بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-11 12:49
سېغىنىش
قاچان كېلىپ كەتكەنسەن باھار؟ چىچەك پەسلى بولمىدى دىدار . ياتلار گۈللەر قىسىپ يۈرگەندە ، باغلىرىمغا تەككەنمۇ دوقال ؟
قاچان كېلىپ كەتكەندۇ باھار ؟ باھار بىلەن كەتتىڭمۇ دىلدار ؟ ھىدلىرىڭنى ئېلىپ قالغاچقا ، بولدى ماڭا ئۇۋل، بەك ئۇۋال .
بىلمىسەممۇ بوپتىكەن ئەسلى ، ئەپسۇس تەغدىر ھەممىدىن ئاۋال . كەچمىشلىرىم ئاچچىق بولسىمۇ ، ھايات دىگەن ئاساۋ بەك ئاساۋ .
مىنەلمىگەن چاغلىرىم باردۇر ، كىرەلمىگەن باغلىرىم باردۇر . ئۇچۇپ يۇرگەن بەلكىم بىر سادۇر ، ئىشەنگىنىم ساختا بىر ياردۇر .
كىملەر بىلەن كەتكەندۇ باھار ؟ قىلالمايلا قەلبىمنى ئىزھار . بەخىت شۇنچە قىسقا بولامدۇ ؟ ئۆتۈپ كەتتى تۇتقىچە ساقال .
كىملەر ئېلىپ كەتكەندۇ باھار ؟ ئۇزاق-ئۇزاق قىلىمەن خىيال . ئارمانلىرىم يۈگەنسىز شامال ، ئەپسۇس ھايات ھەممىدىن بېدار.
|