كۆرۈش: 346|ئىنكاس: 0

6- ئاخىرقى دەرس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
6- ئاخىرقى دەرس

داۋدېت

يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش

مەشىقنىڭ 20- بەتتىكى پارچىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ بىرىڭ.
1-موماي ئوغلىنىڭ ھايات- ماماتىنى نېمە ئۈچۈن « تىل» غا باغلاپ چۈشەندۈرىدۈ؟
2- موماي « ئوغلۇم ئۆلۈپتۇ » دەيدۇ؟ سىزنىڭچە، ئوغلى راستىنلا ئۆلگەنمۇ؟
3-كۆپ تىل بىلىش شەرەپلىك تۇرسا موماي نېمە ئۈچۈن خاپا بولىدۇ؟

ئوقۇتۇش نىشانى:

چۈشىنىش: « ئاخىرقى دەرس» نىڭ فرانىسقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، ئىددىيىسىدە قانداق بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى چۈشىنىش.ھېكايىدىكى تىل تەسۋىرى ، ھەرىكەت تەسۋىرى ۋە پسىخىكىلىق تەسۋىرنىڭ رولنى چۈشىنىش.
ئەستە ساقلاش: ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى،ژانىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلاش.
قوللىنىش:ئانا تىلىنى قەدىرلەش، كۆپ تىلىغا پىششىق بولۇش.
ئوقۇتۇش قوراللىرى:دەرسلىك كىتاب، يانداشما مەشىق.
ئۆگىنىش ئۇسۇلى:ئوقۇش، تەشكللەش، شەخسلەر ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، گورۇپپىلار ئارا مۇزاكىرىگە تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش،قوزغىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش.
مۇھىم نوقتا: تېكىستنىڭ مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش،ئانا تىلىنى قەدىرلەش، كۆپ تىلغا پىششىق بولۇش.
قىيىن نوقتا: ھېكايىدىكى تىل تەسۋىرى ، ھەرىكەت تەسۋىرى ۋە پسىخىكىلىق تەسۋىرنىڭ رولنى رولىنى ئىگەللەش.

ئىددىيىۋى تەربىيە نىشانى:

بۇ ھېكايىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە كۆپ تىلىنى پىششىق بىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە تەربىيە بىرىلىدۇ.

1-ئالدى بىلەن يانداشما مەشىقتىكى بىرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ، تەييارلىق سىنىقىدىكى سوئاللار ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.

2-تېكىست ئۈلگە قىلىپ ئوقۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنى روللارغا بۆلۈپ ئوقۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەسەر مەزمۇنىنى قايتا بايان قىلىشقا رىغبەتلەندۇرىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە سۆزلەش قابىلىيىتى ئاشۇرۇلىدۇ.

3- ئەسەردىكى كۆپ ئوچرىمايدىغان سۆزلەرنى چۈشەندۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل بايلىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

4-ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ژانىرى، ئاپتۇرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

5-«ئەڭ ئاخىرقى دەرس» ئۇنىڭ ئۆگىنىش، مۇئەللىم، ۋەتەنگە بولغان ئىددىيىۋى ھېسىياتىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلالىدى؟خەنمەيىر ئەپەندى نېمە ئۈچۈن شۇ سائەتلىك دەرستە ئۆزىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بالىلارغا ئۆگۈتىۋەتكۈسى كېلىدۇ؟فرانىس ئەڭ ئاخىرقى شۇ سائەتلىك دەرستە خەنمەيىر ئەپەندى سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى نېمە ئۈچۈن ئاسانلا چۈشىنىۋالىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئانا تىلىنى پىششىق بىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6- « ئىزدىنىش ۋە مەشىق» تىكى 2- تەلەپتىكى سوئاللارغا ئاساسەن ئۆز كۆز قارشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.
بۇ سوئاللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى،ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش، ئۆزنىڭ كۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويغۇزۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا ئۈندەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئانا ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ئانا تىلىنى پىششىق بىلىش ۋە ئۆگىنىش، ۋەتەن ،خەلق ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش ھەققىدە تەربىيە بىرىلىدۇ.

7-تېكىستتە فرانىس بىلەن ھاممۇر ئەپەندىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا بىر- بىرىگە ئىچ ئاغرىتشقان، تېكىستىنى تەپسىلىي ئوقۇش ئارقىلىق، بۇ ئىككى خىل « ئىچ ئاغرىتىش» تا ئىپادىلەنگەن ھېسىياتنىڭ قانداق ئوخشىماسلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ ؟
ئوقۇغۇچىلارنى گورۇپپىلار بۇيىچە مۇھاكىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇزۇش ئارقىلىق بۇ ئىككى خىل «ئىچ ئاغرىتىش» ئىپادىلەنگەن ھېسىيات خۇلاسلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆز ۋەتىننى قوغداش، خەلقنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش لازىملىقى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلدۇ.

8-سىز ئانا تىلنى، ئانا ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟
بۇ سوئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم- پەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تويغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش چۈشەنچىسى يۇقىرى كۆتۈرۇلىدۇ.

9-« ۋاقتىڭ كەتتى، بەختىڭ كەتتى»، « بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىب»، «نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق» قاتارلىق ماقالىلار شاكىچىك فرانىسنىڭ خاراكتىرىنى ئېچىپ بىرەلەمدۇ؟
بۇ سوئاللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشنىڭ لازىملىقى، بىلمىدىم دەپ ئولتۇرماي سوراپ ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىنىڭ لازىملىقى، باشقىلار نەسىھەت قىلغاندا ئاچچىقلانماي تەربىيەنى قوبۇل قىلىشنىڭ لازىملىقى ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دوسكا لايھىسى:
                           ←                 ←               ←                                  ←.

دەرستىن كېيىنكى تەسىرات:





     
تەستىقلىغۇچى:

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش