كۆرۈش: 276|ئىنكاس: 0

يەسلى ۋە مەكتەپ نىزامنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇندەرىجە

بىرىنچى باب: ئۇمۇمىي پرىنسىپ …………………………………………………

ئككىنچى باب: مەمۇرىي باشقۇرۇش …………………………………………………

ئۈچىنىچى باب :ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشىنى باشقۇرۇش…………………………………………

تۆتىنىچى باب : مالىيە ۋە ئارقا سەپ خىزمىتىنى باشقۇرۇش ……………………………

بەشىنىچى باب :مەكتەپ مۇھىتىنى باشقۇرۇش ………………………………………

ئالتىنىچى باب :ئۇقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش …………………………………………

يەتتنچى باب :ئۇقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ……………………………………………

سەككىزىنىچى باب :قۇشۇمچە پرىنسىپ ……………………………………………





***************مەكتەپنىڭ مەكتەپ نىزامنامىسى
بىرىنىچى باب : ئۇمۇمىي پىرىنسىپ
بىرنىچى ماددا : دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، ساپا مائارىپىنى ئاكتپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ، مائارىپنى زامانىۋېلاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى ئۇمىيۈزلۈك يولغا قۇيۇش ،ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتنى ئۇميۈزلۈك يۇقىرى كۈتۈرۈش ، مەكتىپىمىزنى ساغلام ، تەرتىپلىك ، مۇقىم تەرەققىي قىلغان ، سوتسىيالستىك بازار ئىگىلىكى دەۋېرىگە پائال ماسلىشالايدىغان ، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، 21-ئەسرگە يۈزلەنگەن يېڭچە مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ، «جۇڭگۇ كومنىستىك پارتىيەسىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتكى بەلگىلىمىلىرى» قاتارلىق قانۇن نىزاملارغا ئاساسەن ، بۇ نىزامنامە تۈزۈپ چىقىلدى .
ئىككىنچى ماددا : مەكتىپىمىز ئومومىي مۈلكچىلىك ئىگدارلىقىدىكى باشلانغۇچ مەجبۇرىيەت(ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىل يەسلى مائارىپى) مائارىپىدىكى ئالتەيىللىق تۈزۈمدىكى مۇستەقىل باشلانغۇچ مەكتەپ .
ئۈچنىچنى ماددا : « ۋەتەنپەرۋەر بولۇش، مەدەنىي بولۇش، ئىنتىزامچان بولۇش ، تىرىشىپ ئۈگۈنۈش » مەكتەپ ئىستىلى ، «ئىھتىياتچان بولۇش، ئەمەلىي بولۇش ، جانلىق بولۇش ، ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان بولۇش ، يېڭىلىق يارىتالايدىغان بولۇش »نى ئۇقۇتۇش ئىستىلى ، «تىتىك بولۇش ، كۆپلەپ پىكىر يۈرگۈزۈش ، تىرىشپ مەشق قىلىش ، ئەمەلىيەتچىل بۇلۇش»نى ئۈگۈنۈش ئىستىلى قىلىمىز .
تۆتىنچى ماددا : مەكتىپىمىزنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى نىشانى بولسا : قانۇن ئارقىلىق مەكتەپ ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، تەتقىقات ئارقىلىق ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش فاڭجىنى بويىچە، دەرىسلىك قۇرۇلمىسى، ئۇقۇتۇش جەريانى ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ، مەكتەپ شارائىتنى ئۆزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساپاسى ۋە ئالاھىدىلكىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، تىنچ تەرەققىي قىلىپ،مەكتىپىمىزنى تەجرىبىلىك ، ئۈلگىلىك ، باشلامچىلىققا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك ، ئۆزگىچە ئالاھىدلىككە ئىگە مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت .
ئىككىنچى باب : مەمۇرىي باشقۇرۇش
بەشنچى ماددا: مەكتەپنىڭ شىتاتى تۈزۈلىشى مەكتەپ مۇدىرى(يەسلى باشلىقى) ، باش ئوقۇتقۇچى ، ئۇقۇتقۇچىلار قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن .
ئالتىنچى ماددا:مەكتەپ مۇدىرى بولسا مەكتەپنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلى، مەكتەپ مۇدىرى چوقۇم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئېلىش سالاھيتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن ، كادىرلارنى باشقۇرۇش چارسىگە ئاساسەن ۋەزىپىگە قۇيۇلىدۇ ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلىدۇ .
يەتتىنچى ماددا:مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈلمىسى  ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ . مەكتەپ مۇدىرى مائارىپ قانۇن سىياسەتلىرى بەلگىلمىللىرىنى كۈچەيتىپ ،مائارىپ نەزىريىسىنى ئۈگۈنۈپ ،ئۆز-ئۈزىنى كۈچەيتىپ ، باشقۇرۇش سەۋېيەسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ، قانۇنغا تايىنىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈىدۇ . مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولسا :
(1)        دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجىنى ، سىياسىتى ، قانۇن نىزامنامىللىرىنى  ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، سوتسىيالستىك مەكتەپ بەرپا قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ، يۇقىرىنىڭ كۆرسەتمىللىرىنى ئىجرا قىلىش ، توغرا بولغان ئۇقۇتۇش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش ، پۈتكۈل ئۇقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش ، ئۇقۇغۇچىلارنى جانلىق ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئۇلارنى غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان ، ساغلام بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد كىشلەردىن قىلىپ يىتلدۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت .
(2)        پارتيەنىڭ زىياللار ۋە كادىرلار سىياسىتىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ ، ئىشىچى –خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ ، ئۇلارنى سىياسى ئۈگۈنۈش ۋە قېترقىنىپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ ، سىياسىي ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپلا قالماستىن بەلكى كەسپىي ئەخلاق ،مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىقتىدارى ، سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربىيلەش، ياش تايانچ ئۇقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش ،تىرىشىپ ئەخلاقلىق ، قابىليەتلىك ، كەمتەرئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇپ چىقىش .
(3)        پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تايىنىپ ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىدىيۋېى خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش . پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئۆز ئختىيارى بويىچە قوبۇل قىلىش .
(4)        دىمكۇراتىيەنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، ئىشىچى –خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى رولىغا ئەھمىيەت بىرىش. كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى،ئىجادچانلىقىنى جارىي قىلدۇرۇشقا دىققەت قىلىش ، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئۆز ئختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىش .
(5)        رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ، كۈچى ،ئۇمۇميىلىقى ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش ،ھەمكەرلىشىپ ئۆزئارا تۇلۇقلاش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش .
(6)        يۇقىرى دەرىجلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە نازارىتىنى ئۆز ئختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىش .
(7)        مەكتەپنىڭ ئۇمۇيۈزلۈك خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش .
①.مەكتەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات لاھىيەسى ۋە خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ، ھەمدە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش . ھەرقايسى جەھەتلەردىكى پىكىر تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ، مۇناسىۋەتلىك بەلگلىمە ، تەرتىپلەرگە ئاساسەن مەكتەپنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى نوقتىلىق ۋە مۇھىم مەسلىلەرگە قارىتا تەدبىر تۈزۈپ چىقىش .
②رەھبەرلىك ۋە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتگە تەشكىللەش . ئەخلاقنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىقىنى ئورنىغا قۇيۇپ ، بىلىم بىرپ ئادەم تەربىيلەش ، ئادەم باشقۇرۇپ ئادەم تەربىيلەش، مۇلازىمەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش ، مۇھىت ئارقىلىق ئادەم تەربىيلەش خىزمەت فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ ، رەھبەرلەر ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى پىلاننى تۈزۈپ چىقىش، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە تايانچ قوشۇن بەرپا قىلىش ، ئۈنۈملۈلك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ، بارلىق ئوقۇتقۇچى –ئىشىچى خىزمەتچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ، قەتئىي بوشاشىمغان ھالدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي ،ئىدىيۋېى،ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش لازىم .
③ رەھبەرلىك ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتگە تەشكىللەش. ئۇقۇتۇشىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ، دۆلەت بىكىتكەن دەرىسلىك لاھىيەسى ، ئۇقۇتۇش پىروگىرامىسىىغا ئاساسەن ھەرقايسى پەنلەرنى چوقۇم تولۇق تەسىسى قىلىش . ئۇقۇتۇش قائىدە –قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىپ ، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش دائىملىق خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش . بىرىنىچى سەپكە چۆكۈپ ، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرىگەۋە پائالىيەتلىرىگە  توغرا يىتەكچىلىك قىلىپ . ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۈتۈرۈش .
④رەھبەر ۋە تەنتەربىيە ، ساغلاملىق ، گۈزەل –سەنئەت،ئۇچۇر تېخنىكا ئونۋېرسال ئەمەلىيەت تەربىيەسى ۋە دەرسىتىن سىرتقى پائالىيەتلەر . مۇناسىۋەتلىك بۈلۈملەرۋە پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى –ئىشىچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ، كۆڭۈل ئېچىش ، تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلارغا قارىتا نازارەت قىلىپ ئىلگىرى سۈرشىگە بىرلەشتۈرۈپ ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلەردىكى يۈكىنى يىنىكلىتىش ، ئۇقۇتۇش تازلىقى ۋە مۇھىت تازلىقىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئۇقۇغۇچىلاردا ياخشى بولغان تەنتەربىيەئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى ۋە ياخشى تازلىق ئادىتى يىتلدۈرۈش ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ، ياخشى بولغان ئەمگەك تەربىيە بازىسى قۇرۇپ چىقىش .
⑤رەھبەر ۋە ئارقا سەپ تەشكىللەش خىزمىتى . ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسپىغا ئاساسەن ، ئارقا سەپ خىزمىتىنى بىلىم بىرىپ ئادەم تەربىيلەش ۋە ئوقۇتقۇچى –ئىشىچى خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ، مەكتەپنىڭ مال مۈلۈك ۋە مالىيە باشقۇرۇشتا قاتتىق قول بولۇپ ، مەكتەپ قۇرلۇشىنى ياخشىلاپ ، ئوقۇغۇچى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۈلۈپ ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداپ ، مەكتەپ ئۇقۇتۇش شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلاش .
⑥رەھبەر ۋە مەكتەپنىڭ كادىرلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش . ئىشىچى –خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۈتۈرۈپ ،ئىشىچى –خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇش .
⑦ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىگە ئاسەن ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يىشىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 100%ئۇقۇشقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ، ئوقۇش يېشىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرىتىدا قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش .
⑧ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ، تۇيۇقىسىز ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ئوقۇتقۇچى –ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىش .
⑨پىنسىيەگە چىققان ئىشىچى –خىزمەتچىلەربىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈلمىسى ئورنۇتۇش ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ سىياسىي –ئىدىيۋېى ئەھۋالى ،ئائىلە ئەھۋالى قاتارلىقلارغا قارىتا نازارەتچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش .
(8)        مەكتەپنىڭ تەربىيۋېلىك يىتەكچىلىك رولنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، مەكتەپ تەربىيەسى ، ئائىلە تەربىيەسى ، جەمئىيەت تەربىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ، ياخشى بولغان ئادەم تەربىيلەش مۇھىت شەكىللەندۈرۈش .
(9)        پاك –دىيانەتلىك بولۇپ ، پىرىنسىپچان بولۇپ ، باشقىلارغا ئۆلگە بولۇپ ،ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ ، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەش  .
(10)        ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندا ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە خىزمەتنى تاپشۇرۇپ بىرىش ، يۇقىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇلۇش قىلىش .
سەككىزىچنى ماددا : مەكتەپتە مەكتەپ ئەرىزىيەت تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىش ، كوللكتىپچانلىققا ئىگە بولغان مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىش تەشكىلى قۇرۇش .
توققۇزنچى ماددا : مەكتەپ يۇقىرى دەرىجلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ، تەكشۈرۈشى ، تەپتىش قىلىشى ، باھالىشىنى قوبۇل قىلىش لازىم .
ئونىنىچى ماددا :مەكتەپ مال باھا تارماقلىرى ، تەپتىش ئورۇنلىرى ، نازارەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش . جەمئىيەت ،ئائىلە باشلىقلىرى ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇنازىرە ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىش . قەرەللىك ھالدا ئۇلارنىڭ پىكىر –تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش .
ئون بىرىنىچى ماددا: مەكتەپ ئىشىچى –خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئىجراقىلىش . مەكتەپ يۇقىرى دەرىجلىك مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ بەلگلملىرىگە ئاساسەن ، مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، ئىش ئورنى بېكىتىش ، شىتات بېكىتىش ، ئادەم بېكىتىش ، مەسئۇلىيەت بېكىتىش ، خىزمەت مىقدارىنى بىكىتىشتىن ئىبارەت .
ئۇقۇتقۇچىلار يۇقىرى دەرىجلىك كادىرلارتارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمرىگە ئاساسەن توختام تۈزۈپ قوبۇل قىلىندۇ. ئەگەر مەكتەپتە ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىمىغان ، مەكتەپ قائىدە –نىزاملىرىغا بوي سۇنمىغان ئۇقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ قوبۇل قىلمىسا بولىدۇ . قوبۇل قىلىنمىغان ئۇقۇتقۇچىلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن باشقا خىزمەتلەرگە تەڭشىلىدۇ ياكى يۇقىرى دەرىجلىك ئۇرۇنلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىندۇ .
ئۈچنچى باب : ئۇقۇ-ئۇقۇتۇشىنى باشقۇرۇش
ئون ئىككىنچى ماددا : مەكتەپ يۇقىرىنىڭ دەرىسلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش لاھىيەسىگە ئاساسەن دەرىسلىك ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قارىتا باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ . مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش تەلىم –تەربىيە خىزمىتى ،باشقا خىزمەتلەر ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرلىدۇ . مەكتەپ چوقۇم دۆلەتنىڭ ياكى ئاپتونوم رايون تارقاتقان دەرىسلىك ئۆلچىمى ، دەرىسلىك لاھىيەسىگە ئاساسەن ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ .
مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ، تۈرلۈك پائالىيەتلىرى چوقۇم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ، ئەقلىي ، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە يىتىلىشىنى ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئاساس قىلىدۇ .
ئون ئۈچىنچى ماددا :ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى ئورنى غا قويۇش . ھەممە ئادەم ئەخلاق تەربىيچى بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش . بىلىم بىرىپ ئادەم تەربىيلەش ، باشقۇرۇش ئارقىلىق تەربىيلەش ، مۇلازىمەت ئارقىلىق تەربىيلەش ، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى ئاپپاراتى ۋە تورنى شەكىللەندۈرۈپ ، مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ پىلانى بولغان . نىشانى بولغان ،  تەدبىرى بولغان ، ئەمەلىي ئۈنۈم بولغان تەربىيەگە ئايلاندۇرۇش .
(1)        ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى مەكتەپتىكى ھەرقايسى پەنلەرگە سىڭدۈرۈپ ،ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى قۇرۇش ، پىئونىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش .
(2)        «ئۇقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى»ۋە «ئۇقۇغۇچىلار كۈنىدىلىك ھەرىكەت ئۆلىچمى»نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش .
(3)        توغرا بولغان تەربىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ نەتىىجىسى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئاساس قىلىش ، كەمچىللىكلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىش ، ئۇقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك ، تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىك .
(4)        قويۇق بولغان ئەخلاق تەربىيە مۇھىتى ھازىرلاپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى يادرۇ قىلغان مەكتەپ رۇھى يارتىپ ، ئىدىيۋى –ئەخلاق تەربىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈش .
(5)        مەكتەپ مەمۇرىيتى چوقۇم «ئۈچ »نى بىرلەشتۈرگەن ئەخلاق تەربىيە  خىزمىتى تورنى شەكىللەندۈرۈش .
ئون تۆتتىنچى ماددا: ئۇقۇتۇشىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ، ئۇقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇش ، ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئېمتىھان ئۇسۇلىنى  ئىسلاھ قىلىپ ، ھازىرقى زامان ئۇقۇتۇش ۋاستىللىرىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش لازىم .
ئون بەشىنچى ماددا:«دەرىسلىك ئۇقۇتۇش پىلانى»غا ئاساسەن ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ، دەرىسلىك ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ھەرقانداق ئادەم ئۆز مەيلىچە دەرس توختاتماسلىقى ، ياكى دەرسنى ئالماشتۇرۇش ، تەڭشەش ئېلىپ بارماسلىقى لازىم . ئەگەر دەرىسى توختىتىشقا توغرا كېلىپ قالسا يۇقىرى دەرىجلىك ئۇرۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن توختىتىش لازىم .
ئون ئالتىنچى ماددا:ئۇقۇ- ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ، كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش ، ئۇقۇتقۇچىلارنى ئاكتىپلىق بىلەن يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا كىرىشكە تەشكىللەش ، دەرس ئاڭلاش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ سەييارە دەرس ئاڭلاشىنى بۈسۈش ئېغىزى قىلىپ ، ھازىرقى زامان ئىلغار ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى كىڭەيتىش .
ئون يەتتىنچى ماددا: ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى دائىملىق باشقۇرۇش ۋە ئۇقۇتۇشىنى باھالاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تۇتۇپ ، ئۇقۇتۇش پىلانى تۈزۈش ، دەرس تەييارلاش ، دەرس ئۆتۈش ، تەكرار قىلىش ، تاپشۇرۇق بىرىش قاتارلىق ئىنىچكە ھالقىلارنى باشقۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇش .
ئون سەككىزىنچى ماددا: مەكتەپ ئۇقۇتۇش ماتىرياللارىنى بىر تۇتاش زاكاس قىلىش ، ھەرقانداق بىر شەخىس ئۆزى خالىغانچە ئۇقۇغۇچىلارغا ھەرقانداق ئۇقۇتۇش مارتىرياللىرىنى ۋە پايدىلىنىش مارتىرياللىرىنى ،ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا مارتىرياللارنى سېتىشقا بولمايدۇ . ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتش لازىم .
ئون توققۇزىنچى ماددا:مەكتەپ ،سىنىپ مۇدىرلىرى ، دەرس ئۇقۇتقۇچىلىرى قىشىلىق يازلىق تەتىل ،ياكى ھېيت –بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى پۈتۈن سىنىپ بويىچە دەرس تۇلۇقلاشقا ياكى تەكرارغا تەشكىللەشكە بولمايدۇ . ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ .
يىگىرمىنچى ماددا: ئېمتىھان تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ، ئېمتىھان ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يامانلىقنى ئايرىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش .
يىگىرمە بىرىنچى ماددا: 100نۇمۇرلۇق نومۇر تۈزۈلمىسنى ئۆزگەرتىپ ، دەرىجە ئارقىلىق باھالاش تۈزۈلمىسنى يولغا قويۇش ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىنى : ئەلا ،ياخشى ، لاياقەتلىك ، لاياقەتسىز دەرىجىسى بويىچە بىكىتىش .
يىگىرمە ئىككىنچى ماددا: تەنتەربىيە ساقلىقىنى ساقلاش نىزامىغا ئاساسەن ، ئۇقۇغۇچىلارنى دائىملىق تەنتەبىيە ساقلىقىنى ساقلاش پائالىيەتلىرىگە كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇش ، ساغلاملىق تەبىيەسىنى كۈچەيتىش ، ئۇقۇغۇچىلارغا قارىتا قەرەللىك ئەمگەك تەربىيەسى ،گۈزەل سەنئەت تەربىيەسى، جەمئىيەت ئەمەلىيتى تەربىيەسى ، دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت ، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش.
يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا: ئۇقۇتۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش ، ئۇقۇتۇش تەۋەلىكى ئارخىپىنى مۇكەممەل تۇرغۇزۇپ ، يۆتكەلگەن ، ئارەم ئېلىۋاتقان ، باشقا  مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئۇقۇۋاتقان ، تەكرار ئۇقۇغان ئۇقۇغۇچىلارغا قارىتا باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش .
يىگىرمە تۆتىنىچى ماددا: ئۇقۇتۇش ئۈسكۈنلىرى ، ئۇقۇتۇش قۇرال سايمانلىرى ، تەنتەربىيە ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ، كىتاب ماتىرىياللار ، قاتارلىقلارغا بولغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە بۇلارنىڭ رۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىش .
تۆتنچى باب : ئارقا سەپ ۋە مالىيە باشقۇرۇش
يىگىرمە بەشنچى ماددا: ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمىتى،تەتقىقات خىزمىتى،ئوقۇتقۇچى -ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن توغرا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش نۇقتىئىينەزىردە چىڭ تۇرۇپ ، تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ ، پاك دىيانەتلىك ، ئۇچۇق ئاشكارا بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش .
يىگىرمە ئالتنچى ماددا: «ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى» گە ئاساسەن مالىيە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ، ئىقتىسادچان بولۇش ، پىرىنسىپچان بۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، خىراجەتنىڭ خام چوت ياخشى پىلانلاپ ، مۇھىم ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ، خىراجەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈش .
يىگىرمە يەتتنچى ماددا:مەكتەپ قۇرلۇشى ۋە مەكتەپ مۈللىكىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ، مەكتەپ مۈلىكىنى بۇزۇلۇشى ، خورىشى ، يۇقاپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، مەخسۇس تۈزۈم تۈزۈپ باشقۇرۇش ، خەتەرلىك ئۇرۇنلار بايقالسا دەرھال تۈزىتىش ياكى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىش .
يىگىرمە سەككىزىنچى ماددا: مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، مالىيە خادىمى چوقۇم مالىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق بويسۇنۇش ، كىرىم –چىقىمدا ئاشكارا بولۇش ، ئادىل بولۇش ، خىىراجەت چىقىم قىلىشتا  دىمكۇراتىك باشقۇرۇشىنى يولغا قۇيۇپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش .
بەشنچى باب :مەكتەپ مۇھىتىنى باشقۇرۇش
يىگىرمە توققۇزىنچى ماددا:پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى –ئۇقۇغۇچىلار ئىناق –ئىتتىپاق بولۇپ ،بىرنىيەت –بىر مەقسەتتە ئالغا ئىنتىلىدىغان ، مەدەنىي ، ساغلام ، ئىناق بولغان ئادەم تەربىيلەش مۇھىتىنى ھازىرلاش.
ئوتتۇزىنچى ماددا:مەكتەپ ئەمىلىي ئەھۋالىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ ، مەكتەپ قوروسى قۇرلۇشىنىڭ مۇكەممەل تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ، پىلانى بولغان، تەرەققىيات نىشانى بولغان ئاساستا ئاساسىي قۇرلۇش ۋە ئاسراش،باشقۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ، مەكتەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان باغچا شەكلىدىكى مەدەنىي ئورۇن قۇرۇپ چىقىش .
ئوتتۇزبىرىنچى ماددا: مەكتەپ يىللىقلار بويىچە كۆپ خىل شەكىلدىكى مەكتەپ مەدەنىيەت پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇش .
ئوتتۇزئىككىنچى ماددا:پۈتكۈل ئوقۇتقۇچى –ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ساپاسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ ، ئىناق –ئىتتپاقلىشىپ ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان رۇھىنى يىتىلدۈرۈش .
ئوتتۇزئۈچىنچى ماددا: مەكتەپ قوروسىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيىتىش . مۇكەممەل بولغان تازلىق قىلىش ، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈپ چىقىپ ، تازلىق ئەسلىھەلىرىنى ۋاقتىدا تولۇق سەپلەپ بىرىپ ، ئوقۇغۇچى –ئۇقۇتقۇچىلارغا پاكىز بولغان خىزمەت مۇھىتى ۋە ئۈگۈنۈش مۇھىت يارتىپ بىرىش .
ئوتتۇزتۆتىنچى ماددا:مەكتەپ ئىچىدە مۇتۇرلۇق ياكى مۇتۇرسىز قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىمەسلىك ، قاتناش ۋاستىللىرىنى چوقۇم بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا رەتلىك  قويۇش ، سىرتتىن كەلگەن قاتناش ۋاستىللىرىنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا توختۇتۇش، مەكتەپ ئىچىگە قەتئي ئەكىرمەسلىك .
ئوتتۇزبەشىنچى ماددا:سودىگەرلەر ۋە چوڭ كىچىك سېتىقچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ھەرقانداق شەخس ۋە ئۇرۇننىڭ مەكتەپ ئىچىگە يايما تىزىشىغا ياكى يايما توختىتىشىغا مەكتەپ ئىچىدە سودا سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ . مەكتەپ ئەتراپىغا ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق ، بىليارد ، كىنۇخانا ، تورخانا قاتارلىق مەكتەپنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا قەتئىي يول قۇيۇلمايدۇ .
ئوتتۇزئالتىنچى ماددا:مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ، ئوتتىن ساقلىنىش ، ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ، توكتىن ،سۇدىن ، يېمەكلىك قاتالىقلاردىن كەلگەن خەتەردىن ساقلنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ، خەتەرلىك ئامىللار ساقلانغاندا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ، ئوقۇتقۇچى –ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش .
ئالتنچى باب :ئۇقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش
ئوتتۇزيەتتىنچى ماددا:مەكتەپتىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار «ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ھۇقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ .
ئوتتۇزسەككىزىنىچى ماددا : ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزئىختىيارلىقى بىلەن «ئۇقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق  ئۆلچىمى»،«ئوقۇتقۇچى –ئىشىچى خىزمەتچىلەر سۆز ھەركىتىكى يەتتىنى قىلماسلىق» قا قاتتىق ئەمەل قىلىشى ، ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈشى ، ئۆزىنى مائارىپقا بېغىشلىيالىشى ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىشى ، ئۇقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۈيۈشى ، بىلىم بىرىپ ئادەن تەربىيلىشى ، قانۇنى ھىمايە قىلىشى ، ئىتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلىشى ، گەپ سۆز ، يۈرۈش –تۇرۇش ، كىيىنشتە مەدەنيەتلىك بۇلۇشى ، ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەش ، باشقىلار ئۈچۈن ئۈلگە بۇلالىشى لازىم .
ئوتتۇزتوققۇزىنچى ماددا: ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىگە ئاڭلىق بوي سۇنىشى ، ئەستايىدىل دەرس تەييارلاش ، ئەستايىدىل دەرس ئۆتۈش ، ئەستايدىللىق بىلەن دەرس تەكرارلاش . يىل بېشىدا خىزمەت پىلانى بولۇش ، يىل ئاخىرىدا خۇلاسىسى بۇلۇشى ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش .
قىرىقىنچى ماددا : ئۇقۇتقۇچىلار مەسئۇلىيتى تولۇق ئادا قىلىش ، ھەممە بىر نىيەت –بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش .
قىرىق بىرىنچى ماددا : مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشى ، دۆلەت تەمىنلىگەن ھەرخىل سىياىسەت ۋە تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم . مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا تۆھپىسى ئالاھىدە بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىتا، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىش ، ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلىش .
قىرىق ئىككىنچى ماددا : ئۇقۇتقۇچىلار ياخشى بولغان ئۇقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى ھازىرلىشى ، ئاڭلىق ھالدا ئۇقۇغۇچىلارغا ياخشى تەربىيە ئېلىپ بېرىشى ، ئۇقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى ، ھاقارەتلىمەسلىكى ، كەمسىتمەسلىكى ، قالايمىقان ھەق يىغماسلىقى ، سېلىق سالماسلىقى ، ئۆزى خالىغانچە ھەرخىل ماتېرىيال ۋە نەرسە كىرەكلەرنى ساتماسلىقى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەرقانداق سوۋغىتىنى قوبۇل قىلماسلىقى ، ھەقلىق ئائىلە ئۇقۇتقۇچلىقى قىلماسلىقى ، قىمار ئويناش ، شەھۋانىيلىق ، زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتىنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەربىلەن قەتئىي شۇغۇللانماسلىقى لازىم .
قىرىق ئۈچىنىچى ماددا: مەكتەپ دۆلەتنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى بېكىتىش ۋە ئۇقۇتقۇچىلانىڭ كەسپىي تېخنىك ۋەزىپىسىنى باھالاش تۈزۈمىنىگە قاتتىق بۇيسۇندۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ . ئۇقۇتقۇچىلارنى ئېلھاملاندۇرۇش ، تەربىيەلەش ، تۈركۈملەرگە بۈلۈپ خىزمەتتە تۇرۇپ بىلىم ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا تەشكىللەيدۇ.
قىرىق تۆتىنچى ماددا : ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش خىزمەتلىرىدە نەتىجىىسى كۆرنەرلىك بولغان ياكى مەكتەپنىڭ ،شۇ ئۇرۇننىڭ مائارىپ خىزمەتلىرىدە نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىتا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىدۇ.
قىرىق بەشنىچى ماددا:«ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى»،«ئۇقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە خىلاپىلق قىلغان ئۇقۇتقۇچىلار« ئۇقۇتقۇچىلار قانۇنى »نىڭ سەككىزىنچى ماددىسىغا ۋە مەكتەپنىڭ «ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئۈنۈمنى باھالاش چارىسى»گە ئاساسەن بىرتەرەپ قىلىندۇ . ئېغىر بولسا مۇناسىېۋەتلىك قانۇن ئۇرۇنلىرىغا يوللۇنۇپ بىرتەرەپ قىلىندۇ . ئەگەر مەزكۇر قايىل بولمىسا يۇقىرى دەرىجلىك ئۇرۇنلارغا ئەرز قىلسا بولىدۇ .
يەتتىنچى باب :ئۇقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش
قىرىق ئالتىنچى ماددا:مەكتەپ «ئۇقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش قائىدە-تۈزۈملىرى»گە ئاساسەن ، ئۇقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ، خەلىقىنى سۆيىدىغان ، ئەمگەكنى سۆيىدىغان ، ئىلىم –پەنىنى سۆيىدىغان ، سوتسىيالىزىمىنى سۆيىدىغان ، ئاممىۋېى –پۇقرالار ئەخلاقىغا رېئايە قىلىش تۇيغۇسى، كوللىكتىپچانلق تۇيغۇسى ، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ھەق –ناھەقىنى توغرا ئايرىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشىنى مەقسەت قىلىش .
ئوقۇش ، يېزىش ، ئىپادىلەش ، ھىسابلاش ئاساسىي بىلىم ماھارەتلىرىگە ئىگە قىلىش، بەلگىلەك كۆزىتىش ، پىكىر يۈرگۈزۈش ، ئۆزى قول، سېلىپ مەشغۇلات قىلىش ، ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش ، ساغلام بەدەن ۋەدەسلەپكى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا،قىزىقىش دائىرىسى كەڭ بولۇش ، گۈزەللىكىنى سۆيۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش .
قىرىق يەتتىنىچى ماددا: ئۇقۇغۇچىلارغا قانۇندا بەلگىلەنگەن باب –باراۋەر تەربىيەگە ئىگە بولۇش ،تەربىيەلىنىش ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بۇلۇشى ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرى بويىچە تەربىيلىنىشىنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتنى ئادا قىلىش لازىم .
قىرىق سەككىزىنىچى ماددا:نەتىجىسى ياخشى بولغان ئۇقۇغۇچىلار ياكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارغا قارىتا مۇكاپاتلاش ۋە ئېلھاملاندۇرۇش ئېلىپ بېرىش .
قىرىق توققۇزىنچى ماددا : مەكتەپ ئوقۇش يېشىغا تۇشۇپ ئۇقۇشقا كىرگەن ئەمما ئائىلسىنىڭ ئىقتىساىي ئەھۋال قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەردىن مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بۇلالمىغان ئۇقۇتقۇچىلارغا قارىتا ، مەكتەپتكى ئوقۇتقۇچى -ئۇقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۆز-ئارا ياردەم قىلىپ ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش .
ئەللىكنچى ماددا : ئۇقۇغىلارنىڭ تۆۋەندىكدەك ھۇقۇقلىرى بار :
(1)        باب –باراۋەر تەربىيلىنىش ھۇقۇقى . ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ ياكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئادىل بولمىغان پوزىتسىيەسىگە ئۇچىرسا چوقۇم دەل ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا ئەرز قىلش ھۇقۇقى بولىدۇ .
(2)        مەكتەپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى باھالاش ھۇقۇقى بولىدۇ .
(3)        مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە مەكتەپتىكى تۈرلۈك ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئۈسكنلىرنى ئىشلىتىش ، كىتاب ماتىرياللارنى ئوقۇش ھۇقۇقى بولىدۇ .
(4)        ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ياكى ئېمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلارنى باھالاشتە چوقۇم ئادىل بولغان باھالاشتىن بەھرىمەن بولىدۇ . ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلۇمغا ئېرىشىدۇ .
(5)        سىنىپ كادىرلىرى چوقۇم سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلار ۋە سىنىپ كوللېكتىپى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .
(6)        تۈرلۈك قانۇن-نىزاملار ۋە مەكتەپ تۈزگەن تۈرلۈك بەلگىلىمىلەردىكى باشقا ھۇقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ .
ئەللىك بىرىنىچى ماددا : ئۇقۇغۇچىلار ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەر :
(1)        تۈرلۈك قانۇن نىزاملار ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە –تۈزۈملىرىگە بويسۇنىشى لازىم .
(2)        ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرىنى ھۆرمەتلىشى يۇرۇش تۇرۇش گەپ سۆزلەردە مەدەنىي ،ئەخلاقلىق بۇلۇشى ، گۈزەل ئەخلاق يىتىلدۈرۈشى لازىم .
(3)        جاپاغاچىداپ مەشق قىلىش رۇھى بولۇش ، قېترقىنىپ ئۈگۈنۈش ، بەلگىلەنگەن ئۈگۈنۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ، بەلگىلىك بىلىم ۋە ئىستىدادقا ئىگە بۇلۇشى لازىم .
(4)        مەدەنىي ئىنتىزامچان بۇلۇشى ، قالايمىقان تۈكۈرمەسلىكى ، ئۆز-ئارا ئىتتىپاق بۇلۇشى ، قەغەز پارچىسىى ۋە ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلىماسلىقى ، تاملارغا ، ئۈستەل –ئۇرۇندۇقلارغا قالايمىقان رەسىم سىزماسلىقى ، مەكتەپ ئىچىدە ماتۇرلۇق ماتۇرسىز قاتناش ۋاستىللىرىنى مىنمەسلىكى ۋە ھەيدىمەسلىكى ، مەكتەپنىڭ كۆكەرتىش خىزمىتىگە ماسلىشىپ، گۈل-گىياھ ، دەل دەرەخلەرنى ئاسرىشى ، ئاشلىقىنى قەدىرلىشى ، سەت –گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىقى ، خۇراپاتلىققا، دىنغا ئىشەنمەسلكى ، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى ، دىنىي تۈس ئالغان كىيىم –كىچەكلەرنى كىيمەسلىكى ، مىللەتلەرئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقىنى قىزغىن سۆيۈشى لازىم .
سەككىزىنچى باب :قۇشۇمچە پرىنسىپ
ئەللىك ئىككنىچى ماددا : بۇ نىزامنامە مەكتىپىمزدىكى بارلىق ئىشىچى خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، يۇقىرى دەرىجلىك مائارىپ تارماقلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن يولغا قۇيۇلىدۇ .
ئەللىك ئۈچىنچى ماددا :مەكتەپ مۇشۇ نىزامنامىگە ئاساسەن مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە نىزامنامىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ . مەكتەپ قائىدە تۈزۈملىرى ۋە بۇ نىزامنامىنىڭ ئۆز-ئارا زىت كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە مۇشۇ نىزامنامە ئاساس قىلىندۇ .
ئەللىك تۆتىنچى ماددا :تۈرلۈك قانۇن نىزاملاربىلەن بۇ نىزامنامە ئۆز-ئارا زىت كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئاشۇ قانۇن نىزاملار ۋە سىياسەتلەر ئاساس قىلىندۇ .
ئەللىك بەشىنچى ماددا: بۇ نىزامنامىنى چۈشەندۈرۈشكە مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى مەسئۇل بولىدۇ . تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش