baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 830|ئىنكاس: 7

تولۇق ئوتتۇرا « خەتتاتلىق» دەرىس تەييارلىقى (16 ھەپتىلىك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تولۇق ئوتتۇرا « خەتتاتلىق» دەرىس تەييارلىقى (16 ھەپتىلىك)

  2008 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ ، گۈزەل سەنئەت دەرسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىرى ئارىسىدىن رەسمى ئورۇن ئالغان 3 يىلدىن بىرى قىسمەن مەكتەپلەردىكى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى-«گۈزەل سەنئەتتىن بەھىر ئىلىش » كىتابىدىكى مەزمۇنلانى ئوقۇتقاندىن باشقا، ئەنئەنىۋى كونا ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بويىچە « رەسساملىق ياكى رەسىم سىزىش » بىلەنلا چەكلىنىپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ، ھەۋىسى ، تالىلىشىغا ئەھمىيەت بەرمەي، بەلگىلەنگەن ئوقۇش سائىتى ، ئوقۇش نومۇرى بىلەن ھىساپلاشماي ، ئوقوغۇچىلارغا بىرىدىغان ئوقۇش نومۇرىنى ماۋسۇم ، يىلغا بۆلۈپلا تەخسىم قىلىپ تاماملايدىغان ئەھۋال ئومۇمى يۈزلىك مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
     تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ 3 يىلدىن بىرىقى يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا گۈزەل سەنئەت دەرىسىدىكى « خەتتاتلىق » دەرىسنى ئوتۈش جەريانىدىكى تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن ئىشلىگەن دەرىس تەييارلىقىمنى ( بىر ماۋسۇملۇق) كەسىپداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچى بۇ دەرىس تەييارلىقىنى لازىم قىلىدىغان كەسىپداشلار QQ  نومۇرۇڭلارنى قالدۇرۇپ قويساڭلەر ئەۋەتىپ بىرىمەن .

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇشلۇقىىدىكى تالالاپ ئوقۇشلۇق « خەتتاتلىق » دەرىسنى ئۆتۈش ھەققىدىكى ئاساس.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ جەھەتتىكى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت دەرىس ئۆلچىمىدە تۆۋەندىكى
بەش يۈرۈش مەزمۇن تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا سۇنۇلغان:

   1.يۈرۈش: گۈزەل سەنئەتتىن ھوزۇر ئېلىش
2.يۈرۈش: رەسساملىق، ھەيكالتىراشلىق
   3.يۈرۈش:  لايىھەلەش، ھۈنەر-سەنئەت
   4.يۈرۈش : خەتتاتلىق، تامغا ئويۇش
  5. يۈرۈش: زامانىۋى ۋاستە سەنئىتى قاتارلىق .

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ « گۈزەل سەنئەت دەرىس ئۆلچىمى» دە،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى 3 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى 54 سائەتلىك گۈزەل سەنئەت دەرىسى ئوقۇشى زۆرۈر، بىر بۆلەكنى تاللاپ ،18 سائەتلىك دەرسنى ئوقۇسا بىر ئوقۇش نۇمۇرىغا ئېرىشىدۇ، يەنى ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن «گۈزەل سەنئەتتىن ھوزۇر ئېلىش» مەزمۇنىنى تاللاپ ئوقۇپ،1ئوقوش نومۇرىغا ئېرىشكەندىن كىيىن  باشقا يۈرۈش مەزمۇنلاردىن خالىغان ئىككى بۆلەك مەزمۇننى تاللاپ ئوقۇپ، يەنە 2ئوقۇش نۇمۇرىغا ئېرىشىدۇ. مۇشۇنداقتا، بەلگىلەنگەن ئۈچ ئاساسى ئوقۇش نۇمۇرىغا ئېرىشىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن .
« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىدىكى يىتەكچى پىكىرى » دە -«ئوقۇتقۇچى يىڭىلىق يارتىش روھى بىلەن ، مەكتەپ ۋە شۇجاينىڭ ئالاھىدىلىگگە ئاساسەن ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تاللىشى،ئۆزگەرتىشى ۋە قايتا ئىجات قىلىشى،ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىجات قىلىش خاراكتىرىدە ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشى،ئەتراپتىكى ماتىرياللارنى قىزىپ ئوقۇتۇشنى موللاشتۇرۇشى، شۇ جايدىكى تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىپ،ئۆزگىچە بولغان گۈزەل سەنئەت دەرسىنى شەكىللەندۈرىشى كىرەك. بۇنداق دەرىس شۇ مەكتەپ دەرىسنىڭ ئاساسىغا ئايلىنالايدۇ ۋە ئوقوغۇچىلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس تۇيغۇغا ئىگە قىلىپ،گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرجىدە يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.» دەپ كۆرسىتىلگەن.

« شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭى دەرىس ئىسلاھاتى گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىدىكى يىتەكچى پىكىرى » ۋە  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۈزەل سەنئەت دەرىس ئۆلچىمىدىن ئىلىندى .
ئېلى ياقۇپ
2012-1-23
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-2-4 12:17:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويسىڭىز ئورتاق پايدىلانساق بولماسمۇ بۇرادەر!
ياكى باشقامەسلە بارمۇ ؟
ۋاقتى: 2012-2-4 14:21:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن مۇشۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويسىڭىز قانداق؟ مۇاپىق جايلىرى بولسا ئورتاق پايدىلانساق.
ۋاقتى: 2013-5-6 22:41:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى چۈشۈرۈش ئادرېسى كۆرۈنمەيدىغۇ  مايبوڭياق ئەپەندىم
ۋاقتى: 2013-12-1 17:37:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
332140192      رەھمەت  سىزگە ،  ماڭا   يوللاپ   بېرەمسىز .ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن.
ۋاقتى: 2014-1-27 22:14:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە ،  ماڭا   يوللاپ   بېرەمسىز
ۋاقتى: 2014-3-15 16:59:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى بىر ياخشى ئەجىر مىھنىتىڭىزنى ئېلىپ كەپسىز ! رەھمەت سىزگە ! بولسا ماڭىمۇ  بىر ئەۋەتكەن بولسىڭىز ،بەك ىۇرسەن بولغان بۇلاتتىم ! كوت كوت نۇمۇرۇم:502239814  ؛رەھمەت .
ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈپ كۈرۈپ باقساق بولغۇدەك
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 11:30, Processed in 1.109473 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش