما كۆرگەن ۋاقىتتا ئازدۇر كۆپتۇر ئىنكاس يېزىپ تىما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت بۈلدۈرۈپ قۇيۇشۇڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.....
ئاخرىدا ئىگىز-پەس سۆزلەپ قويغىدىمدىن بايقاشتىكى بارلىق دوسلاردىن كەچۈرۈم سۇرايمەن........ ھەممىڭلارغا رەھمەت...
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-15 17:19:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دىدىڭىز، تېمىغا ئىنكاس يازساق تېما يوللۇغۇچىغا نىسبەتەن ئىلھاملاندۇرۇش بولىدۇ، بەزى دوستلار ئالدىراش بولۇپ قالسا بەلكىم ئىنكاس يازالماي قالغاندۇ، مۇشۇنداق چۈشەنمەي نىمە ئامال...  
ياخشى تېمىنى ئۇقۇۋېلىپلا غىپپىدە قېچىپ چىقىپ كەتمەي ئىنكاس يېزىپ قۇيايلى...
ۋاقتى: 2015-5-15 17:49:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىلارنىڭ ماۋزوسىغىلا قاراپ بولدى قىلماي مەزمۇنلارنىمۇ كۈرۈپ قۇيايلى ،بىز ئويلىمىغان ئىھتىياجلىق بىلىملەرگە ئۇچراپ قالامدىمىز تېخى ،    بىر -بىرىمىزنى قوللاپ  بايقاش تىكى تىمىلار ئۈچۈن ئىنكاس يازسساق  ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.شۇ ئەمەسمۇ يا...............
ۋاقتى: 2015-5-16 13:05:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغىرا دەيسىز ،مەن تېخى ئىنكاس يازسىڭىز تىللاغا ئىرىشىدىغان قىلساممۇ ئىنكاس يېزىلمايۋاتدۇ .  بىر -بىرىمىزنى قوللاپ  بايقاشتىكى تىمىلار ئۈچۈن ئىنكاس يازساق  ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.
ۋاقتى: 2015-5-16 18:36:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   تىمىنى   كۈرۈپ    نىمە   دىيشىمنى   بىلەلمىدىم   راسلا   ،   چۈنكى   ئۇزۇن   بولدى    ھەر   تۈرلۈك  ئىشلار  سەۋەبىدىن   مۇنبەرگە   كىرەلمىدىم    .  تىما    يوللاشقىمۇ    ،ئىنكاس  يېزىشقىمۇ   ۋاقىت   چىقىرالماي   ھازىر    مۇنبەرنى   ئاچساممۇ     تارتىنىش   ئىچىدە   تىمىلارغا    كۆز   يۈگۈرتدىغان   بۇلۇپ   قالدىم   .   مىنىڭچە   بۇ    پىكىرنى   يۈزدە   -يۈز   قوللاشقا   تىگىشلىك    پىكىر    ،ئەمما   قوللاشتىن   ئاۋۋال    مۇنبەرگە   تىما    يوللىغان    مۇنبەرداشلارغىمۇ    ئازراق   ئەسكەرتىش   بىرىپ    قويسام   .
1-بايقاش   مۇنبىرىدە   ئۇقۇتۇش   بايلىقى   ھەقىقەتەن   مول   ئەمما   شۇنىڭغا    ئەگىشىپ    يەنە   پاخال   تىمىلارمۇ    بەك    كۆپ   ،  يەنى    بىر   قېتىم  ئەمەس   بىر   نەچچە     قېتىم   يوللىنىپ     بولغان    تىمىنى   تەكرار    يوللايدىغان   ئىش   ئېغىر   .   شۇ   سەۋەپلىك    يېڭىدىن   يوللانغان    ئىجابى   تىما   ۋە    ھەقىقى   ياخشى   نادىر   تىمىلارمۇ     بەت   يۈزىدىن   تىزلا   چۈكۈپ    كىتىپ     مۇنبەرداشلارنىڭ   كۈرۈش   ۋە   ئىنكاس   يېزشىغا    تەسىر   كۆرستىۋاتقان    ئەھۋال   خېلىلا   ئېغىر  .
2-   ئەھمىيەتسىز   ،   قۇرۇق   ،  پۈچەك   تىمىلارنىڭ   ھەتتا    چۈشرۈش   ئادىرسى   يوق   ،  ياكى   قۇرۇق   بىرەر   -ئىككى   جۈملىنى   يوللاپ   قۇيدىغان   ئەھۋاللارمۇ    كۆپ   شۇڭا    تىما    يوللىغۇچىلار    ئەستايدىل    بولسا    ئاندىن    مۇنبەر   زىيارەتچىللىرىمۇ     ماتىريالدىن   پايدىلنىۋېلىپ   ياكى   ئۇقۇۋېلىپلا    قاچماي    تىما   ئىگىسنىڭ   ئەجرىگە    لايقىدا    جاۋاپ   قايتۇرساق  .   شۇندىلا    مۇنبەر   كەيپىياتى   جانلىناتتى    ۋە    مۇنبەرداشلارغا   ئىلھام     مەدەت    بۇلاتتى    .
كۆپ  سۆزلەپ   قالدىم    مۇنبەرداشلار   ئەپۇ   قىلغايسىلەر   .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
火山 + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2015-5-20 16:27:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىبا. يوللىغان ۋاقتى  2015-5-16 18:36
بۇ   تىمىنى   كۈرۈپ    نىمە   دىيشىمنى   بىلەلمىدىم   راسلا  ...

سىزنىڭ قىممەتلىك ھەم ئۇرنلۇلق پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت مۇمكىن بولسا بارلىق تورداشلا ئۇچرا تقان پىچەك تېمىلىرىنىڭ ئادىرىسىنى بىزگە يوللاپ بەرگەن بولساڭلار بۇخىل تېمىلارمۇ ئازايغان بۇلاتتى .
ئۇنىڭىدىن باشقا بەزى تېمىلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى يەنى كىتاپ ئۆزگەردى مۇشۇنداق تېما بولسىمۇ يوللاپ قويغان بولساڭلا!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش