مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1818 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • قاراقۇرۇم 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    زىمىندا ئەسلى يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كىيىن يول ھاسىل بۇلغان.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • قاراقۇرۇم 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرنىڭ يۈزى چىرايلىق بىزىلىپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 17 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

كۆرۈش: 241|ئىنكاس: 1

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق مەدەنىيەت –ساياھەت باغچىلىرى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
XAMسالاھىيىتىنى دەلىللەش 

356

تېما

68

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
3499 سەر
تىللا
1698 دانە
تۆھپە
2870 سەر
شۆھرەت
1465 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 01:43:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  داڭلىق مەدەنىيەت –ساياھەت باغچىلىرى(2)

باي ناھيىسىدىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرى
ئېكولوگىيىلىك كەنت
      باي ناھىيە بازىرىدىن چىقىپ ، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا قاراپ تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن ، كۆز ئالدىڭىزدا كەڭ كەتكەن بىر بوستانلىق نامايەن بولىدۇ . بۇ بىر كەنت بولۇپ، بۇ كەنتتە بىر كونا تۈگمەن بار . بۇ تۈگمەن كەنت سىرتىدىكى ئۆستەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيى كەنتنىڭ يېنىدىكى بۇلاقتىن كېلىدۇ . كەنتتە يەنە قەدىمىي قەبرىستانلىق بار بولۇپ، قەبرىستانلىق ئەتراپىدا نۇرغۇن ھايۋانات مۈڭگۈزى، فار– فۇر بويۇملارنىڭ پارچىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇشۇ كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە ، ياتۇر يېزىسىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك كەنتى بولغان گۈلئاتامازار دېگەن بۇ كەنت چەت–ياقا جاي بولغىنى بىلەن، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ئاجايىپ گۈزەل ، ھاۋاسى ساپ. ھەر  يىلى ياز كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ يەرگە كېلىپ ، بۇ يەردىكى  قەدىمىي شامان دىنىيغا تەۋە قەبرىستانلىق، ھايۋانات  مۈڭگۈزى، 500 يىللىق  كونا تۈگمەن ، سېرىق ئېچىلىدىغان ئازغان گۈلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر سرتقى كۆرۈنۈش ئۈچۈن سۈرەتكە ئالىدۇ.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان  . ساياھەتچىلەرمۇ كېلىشكە باشلىغان ، مۇشۇنداق تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا، گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە بولغان بۇ كەنت ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا  لايىق تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك كەنت ھېساپلىنىدۇ .
   قىزىل مىڭ ئۆي
     قىزىل مىڭئۆيلەر ئېگىز تاغ باغرىدا بولۇپ ، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك بۇ يەرنى تېخىمۇ سىرلىق كۆرسەتكەن . قىزىل مىڭئۆي 3– ئەسىردە ياسىلىشقا باشلىغان . ئۇنىڭ قىزىل يېزىسىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ . قىزىل مىڭئۆي ئېلىمىزدىكى مەشھۇر‹‹ تۆت  چوڭ غار›› نىڭ بىرى. ئۇ 1961– يىلى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن . قىزىل مىڭئۆينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ. ھازىر  بۇ يەردىكى تىزىمغا ئېلىنىپ، نومۇر قويۇلغان غار 632 بولۇپ، 135 غاردىكى تام رەسىملىرى مۇكەممەلرەك ساقلانغان. بۇ غارلاردىن ئون نەچچىسىلا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن . بەزى غارلار ئىبادەت قىلىدىغان ، تاماق ئېتىدىغان ئۆي ئورنىدا پايدىلانغاچقا ، بۇ غارلاردا ئېتىكاپ ئورنى ۋە ئوچاقلار بولۇپ، ئىسلىشىپ كەتكەن تاملاردا رەسىم بار–يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ . ئازادلىقتىن ئىلگىرى بەزى غارلاردىكى خېلى كۆپ بۇتنى چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى ئېلىپ كەتكەن . قىزىل مىڭئۆينى دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ، تارىخى دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارلىرىدىن ئۇزۇن . تاغ باغرىدا كوماراجىۋانىڭ قارا كاسايا كىيگەن ، ئوڭ قولى يالىڭاچ ، يالىڭئاياغ ، سول پۇتى ئىچىگە ، ئوڭ پۇتى سىرتىغا  ئىگىلگەن ھالدا ئولتۇرغان ھالەتتە ئىشلەنگەن مىس ھەيكىلى بار .
   قىزىل سۇ ئامبىرى
     قىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ‹‹ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1–لەيلەتمە›› دېگەن نامى بار. قىزىل سۇ ئامبىرى سۇچىلىق مىنىستىرلىكى بىۋاستە مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش بولۇپ، قىزىل كۆلى بىلەن تۇتىشىدۇ. قىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 44.6 كۋادىرات كىلومېتىر، سىغىمچانلىقى 640 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىنىش سۈيىنىڭ سىغىمچانلىقى 477 مىليون كۇب مېتىر ، دامبىنىڭ ئېگىزلىكى 44 مېتىر ، سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىنىڭ گېنراتور سىغمچانلىقى 26  مىڭ كىلوۋات سائەتتىن كۆپرەك . قىزىل سۇ ئامبىرى1991- يىلى  پۈتكەندىن  بۇيان، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇغىرىش، توك تارقىتىش، ساياھەتچىلىك تۈرى جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز  بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى .
ئونباش مىڭئۆيى
     ئونباش يېزىسىدا بولۇپ ، ئونباش يېزا مەركىزىگە تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ . ئونباش مىڭ ئۆيى قىزىل مىڭئۆيىدەك بولمىسىمۇ ، ئۇ ھازىرغىچە سىرلىق قەدىمىيلىكنى يوقاتمىغان . چۆلتاغ جىلغىسىنى بويلاپ ئىچكىرىلەپ ماڭغاندا چۆلتاغ باغرىدا چوڭ–كىچىكلىكى ئوخشىمىغان غارلار كۆرىنىدۇ . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپلىگەن غارلارمۇ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن . غارلاردىكى تام رەسىملىرىمۇ قىزىل مىڭئۆيىدىكى رەسىملەرگە ئوخشىمايدۇ . غارلار تار بولۇپ ، غاردىكى بۇت ۋە رەسىملەردىكى كىشىلەرنىڭ كىيىنىشى قەدىمكى زاماندىكى ئەرەبلەرگە ئوخشايدۇ . ئۇزاق يىللار ئۆتكەچكە تام رەسىملىرىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ كەتكەن . تام رەسىملىرىنىڭ سۇيۇلغان جايلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ.   
    باي ناھىيىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يۇرت بولۇپ، تارىختا قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولغان. ئۇ قويۇق مەدەنىيەت تارىخى، شۇنداقلا كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرمۇ مەشھۇر.
قاناس سەيلىگاھى قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىمىزگە ‹‹ماركا›› بولدى
تۇرسۇنجان ھامۇت خەۋىرى : قاناس مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا داڭلىق سەيلىگاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ داڭلىق ساياھەت ماركىسى. بۇ ‹‹ساياھەت ماركىسى›› ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىگىمۇ ‹‹ماركا›› بولىدۇ. قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 18 – ماي ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالاپ، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىنىڭ 2014 – يىلىغىچە بولغان نام ھوقۇقىنى يىلىغا 260 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى.
     بۇ قېتىم قاناس مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىنىڭ مەشق، قاتناش، مۇسابىقىگە قاتنىشىش، مەشق ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا يىلىغا 260 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپلا قالماي، يىلدا بىر قېتىم چوڭ تىپىتىكى چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى ياكى ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىدىكەن، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىلەرنى كاتتا مۇكاپاتلايدىكەن، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىىمۇ شىنجاڭ ‹‹قاناس›› كوماندىسى دېگەن نامدا تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىكەن.
نارات ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەت ماركىسىغا ئايلاندى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى : كۆنەس ناھىيىسىنىڭ نارات مەنزىرە رايونى رەڭدار يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئۆزگىچە گۈزەللىكى بىلەن ‹‹نارات››ماركىسىدىن ئىبارەت داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلدى.
       مەملىكەت بويىچە 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولغان نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 960 كوۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان . مەنزىرە رايوننىڭ يىللىق ھۆل–يىغىن مىقدارى 880 مىللىمېتىر بولۇپ ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ . مەنزىرە رايوندا ، ياپيېشىل قارغايلار بىلەن ئورالغان تاغلار ، كۆز يەتكىسىز يېشىل يايلاق ، تاغ گۈللىرى ، مۇڭغۇل ۋە ئويسۇن قەبىلىسىنىڭ تارىخى ئابىدىلىرى بار . قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يايلاق يولى ۋە تەڭرىتاغ يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان نارەت مەنزىرە رايونى ، مەنزىرە ، يايلاق مەدەنىيىتى ۋە قويۇق مىللىي ئۆرپ–ئادەت مەدەنىيىتى بىلەن ئىلى ئوبلاستىنىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى كۆزنەك ئورۇنغا ئايلاندى . بولۇپمۇ نارات ساياھەت ئايرودرومىنىڭ تەسىس قىلىنىشى نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسىپىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى . جۇڭگو شەھەر لايىھەلەش تەتقىقات ئاكادېمىيىسى لاھىيىلىگەن ، نارات يايلاق سەيلىگاھ قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانى بۇ يىلنىڭ بېشىدا مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ ، نارات سەيلىگاھى تۈنجى قېتىم خەلقئارالىق ئىسسىق بەلۋاغ يايلاق سەيلىگاھى تىپىدىكى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلدى . بۇ پىلاندا نارات سەيلىگاھىدىكى 137 ساياھەت نۇقتىسى قېزىپ چىقىرىلغان بولۇپ ، سەيلىگاھلاردا تۇرمۇش رايونى ، سەيلى–ساياھەت رايونى ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش رايونى قاتارلىق تۆت چوڭ رايون بەرپا قىلىش تۈرى يولغا قويۇلدى .
بىز ھەقىقەتنى تىل-ئەدەبىيات دەرسخانە ئوقۇتىشى نۇقتىسدا تۇرۇپ سۆزلەيلى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

54

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1427 سەر
تىللا
10243 دانە
تۆھپە
1082 سەر
شۆھرەت
954 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 12:58:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ناھىيىسىمۇ قەدەمي ناھىيەلەرنىڭ بىرسى، ئۇ يەردىمۇ مەنزىرلىك جايلاپ كۆپكەن!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 18:34, Processed in 0.167172 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش