ئاياللار ئازمىسۇن! (باش ھەرىپى‹‹ئا››بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى ئاپتورى:مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس ئاياللار- ئائىلىنىڭ،ئالەمنىڭ ئانىسى،ئائىلە،ئالەم ئاياللاردىن ئايرىلالمايدۇ. ئاياللار-ئائىلىنىڭ ئابىدىسى،ئائىلە ئاسايىشلىغى،ئامانلىقنىڭ ئاساسىدۇر. ئاياللار ئامان-ئائىلە،ئاۋام،ئالەم ئامان. ئاياللار ئاق كۆڭۈل،ئالىيجاناپ،ئادىمىيلىكى ئارقىلىق ئايالدۇر. ئاقىل،ئالىيجاناپ،ئاقكۆڭۈل ئاياللار ئائىلە ئامانلىقىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى. ئاياللار ئاچكۆز ئازغۇنلارغا ئالدانسا،ئازسا،ئاڭلىقلىقىدىن،ئائىلە ئامانلىقىدىن ئايرىلىدۇ،ئازغان ئاياللار ئاخىرى ئالتۇندەك ئائىلىسىدىن ئايرىلىدۇ. ئائىلىسىدىن ئايرىلغان ئاياللار ئاخىرى ئازاپلىق ئاقىۋەتتىن ئايرىلالمايدۇ.ئاياللاردىن ئايرىلغان ئائىلىمۇ ئاسايىشسىز،ئازاپلىقتۇر. ئاياللارنىڭ ئاڭ ئاساسىنى ئاسرايلى،ئاياللار ئازدۇرۇلمىسۇن،ئازمىسۇن! ئاۋام،ئالەم ئالتۇندەك ئاياللارنى ئالقىشلايدۇ،ئاسرايدۇ. ئاقىل ئاياللار ئاسانلىقچە ئازمايدۇ. ئاياللارغا ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش:ئاياللار،ئانىلارئائىلەڭلارنى ئاياڭلار،ئازدۇرغۇچىلارغا ئازماڭلار! (خوتەن گېزىتى2014-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى سانىدىن)
|