كۆرۈش: 299|ئىنكاس: 0

ئەنئەنىگە خىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                ئەنئەنىگە خىتاب
(كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار !ئىملا خاتالىقلىرى بولسا تۈزۈتۇپ ئۇقاسىلەر ،مەن ئۆيگە كىرىپ تاماق يەۋىتىپ يېزىپ مەكتەپكە چىقىدىغان ۋاقىت بۇلاپقالدى . تۈزتىشكە ۋاقىت يوق  .بىرقىسىم يەرلىك شىۋىلەرنى ئۈز پېتى ئالدىم .چۈنكى مەن خوتەندىن ئەمەسما ! رەھمەت سىلەرگە )
دادام، ناننى خارلىما (دەسسىمە ) قارغۇ بۇلىسەن ، قىشتا ئۇزۇق ئال؛ يازدا يېپىنچا ،كىر سۇينى ھويلىغا تۆكمە گۇنا بۇلىدۇ ، ئاچقۇچنى ئوينىما زىيىنى بۇلىدۇ . كۈلگە يۈندە تۆكمە تۇكۇر بۇلىسەن ، كۈچۈڭنىڭ يىتىشىچە ئىشلەپ مىۋىلىك دەرەخ سال ،.........،-دەيتتى بالام . قارا مەن بۇۋاڭنىڭ ۋەسىيتىنى جان –جەھلىم بىلەن تاماملاۋاتىمەن . مەندىن ساڭا نەسىھەت ؛سەن مىنىڭ بالام ، بىز خەقتە ئۆز ئەجىرگە تاينىپ ئۈزنى باقمىغان كىشىنى ئادەم ھىساپلىمايمىز . ھازىر 19ياشقا كىرىپ قالدىڭ يۇقاردا مەن ساڭا بۇۋاڭنىڭ دىگەنلىرىنىڭ يىڭنىنىڭ تۈيشىكىچىلىك نەسىھەت سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردىم . لېكىن، سەن ئەقلىڭنى بىلىپ بۇنداق سۆزلەردىن ۋە ئىشلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئاڭلىدىڭ ،كۆردۈڭ، ئەمەلى قول سېلىپ قىلدىڭ . نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمىدىڭ؛ نۇرغۇن ئىشلار بېشىڭغا كىلىپ ،ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۈزەڭنىڭ يېشىڭغا لايىق تەجىربە توپلۇدوڭ. سەن يەنە نۇرغۇن چۈشەنمىگەن بۇۋاڭنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ چۈشۈنۈپ قالىسەن . باشقا يۇرتلۇق قېرىنداشلار بىزنى ((خوتەنلىكنىڭ پۇشمىنى قىرىق يىلدىن كىيىن دەيدۇ ))بۇ بۇنىڭدىن نەچچە ئون ئەسىردىن بىرى ئېيتىلىپ كىلىۋاتقان خوتەنلىكلەرگە بىرىلگەن باھا .بۇ گەپلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغالىقىنى بۇۋاڭ ماڭا ئازىراق دەپ بەرگەن . تازا يادىمدا يوق . يادىمدا قالغىنى، بىز خوتەنلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرگىلى ئۇنىماي باشقا يۇرتلۇق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قىرىق يىل ئۇرۇش قىلىپتىمىزكەنتۇق .  خەق نىمە دىسە دىسۇن .بىراق ، سەن قىلغان ئىشىڭنى ئۇبدان دەڭ سېلىپ قىل . بىزنىڭ تەبىئىيتىمىزدە باشقىلار كۆرمىدى ،-دەپ مەيلى سىنىڭ ياكى مىنىڭ ۋەياكى كوللىكتىپنىڭ نەرسىنى ئوغۇرلايدىغان ئادەت يوق ۋە بىزنىڭ ئىتىقاتىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ . سەن ئۆتكەندە دۆلىتىمىزنىڭ نىفىت قېدىرىپ تەكشۇرۇش مەلۇم ئەتىرتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم بۇيۇملىرىنى پالانى ئوغۇرلاپتۇ ، پۇكىنى ئوغۇرلاپتۇ ،- دەپ ئۆيگە قايتىپ مەنمۇ پۇكۇنى نەرسىنى ئوغۇرلاپ ئەكىلىيمىكىن ،خەنزۇنىڭ نەرسىنى ئوغۇرلىسا گۇنا بولمايدۇ ،-دەيدۇ باشقىلار ؛دىگەن ئىدىڭ، مىنىڭ مىڭەمگە چىقىپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن سىنى ئىككى –ئۈچ كاچات سېلىۋەتتىم . سەن تۇرۇپلا قالدىڭ ھەم ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتىڭ . قانداق ئاتا جېنىدىن ئېزىز پەرزەنتىنى بىكاردىن –بىكار ئۇرۇدۇ،-دەيسەن .كىيىن ئويلىسام بىزنىڭ مىللىتىمىزدە ئۇنداق ئەسكى ئىشلار يوق ئىكەن . سەن ئامىرىكىنىڭ كىنولىرىغا بەك ھەۋەس قىلىپ كۈرەتتىڭ . بىزمۇ پەرزەت ئىشقىدا ئاناڭ بىلەن سىنىڭ كۈڭلەڭنى ئاۋايلاپ ئۈزىمىز كۈرگىمىز بارنى كۆرمەي ساڭا ئەگىشىپ بىزمۇ ئامىرىكىنىڭ كىنولىرىنى كۈرىدىغان ھەم شۇنىڭدا چىقىدىغان ۋەقەلىكلەرگە دىققەت قىلدۇق . يۇرتىمىزدا بولغان تارىخى رىۋايەتلەر بىلەن باغلاپ كىنو ۋەقەلىكىنى سېلىشتۇردۇق . مەن بۇنىڭدىن ئەسلى ئوغۇرلۇق ھۈنۈرنىڭ ھازىر سەن دەۋاتقان دول ، بودىي دىگەن كىنونى نە ئىشلىگەن دىدىڭە ؟
-ئەنگىلىيە .
-ھە شۇ يەردىكى خەقلەر بىلەن ما روس ئاغىنىلەر(دادام ئىلگىرى غولجىدا روسلار بىلەن كۆپ ئارلىشىپتىكەن ،رسچە سۆزلەپ قۇياتتى تېخى) تارقىتىپتىكەن. شۇ كىشىلەر ياشاۋاتقان گۈزەل شەھەرلىرىنىڭ شۇ گۈزەل قىلغان ھەرقانداق نەرسىدە بىزنىڭ ئەمگەك مىۋىمىز بار، - دەپ قارىدىم . چۈنكى، ئۇلار ئالدىنقى بىرنەتچە ئەسىردە يۇرتىمىزغا كىرىپ نۇرغۇن بايلىق ۋە ئاتا –بۇۋىلىرىمىز ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ، ھاتتا ئۈزى بىلمەيدىغان يەرلەرگە بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلەرگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، شۇ يەرلەرگە يول باشلاشقا مەجبۇرلىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىزدىمۇ بىرقىسىم كىشىلەر ئاستا – ئاستا ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئۈگىنىپتىكەن ،-دەپ ئويلىدىم . ئوتكەندە سەن بىر ئاغىنەمنىڭ ئۈيىدىن قەشقەردە سىنغا ئېلىنغان كىنودىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم ،-دىگەن ئىدىڭ.ئۇ كىنونىڭ ئىسمى نىمە ئىدى ؟
-يول باشلىغۇچى
-ھە مانا ئاددىسى شۇ كىنودىكى ۋەقەلىكلەر بۇنىڭ بىرقىسمى . رىۋايەتلەر بىكارغا ھازىرغا قەدەر سۆرلۈپ كەلمەيدۇ ، ئاڭلىسام كىريە ناھىسىنىڭ مۇ ياكى لوپ ناھيسىنىڭمۇ دەييار بۇيى دىگەن كەنتىسىدە ھېلى –ھەم بىرقىسىم نەرسىلەرنىىڭ نامىنى شۇ خەقلەرنىڭ (ئىنگىلىسلارنىڭ تىلى بۇيچە )تىلى بۇيچە دەيدىكەن . ...دىگەن سۆزلەر، ئۆزۋاقتىدىكى ھولىمىزنىڭ ئىچىدىكى  چوڭ بىرتۇپ ئۈرۈك دەرىخى ئاستىدا دادام بىلەن ئىككىمىز ئۈرۈك يەپ ئولتۇرۇپ دىيىشكەن گەپلەر ئىدى . مانا ھازىر 33ياشقا كىرىپ قاپتىمەن . جەمئىيەتتە بۇلىۋاتقان ھەرقانداق ئشىلارغا توغرا تەپەككۇر ،توغرا كۈز قاراشلار بىلەن قارايدىغان ، ئۆز ۋاقتىدىكى يۈرتىمىزدىكى يۇقۇرى ساپالىق ئەمما ھازىرقى جەمئىيەتتە پاخال (ئەخلەت)سانىلىدىغان زىيالى بۇلۇش سۇپۇتۇم بىلەن دادامنىڭ شۇ قىممەت باھالىق ئالماسقا تىگىشكۈسىز دەرىسى يادىمغا يەتتى . سەۋەبى ،يەنە شۇ دادام سۇپەت يۇرت چوڭلىرنىڭ پاراڭلىرىنىڭ ھەم ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ باشلامچىسى مايۇن ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئەنئەنىۋىي قول ھۆنەرۋەنچىلىك ھەم ھەرخىل ئىسىل يەرلىك مەسۇلاتلارنىڭ پۇتۇن دۇنيادا ساتىمىز ، بىزنىڭ گوروھ شىنجاڭدىكى بازاردىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتىدۇ ،-دىگەن سۆزلىرىدىن ، رەئىس شى جىن پىڭنىڭ ساھالەر بۇيچە شىنجاڭغا ياردەم بىرىش ،-دىگەن يول يۇرىقىنىڭ ئەمەلىي ئىجىرا قىلنىۋاتقانلىقىنىڭ كۆرنەرلىك ئىپادىلىنىشى ھىساپلىناتتى . 2015-يىلى يىل بېشىدا  ناھىيلىك پارتكۇمنىڭ بىرىنجى قول سىكىتارى ئالمىشىپ خىزمەتكە چۈشۇپ ھەپتە ئۆتمەي ناھىيە ئىچىدىكى بىرقىسىم ئۇرۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئەپسۇزلىنىپ تۇرۇپ ،ماۋۇ قارغا ،چىنالارنى ئېلىپ تاشلاپ ئالما ،ئۆرك ،شاپتۇل .....سېلىڭلار دىگەن سۈزلىرىدىن يەنە قايتا ئويلىنىشقا نىسىپ بولدى .مىللىتىمىزنىڭ نەتچە ئون ئەسىرلىك ئىسىل مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەنئەنىسى بار . بۇنى ئېغىزدا دىمەي ئەمەلىي تەكشۇرۇپ باھا بەرسەك بۇلىدۇ . بىزنىڭ ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزنىڭ ئاستىغا ئالاھىيدە قىلىپ ((مىھمان دوس))...مىللەت دەپ يېزىلىدۇ ۋە تەرىپلىنىدۇ .
بۈگۈن(شەنبە) مەكتەپ رەھبەرلىكى ئىككى كەنتىنىڭ دىھقانلىرىنىڭ مەكتەپكە يىققانلىقى، بىرقىسىم مۇئەللىملەرنىڭ ئۇلاربىلەن بىرگە تۇرۇپ رەھبەرلىك ئۇرۇنلاشتۇرغان جىسمانى ئىشلارنى قىلىشقا، ئۇقۇتقۇچىلار دىھقانلارغا كۆرسىتىگەن ئىشلارنىڭ تەلەپ ئۆلچەملىرىنىڭ دەپ بىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن دىھقانلار بىللەن تەخمىنەن ئىككى پۇك ئەتىراپىدا يەرنى تەكشىلەپ تۈزلەيدىغان بولدۇق . يەر ئۈستىدە تۆت تۇپ ئىسمىنى بىلگىلى بولمايدىغان مەنزىر دەرىخى بۇلۇپ، ئىككىسى قۇرۇپ كەتكەن؛ ئىككى تۈپ ياشارغان بىلەن ياشارمىغاننىڭ ئورنىدا تۇراتتى . دىھقانلارنىڭ ئارىسىدىن 60ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشى بۇ دەرەخلەرنىڭ ئورنىغا مانىڭغا ئوخشاش ئۈرۈك (ئىككى ،ئۈچ مىتىر يىراقلىقتىكى بۇك -باراقسان بىر تۈپ ئۈرۈك دەرىخىنى كۆرسىتىپ ) ياكى شاپتۇل ،ئۇلار تېپىلمىغان بولسا ئۈژمە سالغان بولسا ھە !نەرۋىلىرىمىز ھەم خىزمەت تەكشۇرۇپ كەلگەن رەھبەرلەر يەپ كۆڭلى ئېچىلىپ چىقىپ كىتەر ئىدى . ھازىر جەمئىيەت قانداق بۇلۇپ كەتتى . بۇرۇن يېزىلىق ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئىچىدە ئالما ، ئۈزۈم ،ياڭاق ....قاتارلىق نۇرغۇن مىۋىلىك دەرىخلەر بار ئىدى . ھازىر ئۇ نەرسىلەرنى چىقىرىپ ئورنىغا مانىڭغا ئوخشاش دەرەخلەرنى سېلىپتۇ . بۇنىڭغا پاششىمۇ قاراپ قويمايدىكەن . دىۋىدى .ئارىسىدىن بىرسى
-ھە ئاكا يېزىنىڭ ئىچىگە يەتكۈزگەن ئالما ، ئۈزۈم تاللىرىڭىزنىڭ چىقىرلىپ كەتكەنلىكىدىن خاپا بۇلۇپسىزدە !
-ياق ئۇكام ئۇنداق دىمە . دادام رەھمەتلىك كۈچۈڭنىڭ يىتىشىچە تاپىنىڭ تەككەن يەرگە مىۋىلىك دەرەخ سال، ساۋاپ بۇلىدۇ ،-دىگەن ئىدى . ئەمدى چۈشەنسەم بىزنىڭ مىھمان دوسلىقىمىز پۇتۇن يۇرتىمىزنىڭ ھەربىر غېرىچ يەرلىرىدە ئىپادىلىنىپتىكەن. دىۋىدى ئارىمىزدىكى ئۇقۇتقۇچىدىن بىرسى
-ئاكا ئاڭلىسام ناھىيلىك پارتكۇمنىڭ يىڭىدىن ئالماشقان سىكىتارى ھۈكۈمەت ئۇرۇنلىرىدىكى مەنزىر دەرەخلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ مىۋىلىك دەرەخ سېلىڭلار دەپتۇدەك ، بۇندىن كىيىن يۇرتىمىزنىڭ ھەممە يېزىلىرنىڭ ھۈكۈمەت ئېچىلىرىگە  مىۋىلىك دەرەخ تىكىدىغان ئوخشايمىز....دىۋىدى .60ياشلىق دىھقان ئاتىمىز كۈزىگە ئىسسىق ياش ئالدى . ئاۋازى تىتىرەپ تۇرۇپ
-بىزنىڭ بۇ يۇرتلارغىمۇ شۇنداق كىشىلەر باش بۇلىدىكەندە ! ھەجەپ بىزگە چۈشىدىغان كىشىكەن . ئۇيغۇرمۇ يا ؟
_ياق ئۇيغۇر ئەمەس ئۇ خەن .
_توۋۋا ھەجەپ ئىسىل ئادەمكەن ، ھۈكۈمەتمۇ يامان ھە !
مانا بۇ يۇرتىمىزدىكى ئاددى ئۈزگۈرۈشلەر دىھقان ئاتىمىز ئۈزىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلاممىغانلىقىدىن كۈزىگە ياش ئالغان ئىدى . جەمئىيەت تەرەققىي قىلىدۇ . خاتا يوللارمۇ بۇلىدۇ ..توغرا يوللارمۇ بۇلىدۇ . شۇ خاتا يوللاردا مېڭىلغان ھەرخىل تىللىق قېرىنداشلار ئۈزىنى ۋە ئۈزگىنى چۈشۇنۇپ بولغۇچە تالاي ۋاقىتلار ئۈتۈپ كىتىدۇ . بۇ جەرياندا بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئېپلاسلىق قىلىشلىرى بىلەن شۇ نەپەسداشلار قارلىنىدۇ ۋە تۈرلۈك ئىسىل ئەنئەنىلەر خارلىنىدۇ .بىز زىيالىلار بۇنداق ئىشلارغا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ . جەمئىيەت مىلودىسىغا ئەگىشىپ ئۈزىمىزدىكى ئىسىل ئەن-ئەنىلەرنى قېزىپ چىقمىساق بۇۋام يىغلايدۇ . جەمئىيەت بىزدىن نارازى بۇلىدۇ . مايۇن ئەپەندى بىزنىڭ ئىسىل قول ھۆنەرۋەنچىلىك كىسپىمىز بىلەن مانا بىزنىڭ مىۋىلىرىمىزگە كۆزتىكىپتۇ . ئەمگەك پۇرسەتنى يارتىدۇ .


((تېخنىكا دۇنيانى ئۆزگەرتمەيدۇ ؛ئارزۇ –ئارمانلار دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ ))                  مايۇن

يېزىلغان ۋاقىت 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 12:00دىن 1:20گىچە . يېزىلغان ئۇرۇن قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزىسى
يازغۇچى :ماكانىم 0903

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش