ھەربىر بايقاش ئەزاسى چۈقۇم بىر كۈرۈڭ! يېقندىن بېرى كەڭ تورداشلارنىڭ زور ئىشتىياق بىلەن بېكىتمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقىنىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە كۆپچىلىككە بىر قانچە ئىشنى دەپ قويماقچىمىز! 1.تېما يوللىغاندا ئامال بار يوللىماقچى بولغان تېمىنىڭ مەزمۇننى چۈشەندۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن تېما يوللىساڭلار! 2.باشقا مۇنبەرلەردىن تېما كۈچۈرۈپ يوللىمىساق !سىزنىڭ باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ يوللىغان 100تېمىڭىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بىر تېمىڭىز ئارتۇق !ئەڭ ئاددىسى :كىتاپلاردىن بولسىمۇ ئەقلىيە سۆزى،يۇمۇر...قاتارلىقلارنى يېزىپ يوللىسڭىزمۇ بۇلىدىغۇ ! 3.بېكىتمىزنىڭ مائارىپ تورى بولغاچقا مائارپقا ئائىت تېمىلار ئالاھىدە قارشى ئېلىنىدۇ .ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ . 4.كۆچۈرۈپ يوللاشقا توغرا كەلگەندە ئۇقۇتقۇچىلارغا كېرەكلىك زۇرۇر ماتېرياللار ،كومپىيوتېر بىلىملىرى ،يېڭى 、ئۇچۇرلار، ،كېنو خەۋەرلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تېمىلار بولسا مەنبەنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ھالدا يولىساق بولمىسا سىز قايسى مۇنبەرگە كىرسىڭىز شۇ مۇنبەردە ئوخشاش تېما بولسا ئايرىم تور بەت قۇرغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى ھەم مۇنبەرنىڭ خاسلىقى نەدە قالىدۇ !مۇنبەرگەكىرگەن ئادەممۇ قاراپلا بۇ مۇنبەر باشقا مۇنبەرلەرنىڭ تېمىسىنى كۆچۈرۈپ جان باقىدىكەن دىگەن قاراشقا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن!ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر باشقا مۇنبەرلەردىن تېما كۈچۈرۈپ مەنبەنى ئەسكەرتمەي،كىيىن شۇ بېكەت تەرپىدىن بايقىلىپ قالسا شۇ ئەزانىڭ مەسئۇليتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ . 5.تېما يوللىغاندا ئېنكاس يازغاندا ئانا تىلىمىزنى قوللانساق !ھەم باشقىلارنىڭ تېمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن قارىشى تەرەپكە ئېلھام مەدەت بېرىدىغان سۆزلەر بىلەن ئېلھام مەدەت بەرسەك ياكى پىكىر ئالماشتۇرۇساق !تەكرار ئېنكاس يېزىشتىن ساقلانساق ! قسىقىسى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بايقاش تورىنى ياخشى بولغان بىر مائارىپ تورى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقارساق !
ھۆرمەت بىلەن بايقاش تورى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى
|