مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش تۈنۈگۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن 12 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن 23 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر ئۈلۈشكۈن 23:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك ئۈلۈشكۈن 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 7

خوتۇن دىگەننى مۇشۇنداق ئالسا بۇلارمۇ ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-29 23:45:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-29 23:48  

ھازىر جەمىيتىمىزدە توي -تۆكۈنلەردە ئىككى ياشنىڭ بەختنى ئەمەس ، قىز تەرەپنىڭ بايلىقى ، خىزمىتى ، ئائىلسىنى ئاساس قىلىۋالدىغان ئىشلار بەك كۆپ .
شۇڭا تويلۇق بىرىشتىمۇ خىزمەتچى قىزلارنىڭ تويلۇقى ئۆيدە ئولتۇرىدىغان قىزلارنىڭكىدىن بىر ئىككى ھەسسە كۆپ بولماقتا .
بۇ بىر نىكاھ مۇناسىۋىتى بولماستىن سودا ، بايلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان ئىلىم -بىرىم مۇناسىۋىتى خالاس .
بۇنداق نىكاھ  ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش جەريانىدا  ئۆزلىكىدىنلا ھالاك بولىدۇ . ياكى بىر -ئىككى باللىق بولغاندىن كىيىن تۇرمۇش مەنىسىز بىلىنىپ تەبىئلا تالاغا قاراش خاھىشى شەكىللىندۇ .
مىنىڭچە ئەڭ مۇھىمى قىزنىڭ ئەخلاق ، ھايا ، دىنى ئىتقاتى .
پۇل -مال پەقەت ۋاقىتلىق ۋاستە . ئۆز-ئارا پۇل بايلىق ئۇستىگە نىكاھ قىلىشىپ ئاخىرى بالىلارنى يىتىم قىپ ئاجرىشىپ كىتىۋاتقان تىراگدىيەلىك كۆرنۇشلەر تۇرمۇشىمىزدا تولۇپ تۇرۇپتۇ .
قايسى كۈنى بىر ئانىنىڭ ئوغلىغا مۇنداق دىگىنى ئىسىمدە ؛-----ئوغلۇم ئۇنىڭ مىجەزىنى ياقتۇرمىغان بولساڭ ھىچقىسى يوق . توي قىلساڭ ئاستا -ئاستا ئوڭشىلىدۇ . جاھىللىق قىلما ! قارا ئۇ ئوقۇتقۇچىكەن . ئۇچ- تۆت مىڭ مائاش ئالىدۇ . تويلۇقى ئىغىر بولسا نىمە بوپتۇ ؟؟؟ سىنىڭ بەرگەن تويلۇق پۇلنى بىر يىل ئالغان مائاشى بىلەن تولۇقلايدۇ  بالام . ھايات دىگەن ئۇزۇن . ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ 30--40  يىلدا ئۇ ئۆيگە  قانچىلىك پۇل ئەكىرىدۇ ؟ بۇنى ئويلا ! ھىچ ئىش قىلماي بىكار يەپ ئولتۇرىدىغان خىزمىتى يوق قىزلارنى كىم ياقتۇرىدۇ ھازىر ؟ ئۇنداقلارنىڭ تويلۇقى ئەرزان دىگەن بىلەن  بىلەن توي قىلساڭ سىنى بىر ئۆمۈر راۋاج تاپتۇرمايدۇ .قارا داداڭ مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىلىۋاپتىكە . ئۇنىڭ ئوقىتىنىڭ تايىنى يوق ئۆزەڭ بىلسە . مىنىڭ مائاشىم بولمىسا بۇ ئۆينىڭ تۇرمۇشى قانداق بوپ كىتەتتى ؟ شۇڭا ئەقلىڭنى ئىشلەت ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
مانا بۇ بىر ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ ئوغلىغا دىگەن سۆزى
مانا مۇشۇنداق پاك -مۇھەببەت ، نىكاھقىمۇ پايدا -مەنپەت يوشۇرۇنغان.
ئامال بار يىگىتلىرىمىز ئۆزىڭىزگە قىز تاللىغاندا بۇنداق ناچار خاھىشنى ئاساس قىلماي ئۇنىڭ ئەڭ ئەخلاقىنى . دىنى -ئىتقادىنى ، ئۇيغۇر قىزىغا خاس خاراكتىرنى بەكرەك كۈزىتىڭ .
بىر – بىرىنىڭ تەبىئەت ۋە خۇلىقىنى ياقتۇرمىغان كىشىلەر، ھەتتا بىر – ئىككى چاقىرىملىق يەرگىمۇ بىللە بارالمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ دۇنيا سەپىرىدە بىر – بىرىگە ئۆمۈر يولدىشى بولىدىغان ئەر – ئايالنىڭ تەبىئىتى بىر – بىرىگە مۇۋاپىق بولمىسا، دۇنيا سەپىرىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ، قانداق قىلىپ بىر جان، بىر تەن بولالايدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەپەرداش، ئۆمۈر يولدىشى بولىدىغان ئايالنىڭ ھالىنى ئازراق بولسىمۇ بىلىش لازىم بولىدۇ.
بولغۇسى ئايال پاك نەسەبلىك، گۈزەل ئەدەبلىك، ئەقىللىق، تېنى سالامەت، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ ھۇزۇرىدا تەربىيە ئالغان، ئانىلار ۋە ئاياللارنىڭ زىممىسىدە بولغان ۋەزىپىلەردىن خەۋەردار، دۇنيانىڭ ئاق – قارا كۈنلىرىدە جورىسىغا ياردەم قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. كىلەچەك كۈنلەرنىڭ مەئىشەتلىرىنى گۈزەل تەرتىپ بىلەن تۈزۈش ئىنسانلار ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنىغا ئوخشاش، خوتۇن ئىلىشتىمۇ بۇ تەرتىپتىن چەتكە چىقىش مۇۋاپىق ئەمەس. بالىلارنىڭ تەربىيىلىك، ئىتائەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيىدە پىشقان، ئىتائەتلىك بىر ئانا تاللاش كېرەك. چۈنكى تەربىيىسىز ئايالدىن گۈزەل خۇلقلۇق بالا چىقىشى ناتايىن.
تەربىيىلىك ئايال ئەقىللىق ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلالايدۇ. ئەرلەر ئاياللاردىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى ئۇلارغا باغلانسا بۇ ئىشتىن كېلەچەكتە زور مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ. كۆڭلى ئايالىغا باغلانغان ئەر قەيەرلەردە بولمىسۇن، نۇمۇسسىزلىققا بېرىلمەيدۇ. ئۆز كۆڭلىدە ھۆرمەتلىك بولغان ئايالىغا خىيانەت قىلىشنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. كۆڭلى ئايالىغا باغلانغان كىشى ئۆمرىنى ناباب يەرلەردە ئۆتكۈزۈش ئەمەس، ھەتتا ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىسراپ قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇنىڭ بارلىق راھىتى ۋە سەرپ – خىراجىتى ئۆز ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ. ئورۇنسىز يەرلەردە يۈرۈپ سالامەتلىكىنىڭ ئاساسى بولغان ئۇيقۇسىدىن قالمايدۇ ۋە بەدىنىنىڭ قۇۋۋىتىنىمۇ زايە قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئايالىنىڭ گۈزەل ئىتىقادى ئېرىنىڭ ئالدىدا مەھكەم بولىدۇ. ھىمايىچىم ۋە پاكىز ئېرىم دېگەن ئېتىقادنى ئايالىنىڭ كۆڭلىدە شەكىللەندۈرۈش لەززىتىنى، ئىپپەتلىك ئەر بولماقلىقنىڭ ۋە ھامىيلىقنىڭ بۈيۈك بىر مەرتىۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا، ساپ ھەم ئىپپەتلىك ھامىي ئەر بولىدۇ.
ئەقىللىق ۋە نىيىتى دۇرۇس ئەر ئايالىغا پۈتۈن دۇنياسىنى بېغىشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھېچقاچان ئىپپىتىنى نابۇت قىلماي، جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئايالىنى يامان پىكىرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. تەربىيىلىك ئايالغا ئەر بولغان ئادەم ئايالىنى تالاق قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە خوتۇن ئېلىپ مەئىشەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئەمما، بولغۇسى ئايالىنىڭ تەربىيىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، مۇلايىم ياكى ئەمەسلىكىنى، جەزبىلىك ياكى ئەمەسلىكىنى بىللىش ئاسان ئەمەس. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە بولغۇسى ئايالىنىڭ تەربىيىسىنى بىلىش بولۇپ، سىرتقى گۈزەللىكنى بىلىش ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىشتۇر. نىكاھ قىلىش نىيىتى پۈتۈلگەندە بولغۇسى ئايالىنىڭ يۈزىنى، قولىنى، چېچىنى كۆرۈشكە شەرىئەت يول قويىدۇ. ئەمما، پەقەت مۇشۇلارنى بىلىش بىلەنلا ئىنساننىڭ مىجەز – خۇلقنى تامامەن بىلىش مۇمكىن ئەمەس. كۆپلىگەن كىشىلەر كۆرگەنلىرى ۋە بىلگەنلىرىنى تەتۈر تەرىپلەپ، باشقىلارنىڭ مەئىشىتىنى بەربات قىلىشنى قۇش ئۇۋىسىنى توزۇتقانچىلىك ھېساب قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىش ئالدىنىش بىلەن باراۋەر.
بولغۇسى ئايالىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنسابلىق ۋە ئىشەنچلىك كىشىلەر ئارقىلىق بىلىش لازىم. بۇنداق ئادەملەر ئارقىلىق بولغۇسى ئايالىنىڭ تەربىيە ۋە ئەخلاقىنى بىر قەدەر چۈشىنىش، جورا تىپىش ھەققىدە بەزى مۈشكۈللەرنى يېڭىش كېرەك. سۈتنى سىغىپ ئىچىش ئۈچۈن سىيىر ئالغان ئادەممۇ ئۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن باشقا ئۇنىڭ خۇي – پەيلىنى ئەتراپتىكىلەردىن سۈرۈشتۈرىدۇ. سەپەرگە چىققان ئادەم بىر كۈن بولسىمۇ كېمە ۋە پويىزلاردا ياتىدىغان ئورنىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى ئىستەيدۇ، شۇنىڭ ئۈغچۈن قولاي ئورۇن تېپىشقا تىرىشىدۇ.
شەھەرگە بىرىپ ئىككى، ئۈچ كۈن مىھمان بولماقچى بولغان ئادەم تۇرىدىغان جايىنىڭ تىنىچ، ئازادە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ مەقسەتتە تۇرار جاي تاللايدۇ. شادلىق ۋە ھەسرەتلەرگە بەرھەم بولماقچى، بالىلىرىنى تەربىيە قىلماقچى، ھەر بىر قۇلۇپ – زەنجىرلەرنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئايالنىڭ ھالىنى ۋە تەبىئىتىنى بىلىش ئۈچۈن مۇشەققەت چېكىش، زەخمەت تارتىشقا توغرا كەلسە ئەيىب ئەمەس.
ئەرلەر بىر قانچە جەھەتلەردە ئاياللاردىن ئارتۇق، ھەتتا ئاياللارغا مۇھتاجسىز دەرىجىدە تۇرۇپمۇ، بولغۇسى ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە مەجبۇر بولۋاتقان ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ ئۆزى سىغىنىدىغان ئەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى نىكاھتىن بۇرۇن، ئىختىيار قولدىن كەتمىگەن چاغدا بىلىشى تولىمۇ مۇھىم.
ئەر بولغۇچى كىشىنىڭ مال – دۇنىياسى، كىيىم كېچەكلىرى گۈزەل بولسىلا ھېساب ئەمەس، موھىمى ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئائىلىسى، ئاتا – ئانىسىنى بىلىش كېرەك. ئاتلىرى سېمىز، ھارۋىلىرى زىننەتلىك، ئۈستىۋېشى ياخشى يىگىتلەرنىڭ كۆپلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنىڭ ئەخلەت مىسالى ئەرزىمەس ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇنداقلاردىن ياخشىلىق كۈتكىلى بولمايدۇ.

ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

54

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1428 سەر
تىللا
10243 دانە
تۆھپە
1083 سەر
شۆھرەت
955 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 11:53:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇمۇ بىر ئانا بولدىمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلىقىنى دىمەيلا قۇياي تېخى  بالا دىگەنگە شۇنداقمۇ تەربىيە قىلامدۇ؟ پۇل شۇنداق مۇھىم ئورۇندا تۇرامدىغاندۇ؟ بۇنى ئۇقۇپ توي قىلمىغان قىزلارغا شۇنى دىگىم كىلىۋاتىدۇ. ھەرگىزمۇ قۇللۇققا سېتىلماڭلار بەلكى ئۆزەڭلارنىڭ بەختى ئۆزەڭلارنىڭ قۇلۇڭلاردا بۇنداق دېگىنىم ھەرگىزمۇ توي قىلماڭلار دىگىنىم ئەمەس بەلكى تويلۇق ئېغىر بولمىسۇن تويلۇق ئېغىر بولسا ئوغۇل تەرەپ قەرىز ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تويدىن كېيىن سىلەر بايغا يىللىققا ئىشلىگەنگە ئوخشاش قەرىز تۆلەپ ئۆتىسلەر بۇنىڭغا كاللا ئىشلىتىڭلار

11

تېما

6

دوست

3975

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
900 سەر
تىللا
185 دانە
تۆھپە
815 سەر
شۆھرەت
758 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 17:11:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە ئانا ئوغۇلىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختىنى نېمىشقا ئويلىمىغاندۇ؟!پۇل بىلەن بەختلىك بولۇپ كېتىش مۇمكۈنمۇ؟قىزنىڭ نەسەبى،دىيانىتى،ئەخلاقى-پەزىلىتى توغرۇسىدا نەسىھەت قىلسىچۇ كاشكى.......؟بۇ چەكلىك دۇنيادا« پۇل»دەپلا ياشاش ئىنساننى قۇلدىن بەتەر بىخوت-بىچارە ئەھۋالدا قالدۇرىدۇ.
        

75

تېما

32

دوست

9608

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2238 سەر
تىللا
391 دانە
تۆھپە
1799 سەر
شۆھرەت
1683 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 22:10:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز .ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 22:37:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئويلۇنىشقا تىگىشلىك مەسلە ئىكەن.

22

تېما

15

دوست

2667

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
533 سەر
تىللا
357 دانە
تۆھپە
501 سەر
شۆھرەت
567 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 22:20:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت.بۇنۇڭغا باھانىلەرمۇ كۆپ،يەنە شۇ بالىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ئەمەسمۇ.‹‹كونىلاردا كۇسىيى ئۇزۇن بولسا قولغا ئارام بولىدۇ››دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ شۇڭا ھازىرقى كىشىلەر مال-دۇنياغا ھېرىسمەن بۇلۇپ كەتتى.

7

تېما

5

دوست

1213

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
212 سەر
تىللا
99 دانە
تۆھپە
214 سەر
شۆھرەت
309 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 21:48:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرۋەقە ،شۇنداق....بەزى تويلار خۇددى مال سودىسى قىلۋاتقاندەك ،...
  بۇنداق ئويلايدىغان ئانىلارغۇ ئەتىراپىمىزدا ،ھەتتا ئۇرۇق -تۇغقان ،قان-قېرىنداشلار ئىچىدىمۇ بار!
  ھەتتا ،ھېچقانداق ئىش-ئوقىتىنىڭ تايىنى يوق بىكار تەلەپ ئوغلىغا ،خىزمەتچى خوتۇن ئىلىپ بېرىپ« ئۆمۈرلۈك سۇغۇرتا»غا ئېرشىشىنى ئويلايدىغان ئانىلار مۇ بار !
    مەن مەلۇم بىر سورۇندا ،بىر يىگىتنىڭ بولغۇسى قېيىنئانىسىنى «ياشمىكەن ؟» دەپ سورغىنىنى ،«ئەگەر ياش بولسا بالىمىزنى ئوبدان بېقىپ بەرسە، بىز خاتىرجەم بولىمىز ئەمەسمۇ!....»دېگىنىنى ئاڭلاپ يۈز مىڭ لەنەتلەرنى ئوقۇغان ئىدىم.
   بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى .......

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 23:35:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىنچىلىرىمىز شۇنداق دەيمىزيۇ يەنىلا بۇ ئىشلار ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋېرىدۇ . كارۋانمۇ ئۆز يولىغا مېڭىۋېرىدۇ .بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزگەرمىگى تەس ئوخشايدۇ .
ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-10 23:55, Processed in 0.435799 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش