| تۇلۇقسىز 2- يىللىق 1- مەۋسۈملۈك بىئولوگىيە ئىمتىھان سۇئالى ئىمتھان ۋاقىتى : 90 مىنت سۇئاللار 1 2 3 4 5 نۇمۇرى 1- سۇئال: جاۋاپ تاللاش سۇئالى( ھەر بىر سۇئالغا ئىككىدىن جەمئى 20 نۇمۇر ) 1. تۆۋەندىكىلەردىن ئۇمۇرتقىسىز ھايۋانغا تەۋە بولدىغىنى: A. بېلىق B. سازاڭ C. ئادەم 2. تۆۋەندىكىلەردىن مۇقىم تېمپراتۇرلۇق ھايۋانغا تەۋە بۇلىدىغىنى : A.قۇشلار B. يەر بېغىرلىغۇچىلار C. ھالقا بۇغۇملۇق ھايۋانلار 3. سازاڭ ( ) مۇھىتتا ياشايدۇ. A. قۇرغاق بوشىغان تۇپراقتا B. نەم، بوشغان، ئۈسۈملۈك يېپىنچىسى ئاز بولغان C. نەم، قاراڭغۇ، ئورگانىك ماددا مول بولغان تۇپىراق 4. ھايۋانلار ئۈمۇرتىقا تۈۋرىكىنىڭ بۇلۇش- بولماسلىققىغا ئاساسەن ( ) ئىككىگە بۈلىندۇ. A.ھالغا بۇغۇملۇق ھايۋان B. ئۇمۇرتىقلىق ۋە ئۇمۇرتىقىسىز ھايۋان C. پەقەت ئۇمۇرتىقلىق ھايۋان 5. تىرىك بېلىقنى كۆلچەكتىن ئېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۈلۈپ قالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ( ) A. بەدەن سىرتى قۇرغاق B. نەپەسلىنەلمەيدۇ C. ئۇزۇقلنالمايدۇ 6. بېقىۋېلىنغان كۈچۈك بىر مەزگىل كۆندۈرۈلگەندىن كىيىن، بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا بېرىپ تەرەت قىلىدۇ. بۇ كۈچۈكنىڭ بۇ قىلىقى ( ) A. ئۆگەنگەن قىلىق B.تۇغما قىلىق C. ئىجتىمائىي قىلىق 7. تۆۋەندىكى قايسى خىل كېسەللىكلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە كىرىدۇ. ( ) A.ئاشقازان كېسىلى B.يۈرەك كېسىلى C. ئەيدىس كېسىلى 8. موگونىڭ كۆپىيش شەكلى : ( ) A.سىپورىلىق كۆپىيش B.بۈلۈنۇپ كۆپىيىش C. بىخ چىقىرىپ كۆپىيش 9. تۆۋەندىكى قايسى خىل جانلىق ئىنسانلارغا پايدىلىق ( ) A. سۈۋەرەك يىلان B. چېكەتكە، ئېتىز چاشقىنى C. يېشىل پاقا، ھەسەل ھەرىسى 10. ‹‹ يالڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر ماكانى ›› دەپ نام ئالغان دۆلەت: ( ) A. ئامىرىكا B. كۈرىيە C. جۇڭگۇ 2- سۇئال بۇش ئۇرۇننى تولدۈرۈش سۇئالى: ( ھەر بىر تارماققا بىردىن 10 نۇمۇر ) 1. جانلىقلار خىلمۇ- خىللىقنىڭ مەزمۇنى بولسا ( ) خىلمۇ- خىللىقى، ( ) خىلمۇ- خىللىقى، ( ) خىلمۇ- خىللىقدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2. ھايۋانلار ( ) ( )( ) قاتارلىقلارغا تاينىپ ئۆز- ئارا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ. 3. ھايۋانلارنىڭ قىلىقى شەكىللنىش جەريانىغا ئاساسەن ( ) قىلىق ۋە ( ) قىلىق دىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۈلنىدۇ. 4. بېلىق ( ) ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. 5. باكىرىيە، زەمبۇرۇغلار بولسا ( ) تەۋە. 3- سۇئال:ھۈكۈم قىلىڭ 20 نۇمۇر ) 1) يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە چىغناق بۇلىدۇ ( ) 2) ھەم سۇدا ھەم قۇرۇقلۇقتا ياشيالايدىغان ھايۋانلار قوش ماكانلىق ھايۋانلاردۇر. ( ) 3) بەزى قوش ماكانلىق ھايۋانلار ئۆمۈر بۇيى سۇدا ياشايدۇ. ( ) 4) سۈت ئەمگۇچى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت سېستىمىسى سۈڭەك ۋە مۇسكۇلىدىن تۈزۈلىدۇ. ( ) 5) شەكىلنىش جەريانىغا ئاساسەن بۆلگەندە، ھايۋانلارنىڭ قىلىقلىرىنى تۇغما قىلىق ۋە ئۆگەنگەن قىلىق دەپ بۈلۈشكە بۇلىدۇ. ( ) 6) ھايۋانلاردا ئۆگنگەن قىلىق شەكللەنسىلا ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. ( ) 7) ئىجتىمائىيلىشىش قىلىقىغا ئىگە ھايۋانلار كوللىكتىپىدا ھەمىشە يېشى چوڭلار ‹‹ باشلامچى ›› بۇلىدۇ. 8) يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا مىكروپسىزلانغان ئۆستۈرۈش قاچىسىدا باكىترىيە ۋە زەمبۇرۇغلار بولمايدۇ. 9) ۋىروسنىڭ ھۈجەيرە تۇزۇلىشى بولمىغاچقا، مۇستەقىل ياشيالمايدۇ. ( ) 10) كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغ ۋە موگۇ قاتارلىق زەمبۇرۇغلار ئىپتىدائى يادرولۇق جانلىقلارغا تەۋە. ( ) 4- سۇئال: ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاڭ ھەر بىر تارماققا 4نۇمۇردىن جەمئىي 16 نۇمۇر ) 1. كولونىيە :
2. تۇغما قىلىق:
3. ئېكلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق :
4. مۇقىم تېمپراتۇرىلىق ھايۋان دىگەن نىمە؟
5- سۇئال: رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بېرىڭ؟ ( 12 نۇمۇر ) 1) باكىتىرىيە ھۈجەيرىلىىرنىڭ ھەر قايسى قىسملىىرنىڭ نامىنى يېزىڭ؟ (1)_____________( 2) __________(3) ______________ (4)_____________(5) ___________(6) ______________ 6. ئۇنۋىرسال سۇئال" (12 نۇمۇر ) 1. چۈمۈلە بىرلىكتە ئۇزۇقلۇق تۇتۇپ، كولىكتىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھەر بىر چۈمۈلە تۇپىدا پادشاھ چۈمۈلە، ئەركەك چۈمۈلە، ئىشچى چۈمۈلە ۋە ئەسكەر چۈمۈلە بۇلىدۇ.پادشاھ چۈمۈلىنىڭ تۇخۇم تۇغۇش ۋە ئەۋلاد قالدۈرۈش، ئىشچى چۈمۈلىنىڭ ئۇۋا ياساش، ئۇزۇقلۇق تېپىش، چۈمۈللەرنى بېقىش، ئەسكەر چۈمۈلىنىڭ تۇخۇمنى قوغداش، دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسى بار. جانلىقلارنىڭ بۇ خىل قىلىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ: (1) چۈمۈلىلەر تۈپىدا، سانى ئەڭ كۆپ بولغان چۈمۈلە قايسى؟ سىرتىقى شەكلى ئەڭ چوڭ بولغىنى قايسى؟ (4 نۇمۇر )
(2) ئەسكەر چۈمۈلە سىرىتقا چىقىپ ئۇزۇقلۇق ئىزدىگەند، ئەتراپتىكى ھەمراھلىرىغا قانداق قىلىپ ئۇزۇقلۇق بر ئۇرۇنى بىلدۈرۈىدۇ ۋە ئۇزۇقلۇقنى تاپىدۇ؟ ( 3نۇمۇر )
(3) چۈمۈللىلەرنىڭ بۇ خىل قىلىقى قايسى خىل قىلىققا تەۋە؟ بۇ چۈمۈلىلەرنىڭ ياشىشدا قانداق ئەھمىيتى بار؟ (5 نۇمۇر )
|
|