| دۆلىتىمىزدە دۆلەت كۈچىنىڭ كۈچلۈك -ئاجىزلىقى ئىختىزادى تەرەققىياتنىڭ ئېشىپ بېرىش -بارماسلىقى ، بارغانسىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى . زىيالىلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە باغلىق بۇلۇپ قالدى-- -------- بۇ مۇھاكىمە دەسلەپكى قەدەمدىلا دۆلەتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتنى كۆزدە تۇتۇپ باشلىنىپتۇ،دىمسىمۇ بۇ ئىككى تەرەپ جوڭگو بولسۇن ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەر بولسۇن،ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن ئەڭ ھالقىلىق ۋە مۇھىم تەرەپتۇر.چۈنكى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئىشىپ بارسا ئۇنىڭ تەرەققىياتى زورىيدۇ، تەرەققىياتى زورايسا دۆلەتنىڭ تىخنىكىسى،كۈچى ئىشىپ بارىدۇ. ئەمدە بۇ يەردىكى تەھلىل ئىلىپ باردىغان،ئوتتورغا قويۇلغان مەسلە بولسا ‹‹ ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىساسلىقلارنىڭ،زىيالىيلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتىگە باغلىق بولۇپ قالدى›› دىگەن مەسلە بوپتۇ. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى شۇ دۆلەتتىكى ئەمگەكچىلەر، تىجارەتچىلەر ۋە شەخسى كان-كارخانىنىڭ كۆپلەپ ئىچىلىپ تاشقى سودا ئىلىپ بىرىشى،ئىقتىساسلىقلار،زىيالىيلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر،بۇنىڭلىق بىلەن بىرگە يەنە ئۇلاردا مۇھىم بولغان مەدىنيەت ساپا قارشى ۋە مەسئۇلىيەت قارشىغا باغلىقتۇر، ساپا قارشى دىگەندە مەيلى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بولسۇن،كان- كارخانچى بولسۇن ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورونلىرى بولسۇن ئۇلاردا ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان مەلۇم سەۋىيدىكى ئاڭ - سەۋيە قارىشى،مەدىنيەت-ساپا قارشى بولۇشى كىرەك،ئۆز ئىشلەچىقىرىشىغا توغرا پوزىتسىيە ۋە توغرا مۇئامىلە قارشى تۇرغۇزۇشى تىخىمۇ مۇھىمدۇر. مەسئۇلىيەت قارشى بولسا، ھەرقانداق بىر ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە دۆلەت ئىگىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورنى،شەخشى ئىشلەپچىقرىىش ئورۇنلىرى ۋە باشقا زىيالىيلار بولسۇن ئۆز خىزمىتىنى توغرا تونۇپ، شۇ ئىشلەپچىقرىىشقا بولغان مەسئۇلىيتىنى كۈچەيتىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالاقە ئىلىپ بىرشىى كىرەك. ئەمدە بىر دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ ئىشىپ بىرشى ئۈچۈن،ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىشىپ بىرشى ئۈچۈن شۇ دۆلەتتىكى ھەر بىر پۇخرا ياكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى،ئىشلەپچىقىرىش شىركەت،كارخانچىلار ئۆز مەنپەئەتى بىلەنلا بوپ قالماي شۇ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش بىلەن بىرگە دۆلەتكە ياكى دۆلەت تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ يوق بۇنى ئويلاش كىرەك.ئۆز خىزمىتىگە بولغان ئەقىدىسى كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە شۇ خىزمەتتىن،ئەمگەكتىن زادى قانچىلىك نەتىجە-ئۈنۈم كۆرۈلدىغانلىقىنى ئويلاش تىخىمۇ مۇھىم. بىر دۆلەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچى،ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىشىپ بىرشىغا تىخىمۇ تۈرىتكىلىك رول ئوينايدۇ،چۈنكى ساپاسى يۇقىرى بولدى دىگەنلىك يىڭلىق يارتىشقا بولغان تەسىرى ۋە نەتىجە يارتىشقا بولغان تەسىرى ئىشىپ بارىدۇ. ئەمدە زىيالىيلارنىڭ سانى ئىشىپ بىرىپ،ئەمگەكچىلەرنىڭ سانى ئىشىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ ساپا،سەۋىيسى،مەسئۇلىيتى،ئەقىدىسى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۆزى ھەم دۆلەتكە بولغان تەسىرى يەنىلا ياخشى بولمايدۇ،ئۆزى ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنى ئارقىدا قويىدۇ،بۇلار بولسا دەل ئۆز مەنپىئەتىنىلا ئويلايدىغان.دۆلەتتىن،ياكى ھەر تۈردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىن ئۆزىگە ناتوغرا ئۇسسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئاقىۋەت پاسسىپ ئورۇندا قالدىغانلاردۇر،شۇڭا بىرىنجى قەدەمدە ئۇلاردا چوقوم مەدىنيەت - ساپاسى بولۇش تەلەپ قىلىندۇ،ئەقىدىسى توغرا، كۈچلۈك بولۇش ، يىڭلىق يارتىش روھىغا باي بولۇش تىخىمۇ تەلەپ قىلىندۇ. يەنە بۇلار ئومۇملىشىپ ئىيىىتقاندا شۇ دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ، باشقۇرلۇشى،قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ نورمال ئىجرا قىلنىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك،بوپمۇ تەرەققىيات ۋە كۈچنىڭ ، ساپانىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشى مائارىپ سىستىمىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسەۋەتلىكتۇر، مەيلى ئىقتىساسلىق خادىملار بولسۇن،زىيالىيلار بولسۇن،دۆلەت ئىگىلىدىكى ۋە شەخسى ئىگىلىكتىكى ئورۇنلار بولسۇن ئۇلار مائارىپتىن ئايرىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىلىپ بارغان ئەمەس. دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى،ئىجرا قىلنىشى ياخشى بولسا،مائارىپ قەلىمى كۈچلۈك،ئەمىليەتنى تەلەپ قىلىپ،تەھلىك قىلىشى كۈچلۈك بولسا دۆلەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان ئىقتىساسلىقلار،ساپالىقلار كۆپلەپ ئىشىپ بارىدۇ،مائارىپتىن چىكىنگەن،ئۆز مائارىپىنى تاشلاپ قويغان،خارلىغان دۆلەت ياكى شەخىس شۇ دۆلتىنى ۋەيران قىلىدۇ،خاراپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا مائارىپ بولسا بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ،كۈچلۈك ئاجىز بولۇشنىڭ بىردىنبىر مۇھىم ھالقىسى. دۆلەت مائارىپنى توغرا ئۇسسۇل بويىچە يىتەكلىشى،مائارىپقا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاشۇرشى،ئەمىليەتنى چىقىش نوقتىسى قىلغان ئاساستا ئىقتىساسلىق،سەۋيەلىك ئوقوتقۇچىلار قوشۇننى زورايتىشى كىرەكتۇر. شۇڭا تۆۋەندە مۇھاكىمە قىلىنغان مەسلە ھەرگىزمۇ بىرسى-بىرسىدىن ئايرىلغان مەسلە ئەمەس، ئىقتىساسلىق سانى،زىيالى سانى كۆپلەپ بولۇشى، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ساپاسى ۋە مەدىنيەت قارشى يۇقىرى بولۇشى مۇھىم مەسلىدۇر. بۇلارنىڭ رولنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرش ئۈچۈن يەنىلا ئۇلارنى مائارىپتىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ. مائارىپتىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ دىگەنلىك دكلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن.دۆلەت كۈچى ئۈچۈن ئۇل سىلىش بىلەن ئوخشاش دىمەكلىكتۇر. ------- قىسقىچە بولسىمۇ چۈشەنچەمنى دەپ ئۆتتۈم.يىتەرسىزلىكلەر ۋە تولۇقلىما بولسا ئىبىرەت بولغۇسى! |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|