| باشلانغۇچ مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 2014-2015 ئوقۇش يىلى 2-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى[ مەكتىۋىمىزدە 4سىنىپ,103 نەپەر ئوقۇغۇچى،20 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچى بولۇپ, بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشچىلار ئۇيۇشما ئەزاسى.مەكتىۋىمىزدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان 4 كىشىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بار مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەكتەپ پارتىيە تەشكلى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ،پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆۋرۈكلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئىشچىلار ئۇيۇشما خىزمىتىنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. (1) ئىددىيۋى –سىياسى جەھەتتە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشما ئەزالىرىنى قارارلىق تەشكىللەپ مەركىزى كومتېتنىڭ 18- قۇرۇۇلتاي ئاخباراتى روھى ، مەركەزنىڭ7-نومۇرلۇق ھۆججىتى ئاخباراتىنى،دېڭ شىياۋپىڭنىڭ جوڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيىسىنى، ھۆسۈن « ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرشى بۇيىچە قايتا تەربىيە پائالىيتى» ئۈگۈنىشى جەريانىدىكى ماترياللارنىڭ رۇلى ۋە مەزمۇنى، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئإگەنگەن، يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىغىنىڭ 91يىللىغىنى خاتىرلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ،ۋە قەشقەر شەھرىدە يۈز بەرگەن «30- ئىيۇل » بىر قاتار تىرورلۇق دىلولىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ماتىرياللارنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە – ئەخلاق قۇرۇلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش » توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى «ئىلغارلىقنى ساقلاش بىلىملىرى »، مەركەزنىڭ شىنىجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغنى رۇھى ، سوتسىيالىستىك ئار-نومۇس قارىشى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ،تولۇق خاتىرە قالدۇرۇشقا تىرىشىمىز.شۇنداقلانەزەرىيدە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتە ئىزچىللاشتۇرۇشتا جان-دىلىمىز بىلەن چىڭ تۇرۇپ،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ، غايىلىك، ئەخلاقلىق مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز. مۇقىملىقنى ساقلاپ،ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىمىز. پارتىينىڭ ھەر مەزگىللىك سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۇنى ئۆز ئورنىمىزدىكى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ،ئىشچىلار ئۇيۇشما خىزمىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئىشچىلار ئۇيۇشمىمىزنى ئىشىچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سىردىشى،ماكانى قىلىپ تۇرغۇزىمىز. تېنچ بولۇش،ئىتتىپاق بولۇشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى بەرپا قىلىش،بۇنىڭ ئۈچۇن:- ئۇيۇشمىنىڭ قەرەرلىك يىغىنلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئېچىپ تۇرۇش،ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىش،بۇ ئارقىلىق ئۇيۇشمائەزالىرىغا ئىنقىلاۋى ئىستىقبال ۋە كىشىلىك تۇرمۇش كۆز قارىشىنى ،ئەخلاق-پەزىلەت ۋە قانۇن –تۈزۈم تەربىيسىنى كۈچلىك ئېلىپ بېرىش، پارتىيەنىڭ فاڭجىن سىياسەت، لۇشىيەنلىرىنى تۇنۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،بىرنىيەت بىر مەخسەتتە بىردەك كۈچ چىقىرىپ،‹‹تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش›› قا ئاكتىپ ھەسسە قوشىدىغان،زەربىدارلىق رۇلىنى جارى قىلدۇرۇش. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىدىكلەرنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيتىنى ئېنىق بەلگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل يۈرۈشلەشتۈرىمىز. مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ بىر مەۋسۇمدا ئىككى قىتىم، يىلدا تۆت قىتىم،ۋەزىيەت ۋەزىپىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ سىياسى دوكلات ئىلىپ بىرىشنى يولغا قويىمىز. بۇنىڭدا مەكتەپ مۇدىرى ئۆزى مەسئۇل بۇلۇپ دوكلات بىرىدۇ. 2-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە:- ئويۇشمىمىز مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى، مەكتەپ مەمۇريىتىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرشچانلىق كۆرسىتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ مەمۇريىتى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ۋاقتىنى ئېنىق بەلگىلەپ ئۇلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ياخشى ئاڭلاپ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قارتىشتەك خىسلەتنى يىتىلدۈرىمىز. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ھەرخىل يىغىنلارنى تۇلۇق ئېچىش ۋە 2- دەرسخانا پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ھارماي-تالماي ئۈگىنىدىغان ياخشى كەيپىياتنى تۇرغۇزىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرلىرى بىلەن دەرس ئوقۇتقۇچىللىرى بىردەك ماسلىشىپ، ياخشىلارنى تىخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئارقىدا قالغانلارنى ئايرىم يىتەكلەپ، خىلمۇ-خىل ئۈنۈملۈك چارىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۈنۈمدارلىقىنى قولغا كەلتۈرىمىز. بۇنڭدا مەكتىۋىمىزنىڭ پۈتۈن پەنلەردىكى ئۆزلشش پىرسەنتىنى %60 دىن يۇقىرى، لاياقەتلىك بۇلۇش پىرسەنتىنى %65 كە يەتكۈزىمىز. مەكتىۋىمىزدە كۆرسەتمىلىك ۋە تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش ياخشى ئىلىپ بىرىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئېششىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. 3- ئىتتىپاقلىق جەھەتتە:- ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتتىپاق مۇناسىۋتىنى ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىمىز. بۇلۇپمۇ مەركەزنىڭ 7-نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 5- نۇمۇرلۇق ھۆججىتى ،17-قۇرۇلتاي ھۆججىتى ۋەرۇلى،دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزىريىسى, يازلىق تەتىلدە ئإگەنگەن «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىددىيە– ئەخلاق قۇرۇلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش»توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى يىتەكچىلىكىدە مىللى بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ، دىننىڭ مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرشىگە قەتئى يول قويمايمىز. مۇقىملىقنى قەتئى ساقلاپ مەكتىۋىمىزنىڭ تېنىچ ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ يىتەكچىلكىدە ھەر خىل مەدىني كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ،دوستلىقنى 1-ئورۇنغا قۇيمىز. مەكتىۋىمىزدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز. قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ بىخەتەرلىكنى قوغدايمىز. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مالىيە جەھەتتە:- ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بۇنىڭ ئۈچۈن- ئوقۇتۇش پىلانىغا كىپىللىك قىلغان ئاساستا قۇشۇمچە ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىنى ياخشىلايمىز. سىنىپلاردا سۇنغان جوزا- بەندىڭلارنى ۋاقتىدا رىمۇنىت قىلدۇرىمىز. مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزمەيمىز. مەكتەپ مالىيەسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەر مەۋسۇمدا بىر قىتىم ئىشلەتكەن پۇللارنى تۈرى بۇيىچە خۇلاسىلاپ ھېساپ بىرىمىز. مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە شارائىتنى ياخشىلاپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ھېساپ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە تىرشچانلىق كۆرسىتىمىز. مەكتىۋىمىزدىن پىنسىيگە چىققانلاردىن ھال-سوراپ تۇرىمىز. بىرشكە تىگىشلىك نەرسىلەر بولسا ۋاقتىدا بىرىپ تۇرىمىز. مەكتەپ مالىيسىنى ياخشى باشقۇرىمىز. ئورۇنسىز پۇل خەجلىمەيمىز. ئۆزى نەپ ئىلىش كويىدا كوللىكتىپنى زىيانغا ئۇچىرتىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمىز.شۇڭا يۇقىردا تۈزۈلگەن پىلاننىڭ ئۇرۇنلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەنىۋى ئىھتياجىنى قاندۇرۇپ ئىتتىپاقلىشش ،ھەمكارلىشش ئېڭنى تېخمۇ يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رۇلى تۇلۇق جارى قىلدۇرلىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدبى سەنئەت پائالىيىتى ئوتكۇزۇلدۇ. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خانىم قىزلار بايرىمىنى تەبىركلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدىبى سەنئەت پائاليىتى ئۆتكۈزىلىدۇ ، ئوقۇتقۇچىلار ئارا ئىلىپ بىرلىدىغان پائالىيەتلەر تۆۋەندىكىچە:- 1) 15كۈندە بىر قىتىم ئويۇشما ئەزالىرى كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتگە تەشكىللىندۇ 4-ھەپتە ، 8-ھەپتە 2) 15كۈندە بىر قېتىم ھەر قايسى ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپىللىرى ئارا ۋالىبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ 5-ھەپتە ، 7-ھەپتە 3) 15كۈندە بىر قىتىم ئەر-ئاياللار ئايرىم تەشكىللىنىپ، ۋاسكىتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ 6-ھەپتە ، 10-ھەپتە 4) ئەر-ئاياللار15كۈندە بىر قىتىم ئايرىم –ئايرىم تەشكىللىنىپ، تىك-تاك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. 3-ھەپتە ، 14-ھەپتە 5) مەۋسۇم ئاخىرىدا پۈتۈن ئىشچىلار ئۇيۇشما ئەزالىرى ئارا سىياسى بىلىملەردىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزلىدۇ . 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ) مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى
|
|