| پەچەت يۇمۇرلار
سېرىق سىزىق
بىر كەنت باشلىقى مەجلىستە تۇنۇشۇپ قالغان يېقىنلىرىنى يوقلىغىلى قەشقەرگە پىكاپ بىلەن بېرىپتۇ، قاتناش چىرىقىدا توختىغاندا سېرىق سىزىقنى دەسسەپلا تۇرۇپتىكەن، بۇنى كۆرگەن قاتناش ساقچىسى: - ماڭا قايلىسلا، سېرىق سىزىقنى دەسسىۋاپلا، خاپا بولماي ئۈچ نومۇر بىلەن ئىككى يۈز قوينى تاشلاپ قۇياپ مېڭىشالا، دەپتۇ. كەنت باشلىقى: - بىز قەشقەرگە يىڭى كەلگەن، دىققەت قىلماپتۇق، بىي قېتىم كەڭچىلىك قىسىلا، دەپتۇ. قاتناش ساقچىسى: - ماڭا قايلىسلا غوجام، سىلىنىڭ شەدە سېرىق سىزىق ئى گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمامدا، دەپتۇ. كەنت باشلىقى: - مەن بىر كەنت باشلىقى، بىر قېتىم يۈزىمنى قىلسىلا ئۇكام، دەپتۇ. قاتناش ساقچىسى: - بۇرۇنراق دېمەملا مەن كەنت باشلىقى دەپ، كەنت باشلىقى كېلىتى، دەپ سېرىق سىزىقنى بېشىمدا كۆتۈرەپ تۇرمامتىم، دەپتۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمىڭچۇ؟ بىر كۈنى ئىنگىلىز تىلى مۇئەللىمى بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ: مۇئەللىم: - ئىسمىڭ نېمە؟ ئوقۇغۇچى: -جەنسىن... مۇئەللىم : - ئۇيغۇرچە ئىسمىڭچۇ؟ ئوقۇغۇچى: -ياسىن. مۇئەللىم : - ئاچچىقلانغان ھالدا خەنزۇچە ئۆگەنگەن بولساڭ تاڭسىڭ قويامتىڭ، دەپتۇ.
دېرىكتور بولدۇم بىر ئايال يېڭىدىن دېرىكتورلۇققا ئۆستۈرۈلۈپتىكەن، گۈل- قەقەلىرى ئېچىلىپ، ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيىگە بارسا، ئۆيدە ئاكىسى ئولتۇرغان، بۇ خەۋەرنى ئاكىسىغا دەپتۇ: - ئاكا، خۇش- خەۋەر، مەن بۈگۈن دېرىكتور بولدۇم. - ھەي، شۇمۇ خوش خەۋەرما، ھازىر دىگەنچۇ، دېرىكتور دېگەن ساماننىڭ نەرقىدە. - ۋىييەي ماۋۇ ئاكامنىڭ دەۋاتقان گېپىنى، نېمە دىگىنىڭ بۇ؟ - ھەي ئىشەنمىسەڭ، بىرەر تېز تاماقخانىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ باق، بىر كاۋاپتانغىمۇ بىردىن دېرىكتور تەيىنلەگلىك. - راستما؟ - راس بولماي، ئىشەنمىسەڭ، تېلېفۇن ئۇرە، ھە، ماۋۇ «تېتىسا يەيسىز» تېز تاماقخانىسىغا ئۇرە مانا، نۇمۇرىنى بېسىپ قويدۇم. - ۋەي ياخشىمۇسىز، تېتىسا يەيسىز تېز تاماقخانىسىمۇ؟ - شۇنداق، نېمە ئىشىڭىز بارتى؟ - ماڭا كاۋاپدان بۆلىمىنىڭ دېرىكتورىنى چاقىرىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. - ئىنىقراق، دېسىڭىز بوپتىكەن، سىزگە زىخ كاۋاپ بۆلىمىنىڭ دېرىكتورى لازىممۇ ياكى بەل كاۋاپ بۆلىمىنىڭمۇ؟
|
|