كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 5

خوتەن ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ رۇ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خوتەن ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ رۇخسەت سوراش ررۇخسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش چارىسى
( سىناق نۇسقىسى)
پۈتۈن ناھىيىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ رۇخسەت سۇراش، روخسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن مائارىپ ئىدارىسى پارتىكومى يېغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق،خوتەن ناھىسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ رۇخسەت سۇراش،رۇخسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش باشقۇرۇش چارىسى تۆۋەندىكىدەك تۈزۈپ چىقىلدى .
1. رۇخسەت تەستىقلاش تەرتىپى
(1) رۇخسەت سوراشتا رۇخسەت سوراش جەدىۋىلى تولدۇرۇلۇپ دەرىجە بويىنچە رەسمىيەت بىجىرىلىدۇ رۇخسەت سورىماي تۇرۇپ ياكى رۇخسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەستىقلانماي تۇرۇپ ،خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ ،ئۇنداق بولمايدىكەن سەۋەپسىز خىزمەتكە كەلمىگەنلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
(2) مەكتەپ شۇجىسى ،مۇدىرى رۇخسەت ئالماقچى بولسا شۇ مەكتەپ تۇرۇشلۇق يېزا-بازارلىق پارتىكومنىڭ شۇجىسى يېزا-بازار باشلىقى ۋە مائارىپ ئىدارسى پارتىكۇمىنىڭ شۇجىسى ئىدارە باشلىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن، ناھىيىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىنىدۇ .
(3) مەكتەپ رەھبىرىيەتتىكى مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر رۇخسەت سورىسا، شۇ مەكتەپ تۇرۇشلۇق يېزا-بازاردىكى مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ. 5 كۈندىن تۈۋەن بولغان رۇخسەتنى مەكتەپ شۇجىسى تەستىقلايدۇ.5 كۈندىن يۇقۇرى بولسا مائارىپ ئىدارىسىدىكى كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەر تەستىقلايدۇ.
(4) ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ 5 كۈندىن تۈۋەن بولغان رۇخسىتىنى مەكتەپ مۇدىرى تەستىقلايدۇ.5 كۈندىن يۇقۇرى بولسا ،مائارىپ ئىدارىسىدىكى كادىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەر تەستىقلايدۇ .
(5)  مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق بىرىلگەن رۇخسەت خېتى دەرىجە بۇيىنچە ئەنگە ئېلىنىدۇ.يەنى مەكتەپ رەھبىرىيەتتىكىلەرنىڭ رۇخسەت خېتىنى مائارىپ ئىدارىسى ئىشخانىسى ئەنگە ئالىدۇ.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ رۇخسەت خېتىنى مائارىپ ئىدارىسى كادىرلار بۆلىمى ئەنگە ئالىدۇ.
2. ئىش رۇخسىتىنى باشقۇرۇش
(1) قىشلىق-يازلىق تەتىلدىن باشقا خىزمەت مەزگىلىدە ( دۈشەنبىدىن - جۈمەگىچە ) پىرىنسىپ جەھەتتە رۇخسەت بىرىلمەيدۇ.ئەگەر رۇخسەت سۇرىسا مائاش تۇتۇپ قېلىنىدۇ.يەنى ھەر ئاينى 22 ئىش كۈنى ھىساپلاپ كۈن سانى بويىنچە مائاش تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
(2) بىر ئاي ئىچىدە سورىغان ئىش رۇخسىتى يېرىم كۈن بولسا مائاش تۇتۇلمايدۇ.يېغىپ ھىساپلىغاندا 5 كۈنگە يەتسە بىر كۈنگە بىر كۈنلۈك مائاش تۇتۇپ قېلىنىدۇ.سورىغان رۇخسىتى 6-10 كۈنگىچە بولسا 40% مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.11-15 كۈنگىچە بولسا 60% مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.15 كۈندىن يۇقۇرى بۇلسا 80% مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
(3) بىر يىل ئىچىدە سۇرىغان ئىش رۇخسىتى يېغىپ ھىساپلىغاندا 30 كۈنگە يەتكەنلەرنى شۇ يىلى ئىلغار ،مۇنەۋۋەر سايلاشقا بولمايدۇ.ئىش ئورنى دەرىجىسى بويىنچە بىر دەرىجە تۈۋەنلىتىلىدۇ.45 كۈنگە يەتسە لاياقەتسىز دەپ باھالىنىدۇ.
(4) ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق –يازلىق تەتىلى بولغاچقا، يىللىق دەم ئېلىش بىرىلمەيدۇ.
(5) شەنبە-يەكشەنبىلىك دەم ئېلىش ،ھېيىت-بايرام ،قىشلىق-يازلىق تەتىللەردە خوتەندىن ئايرىلىشقا تۇغرا كەلسە،يۇقۇرغا دوكىلات قىلىش كىرەك.
3. كىسەل رۇخسىتىنى باشقۇرۇش
(1) ئۇقۇتقۇچىلار كىسەل بۇلۇپ قالسا پىرىسىپ جەھەتتە قىشلى-يازلىق تەتىل مەزگىلىدە داۋالانسا مائاش تۇتۇلمايدۇ.
(2) دوختۇرنىڭ دىئاگۇنۇز ئىسپاتىغا ئاساسەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا تۇغرا كەلسە، پۈتۈن كۈنلۈك ياكى يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش ئىسپاتىنى ئېلىپ رۇخسەت سوراش جەدىۋىلىنى تۇلدۇرۇپ كىسەل رۇخسىتىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلىق دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسپاتى ئىتراپ قىلىنىدۇ.ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى مىللىي تىبابەت دۇختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسپاتى ئىتراپ قىلىنمايدۇ.يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر دۇختۇرخانىلىرىنىڭ ئىسپاتى تەكشۈرۈپ ئۇدۇللاشتۇرىلىدۇ.
(3) بالنىستتا يېتىپ داۋالانغانلار بالنىستتىن چىققاندىن كىيىن( بالنىستتا يېتىش ئىسپاتى ،بالنىستتىن چىقىش ئىسپاتى ،كۈندىلىك داۋالاش ھەق تىزىملىكى ،تاپشۇرغان ئۇمۇمى سۇمما تىزىملىكى ۋە كىسەل تارىخى) نى كۆرسىتىپ ،رۇخسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرسا بۇلىدۇ.مۇشۇ 5خىل ئىسپاتتىن بىرى كام بولسا سەۋەپسىز ئىشقا كەلمىگەنلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.بىر يىل ئىچىدە بالنىستتا ياتقان ۋاقتى يېغىپ ھىساپلىغاندا 15 كۈن ئىچىدە بولغانلارنىڭ مائاشى تۇتۇلمايدۇ.15 كۈندىن يۇقۇرى بولسا ھەر كۈنىگە 50% مائاش تۇتۇپ قېلىنىدۇ.30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە ئىلغار –مۇنەۋۋەر بۇلۇپ سايلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.ئىش ئورنى دەرىجىسى بويىنچە بىر دەرىجە تۈۋەنلىتىلىدۇ.بىر يىل ئىچىدە بالنىسىتتا يېتىپ داۋالانغان ۋاقتى بىر داۋالاش كۇرسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.
(4) چوڭ ئوپىراتسىيە ،ئېغىر كىسەللەرنىڭ بالنىسىتتا يېتىپ دۋالانغان ۋاقتى 3 ئاي ئىچىدە بولسا مائاش تۇتۇلمايدۇ.3 ئايدىن ئېشىپ كەتسە خ ن پ {2012} 25-نۇمۇرلۇق ھۆججەت بۇيىنچە ئىجرا قىلىنىدۇ.ئادەتتىكى جىددىي كىسەللەر بالنىستتا ياتقان ۋاقتى 3 ئاي ئىچىدە بولسا مۇشۇ باشقۇرۇش چارىسى بويىنچە ئىجرا قىلىنىدۇ.3 ئايدن ئېشىپ كەتكەن بۇلسا خ ن پ {2012} 25-نۇمۇرلۇق ھۆججەت بۇيىنچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
(5) دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى بار بۇلۇپ ،دۇختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن پۈتۈن كۈن دەم ئالغان ياكى بالنىسىتتا يېتىشقا تىگىشلىك بولمىسىمۇ،پۈتۈن كۈن دەم ئالغانلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىدىكى ۋاقىت ئىچىدە ھەر كۈنلۈك مائاشىنىڭ 50% تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
(6) ئامبۇلاتۇرىيىدە داۋالانغانلار (يېرىم كۈن داۋالىنىپ يېرىم كۈن ئىشلەپ) 7 كۈن ئىچىدە بولسا مائاشى تۇتۇلمايدۇ.
(7) ساختا دوختۇرخانا ئىسپاتى كۆرسىتىپ كىسەل رۇخسىتى ئالغانلار بولسا بايقالغان ھامان سەۋەپسىز ئىشقا كەلمىگەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.ئەھۋالغا قاراپ ئىلغار ،مۇنەۋۋەر بۇلۇپ سايلىنىش سالاھىيتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.مەنىۋىي مەدىنىلىك پۇلى ۋە 13 ئايلىق مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالىنىپ ،دەرىجىسى تۈۋەنلىتىلىدۇ.
4. تۇغۇت رۇخسىتىنى باشقۇرۇش
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىينىڭ نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى »نىڭ 25- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئايال خىزمەتچىلەر كىچىكىپ پەرزەنىتلىك بولسا، دۆلەت بەلگىلىگەن تۇغۇت رۇخسىتىدىن بەھرىمان بولغاندىن سىرىت  30 كۈن قۇشۇپ بىرىلىدۇ.ئەرتەرەپكە 15 كۈن ئايالىغا قاراش رۇخسىتى بىرىلىدۇ.
5.تۇي رۇخسىتىنى باشقۇرۇش
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىينىڭ نۇپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى »نىڭ 25- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن كىچىكىپ توي قىلغانلار دۆلەت بەلگىلىگەن توي رۇخسىتىدىن بەھرىمان بولغاندىن سىرىت يەنە 30 كۈن قۇشۇپ بىرىلىدۇ.
6.ئۆلۈم –يىتىم رۇخسىتى
بىۋاستە تۇققانلىرى قازا قىلسا ( جۆرىسى ،ئاتا –ئانىسى،پەرزەنىتلىرى،قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى) 7 كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا تۇققانلىرى قازا قىلسا بىر كۈن رۇخسەت بىرىلىدۇ.
7. تۇققان يوقلاش رۇخسىتىنى باشقۇرۇش
ئۇقۇتقۇچىلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىنچە تۇققان يوقلاش رۇخسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.ھەمدە بېرىپ-كىلىش يول كىراسى ئاتچۇت قىلىپ بىرىلىدۇ.تۇققان يۇقلاش رۇخسىتىنى قىشلق-يازلىق تەتىلى مەزگىلىدە ئېلىشى شەرت،
8. ئىشقا كىچىككەن بالدۇر قايىتقانلارنى باشقۇرۇش
(1) ئىشقا چۈشۈپ 15 مىنۇت ئىچىدە ئىشقا كەلمىگەنلەر كىچىكتى دەپ قارىلىپ 30 يۈئەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.15 مىنۇتتىن ئېشىپ كىتىپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىسە سەۋەپسىز ئىشقا كەلمىگەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
(2) ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى تۇشماي تۇرۇپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلغانلار بالدۇر قايىتقانلار دەپ قارىلىپ 30 يۈئەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
9. سەۋەپسىز ئىشقا كەلمىگەنلەرنى باشقۇرۇش
(1) سەۋەپسىز ئىشقا كەلمىگەن ۋاقتى ئۇدا 10 كۈنگە يەتسە بىر كۈنىگە 3 كۈنلۈك مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ.10-15 كۈنگىچە بولسا مائاشى تۇختىتىلىدۇ.15 كۈندىن ئېشىپ كەتسە كەسپىي ئۇرۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن خىزمەتتىن چىكىندۈرىلىدۇ.
(2) بىر يىل ئىچىدە سەۋەپسىز ئىشقا كەلمىگەن ۋاقتىنى يېغىپ ھىساپلىغاندا 30 كۈنگە يەتسە باھالاشتا لاياقەتسىز باھالىنىدۇ.30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە كەسپىي ئۇرۇندىكى خىزمەتچىلەرنى باشقۇرۇش چارىسى بويىنچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
10. يېغىن سىياسى ئۈگىنىشنى باشقۇرۇش
(1) يېغىنغا  سەۋەپسىز بىر قېتىم قاتناشمىسا مەكتەپ مۇدىرى ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ،ئىككى قېتىمغا يەتسە 50 يۈئەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.ئۈچ قېتىمغا يەتسە ئىلغار مۇنەۋۋەر بۇلۇپ سايلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) سىياسىي ئۈگۈنۈشكە سەۋەپسىز بىر قېتىم قاتناشمىغانلار بىلەن مەكتەپ مۇدىرى ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ. ئىككى قېتىمغا يەتسە 50 يۈئەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.ئۈچ قېتىمغا يەتسە ئىلغار مۇنەۋۋەر بۇلۇپ سايلىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
11.قول تېلىفۇن ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش
قول تېلىفۇن 24 سائەت ئۇچۇق تۇرۇش ،ئالاقىلاشقىلى بولمىسا 200 يۈئەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
12.دىجۇرنىلىكنى باشقۇرۇش
(1) ۋاقتىدا دىجورنىلىكنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلار بۇلسا 100 يۈئەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.دىجۇرنىلىك ئۇرنىدىن خالىغانچە كەتكەنلەر بۇلسا 200 يۈئەن جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.دىجورنىلىككە كەلمىگەنلەر بولسا 300 يۈئەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.دىجۇرنى خادىم دىجۇرنى خاتىرىسىنى ئەستايىدىل يېزىشى،كىرىپ –چىققانلارنى تىزىملىشى ،دىجرنىلىكنى تاپشۇرۇپ بىرىش ،تاپشۇرۇپ ئېلىش خاتىرىسى ئىنىق بۇلۇش لازىم.دىجۇرنى خادىملار ئۆزئالدىغا ئالمىشىشقا بولمايدۇ.ئالاھىدە ئەھۋال بۇلۇپ ئالمىشىشقا توغرا كەلسە ئىشتىن بۇرۇن مەكتەپ مۇدىرىغا دوكىلات قىلىش لازىم.
(2) مەكتەپ دىجۇرنىلىكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشى،ئائىلىسى ئىچكىردە ياكى شىمالى شىنجاڭدا بولغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دىجۇرنىلىكىنى ئىمكانقەدەر خىزمەت ۋاقتىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ،قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدىكى دىجۈرنىلىكنى ئىمكانقەدەر تەتىلنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرسىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش كىرەك.
13. كىيىىشنى باشقۇرۇش
خىزمەت ۋاقتىدا بەلگىلىمە بويىنچە كىيىنمىگەنلەر بولسا بىرىنچى قېتىمدا مەكتەپ مۇدىرى ئايرىم سۆھبەتلىشىدۇ.ئىككىنچى قېتىمدا مەكتەپ بۇيىنچە ئۇمۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەنقىتلىنىدۇ.ئۈچىنچى قېتىمدا جاڭتەيدە دەرىس سۆزلەش سالاھىيىتى تۇختۇتۇلۇپ ،سەۋەپسىز ئىشقا كەلمىگەنلەر قاتارىدا بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
14.سىياسىي ئىنتىزام
(1) ئوقۇتقىچىلارنىڭ سىياسى مەيدانى قەتئىي مۇستەھكەم بولىشى تەشكىلىي ئىنتىزامدا قاتتىق بولىشى،ئىنتىرنىت تورىدا خالىغانچە سۆز قالدۇرماسلىقى،ياكى ساغلام بولمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلماسلىقى ،ئەگەر يۇقارقى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا قاتتىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.پارتىيە ئەزالىرى بولسا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ.
(2) ئوقۇتقۇچىلار قانۇنسىز ئۈسىن-بۇيۇملىرى ۋە كىتاب-ژورناللارنى ئىلكىدە ساقلىماسلىقى ،ئاڭلىماسلىقى ،كۆرمەسلىكى ،قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىقى لازىم.ئەگەر بايقىلىپ قالسا تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش تۇختامى بىكار قىلىنىدۇ.
(3) ئوقۇتقۇچىلار دەرىجە ئاتلاپ ئەرىز قىلماسلىقى،ھۆكىمەت ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرۋېلىش،جىدەل چىقىرىشقا بولمايدۇ.مەسىلە بولسا دەرىجىمۇ –دەرىجە ئىنكاس قىلىش،ئۆزىنىڭ ئەرىز شىكايىتىنى يوللۇق ئىپادىلەش .ئۇمۇمەن يولسۇزلۇق قىلىپ دەرىجە ئاتلاپ ئەرىز شىكايەت قىلغۇچىلار بولسا ،تەنقىدىي-تەربىيە بىرىلگەندىن سىرىت ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ مەمۇرى ئىنتىزام جازاسى بىرىلىدۇ.پارتىيە ئەزالىرى بولسا، پارتىيە ئىنتىزامى بويىنچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
(4) ئۇقۇتقۇچىلار قانۇن ،قانۇن-قائىدىلەرگە ۋە تۈرلۈك بەلگىلىمە تۈزۈملەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى ،كەسپىنى قىزغىن سۆيىشى ،خالىس تۆھپە قۇشۇشىشى ئىسىل ئەخلاق پەزىلەتنى يىتىلدۇرىشى كىرەك.
بۇ باشقۇرۇش چارىسى تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
ج ك پ خوتەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى كومۇتېتى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-5 17:14:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرخان خانىم ياخشىمۇ سىز ؟   بىزمۇ قاراقاش ناھيىسىدىن   . سىز خۇتەن ناھيىسىدىن ئىكەنسىز   ھەر ئىككى  ناھيىنىڭ ئارلىقى 24 كىلومىتىر   بېرىپ كىلىشكە 20 مىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ . سىلەرنىڭ بۇ ئۇقۇتقۇچىلارنى  رۇخسەت  سۇراش باشقۇرۇش چارەڭلەر بەك ئېغىر بۇلۇپ كىتىپتۇغۇ دەيمەن . بىزگە  بۇنداق بېسىملار كىلىپ قالمىسۇن ھە .  ھەي ئۇقۇتقۇچىلىق   ............
ۋاقتى: 2014-12-5 19:57:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقوتقوچى دىمەك تۈمۈر ئادەم دىمەك ،قانداق قىلىمىز ئەمدى. ئۈزىمىزنىڭ شورى
ۋاقتى: 2014-12-6 00:51:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 13-ئايلىق مائاشىمۇ بارمۇ؟ مەن خىزمەتكە چىققىلى 6 يىل بوپتۇ،ئىسمنى ئاڭلىغان بولساممۇ دىدارىنى كۆرۈپ باقمىدىم.
ۋاقتى: 2014-12-6 13:43:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۈزۈم بەلكىم شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ تۈزۈپ چىقىلغاندۇ ، ئەمما ، ھەر قايسى ئىدارىلەرمۇ پەقەت شۇ بەش كۈنلۈك خىرمەت ۋاقتىدا ئىش بىجىرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى كىسەل كۆرسىتىش دەيلى ۋە ياكى بانكا ياكى ساقچىخانىلاردا شۇنداقلا قاتناش ۋاستىللىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىللىرىدە دەيلى شەنبە يەكشەنبىدە ئىش بىجىرىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن دىگۈدەك يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكا ، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىللىرىنىڭ ئىش بىجىرىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا ، سىزنىڭ كىملىكىڭىز بىلەن قارى يوق ، سەنلەپلا چۈشىدۇ ، ئامال يوق مىڭ تەستە ئالغان ئىككى -ئۈچ سائەتلىك رۇخسەت ۋاقتىدا ئىشنى پۈتتۈرىۋېلىش ئۈچۈن ياۋاشلىق بىلەن خوش دىمەي ئامال يوق …… بىچارە مۇئەللىملەر ……
ۋاقتى: 2014-12-6 18:47:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقوتقوچى دىمەك تۈمۈر ئادەم دىمەك
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش