كۆرۈش: 993|ئىنكاس: 13

كومپيۇتېر تاختىسىدىكى مەخپىيەتلىك ( بەك ئەسقاتىدۇ ) .

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كومپيۇتېر تاختىسىدىكى مەخپىيەتلىك

1. كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە بەزىدە كومپيۇتېر ئالدىدىن ئايرىلىپ باشقا ئىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ، ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى windows كۇنۇپكىسى بىلەن L كۇنۇپكىسىنى تەڭ باسسىڭىز ئېكران قۇلۇپلىنىدۇ .
2. كومپيۇتېردىن ھۆججەت ئىزدىگەندە ئادەتتىكى ئادەملەر ئالدى بىلەن ‹‹ مىنىڭ كومپيۇتېرىم ›› نى (我的电脑)تىپىپ ئاچىدۇ ، ئەمما كومپيۇتېر ماھىرلىرى كۇنۇپكا تاختىسىدىكى windows كۇنۇپكىسىنى بىسىپ تۇرۇپ E كۇنۇپكىسىنى بىسىپلا ئاچىدۇ . ئادەتتىكى ئادەملەر مىسىلداپ ئولتۇرۇغىنىدا ئۇلار ئاللىقاچان ئىزدەشنى باشلىۋەتكەن بولىدۇ .
3. خىزمەت ۋاقتىدا ئويۇن ئويناپ ئولتۇرغىنىڭىزدا تۇيۇقسىز باشلىقىڭىز كىرىپ قالسا مائوس ئارقىلىق ئۈستەل يۈزىگە قايتىش بەلگىسىنى بىسىش بەك  ئاۋارىچىلىق ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ جىددىيلەشمەڭ ! windows كۇنۇپكىسى بىلەن D كۇنۇپكىسىنى بىسىڭ . يەنە بىر قىتىم باسسىڭىز ئەسلىگە كىلىدۇ .
4. windows نىڭ ئۆزىدە بولغان سۈرەتكە ئىلىش ئىقتىدارى . windows كۇنۇپكىسى بىلەن R كۇنۇپكىسىنى بىسىپ ئاندىن pre.exe نى كىرگۈزۈپ ، Enter نى بېسىۋەتسىڭىز ، سۈرەتكە ئىلىش قوزغىلىدۇ .
5.رەسىم ياكى ئېكران بولسۇن ھەر قانداق نەرسىنى ياخشى كۆرەلمىگىنىڭىزدە ، ئۇنى چوڭايتىپ كۆرمەكچى بولىسڭىز windows كۇنۇپكىسى بىلەن ++++++  قوشۇش كۇنۇپكىسىنى باسسسىڭىز بولىدۇ .
  بىز دەۋەتقان windows كۇنۇپكىسىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى بەلگىسى :

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-7 13:36:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەس قاتىدىغان ھۆنەرلەركەن ، يەنە مۇشۇنداق ياخشى ھۈنەرلىرىڭىز بولسا بىزلەرگە ئۆگىتىپ قويۇڭ ... رەھمەت قېرىندىشىم ...
ۋاقتى: 2015-4-7 11:25:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر، ناھايىتتى ئەپچىل كومپيۇتېر مەشغۇلات بىلمىلىرىنى يوللاپىسز.
ۋاقتى: 2015-4-7 14:44:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر ياخشى مەزمۇنكەن بىراق كونوپكا تاختىسىدىكى   (windows  ) كونوپكىسى قايسى پەقەتلا كۈرۈنمەيدۇ  شۇڭا  كونوپكا تاختىسىنى رەسىمگە تارتىپ بىرگە يوللاپ قويسىڭىز
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-7 15:39:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows كۇنۇپكىسى بولسا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى بولىكى يەنى سول تەرەپ Ctrl كۇنۇپكىسى بىلەن Alt كۇنۇپكىسىنىڭ ئوتتورىسىدىكى كۇنۇپكا .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-7 15:49:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6.. windows نى بىسىپ ئاندىن osk دىگەن خەتنى كىرگۈزگەندە مەھمۇم كۇنۇپكا تاختىسى چىقىدۇ ، بۇمۇ سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنىڭ كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن ئوخشاش نورمال ئىشلەيدۇ .
7. ئىكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەش ، ئاۋازنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى تەڭشەش ، سىمسىز تورنى ئىچىش ۋە كومپيۇتېر سىغىمىنى تەكشۈرۈش ، ئىكراننىڭ تېلىۋۇزۇرغا ئۇلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى  بىر قىتىمدىلا تەڭشەش ناھايتى ئاسان ئىش . شىرىن چۈش windows + X نى باسسىڭىزلا ھەممىسى ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ .
ۋاقتى: 2015-4-7 17:50:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىلىمكەن رەخمەت سىزگە. مەن ئۈگۈنىۋالدىم
ۋاقتى: 2015-4-7 18:55:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 1،2،3،5 تۈردىكى ئىقتىدارلىرىنى بىلىدىكەنمەن، 4- تۈردىكى ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى مانا ئەمدى بىلدىم،،
لېكىن مەن ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە سىز دىگەندەك بۇيرۇق كىرگۈزسەم بۇنداق ھۆججەت يوق دەپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقتى.
ۋاقتى: 2015-4-8 00:03:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ھۈنەرلەرنى ئۆگىنىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت .
ۋاقتى: 2015-4-11 08:57:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپ قويىدىغان ھۈنەر ياخشى تېمىكەن يەنە بىر قانچىسى بارتى ئۇششاق ھۈنەردىن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش