كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 0

جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]



ئوقۇتۇش نىشانى: 1› جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرگە ئائىت قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى ئەستە ساقلاش.
2.ئۇسۇل ۋە جەريان: جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنىڭ تۈرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ جۈملىدىكى كېلىش ئورنى ھەم قويىلىدىغان تىنىش بەلگىلىرىنى بىلىش .
3.ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى::ئانا تىلنى سۆيۈش، توغرا سۆزلەش ،توغرا يېزىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش .
مۇھىم نۇقتا: جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرگە ئائىت قائىدە –قانۇنىيەتلەرنى بىلىش.
قىيىن نۇقتا: جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنىڭ تۈرلىرى ئۇلارنىڭ شەكلى، جۈملىدىكى ئورنى، ئايرىلىشى قاتارلىقلارنى بىلىش
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك كىتاپ، دوسكا، تىل ۋاستىسى،كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: قوزغۇتۇش ،ئېلھاملاندۇرۇش،قائىدە سۆزلەپ ،مىسال ئارقلىق چۈشەندۈرۈش،مەشىق ئىشلىتىش.  
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ماۋزونى چۈشەندۈرۈش ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.  
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1.جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر دېگەن نېمە؟ ئۇ قايسى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ، ئوقۇتقۇچى مىسال كەلتۈرۈپ، چۈشەندۈرىدۇ.
جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر- جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەتتە بولالمايدىغان(جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلمەيدىغان)، ئۆزىگە خاس ئىنتۇناتسىيە(تىنىش بەلگىلىرى) ئارقىلىق جۈملە بۆلەكلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇسۇسىيەتلىرى:‹1›.بىرەر سىنتاكسىسلىق ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ ،ئۇلار جۈملە تەركىۋىدىن چىقىرۋېتىلسىمۇ،جۈملىنىڭ مەنىسى ۋە تۈزلۈشىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .
‹2›.سۆز ۋە بىرىكمىلەر ئەدەبىي ئېغىز تىلدا ئىنتۇناتسىيە ئارقىلىق ئۆزى تۇرىۋاتقان جۈملە بۆلەكلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ .

مەسىلەن: ‹1› ھەي، سىز نەگە ماڭدىڭىز؟    ‹2› بۇ مەسلىگە سەل قارىماسلىقىمىز لازىم ،ئەلۋەتتە .‹3›ئاپلا، مەن بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
‹4›.بىزنىڭ سىنىپ ھەيئىتىمىز(ياسىنجان)نىڭ تەشكىللەش قابىليىتى يۇقىرى.  
ئۇ قاراتما سۆزلەر، قىستۇرما سۆزلەر، ئىملىق سۆزلەر ۋە ئىزاھلىغۇچى سۆزلەردىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1.قاراتما سۆزلەر دېگەن نېمە؟ ئۇ جۈملىنىڭ قەيىرىدە كېلىدۇ؟ جۈملە بىلەن قانداق تىنىش بەلگىسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە، ئوتتۇرغا قويىدۇ، ئوقۇتقۇچى مىسال كەلتۈرۈپ، چۈشەندۈرىدۇ.
قاراتما سۆزلەر- جۈملىدە ئىپادىلەنگەن پىكىرنىڭ كىمگە، نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ياكى  باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن قوللۇنىلىدىغان، جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەردىن ئىبارەت.
قاراتما سۆزلەر كۆپ ھاللاردا جۈملىنىڭ بېشىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىدۇ، قىسمەن ھاللاردا جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىدۇ. جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، قاراتما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ؛ جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلسە، ئىككى تەرىپىگە پەش قويۇلىدۇ؛ جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كەلسە، قاراتما سۆزلەردىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن: ھە، سەن قاچان كەلدىڭ؟  ‹2› سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىز، ئۇكام ئەخمەت، ھەقىقەتەن مۇھىم.  ‹3› بىز بۇ مەۋسۈمدە يېڭى نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك، ساۋاقداشلار.
2.قىستۇرما سۆزلەر دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق شەكىللەردە، جۈملىنىڭ قەيىرىدە كېلىدۇ؟ جۈملە بىلەن قانداق تىنىش بەلگىسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ، ئوقۇتقۇچى مىسال كەلتۈرۈپ، چۈشەندۈرىدۇ.
قىستۇرما سۆزلەر- جۈملىدە ئىپادىلەنگەن پىكىرگە قارىتا سۆزلىگۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە پوزىتسىيسىنى بىلدۈرىدىغان، جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەردىن ئىبارەت.
قىستۇرما سۆزلەر بەزىدە بىر سۆز شەكلىدە، بەزىدە سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە، يەنە بەزىدە جۈملە شەكلىدە؛ جۈملىنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ياكى ئاخىرىدا كېلىدۇ. جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە، قىستۇرما سۆزلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ؛ جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلسە، ئىككى تەرىپىگە پەش قويۇلىدۇ؛ جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كەلسە، قىستۇرما سۆزلەردىن بۇرۇن پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن: ‹1› ئوچۇقىنى ئېيتسام، سېنىڭ ئىشىڭ ھەل بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.  ‹2› ھۆل يېغىن، مېنىڭ مۆلچەرىمچە، يەنە بىر-ئىككى كۈن داۋاملىشىشى مۈمكىن.  ‹3› ئۇنىڭ دېگەنلىرى تۇتۇرۇقسىز گەپلەر،خالاس. ‹4›مەن سىللەرگە شۇنى دەپ قوياي،بۈگۈن ئۇنى ھېچيەردىن تاپالمايسىلەر .
3.ئىملىق سۆزلەر دېگەن نېمە ؟ئۇنىڭ رولى نېمە؟ئۇنىڭغا قانداق تىنىش بەلگىلىرى قويۇلىدۇ؟
جۈملىدىكى پىكىرگە قارتا سۆزلىگۈچىنىڭ تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر .ئۇلار بىر سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ .
ئىملىق سۆزلەر جۈملىگە خۇشاللىق ،ئەجەپلىنىش ،زوقلىنىش،ماختاش... تۇيغۇللىرىنى قوشۇپ ،پىكىرنىڭ تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .
جۈملىنىڭ بېشىدا كەلسە ،ئۇنىڭدىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ .ئىملىق سۆزلەر ھاياجانلىق ئاھاڭ بىلەن ئېيتىلسا ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ .
مەسىلەن:بەللى-بەللى ،قالتىس ئىش بوپتۇ .‹2›ۋايجان! ئادەم بارمۇ!؟‹3›ۋاھ-ۋاھ،نېمە دېگەن ئوخشىغان پولۇ-ھە!؟
4.ئىزاھلىغۇچى سۆز
جۈملىدىكى مەلۇم بىر بۆلەكنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاش-رۇشەنلەشتۈرۈش رولىدا كېلىدىغان سۆزدۇر .
ئىزاھلىغۇچى بەزىدە بىر سۆز بىلەن ،بەزىدە سۆز بىرىكمىسى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ .
ئىزاھلىغۇچى سۆز جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىزاھلايدۇ .ئىزاھلىغۇچى سۆز ئىزاھلانغۇچى سۆزدىن كېيىن كېلىدۇ .ئىزاھلىغۇچى سۆز ئېغىزدا ئېنتۇناتسىيە ئارقىلىق،يېزىقتا تىرناق ياكى سىزىق ئارقىلىق باشقا بۆلەكلەردىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ .
مەسىلەن:مەن يۇرتۇمنى(قەشقەرنى)ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن .‹2›ئۈچىمىز(مۇھەممەد،يالقۇن ،تۈركىزات)قەشقەردىن كەلدۇق .‹3›مەن ھەر كۈنى سەھەردە چېنىقىمەن.(يۇگىرەيمەن،سەكرەيمەن) ‹4›بىزنىڭ سىنىپ(9-يىللىق4-سىنىپ)تىكى ئوقۇغۇچىلار كۆچەت تىكىش ئەمگىكىگە قاتناشتى .
دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق:
جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق ھەر بىر سۆزگە ئىككىدىن مىسال يېزىپ كېلىش.
دوسكا لايىھەسى:  

جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر
1.        جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر، مىسال.      

2.تۈرلىرى: ‹1›قاراتما سۆز‹2›قىستۇرما سۆز‹3›ئىملىق سۆز‹4›ئىزاھلىغۇچى سۆز
مىساللار يېزىلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:  

  

    دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:

  

دەرس تەستىقلىغان ۋاقتى2014-يىل  -ئاينىڭ   -كۈنى.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش