كۆرۈش: 656|ئىنكاس: 7

چارچىغانسىز، ھەپتە ئاخىرىدا كۈلىۋېلىڭ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇمۇرلار
******
ھېسامكام ئولتۇرغان بىر سورۇندا ئىككىيلەن پو ئېتىشىپ قاپتۇ.بىرى دەپتۇ:
_ۋاي-ۋاي، تۈنۈگۈن بېغىمدىكى ئالمىنى ئورۇندۇققا دەسسەپ ئاران ئۈزىۋىدىم، ئالمىنىڭ يوغانلىقىدا ئورۇندۇق كۆتۈرەلمەي پۇتى سۇنۇپ كەتتى،_دەپتۇ.
يەنە بىرىمۇ بوش كەلمەپتۇ:
_مېنىڭ بېغىمدىكى ئالمىنىڭ ئوخشاپ كەتكىنىنى دىمەمدىغان، ئاران دىگەندە بىرنى ئۈزۈپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويىۋىدىم،ئۈستەل مىجىلىپ كەتتى،_دەپتۇ. گەپنى تىڭشاپ ئولتۇرغان ھىسامكام دەپتۇ.
_مەنمۇ بۈگۈن بېغىمدىكى ئالمامنى ئاران ئۈزۈپ ھارۋامغا سېلىۋىدىم، دىيىشىگىلا ئارىدىن بىرسى چىقىپ:
_ھە، سېنىڭمۇ ھارۋاڭ مىجىلىپ كەتتى دىگىنە،_دەپ كۈلۈپتۇ.
_ياق، ئالمىنىڭ ئىچىدىن بىر قۇرۇت چىقىپ شۇنچىلىك قاۋۇل ئېتىمنى يەۋەتتى،_دەپتۇ.
**********
مېجەزى چۇس بىر ئادەم بار ئىكەن ،بىر كۈنى بۇ ئادەمنىڭ ئۆيىگە مىھمان كىلىپ قاپتۇ .
ئۇ بىر خورىزىنى ئۆلتۈرۈپ مىھمان قىلماقچى بولۇپ،خورازنى قوغلاپ تۇتماقچى بوپتىكەن
خوراز ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ زادىلا تۇتۇق بەرمەپتۇ ،ئۇ ئادەم ئاچچىغىدا باققان مىكيانلىرىنىڭ
ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆگزىدىكى ھېلىقى خورازغا ئاچچىقلاپتۇ :
_ سەن ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرگىلى قويمىدىڭ ،ئەمدى بىر ئۆمۈر بويتاق ياشا !
*******
ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ پۇتى يارىلانغان بىرۆيلەن سوتتا شوپۇرنىڭ 50 مىڭ يۈەن تۆلەم
بىرىشىنى تەلەپ قىپتۇ .شوپۇر :
_ مىنى مىليونىرمىكىن دەپ قالدىڭمۇ ؟_دەپ ۋاقىراپ كىتىپتۇ .
_ .ئۇنداقتا ،مىنى سەكسەنپۇتمىكىن دەپ قاپسەن-دە ؟_دەپتۇ يارىلانغۇچى .
********
ئايالى : مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا چۇقۇم بىر ئايال بار .
ئېرى : ئۇنداقتا ،مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئەرنىڭ ئارقىسىدىچۇ ؟
ئايالى : چۇقۇم بىر توپ ئايال بار .
******
بىر ئايال باغچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ،ئەتراپىدا ئادەم يوقلۇقىنى
كۆرگەندىن كىيىن ،ئۇزۇن ئورۇندۇققا چىقىپ پۇتىنى سوزۇپ ياتتى .بىر ئاز ئۆتكەندىن
كىيىن بىر قەلەندەر ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كەلدى :
_ ھەي ئامرىقىم ،ئىككىمىز بىللە باغچىنى ئايلانساق قانداق ؟
_ كىم سېنىڭ ئامرىقىڭكەن ، ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە ،مەن ئۇنداق تاپتىن چىققان
ئاياللاردىن ئەمەس .
_ ئۇنداقتا ،سىز مېنىڭ كارۋىتىمدا نىمىش قىلىسىز ؟_ دىدى قەلەندەر .
*******
ئېرى ئەتتىگەندە خوتۇنىغا كاپالەت بېرىپتۇ :
_بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى ئادەم بولىمەن .ھەرگىز ھاراق ئىچمەيمەن .
بىراق شۇ كەچلىكى يەنە غەرق مەست ھالەتتە ئۆيگە كەپتۇ ، بۇنى كۆرگەن خوتۇنى
دەپتۇ :
_سىز ئەتتىگەن يېڭىدىن ئادەم بولىمەن ،ھاراق ئىچمەيمەن دىمىگەنمىدىڭىز ؟
ئېرى : _ھەي ،مەن يېڭىۋاشتىن بولىدىغان ئادەمنىڭمۇ مۇشۇنداق ئادەم
بولۇپ قېلىشىنى ئويلىماپتىمەن .
********
مۇئەللىم : سەمەت ،سەن ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىپ ،سوغۇقتىن تارىيىش ھادىسىسىگە
بىر مىسال ئېلىپ باق .
ئوقۇغۇچى : يازلىق تەتىل ئالتە ھەپتە ،قىشلىق تەتىل پەقەت 14 كۈنلا ئىكەنلىكى
بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ .

مەنبە: ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-4 20:46:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-21 12:09  

      ياخشىكەن .بەك ياخشىكەن . شۇنداق ياخشىكەن .
ۋاقتى: 2014-12-5 08:33:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 10:12  

ھەپتە ئاخىرى چارچاپ تۇرغاندا تازا كۈلۋالدىم ، رەھمەت كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا .

باھا سۆز

ئىنكاسىڭىزدىكى خاتا يېزىلغان "http://www.cfp22.com/"سۆزىنى ئوڭشاپ قويۇڭ . تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-5 10:04
ۋاقتى: 2014-12-5 10:04:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۆركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 10:05  
pari يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 08:33
ھەپتە ئاخىرى چارچاپ تۇڭرغاندا تازا كۈلۋالدىم ، رەھمەت  ...


     ئىنكاسىڭىزدىكى خاتا يېزىلغان "تۇڭرغاندا"سۆزىنى ئوڭشاپ قويۇڭ .
ۋاقتى: 2014-12-6 10:16:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن ،ئادەم چارچىغاندا خىلى يىنىكلەپ  قالىدىكەن.
ۋاقتى: 2014-12-6 13:57:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاڭلىماپتىكەنمەن ، راس ياخش يۇمۇر ئىكەن ……
ۋاقتى: 2014-12-9 10:09:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يۇمۇركەن، داۋاملىق كۈلكە ئاتا قىلىپ تۇرغايسىز.
ۋاقتى: 2014-12-19 16:10:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كۈلكىلىك ئىكەن چارچىغاندا ھادۇق ئىلىپ قالدىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش