كۆرۈش: 585|ئىنكاس: 1

8-يىللىقلارنىڭ 1-ماۋسۇملۇق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسمى-ئاتىسى:             -يىللىق    -سىنىپ        90 مىنۇت

1. سۇئال: توغرا جاۋاپنى تاللاڭ؟(20نۇمۇر)
1) ۋىكتور ھىيوگو تىلغا ئالغان «ئىككى قاراقچى»بولسا(    )
A. ئەنگىليە-فىرانسىيە    B. گىرمانىيە-ئىتالىيە   C. ياپۇنىيە-روسىيە   D. ئامرىكا-ئەنگىلىيە
2) تۆۋەندىكىلەردىن ئىدىيۇم بولدىغىنى. (      )
A. ئەمگەكنىڭ تىگى راھەت       B . پالتا چۈشكۈچە كۆتەك ئارام ئاپتۇ.     C. ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگۈمەس.  D. بىشىغا كۈن چۈشمەك
3)  شارلار تىغى ناملىق شىئىردىكى « تىلغا باي ئۇ، تىلى بار بىزدىنمۇ بەك » دېگەن مىسرادا قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە .(   )
A. ئوخشۇتۇش     B. جانلاندۇرۇش     C. مۇبالىغە     D. كىنايە
4) ھاممور ئەپەندى ئاخىرقى دەرىسنىڭ ئاخىردا دوسكىغا چوڭ-چوڭ قىلىپ مۇنداق خەتلەرنى يازىدۇ.(   )
A.مىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار   B.ياشىسۇن ئەركىنلىك C.مەن ئەمدى كىتىمەن    D.ياشىسۇن فىرانسىيە
5) دەرىسلىكىمىزدىكى ئانا تىلىغا بولغان مۇھەببەت ئىپادىلنىش ئارقىلىق كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەر. (    )
A.مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى     B.ۋەتەن رىشتى     C.كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى  D.ئاخىرقى دەرس
6) «بەش تال ئوق»ناملىق ئەسەردىكى باس پىرسۇناژ .(   )
A. رەجەپ    B. پولات   C. شەھىدە       D. روتا كوماندىرى
7) «ئالەم بوشلىقىدىكى تۇرمۇش»ناملىق تىكىستتە ئاپتۇر ئالەم بوشلىقىدا جەمئى (   ) ياشىغان .
A. يىرىم يىل    B. بىر يىل   C. بەش ئاي   D.بىر يىل ئىككى ئاي
8) دۇنيادا ھەممە ئادەم ئوقۇيدىغان،ئوقۇسىمۇ زىرىكمەيدىغان،مەڭگۈ يىڭى تۇيىلىدىغان بىر كىتاب بار ئۇ بولسىمۇ (     ) دۇر.
A. كۈچ- قۇدرەت ئىلمى     B. ھىسىيات     C. تەبىئەت     D. ئەدەبىيات
9) «دەريا بويى قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى»دېگەن ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى .(    )
A. دەريا بويلىقلار ئۆيلىرىگە قۇلۇپ سالمايدىكەن      B. دەريا بويلىقلار ئىنتايىن باي ئىكەن   C.ئۇ يەرگە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىلاتوك تارتىلغان ئىكەن       D. دەريا بويلىقلار ساددا بولغاچقا ئوغرى-يالغان كۆپ ئىكەن
10) مەرۋريىت شەھەر ۋىنىتسىيە (    ) يىللىق تارىخقا ئىگە .
A. 1400        B. 1000         C. 2000         D. 3500
2-سۇئال : توغرا-خاتاغا ھۆكۈم قىلىڭ؟  (   10 نۇمۇر )
1) بەدەن تىلى-بەدەن قىياپىتى،قول ئىشارىسى،كۆز قاتارلىق تىلسىز ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ.(     )
2)«مۇھەببەت ۋە نەپرەت» دېگەن داستان قوشاق شەكلىدە يېزىلغان .(    )
3) لىرىك نەسىرلەردە ئاپتۇرنىڭ سوبىكتىپ ھىسىياتى ۋاستىلىك ئىپادىلنىدۇ.(      )
4) «كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى»ناملىق ئەسەردە تىلغا ئىلىنغان كامالتۈرۈك نامەلۇم شەخىس.(     )
5) كۆچۈرمە جۈملە پەقەت ئاپتۇر سۆزدىن بۇرۇن كىلىدۇ.(    )
6) لوپنور كۆلىنىڭ يوقۇلۇشىنى تەبىئى ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان .(     )
7)ماقالدا ئوي-پىكىربىۋاستە ئىپادىلنىدۇ،تەمسىلدە ئوي-پىكىر ئەگىتمە يول ئارقىلىق ئىپادىلنىدۇ.(     )
8) « ئەي،ئانا تىلىم-مەن سىنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن ! ».....دېگەن جۈملىدە رىتورىك خىتاپنىڭ ئادەمگە خىتاپ ئۇسۇلى قوللىنىلغان .(     )
9)ئادەم-تەبىئەت دۇنياسى ئەقىل پاراسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىسى.(      )
10)شارلار تىغى قۇمۇل ۋادىسىدىكى 12تاغنىڭ بىرىدۇر .(     )
3-سۇئال:قىسقىچە جۋاپ بىرىڭ؟ (15 نۇمۇر)
لوپنور كۆلى ئىلگىرى قانداق جاي ئىدى؟ ھازىرچۇ؟

لوپنور كۆلى نىمە سەۋەپتىن يوقالدى؟


3)كۆچۈرمە جۈملە دېگەن نىمە؟مىسال كەلتۈرۈڭ.؟


4-سۇئال:تۆۋەندىكى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىڭ؟ (20نۇمۇر)
1) تىلخەت-                                   2) نائىلاج-                             3) ۋەھىمە-                                    4) گۈللىنىش-   
5) چۈرۈك-                                    6) كائىنات
7) تەنھا-                                      8) سىماسى-
9) مىننەتدار-                                  10) قاقاس-
                                 
5-سۇئال:تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ؟ (15 نۇمۇر)
«ھىچ ئىش ئۇقمايدىغان كىچىككىنى بىر بالىنى خەققە بىرۋەتسەك،ھەتتا مەن ئۆزۈمنىمۇ سەن نېمىدېگەن تاش يۈرەك دادا-ھە،دەپ ئويلاپ قالدىكەنمەن.ئۆزلىرى بەرگەن پۇلنى تولۇقى بىلەن ئىلىۋىلىپ قىزىمىزنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرسىلە بوپتىكەن.بىر ئائىلىدىكى ئالتىمىز ئاچلىقتىن ئۆلسەكمۇ ئۆلەيلى دىدۇقكى،بىر بالىمىزنىمۇ تاشلىۋەتكىمىز كەلمىدى»
بۇ كىمنىڭ،قايسى ئەسىرىدىن ئىلىنغان پارچە؟

پارچىدا كىم كىمگە سۆزلەۋاتىدۇ؟

پارچىدىن سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق خاراكتىرىنى چۈشىنىۋالدىڭىز؟




6-سۇئال: «ئۇ مەڭگۈ مىنىڭ قەلبىمدە» دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە بايان خاراكتىرلىك ئەسەر يېزىڭ؟ (20نۇمۇر)
تەلەپ: 1) باياننىڭ ئامىللىرى تولۇق بولۇشى  2)خەت سۈپىتى چىرايلىق ، ئىملاسى توغرا، ئابزاسلارغا ئاجرىتىلغان بولۇشى لازىم.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-1 15:24:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لازىم ئىدى، رەخمەت سىزگە، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش