كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 0

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغچىلىرى ھەركەت ئۆلچىمىگە قانداق رىئايە قىل.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ھەم  ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى قۇشۇپ يېزىپ چىقتىم  . دوسلارغا ئازراق پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
باشلانغۇچ مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىقرى ‹‹ ھەركەت ئۆلچىمى›› گە قانداق رىئايە قىلىشى كېرەك ؟
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆگۈنىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە تۈرۈلۈك پائالىيەت جەريانىدا،چۇقۇم  مەلۇم بىر خىل ھەركەت  قائىدىسى بۇيىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ،كىيىنىش ،گەپ –سۆز،يۈرۈش – تۇرۇش  قاتارلىق جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا خاس ،ئىلمىي تەرتىپكە ئىگە بولۇش كېرەك.‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى››،‹‹بايىنغولۇن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ10تۈرلۈك ھەركەت ئۆلچىمى ››،
‹‹باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى›› قاتارلىقلار دەل باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇدۇ.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار  ھەركەت ئۆلچىمىنىڭ ھەر بىر ماددىسىنى 3- يىللىقتىن يۇقۇرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار يادقا بىلىشى ، ھەر بىر ئىش – ھەركەت ،ئۆگۈنىش ،تۇرمۇش  ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت جەريانىدا ئۆزىنى ھەركەت ئۆلچىمى بۇيىچە كونتۇرۇل قىلىپ ۋە تېزگىنلەپ ، ھەركەت ئۆلچىمى بۇيىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ،مەدەنىيەتلىك ،ئەدەپلىك ،ئىلمىي ،روھلۇق ،تىرىشچان ،ئاتا- ئانا ،ئۇستازلارنى ،ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرگە كۆيۈنىدىغان، ئاكتىپ ئۆگۈنىدىغان،ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزىدىغان ،بىلمىگەننى ئاكتىپلىق بىلەن سورايدىغان ،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ،ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ، ‹‹4گۈزەل ››، ‹‹بەش بولۇش ›› ئۆلچىمى بۇيىچە ئۆزىنىڭ روھىنى چېنىقتۇرىدىغان ،ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ ،ساغلام بەدەن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ،مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ،بۆلگۈنچىلىككە   بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان، سوتسىيالىزىمنىڭ لاياقەتلىك ئىزباسارلىرى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشقا ھازىردىن باشلاپ تىرىشىدىغان گۈزەل غايىنى كۆڭلىگە مەھكەم پۈكۈشى كېرەك .
1.        ھەر بىر ئوقۇغۇچى ،دۆلەت بايرىقىنى ھۆرمەت قىلىشى ،دۆلەت شىېرىنى ئېيتىشنى بىلىشى ،دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا – چۈشۈرگەندە  ھۆرمەت بىلدۈرۈشى ، پىئونېرلار ئەترەت سالىمى بېرىپ ،ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسسىياتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك .ئۇستازلارنى ،ئاتا – ئانىلارنى ،ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى ،ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ،ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنىش قىلىش ،ئۆزلىكىدىن ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ،ئۇلارنىڭ يۈكۈنى ئامال بار يىنىكلىتىشكە تىرىشىش كېرەك ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىمىگە ،چوڭلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشى ،ئىشى چىقىپ قالغاندا چۇقۇم رۇخسەت سورىشى،چوڭلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قۇيۇشى كېرەك .ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا سالام بېرىپ ئەھۋال سورىشى كېرەك .ئوقۇتقۇچىسى بىلەن دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۆگۈنىشتە ئالغا بېسىشقا تىرىشىش كېرەك .
2.        باشقىلارغا سىلىق ۋە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش كېرەككى  ھەرگىزمۇ ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك ،زاڭلىق قىلماسلىق ،بوزەك قىلماسلىق ،ئەخمەق قىلماسلىق  كېرەك .چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش ،باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپ – سۆز ۋە ئىش ھەركەتلەرنى قىلماسلىق ،بولۇپمۇ مىيىپلارنى ھۆرمەتلەش ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك كېرەك .مىيىپلارغا قۇلىدىن كىلىشىچە ياردەم بېرىش ،كۆڭلىگە تەسەللى بولىدىغان گوپلەرنى قىلىش ،ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش كېرەك .ئەمما مىيىپلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا چۇقۇم ئۇسۇلغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا ،ئىنسانىي پەزىلىتىگە تىگىدىغان  گەپ – سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش  بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ گۈزەل ئۆرپ – ئادەتلىرىنى قوغداش كېرەك .كىشىلەرگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىش ،ئاممىباپ تىلدا سۆزلەش ،ئەدەپلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ،ئادەم تىللىماسلىق ،ئۇرماسلىق ،باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ،ئوقۇتقۇچى ئىشخانىسىغا  كىرگەندە چۇقۇم ئىشىكنى چىكىش كېرەك ۋە رۇخسەت قىلغاندا كىرىش كېرەك .باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ۋە ئىشخانىسىغا كىرگەندە ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى خالىغانچە تۇتماسلىق ،ئۆرۈپ – چۆرىمەسلىك ،باشقىلارنىڭ خىزمىتى ۋە ئۆگۈنىشى ،ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلماسلىق .
3.        سەمىمىي بولۇش ،ۋەدىسىدە تۇرۇش ،باشقىلارغا يالغان سۆزلىمەسلىك،خاتا بولغىنىنى بىلگەن ھامان تۈزۈتۈش،باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى خالىغانچە ئالماسلىق ،ئارىيەت ئالغان نەرسىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىگىسىگە قايتۇرۇش ،ۋەدىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداش ،قۇلىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ،باشقىلارغا ۋەدە بەرمەسلىك ،كەمتەر سەمىمىي بولۇش باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆگۈنىشكە ماھىر بولۇش ،باشقىلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماسلىق ،دائىم كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق يۈرۈش ،غەلبىدىن مەغرۇرلىنىپ ،مەغلۇبىيەتتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتمەسلىك ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تىرىشىپ ئۇنى يىڭىش كېرەك .
4.        ئىقتىزاتچىل ،تىجەشلىك بولۇش ،ئاشلىقنى ،تۇرمۇش ۋە ئۆگۈنىش لازىملىقلىرىنى قەدىرلەش،ئاسراش ،توك ،سۇ ،كىيىم- كىچەكنى ئاسراش ،،يىمەك – ئىچمەكنى تىجەش ھەم بۇ جەھەتتە ئۆزئارا بەسلەشمەسلىك،قالايمىقان پۇل خەژلىمەسلىك،ئاتا- ئانىسىنى قۇربى يەتمەيدىغان ياكى ئارتۇقچە بولغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشكە زورلىماسلىق ،رەتلىك ،پاكىز يۈرۈش، دائىم يۇيۇنۇپ ،چىشىنى چوتكىلاپ تۇرۇش ،تىرناقنى پاكىز ئېلىش ،ئائىلە ئىشلىرىغا چامىنىڭ يىتىشىچە ياردەم بىرىپ ،ئاتا- ئانىسىنىڭ يۈكۈنى يىنىكلىتىشكە ياردەم بېرىش كېرەك .ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزى قىلىش ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىسىنى ئاۋارە قىلماسلىق كېرەك .كىچىكىدىن باشلاپ تاماق ئېتىش ،كىر يۇيۇش  قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى ئۆگۈنىش كېرەك .
5.        ھەر بىر ئوقۇغۇچى كىچىكىدىن باشلاپ ئىنتىزامچان بولۇشتەك ياخشى بولغان ھەركەت مىزانىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك .مەسىلەن : مەكتەپكە ۋاقتىدا بېرىش ،ۋاقتىدا ئائىلىگە قايتىش ،كىچىكمەسلىك ،مەكتەپتىن بالدۇر قايتماسلىق ،ئوقۇشتىن قاچماسلىق ،سەۋەپسىز دەرستىن قالماسلىق ،ئىشى چىقىپ قالسا چۇقۇم رۇخسەت سوراش ،تۈرلۈك پائالىەتلەرگە قاتناشقاندا ۋاقىتقا رىئايە قىلىش قاتارلىقلار.دەرس ئۆتكەندە بېرىلىپ ئاڭلاش ،ئاكتىپ پىكىر يۈگۈزۈش ،دادىل سوراش ،سۇئالغا ئېنىق جاۋاپ بېرىش ،بىلمىگەننى بىلمىدىم دىيىش ،بىلگەننى ئايىماسلىق ،باشقىلارنىڭ سۆزىنى بېرىلىپ ئاڭلاش ،ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى سۆزلەش ،ھەرگىزمۇ باشقىلار خاتا سۆزلەپ قويغاندا ئۇلارنى كەمسىتىپ غۇرۇرىغا تەگمەسلىك كېرەك .بېرىلىپ دەرس ئاڭلاش ،ئالدىن تەييارلىق قىلىش ،دەرستىن كېيىن تەكرار قىلىشنى چىڭ تۇتۇش ،دادىل پىكىر يۈرگۈزۈش ،بىلمىگەننى سوراشقا ماھىر بولۇش ،باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەسلىك ،باشقىلار خاتا سۆزلەپ قويغاندا ئۇلارنى ئەيىپلىمەسلىك، سەۋرىچان بولۇشنى ئۆگۈنىۋېلىش كېرەك .دائىم بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش ،رادىئو گىمناستىكى ، كۆز گىمناستىكىسىنى ئەستايىدىل ئويناش ،ئولتۇرۇش ،مېڭىش ،كىتاپ ئوقۇش ،ۋە خەت يېزىش قىياپىتى دۇرۇس بولۇش ،ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ۋە ئۆزىنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىگە ماس كىلىدىغان ،ساغلام بولغان مەدەنىيەت  تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش.
6.        مۇھىت ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك .سىنىپ ،مەيدان ۋە مەكتەپ قوروسىنىڭ پاكىزلىقىنى ھەردائىم ساقلاپ، مەكتەپ  مۇھىتنىڭ پاكىز بولۇشىنى ساقلاش ، ئەخلەت ،قەغەز پارچىلىرى،مىۋە شۈپەكلىرىنى چۇقۇم بەلگىەنگەن ئورۇنغا تاشلاش ،قالايمىقان ،ئۇدۇل كەلگەن يەرلەرگە تاشلىماسلىق كېرەك .گۈل – گىياھ ،دەل – دەرەخ،زىرائەت  ۋە پايدىلىق ھايۋاناتلارنى قوغداش ۋە ئاسراش ،ئۇدۇل كەلگەن يەرلەرگە تۈكۈرمەسلىك  كېرەك .
7.        مەكتەپ مۈلكى بىزنىڭ ئۆگۈنىش جەريانىمىزدا بىز ئۈچۈن دائىملىق خىزمەت  قىلىدۇ .شۇڭا  مەكتەپ مۈلكىنى ئاسراش ،پارتا- ئورۇندۇق ،ئۆي – ئىمارەت ، دەرىزە ئەينەكلىرى ،تەجىربە سايمانلىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق  ئەسلىھەلەرنى ئاسراش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇش شارائىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلىشىمىز لازىم .ئۇنىڭدىن باشقا جامائەت مۈلكى ۋە دۆلەتنىڭ قوغدىلىدىغان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ،مەدەنىي يادىكارلىقلار ،ئاسارە – ئەتتىقىلەرنى قوغداشمۇ  بىزنىڭ بىر تۈرلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى قوغدىغانلىقىمىز بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ تاملىرىغا ،قورو تاملارغا قالايمىقان خەت يازماسلىق ،رەسىم سىزماسلىق ،بۇزىۋەتمەسلىك  ئارقىلىق مەكتىپىمىزنىڭ مۇھىت گۈزەللىكىنى ھەر دائىم قوغداپ ،ئاسرىشىمىز لازىم.ئومۇمۇنىڭ مۇلكىنى ئاسراش، بۇزىۋەتسە تۆلەپ بېرىش ،تېپىۋالغان نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش ياكى مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك . ھەرگىزمۇ بۇنى باشقىلار كۆرۈپ قالىمىدى دەپ قاراپ ،ئۆزىنىڭ قىلىۋالماسلىق ياكى باشقىلارغا بېرىۋەتمەسلىك كېرەك .
8.        ئۆزئارا ئىتىپاقلىققا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش ،بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ،ئۆزئارا ئۆگۈنىش ،ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ،ئۆزئارا ياردەم بېىرىش ئاساسىدىكى ئىناق، ئىتىپاق ،مۇقۇم بولغان مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزۇش كېرەككى ھەرگىزمۇ مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا مۇخالىپ كىلىدىغان ،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان ،مىللىي ئازارلىق پەيدا قىلىدىغان سۆز – ھەركەتلەردە  قەتئىي بولماسلىق كېرەك .مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ،ئەمگەك پائالىيىتى ،ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش،ئەمەلىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەمەلىي ئۆنۈمگە ئېرىشىشنى كۆزلەش كېرەك .
9.        بىخەتەرلىك مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلشى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان  ئاساسىىي كاپالەت ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەر بىر ئوقۇغۇچى چۇقۇم بىخەتەرلىككى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ،ھەرگىزمۇ كۈتۈلمىگەن بىختەرلىك ھادىسلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپكار بولۇپ قالماسلىقى  كېرەك .مەكتەپكە كىلىپ –كېتىش جەريانىدىكى قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىقلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك ،يولنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن مېڭىش ،يولدىن كىسىپ ئۆتكەندە چۇقۇم پىيادىلەر ئۆتۈش يولىدىن مېڭىش كېرەك ، كوچىلاردىن قالايمىقان ئۆتمەسلىك ،تاش يول  قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ مېڭىش يۇلىدا ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينىماسلىق.جامائەت تەرتىپىگە رىئايە قىلىش ،جامائەت سورۇنلىرىدا قىستاشماسلىق ،باشقىلارغا ئەدەپ بىلەن يول بېرىش ،قىستاڭچىلىق پەيدا قىلىپ ،دەسسىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،تاكسى ،ئاپتۇبۇس قاتارلىق قاتناش قۇراللىرىغا ئولتۇرغاندا ئۆزلىكىن بىلەت ئېلىش ،ياشانغانلارغا ،بالىلارغا ،كېسەللەرگە،مېيىپلارغا ۋە ھامىلدار ئاياللارغا ئۆزلىكىدىن  ئورۇن بېرىش ،قانۇندا مەنئىي قىلىنغان ھەرقانداق ئىشلارنى قىلماسلىق . ھاياتنى قەدىرلەش ،بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش ،ئوت ئاپىتىدىن ،سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن ،توك سۇقۇۋېتىشتىن،ئوغرىلىقتىن،زەرلىنىپ قېلىشتىن  ساقلىنىش ،خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئوينىماسلىق .
10.        مەنىۋى جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشكە ئەھمىيەت بېرىپ ،مەزمۇنى ساغلام بولغان كىتاپلارنى ،گېزىت – ژورناللارنى،ئۈن – سېن بۇيۇملىرىنى ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇش ۋە كۆرۈش ،مەزمۇنى ساغلام بولغان رادىئو –تېلىۋېزىيە نۇمۇرلىرىنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ،تاماكا چەكمەسلىك ،ھاراق ئىچمەسلىك ،قىمار ئوينىماسلىق ،زەھەرلىك چىكىملىكتىن يىراق تۇرۇش ۋە ئۇنى چەكلەش ،فىوۋدال خۇراپاتلىق پائالىەتلىرىگە قاتناشماسلىق ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان تورخانا ۋە باشقا پائالىيەت ئورۇنلىرىغا قەتئىي كىرمەسلىك .كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ،يامان ئادەم ،يامان ئىشلارنى چەكلەش  ۋە بۇنداق ئىشلارغا يۇلۇققاندا ئۆزلىكىن مەلۇم قىلىش .


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش