| قارچۇقۇمدا قاتتى سۈرىتىڭ
قارچۇقۇمدا قاتتى سۈرىتىڭ، پاك سۆيگۈمنىڭ بولۇپ قاتىلى. ماكان تۇتتى چاناقلىرىمنى، كۆچۈپ كېلىپ دېڭىز ساھىلى. قارچۇقۇمدا قاتتى سۈرىتىڭ، خەنجىرىڭدىن ساقىيدۇ يۈرەك. بۇ ھالىتىڭ قازى ئالدىدا ، قاتىللىقتىن بېردۇ دېرەك. قارچۇقۇمدا قاتتى سۈرىتىڭ، ئەمدى ئاستا قالايمەن جىمىپ. پۇشايمانسىز ئۆتسۇن ھاياتىڭ، ئابى ھايات تامدۇرما كېلىپ. مەنبە:ئۆزۈم |
|