كۆرۈش: 1583|ئىنكاس: 12

ماقال-تەمسىللەر توپلىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەمىمىيلىك توغرىسىدا ماقال – تەمسىللەر
1.ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە.
2.يالغانچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام.
3.يالغانچىنىڭ ئۆيىگە ئوغرى كىرسە،ئىشىندىغان ئادەم تېپىلماس.
4.راست سۆزلىسەڭ قۇتۇلىسەن،يالغان سۆزلىسەڭ تۇتۇلىسەن.
5.يالغان دائىم راستتىن يېڭىلدۇ،ئۇ خۇددى سۇنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكتەك يوقىلدۇ .
6.سەمىمىيلىك بىلەن مېھرىبانلىق كۆرسەتسە ،ئادەم نەپىرەتلىندىغان ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ .
7.راست سۆزلىسەڭ قۇتۇلىسەن
8.يالغان سۆزلىسەڭ تۇتۇلىسەن
9.يالغان دائىم راستتىن يېڭىلىدۇ
10.سۇنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكتەك يوقۇلىدۇ
11.ئاتمىش كۈن تاشقان سۇ ئالتە كۈندە قايتار
12.بېلىق سۇدىن تېپىپ يەيدۇ ،
13.قارلىغاچ ھاۋادىن تېپىپ يەيدۇ .
14.تاشقا – تاش تەگسە ئوت ئۇچقۇندار
15.تۇمان كەتسە جۇت بولىدۇ
16.تومۇز كەتسە قۇرت بولىدۇ
ۋاقىت توغرىسىدا ماقال- تەمسىللەر
1.ھورۇن ۋاقىت قەدىرىنى بىلمەس،ئۆتكەن ۋاقىت قايتىپ كەلمەس.
2.ۋاقتىڭ كەتتى ،بەختىنىڭ كەتتى.
3.ۋاقىت – زور بايلىق.
4.كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
5.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
6.ھەربىيلەر ئېيتىدۇ:ۋاقىت –غەلبە، دوختۇرلار ئېيتىدۇ: ۋاقىت –ھايات، دېھقانلار ئېيتىدۇ: ۋاقىت-ئاشلىق ،ئوقۇغۇچىلار ئېيتىدۇ:ۋاقىت –بىلىم.
ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا
1.ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر.
2.يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس،ئىناق ئۆتكەن ۋەيران بولماس.
3.بىرلىك بولماي كۈچ بولماس
4.ئائىلەڭ ئىناق بولسا ئىشىڭ روناق تاپار.
بىلىم توغرىسىدا ماقال –تەمسىللەر
1.تىرىشچاندىن بىلىم قاچماس،ئىشچاندىن بەخىت .
2.بىلىم ئەقىل چىرىقى.
3.بىلىم بىلگۈچىدە ، ئەقىل سەزگۈچىدە
4.ئالەمنى كۈن يورۇتار ،ئادەمنى بىلىم يورۇتار.
ئەقىل –پاراسەت توغرىسىدا
1.غەم قىلغۇچە پەم قىل .
2.كۆپنى كۆرسەڭ كۆپنى بىلىسەن
3.ئەقىل ئۈگىنىشتىن تالانت جۇغلىنىشتىن كىلدۇ.
4.ئەقىل توزىماس،بىلىم خورىماس.
5.ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا .
6.ئەقىل ئادەمنىڭ تۈۋرىكى ،سەۋىر ئەقىلنىڭ شېرىكى .
بەخىت توغرىسىدا ماقال –تەمسىللەر
1.بەخىت ئەمگەكتىن كىلىدۇ ،ھەقىقەت –ئەمەليەتتىن كىلدۇ.
2.بەخت ئالتۇن كۈمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .
3.باشقىلارنى بەخىتسىز قىلساڭ ئۆزۈڭمۇ بەخىتكە ئېرىشەلمەيسەن.
4.بەخىت ئاسماندىن چۈشمەس،ئامەت تۈڭلۈكتىن چۈشمەس.
ئەخلاق توغرىسىدا ماقال- تەمسىللەر
1.ئۆزىنى سورىغان قازىنىڭ ئالدىغا بارماپتۇ.
2.سەۋىر قىلساڭ غوردىن ھالۋا پۈتەر
3.ئىگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ
4.تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالماق
5.قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيماق
6.غۇلچىغا چىداپ غېرىچىغا چىدىماسلىق
ئىدىئوملار
1.كۆز بويىماق
2.قۇلىقى يۇمشاق
3.گەپ يىمەك
4.ئاچكۆز
5.پىشانىسى ئوڭ
6.قولى ئوچۇق
7.يۈزى تۆۋەن
8.ئايىغى يىنىك
9.قىن-قىنىغا سىغماسلىق
10.ئاغزىنى تۇۋاقلىماق
11.ئەجىر قىلماق
12.پۇتاق چىقارماق
13.كۆزى كىچىك
14.باش ئاخىرى يوق
15.بىر نان تاپسا تەڭ يەيدىغان
16.سەمىگە سالماق
17.ھۇشىنى يىغماق
18.داغ چۈشۈرمەك
19.كۆڭلى يۇمشاق
20.چىشىنى چىشلىمەك
21.كۆز قۇلاق بولماق
22.قاچا بىكار قلدىغان
23.قورسىقىنى يارسا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى چىقمايدىغان
24.ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلماق
25.ئالا قانات
26.بىر چوقۇپ قاچۇرماق
27.بىر ئىغىناپلا
28.پەرۋانە بولماق
29.پۇتى كۆيگەن توخۇدەك
30.توخۇ يۈرەك
31.تۇڭگۇز-توپاق ئوينىماق
32.تۇخۇمدىن تۈك ئۆندۈرمەك
33.تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق
34.چىۋىن ياۋالغاندەك
35. سۆلىتىنى ئات تارتالماسلىق
ئەقىل – پاراسەت توغرىسىدا ماقال – تەمسىل
پاراسەتسىز پالاكەتكە يولۇقار
ئادەمگە ئەقىل كېرەك
پاتقاققا شېغىل كېرەك
ئەقلى بار كۆككە چىقار
كۈچى بار تاغقا چىقار
ئەقىللىق ئەلدىن ئايرىلماس
ئوقۇغاننىڭ ئەقلى ئۇزار
ئوقۇمىغاننىڭ ئۆمرى توزار
ئەجىرن  قىلساڭ چۆلگە
پۈركىنىدۇ گۈلگە
ھەرىكەتتە بەرىكەت
بىكارچىلىقتىن نېرى كەت

ھېكمەتلىك سۆزلەر
ئەقىل –پاراسەت ساڭا ياخشى ۋە ئىشەنچلىك ئاداشتۇر ، بىلىم ناھايىتى مېھرىبان قېرىنداشتۇر
ي‹ۈسۈپ خاس ھاجىپ ›

مەن ئەزەلدىن بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ناھايىتى ئاز ۋاقىت دەپ قارىغان ئەمەس .
‹دارۋىن ›

ھەربىيلەر ئېيتىدۇ – ۋاقىت غەلبە
دوختۇرلار ئېيتىدۇ – ۋاقىت ھايات
دېھقانلار ئېيتىدۇ – ۋاقىت ئاشلىق
ئوقۇغۇچىلار ئېيتىدۇ –ۋاقىت بىلىم
ئۆسمۈرلەر ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى . كەلگۈسىدىكى قۇرۇلۇشنى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورۇندايمىز .
كىتاپ ئىنسانلارنىڭ يۇقۇرى ئۆرلىشىدىكى شوتا - گوركىي
ئىنسان ىلىمى بىلەن ھەممىگە قول ئۇزىتالايدۇ (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
                                                                                                                                                                                                      
ئۆزۈڭنىڭ ئېغىر يۈكىنى باشقىلارغا يۈدكۈزمە
‹مەھمۇد قەشقەرىي ›
ئىلىم – پەندىن قۇدرەتلىك كۈچ يوق
ئىلىم –پەن بىلەن قوراللانغان كىشىلەر ھامان غالىپتۇر
بىلىمسىز ئادەم يىلىكسىز سۆڭەكتەك ئىچى قۇرۇق،يىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزارتمايدۇ. (ئەھمەد يۈكنەكى)
بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ياشاش مومكىن ئەمەس،ئەمما ياخشى نام قالدۇرۇش تامامەن مومكىن.
بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ ،سۆزىنى ئاڭلا،پەزىلىتىنى ئۆگىنىپ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇر.(مەھمۇد قشقەرىي)
ھەرقانداق ئىشنى ئەقىل –ئىدىراك بىلەن ئىشلە،ياشىغان زامانىڭنى بىلىم بىلەن مۇستەھكەملە.(يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
ئەقىليە سۆزلەر
تىرىشىپ ياخشىلىق قىل ،ياخشى نام ئىزدە،ياخشى نامىڭ بىلەن مەڭگۈ تىرىك قال.(يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
ياخشىلىق بىلەن نام قالدۇرۇشنىڭ ئۆزى مۇكاپاتتۇر.(ئەلشىر نەۋائىي)
ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئىززەت تاپىدۇ.(ئابدۇللا خاراباتى)
مېھىر –ۋاپاسى يوق كىشى قۇياش بولغان تەقدىردىمۇ،ئۇنىڭدىن نىمە پايدا؟(لۇتفى)
قەھەتچىلىك يىللاردا ئېلىڭ نەگە بارسا سەنمۇ شۇلار بىلەن بىللە بارغىن؛ئېلىڭگە قايغۇلۇق كۈنلەر چۈشكەندە ئۇلار بىلەن بىللە بولغىن.(مەھمۇد قەشقەرىي)
خەلىق كۆڭلىدىن ئورۇن تۇتماق مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئەلا.(مەھزۇن)
دوستلارنىڭ خىزمىتىنى قىل لېكىن ھەرگىزمۇ پايدا كىلەرمىكىن دىگەن تەمادا بولما.(ئەلشىر نەۋائي)

           
ئەمگەكنى سۈيۈش توغرىسىدا
سۇسىز ھايات بولماس،ئەمگەكسىز راھەت (بولماس)
دوسلۇق ھەققىدە
دوستۇڭنىڭ دوستلىقى ،بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر
دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتار
مېھرى –مۇھەببەت توغرىسىدا
ئاتا مېھرى چىراغ ،ئانا مېھرى بۇلاق.
ئاتا ئۆينىڭ تۈۋرىكى ،ئانا ئۆينىڭ يۈرىكى
ئەل يۇرت توغرىسىدا
تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۆھەر،
ئۆز ئېلىڭ ئالتۇن بۆشۈك،
ئەخلاق توغرىسىدا
تەڭ يېگەن تەڭگە سىڭەر.
يامانغا يان تاياق بولما .
ھۆرمەت قىلساڭ ،ھۆرمەت كۆرەرسەن.
بىر كىتاپ ئوقۇساڭ بىر ئەقىل قوشۇلار
كۆپ ئوقۇغان كۆپنى بىلۇر .
ئوقۇمىغان نېمىنى بىلۇر ،
چوڭ قوغۇننىڭ تىلىمى كۆپ ،
كۆپ ئوقۇغاننىڭ بىلىمى كۆپ .
ئوقۇش جاپالىق ، كەينى ۋاپالىق .

ئۆسمۈر چېغىدا كىتاپ ئوقۇسا ، ئىلىم ئۆگىنىپ ئەقىل – پاراسىتى ئېشىپ ، ئۆمۈر بويى پادىسىنى كۆرىدۇ .
مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا كىتاپ ئوقۇسا ،مەغرۇرلۇق ، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ ، تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ .
مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا كىتاپ ئوقۇسا ، مەيۈسلەنمەستىن ، قەددىنى قايتا رۇسلاپ ، قەيەردە يىقىلسا شۇ يەردىن دەس تۇرىدۇ .
ئۆز ئېلىڭنىڭ غېمىنى يە ،
كېچە – كۈندۈز غېمىنى يە
ئەل غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس ،
ئەلدىن بەزگەن ئەر ئەمەس .
تۇغۇلغان يېرىڭگە تۇغۇڭنى تىكلە .
ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك .
-ئۇيغۇر خەلق ماقالى
بالاڭنى ئەدەپكە ئۆگەتمىسەڭ نەسلىڭ قۇرۇر .
نەپسى بالاغا پاتماقلىق
پالاكەت تېگىدە ياتماقلىق
ئاتاڭنىڭ نەسىھىتىدىن تاغ كۆرۈنەر .،
ئاناڭنىڭ نەسىھىتىدىن باغ كۆرۈنەر .
ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ،
ئادەمنى تەربىيە .
نەسىھەت ئاچچىق ،مېۋىسى تاتلىق .
ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ ، غەم قاقشىتىدۇ .
بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس ،
بىريامانلىق ئۇنتۇلماس .
يېلىنىپ ياغ يېگۈچە ،يېلىنماي ياغاچ يە .
غەيۋەتچىنىڭ تىلىنى كەس ،  
ئاڭلىغۇچىنىڭ قۇلىقىنى كەس .
ياخىشىنىڭ گېپى ياغ ، ياماننىڭ گېپى داغ .
ئالدىڭغا ماڭ ،كەينىڭگە يول قوي .
ئاتا بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس .
ئانا قەدرى -  ھايات قەدىرى .
ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن .
ئاناڭنى جاھان بىلسەڭ ، ئاتاڭنى خاقان بىل
ئاتاڭ تاغدۇر ، ئاناڭ باغدۇر .

ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، بۇ تىل كۆركى سۆز .
كىشى كۆركى يۈزدۇر ، بۇ يۈز  كۆركى كۆز .
ـ  يۈسۈپ خاس ھاجىپ
كىمكى قىسقا سۆزلەپ دېدى كۆپ مەنە ،
راۋانلىق بابىدا شۇ كىشى ئەلا
-خۇسراۋ دېھلىۋىي
سۆزگە لەۋ ئاچساڭ ھېكمەت بىلەن ئاچ
ئەقىلسىز ۋات – ۋات سەپسەتىدىن قاچ .
مەن كىمدىن نېمىنى ئۆگەندىم
بوۋامدىن – ئەجدادىمنىڭ  تارىىخىنى
مومامدىن – چۆچەك ئېيتىشنى
دادامدىن – غەيرەتلىك بولۇشنى
ئاپامدىن – مېھرىبانلىقنى
ئاكامدىن – مەردلىكنى
ئاچامدىن –كەڭ قۇرساقلىقنى
ئۇكامدىن – قېرىندىشىنى قەدىرلەشنى
مۇئەللىمدىن – كۆيۈمچانلىقنى
دوستۇمدىن – سىر ساقلاشنى
دۈشمەندىن – تاقابىل تۇرۇشنى
كىتابتىن – بىلىم ئېلىشنى
تەبىئەتتىن – گۈزەللىكنى
تاغدىن – تەمكىنلىكنى
ئالتۇندىن – ساپلىقنى
قاردىن  - پاكلىقنى
بوردىن – باشقىلار ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىشنى
ئۆسۈملۈكتىن – مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشنى
گۈلدىن - ئوچۇق چىراي بولۇشنى
قۇياشتىن – ئىللىقلىق ئاتا قىلىشنى
باھاردىن – كۈلۈمسىرەشنى
كۆچەتتىن – ئەلگە مېۋە بېرىشنى
قەلەمدىن – ئىز قالدۇرۇشنى

باتۇر چامدايدۇ ،قورۇققان توختايدۇ
باتۇرغا ئوق كار قىلماس
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر
باتۇرلۇق بىلەكتە ئەمەس ، يۈرەكتە
باتۇرلۇق بىلەن بۆرە تۇت ،
ئەقىل بىلەن تۈلكە تۇت .
باتۇرنى مەيداندا سىنا ،
سۆزمەننى دەۋادا سىنا
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ،
ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر .
بۈركۈت بوراندىن قورقماس ،
باتۇر ئۆلۈمدىن قورقماس .
توشقاندەك يۈز يىل ياشىغىچە ، يولۋاستەك بىر يىل ياشىغان ئەلا .
قورققانغا قوش كۆرۈنەر . ، كۆلەڭگۈسى بەش كۆرۈنەر .
ۋاقىت ئاتقان ئوق ، ئۇنىڭ قايتقىنى يوق .
سەن دېگۈچە مەن دەۋالاي ، سەن بەرگۈچە مەن يەۋالاي .
ئۇ سېنىڭچە بولمىسا ، سەن ئۇنىڭچە بول
دۆلەت گېربىدىكى ئەقلىيە سۆزلەر
دۆلەت گېربى شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ، ئېھتىقادى ، ۋە ئارزۇ – ئۈمىدىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە .
ھىندىستان : ھەقىقەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .
نېپال : ۋەتەن جەننەتتىنمۇ قىممەتلىك .
بېرما : ئىناق ۋە رەتلىك تۇرمۇش ئىچىگە بەخت يوشۇرۇنغان .
گابون : ئىتتىپاقلىق ،ئەمگەك ،ھەقىقەت
مالى : بىر مىللەت ، بىر نىشان ، بىر ئېھتىقاد
نېگىرىيە : ئىتتىپاقلىق ،ئىشىنىش
گامبىيە : تەرەققىيات ، تىنىچلىق ،
گۈللىنىش  
زامبىيە : بىر زامبىيە ، بىر مىللەت
گۋاتمېلا : ئەركىنلىك
ئاندوررا : باشقىلار ماڭا چېقىلمىسا ، مەن باشقىلارغا چېقىلمايمەن .
يېڭى زىللاندىيە : مەڭگۈ دۇرۇس بولۇش
نورۋېگىيە : ھەممە نورۋىگيە ئۈچۈن
فېرانسىيە : ئەركىنلىك ، باراۋەرلىك ،
سۆيۈش
بېلگىيە : ئىتتىپاقلىق – كۈچ
شېۋىتسارىيە : ھەممىسى كۆپچىلىك ئۈچۈن  ، كۆپچىلىك بىر ئادەم ئۈچۈن   
سىنگاپور : ئالغا باس سىنگاپور
ھېكمەتلىك سۆزلەر
ئۆزئارا ياردەمنى قەدىرلەش كېرەك ،
بۇ ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە .
-گوركىي
سەن بىرىۋغا ياردەم قىلالىغاندىلا ، سېنىڭ روھىي دۇنيايىڭ ئاندىن بېيىيدۇ .
-سۇخوملىنىسكى
ۋاقتىدا قىلىنغان كىچىككىنە ياخشىلىقمۇ
ياخشىلىققا ئېرىشكۈچى ئۈچۈن زور قىممەتكە ئىگە بولىدۇ .
-دېموكرىت
يەر شارىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر .
يەر شارىنى قۇتقۇزغانلىق كەلگۈسىنى قۇتقۇزغانلىق
ئالقانچىلىك يەرنىمۇ كېيىنكىلەرگە
ئېلىپ قويۇش كېرەك
چەكلىك بايلىقنى چەكسىز بايلىققا ئايلاندۇرۇپ
ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
تەبىئىي بايلىقلارنى قەدىرلىگەنلىك ھاياتلىقنى
يېشىللىققا ئېرىشتۈرگەنلىك بولىدۇ .

ئىلىم – ئەخلاقتا يېتىشكەن  ،پەزىلەتلىك
كىشىلەر ھايالىق بولىدۇ .
-ئەلىشىر نەۋايى
-كىشى بىلىم ، پەزىلەت ، ياخشى خۇلۇق ۋە
-قىلىقنى ئۆگەنسە ، ئاندىن يۈرۈش – تۇرۇشى
-تۈزىلىدۇ .
-يۈسۈف خاس ھاجىپ
-ھەقىقىي تەربىيە كۆرگەن كىشىلەردىن بولۇش ئۈچۈن ئەتىراپلىق بىلىم ، تەپەككۇر قىلىش ئادىتى ، ۋە ئالىجاناپ مىجەزدىن ئىبارەت ئۈچ
-پەزىلەتنى ھازىرلاش لازىم .

مەن ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى قەدىرلەيمەن ، ھەتتا ھاياتىمدىن
ۋە ئۆزۈم قەدىرلەيدىغان پەرزەنتلىرىمدىنمۇ ئارتۇق كۆرىمەن.
ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس ، ۋەتەن ئۈچۈنمۇ
ياشىشى كېرەك . – ئەپلاتۇن
ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە مەنسۈپ بولمىغان ئادەم
ئىنسانىيەتكىمۇ مەنسۈپ بولمايدۇ .
بېلىنىسكى
ۋەتىنىنى سۆيمىگەن ئادەم ھېچنىمىنى سۆيمەيدۇ . – بايرون
ئورمان بار يەردە بالا يوق ،
قاتتىق بوراندىمۇ قازا يوق .
ئورمان بىلەن قاپلانسا سايلىق ،
ئاخىر بولىدۇ بايلىق .
ئورمان تىككەن خار بولماس .
ئورماننىڭ يېشى كۆچەت .
ئورمان كۆپ بولسا ھۆلچىلىك بولۇر ،
جۇت يىللاردىمۇ مولچىلىق بولۇر .
ئورمانچىنىڭ ئۆزى ئۆلمەس ،
ئۆزى ئۆلسىمۇ ئىزى ئۆلمەس .
-ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى                                                                                                      

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-5-8 18:19:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، بەك جاپا چېكىپسىز رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2015-5-9 09:47:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمنىلىگىنىڭزدىن تولىمۇ خۇشالمەن. جاپا چەكتىڭىز...
ۋاقتى: 2015-5-9 13:07:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى ياخشى ماتېريال بىلەن تەمىن ئەتتىڭىز، رەھمەت.
ۋاقتى: 2015-5-10 16:44:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپسىز سىزگە تەشەككۈر بىلدۈرمەن
ۋاقتى: 2015-5-11 13:58:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ماتىريال بىلەن تەمىنلىكىنىڭىزگە تەشەكۈر.بۇ يوللىغان ماتىريالىڭىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ۋاقتى: 2015-5-12 12:16:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھىميەتلىك تېما يوللاپىسز، ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر.
ۋاقتى: 2015-5-13 16:58:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن سويۇندۈم. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
ۋاقتى: 2015-5-18 12:59:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،ھارمىغايىسز.بىلىشكە تىگشلىك كوپ يىڭى بىلىملەرنى بۇلىۋالدىم.
ۋاقتى: 2015-5-20 17:03:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش