كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 0

لوپنۇر يوقالغان كۆل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دەرس ئۆتكۈچى – گۈلبىرە تۇرسۇن(تۇخسۇن ناھىيەلىك 1-ئۇتتۇرا مەكتەپ)

لوپنۇر – يوقالغان كۆل
ۋۇگاڭ

( ئەسكەرتىش؛ بۇ تىكىست تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىقلارنىڭ  تىل –ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن . ئەسلى ئىككى ئوقۇتۇش سائىتى قىلىپ لاھىيىلەنگەن . بىرىنچى ئۇقۇتۇش سائىتىدە تىكىت ئۇقۇتۇلۇپ ، تىكىت مەزمۇنى ئۆزلەشتۇرۇلىدۇ ھەم چۈشىنىكسىز سۆز – ئىبارىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈلىدۇ ، ئىككىنچى سائىتىدە كونكىرت مەسىللەر تەھلىل قىلىندۇ . قولىڭىزلاردىكى دەرسلىك پىلانى ئىككىنچى سائەتلىك ئوقۇتۇش پىلانى . ۋاقىت چىقىرىپ كۆپ ۋاستىلىك دەرس تەييارلىقىنى يوللاپ قۇيمەن،يەنى فىلىم ھالىتىدە )

ئۇقۇتۇشتىكى مۇھىم نوقتىلار ؛
•    1. لوپنۇر كۆلىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۇشى توغرىسدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش؛
•    2.لوپنۇر كۆلىنىڭ يوقىلىش سەۋەبىنى بىلىش ؛
•      3.‹لوپنۇر تىراگىدىيىسى›دىن چىقىپ ، ئەتراپىمىزغا ۋە ئۆزىمىزگە ‹دىئاگنوز› قۇيالايدىغان بۇلۇش.

مۇھىم نوقتىسى :
ئوقۇغۇچىلارغا مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش .
  
قىيىن نوقتىسى ؛
لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كىتىش سەۋەبىنى بىلدۈرۈش .

ئوقۇتۇش جەريانى:
دەرستىن بۇرۇنقى سىناق:
ئالدى بىلەن تۈۋەندىكى سۇئاللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار  دەرس مەزمۇنىغا يىتەكلىندۇ ؛
  1. لوپنۇر كۆلى قەيەرگە جايلاشقان ؟
  سۇئال قۇيۇلۇپ ، خەرىتىگە يىتەكلىندۇ ،ئېكراندىكى خەرىتىدىن لوپنۇر كۆلىنىڭ جايلاشقان ئورنى تاپتۇرۇلۇپ خۇلاسسە قىلىندۇ .
2.لوپنۇر كۆلى قانداق كۆل ؟
تىكىست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ لوپنۇر كۆلىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى بايان قىلىش تەلەپ قىلىندۇ ؛
3. تۈۋەندىكى سېخىمىدىن  لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى كۆرسىتىپ بىرەلەمسىلەر ؟
  ئىكراندىن لوپنۇر كۆلىنىڭ سىخىمىس كۆرسىتىلىپ ، لوپنۇر كۆلىگە مەنبە بولغان دەريالارنى كۆرسىتشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسسە قىلىندۇ .

نىشاننى ئەمىللەشتۈرۈش باسقۇچى  
1.لوپنۇر كۆلىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۇشى توغرىسدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش؛
ئۇسۇل ؛ سۇئال قۇيۇش ، قىسقا فىلىم كۆرسىتىش ، تەھلىل قىلغۇزۇش ، خۇلاسسىلەش
1 ) ساۋاغداشلار تىكىستتە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھالىتى تەسۋىرلەنگەن ، ئەمدى سىز لوپنۇرنىڭ ئۆتمۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۈۋەندىكى فىلىمنى كۆرۈپ لوپنۇرنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا قانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار .
2) ئۆتمۈستىكى لوپنۇر كۆلىنى قايسى سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ؟
  3) ( 2- قسقا فىلىم قۇيۇلدۇ ) سىلەر كۆرگەن لوپنۇر كۆلىنى قايسى سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەپ باقىسىلەر ؟
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىللىرى ئاساسىدا لوپنۇر كۆلىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى توغرىسىدا قىسقىچە خۇلاسسە قىلىندۇ
    2. لوپنۇر كۆلىنىڭ يوقىلىش سەۋەبىنى بىلىش ؛
  ئۇسۇل : سۇئال قۇيۇش ، قىسقا فىلىم كۆرسىتىش ، تەھلىل قىلغۇزۇش ،خۇلاسسىلەش .    ئالدى بىلەن مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كىتىش توغرىسىدا بەرگەن مەخسۇس خەۋىرى كۆرسىتىلىدۇ . ئاندىن سۇئال قۇيۇپ تەھلىل قىلغۇزۇلۇپ ئاخىردا خۇلاسسە قىلىندۇ ؛
      1)سىۋېن ھېدىن لوپنۇر كۆلىگە قاچان كەلگەن ؟
      2)تارىم دەرياسىنىڭ يۆلىنىشى قاچان ئۆزگەرتىلدى ؟
      3) كۆنچى درياسىدىكى سۇ نىمە ئۈچۈن لوپنۇر  كۆلىگە قۇيۇلمايدىغان بۇلۇپ قالدى ؟
      4) لوپنۇر كۆلى قاچان پاك – پاكىزە قۇرۇپ كەتتى ؟
      5) قۇرۇپ كېتىش سەۋەبىنى قايسى نوقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ ؟
    6 ) بۇ تىراگىدىيىنى كىملەر كەلتۈرۈپ چىقاردى ؟
      7) سىز بۇنىڭدىن نىمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرى ئاساسىدا خۇلاسسە قىلىندۇ .
•      3.‹لوپنۇر تىراگىدىيىسى›دىن چىقىپ ، ئەتراپىمىزغا ۋە
•    ئۆزىمىزگە ‹دىئاگنوز› قۇيالايدىغان بۇلۇش.
  ئۇسۇل ؛  سۇئال قۇيۇش ، تەھلىلگە يىتەكلەش ، رەسىم كۆرسىتىش ، خۇلاسسە قىلىش .
توقسۇن ناھىيىمىزدىمۇ سۇدىن نامۇۋاپىق پايدىلىنىشنىڭ ئىپادىلىرى ئېغىرمۇ ؟
  2) ناھىيىمىزدە سۇ قىس بولغان شارائىتتا بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
3)  مەكتەپتىكى قايسى مۇھىت مەسىىلىرى سىزنىڭ ئىچىڭىزنى پۇشۇرىدۇ  ؟
  4) بىز مەكتەپ مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
  يۇقىرقى مەسىللەر ئاسەاسىدا خۇلاسسە قىلنغاندىن كىيىن دەرستىن قىسقىچە خۇلاسسە قىلىندۇ .

تاپشۇرۇق ؛
  مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىغا ‹ لوپنۇر كۆلىنى ئىزدەپ ...› تىمىسىدا بىر پارچە نەسىر يېزىپ بىرىڭ !
ئەسەردىكى سېلىشتۇرۇش ،ئوخشىتىش,ئادەملەشتۈرۈش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئىككىدىن مىسال يېزىپ كىلىڭ .

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش