كۆرۈش: 470|ئىنكاس: 0

ئىلمى مۇدىر چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىلمى مۇدىر  چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر
1.        ئوقۇتۇشنىڭ دائىملىق قائىدىلىرى بويىچە قەرەللىك، قەرەلسىز تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ھەرگىز سەل قارىماسلىق لازىم. ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، قەرەللىك تەكشۈرۈش ئايدا بىر قېتىم، قەرەلسىز تەكشۈرۈش مەۋسۈمدە 4 قېتىم، قەرەلسىز دەرس ئاڭلاش مەۋسۈمدە 2 قېتىمدىن كەم بولماسلىقى ، تەكشۈرۈشنى ھەقىقى ئېلىپ بېرىش ، شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق لازىم.
2.        ئىلمى مۇدىرلار  ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى ۋە ئوقۇتۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى مەكتەپ مۇدىرىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش لازىم،
3.        دەرس ئاڭلاشنى ھەقىقى ئىزچىل ئېلىپ بېرىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.
4.        قەرەلسىز تەكشۈرۈشتە تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئۆزگەرتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بولۇپمۇ خاتا ئىشلەنگەن مەزمونلارنى ئۆزگەرتىش جەريانلىرىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈش ، بېرىلگەن پىكىرلەرنى ئەمىللەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم.ئوقۇغۇچىلارنى تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى رەتلىك تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم.
5.        تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەكتەپنىڭ تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈش، ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە تەجرىبىنى تولۇق ئىشلەش، بەنبەنتوڭ قاتارلىق ئېلىكتىرلىك ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش.
6.        كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشتا دەرس تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن 2-قېتىم دەرس تەييارلاشنى چوقۇم ئېلىپ بېرىش ، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى دەرس تولۇق تەييارلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئىمزا قويۇش لازىم.
7.        دەرس تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش، دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشنى تەلەپ بويىچە تولۇق يېزىش،ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنى ئۆلچەملىك يېزىش م: دوسكا ،بور ، دەرس تەييارلىقى دىگەنلىك مەزمونلارنى يېزىشتىن ساقلىنىش لازىم.
8.        دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇش، ھەر بىر سائەتلىك دەرسكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر دائىم مەشىقلەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش لازىم.
9.        ئىلمى مۇدىر ، ئوقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرلىرى يوللاشقا تىگىشلىك ماتىرىياللارنى ۋاقتى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا مەركىزى مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىغا يوللىشى لازىم .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش