[align=left]ئامان ئەپەندىمگە ئوچۇق خەت
نۇرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئامان ئەپەندىم ، ئالدى بىلەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئائىلىڭىزگە خاتىرخەملىك، تۇر مۇشىڭىزغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم : مەن سىزنىڭ«بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ»ناملىق شېئىرىڭىزغا ئوبزور شەكلىدە يازغان « سىزدە شۇنداق كۆز بارمۇ » دىگەن شېئىرنى ئوقۇغاندىن كىيىن ،سىز ئىنكاس شەكلىدە يازغان«سىزدە يەنە كۆز بارمۇ» سەرلەۋھىلىك شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ، ، نۇرغۇن ئويلىنىشلاردىن كىيىن بۇ تېمىنى يېزىش قارارىغا كەلدىم . ئالدى بىلەن بۇ ئۈچ پارچە شېئىرنى يوللاي ، ئاندىن باشقا گەپنى قىلساممۇ بولار.
بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ؟
‹‹ئامان›› ئەپەندىمنىڭ شېئىرى
ھايا نۇرى پارلىسا، ھەر بېقىشتا يۈزىدىن، ساداقەتتىن باشقىسى، كۆرۈنمىسە كۆزىدىن. سايىم بولسام مەيلىتى، چىقماس ئىدىم سۆزىدىن، شۇنداق قىزنى سۆيەتتىم، بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ؟
ئىلمىي پاكىز يۇسۇندا، ئۇتالىسا كۆڭۈلنى، شەيتان گىرە سالغاندا، تۇتالىسا كۆڭۈلنى. چىن ساداقەت سۆيگۈدە، يۇتالىسا كۆڭۈلنى، ئاڭا سۆيگۈ تىلەيتتىم، ھازىر شۇنداق قىز بارمۇ؟
بولسا ئەگەر دىلىدا، ئانچە-مۇنچە ئىمانى، مىللەت ئەخلاق ئالدىدا، يۈرىگىدە پىغانى. بىر ئوغۇلنىڭ ئالدىدا، تىك تۇرغۇدەك ۋىجدانى، شۇنداق قىزغا كۆيەتتىم، قېنى شۇنداق قىز بارمۇ؟
تۆۋەندىكىسى يۇقارقى شېئىرغا ئىنكاس شەكلىدە مەن يازغان شېئىر.
قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟
نۇرى
يەردىن ئالماس كۆزىنى باقسىڭىز گەر يۈزىگە ، ساداقەتتىن باشقىنى سۆزلىمەيدۇ سۆزىدە ، سايىم قىلماس جۈپتىنى ئىمانى بار قەلبىدە، بىزدە شۇنداق قىزلار بار قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟
ھەر بىر قىلغان ئىشىغا چىقىرىسىز باشمالتاق، سۆزلىرىمۇ بەك ئوڭلۇق ئەمەس قىلچە چۇۋالچاق، گېزى كەلسە شەيتانغا ئۇرالايدۇ مىڭ پىچاق، بىزدە شۇنداق قىزلار بار قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟
ھايا، ئىمان، ساداقەت نۇر چاچىدۇ سۆزىدىن، مېھىربانلىق كۆيۈنۈش ئېقىپ تۇرار كۆزىدىن، ھەر تىنىقتا ئۆزگىنى ئارتۇق كۆرەر ئۆزىدىن، سىزدە شۇنداق ئانا بار، قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟
ئانىڭىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ قىزىتىغۇ ئەزەلدىن، يا دادىڭىز سايىمدەك ياش تۆكەمدۇ ئەلەمدىن، يازىۋەرسە ھەر نەرسە تۆكىلىدۇ قەلەمدىن، بىزدە ئېسىل قىزلار كۆپ ،قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟
نىكاھلانغان بولسىڭىز ئىمانسىزمۇ جۈپتىڭىز؟ تېخى بويتاق بولسىڭىز مودىكەشكەن سۆيگۈڭىز، نەق ئۇيغۇرنىڭ قىزىنى كۆرەلمەپتۇ كۆزىڭىز، بىزدە پاكىز قىزلار بار، قېنى سىزدە كۆز بارمۇ ؟
سىزچە ھايا بىلمەمدۇ ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرى، مەختۇم، نوزۇك، رىزۋاننىڭ ئۆچكەنمىدۇ ئىزلىرى؟! مىللەت ، ئىپپەت، ۋىجدانچۈن ئىگىلمىگەن تىزلىرى، بىزدە شۇنداق قىزلار بار قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟
قوبۇل كۆرمەس تەڭىرىم، ئانچە-مۇنچە ئىماننى، ئىشنى پۈتۈن ساق قىلماي ئۇلغايىتتىڭىز گۇماننى، بىلىڭ« شامال ئايرىيدۇ بۇغداي بىلەن ساماننى»، بىزدە ياخشى قىزلار كۆپ سىزدە ياخشى كۆز بارمۇ؟
بۇ ‹‹ئامان›› ئەپەندىمنىڭ ئاخىرقى شېئىرى
سىزدە يەنە كۆز بارمۇ
ئامان
كۆز دىگەن ھايۋاندىمۇ بار،ئىت،ئىشەك،مۈشۈكتىمۇ، كۆز ھىساپلاپ يۈرگىدەكسىز ھەتتا تام تۆشۈكنىمۇ، ئايرىيالماس بۇلۇپ قاپسىز، بىكېرەك–كېرەكنىمۇ، ئۆچەككە كىرگەن پاقىدەك، ئەقلىڭىز ئۆچەكتىمۇ؟ ئىپپەتلىك دەپ سۆيۈپ يۈرۈڭ،تاز،قوتۇر ئىشەكنىمۇ!
نۇزۇك، گۈلەم ھەم رابىيە ساداقەتنىڭ قىبلىسى، ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرىغا ئۈگىنىشنىڭ ئۈلگىسى، قۇچاق ئېچىپ كەلمەكتە تېز،مەينەتچىلىك كۈلبىسى، زورايمىسۇن دىيارىمدا جاھالەتنىڭ گۈمبىزى، ئۇيغۇرۇمنىڭ قىممىتى ساختا خۇلۇق،بىزەكتىمۇ؟!
غەرىپلىشىش ئېقىمىدا بۇلغاندىمۇ ئەقلىڭىز؟ ئىزتىراپلىق ھەق سادانى ئاڭلالمىدى قەلبىڭىز، ماختاشقىلا كۆنۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ئۇ قەلىمىڭىز، ماختىنىشقا ئامراقكەنسىز، ئاكىيۇمۇ ئەسلىڭىز؟ شەمشات كەبى كۆرەركەنسىز،ئازغان ۋە تېرەكنىمۇ!
بىزدە باردۇر: شەرمى–ھايا،ساداقەتنى يار قىلغان، نۇزۇك،گۈلەم روھىنى ئەجرى بىلەن خوش قىلغان! يەنە باردۇر: مەنپەئەتكە ئىپپىتىنى سەر قىلغان، ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرىنىڭ شۆھرىتىنى يەر قىلغان! پەرق ئەتمەس بۇلۇپ قاپسىز،گۈل بىلەن تىزەكنىمۇ!
خوتۇنىڭىز بەرگەن يانفۇن قوينىڭىزدا سايرامدۇ؟ ئولتۇرۇشتىن قايتقاندا ئۇ،ئېغىز–بۇرنى ساغلامدۇ؟ تاتلىققىنا ئەركىلەپ شوخ، كۆڭلىڭىزنى ئالامدۇ؟ قانائەتتىن بى مەھەلدە خورىكىڭىز باشلامدۇ؟ روھىڭىزنىڭ يىلتىزى ئەخلەت–چاۋا،پۈچەكتىمۇ؟!
مىڭ ماختىساق تۈگىمەيدۇ،مىللىتىمنىڭ خىسلىتى، ماختىغانغا تۈزۈتىلمەس، مىللىتىمنىڭ ئىللىتى، مىللىتىمنى چىرمىۋالدى، ئۆسمىلەرنىڭ كۆپ خىلى، ئۆتكۈر بۇلۇش كېرەكتىقۇ، ئوپىراتسىيە پىچىقى، ئۇيغۇرۇمغا سۆيگۈ بار، سىزدىن بۆلەك يۈرەكتىمۇ!
مىللىتىمنىڭ ئىللىتىنى كۆرىدىغان كۆز بارمۇ؟! تۈزۈتىشكە ئۆتكۈر پىكىر،مەسلىھەت ۋە سۆز بارمۇ؟! ئاكىيۇنىڭ ئەۋلادىغا مۇنبەرلەردە تۆر بارمۇ؟! روھى پۈچەك،ھەزىلكەشنى كۆمىدىغان گۆر بارمۇ؟! بىلىۋېلىڭ سايىڭىز بار،نەۋرەم ئېتقان چۆچەكتىمۇ!
كۆز دىگەن ھايۋاندىمۇ بار،ئىت،ئىشەك،مۈشۈكتىمۇ، كۆز ھىساپلاپ يۈرگىدەكسىز ھەتتا تام تۆشۈكنىمۇ، ئايرىيالماس بۇلۇپ قاپسىز، بىكېرەك–كېرەكنىمۇ، ئۆچەككە كىرگەن پاقىدەك، ئەقلىڭىز ئۆچەكتىمۇ؟ ئىپپەتلىك دەپ سۆيۈپ يۈرۈڭ،تاز،قوتۇر ئىشەكنىمۇ! ئۇيغۇرۇمنىڭ قىممىتى ساختا خۇلۇق،بىزەكتىمۇ؟! شەمشات كەبى كۆرەركەنسىز،ئازغان ۋە تېرەكنىمۇ! پەرق ئەتمەس بۇلۇپ قاپسىز،گۈل بىلەن تىزەكنىمۇ! روھىڭىزنىڭ يىلتىزى ئەخلەت–چاۋا،پۈچەكتىمۇ؟! ئۇيغۇرۇمغا سۆيگۈ بار، سىزدىن بۆلەك يۈرەكتىمۇ! بىلىۋېلىڭ سايىڭىز بار،نەۋرەم ئېتقان چۆچەكتىمۇ! تونۇۋېلىڭ ئۆزىڭىزنى، مۇنبەردىكى رۇجەكتىنمۇ!!!
خوش،-ئامان ئەپەندىم ، يۇقارقى شېئىرلارنى ئوقۇپ قانداق ھېسىياتقا كېلىپ قالدىڭىز ؟ سىز نېمە دەپسىز، مەن نېمە دەپتىمەن؟ سىز باشتىكى شېئىرىڭىزدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ھايانى بىلمەيدىغان ، ساداقاتنى ئۇقمايدىغان ، كۆڭۈل ئۇتۇشتى خەۋىرى يوق ، شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى بىلمەيدىغان ، ئىمانسىز ، مىللەت ۋە ئەخلاق ئالدىدا ۋىجدانى يوقاتقان ،شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تىك تۇرالمايدۇ دەپسىز . شۇنداقمۇ؟ سىزگە« شىنجاڭ» دېگەن بۇ ئۇيغۇر زىمىنىدىن شۇنداق قىز چىقمىغاچ«شۇنداق قىزنى سۆيەتتىم، بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ؟»،«ئاڭا سۆيگۈ تىلەيتتىم، ھازىر شۇنداق قىز بارمۇ؟»،«شۇنداق قىزغا كۆيەتتىم، قېنى شۇنداق قىز بارمۇ؟» دەپ قاخشاپسىز. مەن ئۇنۇڭغا جاۋابەن شېئىر يازسام، مەن يازغان شېئىرنىڭ 4-،5- كوبلىتلىرىنىڭ سىزگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى يېزىپسىز، ئەمدى سىزدىن سوراپ باقاي، ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىڭ.
ئانىڭىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ قىزىتىغۇ ئەزەلدىن، يا دادىڭىز سايىمدەك ياش تۆكەمدۇ ئەلەمدىن، يازىۋەرسە ھەر نەرسە تۆكىلىدۇ قەلەمدىن، بىزدە ئېسىل قىزلار كۆپ ،قېنى سىزدە كۆز بارمۇ؟
نىكاھلانغان بولسىڭىز ئىمانسىزمۇ جۈپتىڭىز؟ تېخى بويتاق بولسىڭىز مودىكەشكەن سۆيگۈڭىز، نەق ئۇيغۇرنىڭ قىزىنى كۆرەلمەپتۇ كۆزىڭىز، بىزدە پاكىز قىزلار بار، قېنى سىزدە كۆز بارمۇ ؟
مانا بۇ مېنىڭ شېئىرىمنىڭ 4-،5- كوبلىتى ، سىز ئۆزىڭىز يازغان شېئىرغا سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىڭ ، مېنىڭ دېگىنىم خاتامىكەن؟ سىز شۇنچە تىللىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچىدە ئاپىڭىز ، ئاچىڭىز، سىڭلىڭىز، ھالال جۈپتىڭىز، قىزىڭىز ، يوقمۇ؟ ياكى ئۇلار بۇ مىللەتتىن ئەمەسمۇ؟! سىز يەنە «بولسا ئەگەر دىلىدا، ئانچە-مۇنچە ئىمانى،» دەپسىز. دېمەك، سىزگە ئىمانى پۈتۈنلەر ئۇچىرىمىغاچ ‹‹ئانچە-مۇنچە ئىمانى بولسىمۇ مەيلىتى›› دېمەكچىمۇ؟ قايسى دىننىي كىتاپتا ئىماننى ‹‹ئانچە-مۇنچە›› بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ دەپتۇ؟ سىز ئۆزىڭىز ھەممە گەپنى دەۋېلىپ ، ‹‹ئۇنداق ئەمەس مۇنداق›› دېگۈچىلەرنى ئىت - ئېشەككە ئوخشاتسىڭىز، ئوز مىللىتىدىن سەسكەنگەن ، ئۆز مىللىتىنى ھاقارەتلىگەن ئادەملەرنى نېمە دەيمىز؟! سىز ئاخىرقى شېئىرىڭىزدا بىر يۇمىلاپلا ‹‹مىللەتپەرۋەر›› بولىۋاپسىز، ئەمما ئاساسىي مەخسىدىڭىز مېنى تىللاپ پۇخادىن چىقىش ئىكەن ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەر-بىر كوبلىت شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسىنى بىر يەرگە يىغىپ قويمىغان بولاتىڭىز. ياكى بۇ سىزنىڭ شېئىرىيەتتە ياراتقان يېڭىچە ‹‹ئۇسلۇب››ىڭىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن شېئىرنى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايمەن!
كۆز دىگەن ھايۋاندىمۇ بار،ئىت،ئىشەك،مۈشۈكتىمۇ، كۆز ھىساپلاپ يۈرگىدەكسىز ھەتتا تام تۆشۈكنىمۇ، ئايرىيالماس بۇلۇپ قاپسىز، بىكېرەك–كېرەكنىمۇ، ئۆچەككە كىرگەن پاقىدەك، ئەقلىڭىز ئۆچەكتىمۇ؟ ئىپپەتلىك دەپ سۆيۈپ يۈرۈڭ،تاز،قوتۇر ئىشەكنىمۇ! بۇ مىسرالار نېمىدىگەن توغرا يېزىلغان-ھە! ئۇيغۇرۇمنىڭ شۇنچە ئېسىل قىز-چوكانلىرىنى پەرىق قىلالمىغان كوز ئەلۋەتتە شۇنۇڭغا لايىق.
خوتۇنىڭىز بەرگەن يانفۇن قوينىڭىزدا سايرامدۇ؟ ئولتۇرۇشتىن قايتقاندا ئۇ،ئېغىز–بۇرنى ساغلامدۇ؟ تاتلىققىنا ئەركىلەپ شوخ، كۆڭلىڭىزنى ئالامدۇ؟ قانائەتتىن بى مەھەلدە خورىكىڭىز باشلامدۇ؟ روھىڭىزنىڭ يىلتىزى ئەخلەت–چاۋا،پۈچەكتىمۇ؟ !
بۇ مىسرالىرىڭىزغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. ھەر كىم دېسە كۆز ئالدىدىكىنى دەيدۇ.ئاللا خالىسا خوتۇنۇم‹‹ ئانچە-مۇنچە›› ئەمەس- خېلىلا ئىمانلىق، بەش ناماز ئايال. چاي ؛ ئولتۇرۇشلارغا ئەزەلدىن قاتنىشىپ باققان ئەمەس.(ئاللا ئۇنۇڭغا رەھمەت قىلسۇن) «روھىڭىزنىڭ يىلتىزى ئەخلەت–چاۋا،پۈچەكتىمۇ؟!» بۇ مىسراغا كەلسەك، بۇ سوئالنى مەندىن ئەمەس ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ.
باشقا مىسرالاردا ئۇيغۇرۇمنىڭ ياخشى ئەخلاقى-سۈپەتلىرى مەدھىيلىنىپتۇ ۋە يامىراۋاتقان ئىللەتلەر قامچىلىنىپتۇ، ئارتۇقچىلىقلار شۇنداق مەدھىيلىنىشى، يېتەرسىزلىكلەر قامچىلىنىسشى كېرەك، چۈنكى بۇ مىللەت بىزنىڭ پەخىرىمىز، بۇ مىللەت بىزنىڭ بارلىقىمىز، بۇ مىللەت بىزنىڭ كېلەچىكىمىز. بۇ مىللەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ھەممىمىز مۇھتاج. سىز سۆزلىرىڭىزدە ئىلگىرىكى «بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ»دېگەن شېئىرىڭىزدا مىلىتىمىزدىكى ئىللەتنى قامچىلىغانلىقىڭىز ھەققىدە توختىلىپسىز. توغرا قامچىلاش كېرەك. ئەختەم ئۆمەرمۇ يەتكىچە قامچىلىغان. ئۇ شۆھرەت قازاندى ، ئەمما قىسمەن ئۇيغۇرلار ئۆز پېتى، يەنىلا شۇ مودىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتىدۇ، توختاپ قالغىنى يوق، ئەسئەت سۇلايمان ‹‹ئۆزلۈك ۋە كىملىك ›› ھەققىدە توختالدى ، ئەمما قىسمەن ئۇيغۇرلاردا يەنىلا ئ ۆزلۈك ئۇقۇمى مەۋجۈت ئەمەس.... بۇ قىسمەنلىكلەرنى ئومۇمىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بىراقلا ئارتىپ قويساق توغرا بولماس. ئەڭ ياخشىسى بىزخاتالىقنى پۇتۇن بىر مىللەت بويىچە ئەمەس، بەلكى، بىر ئائىلە بويىچە مەسئۇل بولۇپ تۈزەتسەك ، ئۆزىمىز كانىيىمىزغا كەلگۈچە پاتقاققا پېتىپ يېتىپ تۇرۇپ ، ئۆزىمىز قۇتۇلۇشقا ھەركەتلەنمەي، بار ئاۋازىمىز بىلەن « مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار، مەن ئۆلىدىغان بولدۇم» دەپ توۋلىساق باشقىلار بىزگە ئىچ ئاغىرىتىپ قاراپ تۇرىدۇ ، قۇتۇلىشىمىز ئۈچۈن ئارقان ۋە ياكى باشقا نەرسىلەرنى تاشلاپ بېرىشى مومكىن ، ئەمما پىداكارلىق بىلەن جان سېلىپ بەرمەيدۇ. شۇڭا ئىللەتلەردىن ۋايساۋەرمەي، ئۇنى تۈزۈتىش ئۈچۈن، ئائىلىمىزدىن،بالىلىرىمىزدىن باشلىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن. گېپىمنىڭ ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلىشىڭىزنى سورايمەن. ئىجادىيىتىڭىزگە يېڭىچە نەتىجىلەر يار بولسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-30 19:10
|