كۆرۈش: 668|ئىنكاس: 6

Windows 7 گە يوشۇرۇنغان ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ئىقتىدارى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كومپيۇتېر ئىشلەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ: شۇنداق بىر كۈنى كومپيۇتېردىن مەسىلە چىقىپ قالىدۇ، مەلۇم بىر مەشغۇلاتنى ئۇنتۇپ قالىمىز، شۇ سەۋەپتىن باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا ياكى باشقىلارغا ياردەم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا بىز باشقىلارنىڭ ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىمىز ۋە تەپسىلىي بىر دەرسلىك بولسىكەن، ياكى مەشغۇلات ئۇسۇلىنى تەپسىلىرەك كۆرۈپ ئۆگىنىۋالغان بولسامكەن دېگەندەك خىياللاردا بولىمىز. ئەمما ھەرخىل شارائىت چەكلىمىلىرى تۈپەيلى، بەزىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە، يۈز-تۇرانە ئولتۇرۇپ كۆرسىتىپ قويۇشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلىنى باشقىلارغا يېزىپ بەرسەكمۇ، باشقىلارنىڭ ئۇنچە ئاسان چۈشىنەلىشى ناتايىن.

ئەمەلىيەتتە، Windows 7 ئۆزىدە «تەدبىر خاتىرىلىگۈچ(مەن مۇشۇنداق ئاتىۋالدىم)» دەيدىغان بىر ئېكران سۈرەتكە تۇتۇش قورالى تەمىنلىگەن بولۇپ، يۇقارقىدەك ئېھتىياجىمىزدىن ناھايىتى ياخشى چىقالايدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار Win7 نىڭ ئۆزىدە تەمىنلەنگەن بولغاچ، ھېچقانداق بىرەر يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش ھاجەتسىز. بىۋاستە مەشغۇلاتنى سۈرەتكە تۇتۇپ، ئاندىن باشقىلارغا ئەۋەتىپ بەرسەكلا بولدى.
كۇنۇپكا تاختىسىدىن Win+R نى(win دېگەن windows نىڭ تۇغى بار كۇنۇپكا شۇ!) باسساق 运行 كۆزنىكى كۆرۈنىدۇ، ئاندىن psr.exe نى كىرگۈزۈپ Enter نى باسساقلا، تەدبىر خاتىرىلىگۈچ قوزغىلىدۇ!


Windows 7 گە يوشۇرۇنغان ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ئىقتىدارى - تەدبىر خاتىرىلىگۈچ
开始记录 كۇنۇپكىسىنى باسساق، تەدبىر خاتىرىلىگۈچ ئېكراننى سۈرەتكە تۇتۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. بىز تەلەپ بويىچە مەشغۇلاتلارنى ئورۇندىساقلا كۇپايە، بىزنىڭ ھەر بىر مائۇس چېكىشىمىز بىر سۈرەت شەكلىدە تۇتۇپ ساقلىنىدۇ.

مەسىلىلەر ئۈچۈن ئىزاھات بېرىپ مېڭىش
ناۋادا مەلۇم مەشغۇلات ئۈچۈن ئازراق يازمىچە چۈشەنچە بېرىپ قويماقچى بولساق، 添加注释 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، يازمىچە ئىزاھات بېرىپ قويساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ مەسىلىنى چۈشىنىشىگە بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ياردىمى تېگىشى مۇمكىن.

ئېكراندىن تۇتۇلغان ھۆججەتنى ساقلاش
سۈرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقان بولسا، 停止录制 كۇنۇپكىسىنى باسساق سۈرەتكە ئېلىش توختايدۇ ۋە خالىغان بىر نامدا ساقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، نام بېرىپ جەزملەشتۈرسەك، شۇ نامدا كېڭەيتىلگەن نامى zip بولغان بىر پرېس ھۆججەت بەلگىلىگەن مەنزىلگە ساقلىنىدۇ.
بۇ پرېس ھۆججەتنى يايساق، بىر دانە MHTML ھۆججىتىنى بايقىيالايمىز، بۇ MHTML نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلساق، بىزنىڭ بايامقى مەشغۇلاتلىرىمىز تەپسىلىي ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇنى ھەتتا پرويېكسىيە شەكلىدە قويۇشقىمۇ بولىدۇ، باشقىلارغا بىرەر مەسىلە چۈشەندۈرۈشتىمۇ بەك قولايلىق، شۇنداقمىكەن؟
مەنبە: تورخۇمار

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
روزىمەمەت + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-9 23:04:09يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ئامالكەن ماۋۇ. ئەتە ۋاقىت چىقىرىپ بىر سىناپ باقسام بولغىدەك.
رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2015-3-9 23:23:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم ، رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-3-10 03:07:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپداشلارغا ئەسقاتىدىغان ھۆنەر ئېلىپ كەپسىز، ئەجرىڭىزگە ئاپرىن، ئامان بولۇڭ!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-10 14:09:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساق سالامەت بولساملا چوقۇم داۋاملىق تۇردە يوللاپ تۇرىمەن
ۋاقتى: 2015-6-17 10:35:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت! بىر ھۆنەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
ۋاقتى: 2015-10-22 00:20:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماڭا نىسبەتەن بىر يېڭى بىلىم ئىكەن،مەن شۇ بۇيىچە سىناپ باقتىم،بىراق سۆرەتلىك  ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىدىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش