كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 1

7-يىللىقلار ئۈچۈن 1-مەۋسۈملۈك تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2005-2006-ئوقۇش يىلى1-مەۋسۈملۈك  تەقلىدى ئىمتىھان سۇئالى
ئەدەبىيات
(7-يىللىقلار ئۈچۈن)
___يىللىق___سىنىپ.ئىسىم فامىلىسى_____________.يوقلىما نومۇرى____
(ئىمتىھان ۋاقتى 100مىنوت)                                (جەمئىي نومۇر 110نومۇر)
سۇئال تەرتىپى        Ⅰ        Ⅱ        Ⅲ        Ⅳ        Ⅴ        Ⅵ        Ⅶ        Ⅷ        ئومومى نومۇرى
ئېرىشكەن نومۇر                                                                       
Ⅰ.بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئالى.(7نومۇر بېرىلىدۇ.)
1.ئەدەبىيات ئىنسانىيەتنىڭ _______________ھېسياتلىرىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك ۋە ____________________ئىزھارى.
2. «تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ»دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ___________ ،بۇ ئەسەردە ئاپتور تەكلىماكاننىڭ ______________  ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
3.«قىيسىق مۇناردىكى تەجرىبە»دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ______________ بولۇپ ئۇ داڭلىق _________ بولۇپ _________ دۆلىتىدە دۇنياغا كەلگەن.
Ⅱ.تاللاش سۇئالى.(10نومۇر)ھەر بىر سۇئالدىكى 4خىل جاۋاب ئىچىدە پەقەت بىرىلا توغرا.
4.تۆۋەندىكىلەردىن توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:   (     )
A.. «تاغلار» ئاپتورى خالىدە ئىسرايىل،ئەسەر ژانىرى ئىپىك نەسىر.
B.«ياز كېچىسى»ئاپتورى تەلئەت قادىرى ،ئەسەر ژانىرى نەسرى شېئىر.
C.«يەتتە تال برىليانت »ناملىق چۆچەك بالىلار چۆچىكى بولۇپ،ئاپتورى لېف تولىستوي.
D.«تۇرپان كارىزلىرى»ئاپتورى ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ،ئەسەر ژانىرى ھېكايە.
5.تۆۋەندىكىلەردىن خاتا بولغان ھۆكۈم؛  (     )
A.«دېھقانلار ئەتىيازدا پاختا تېرىدى»دېگەن جۈملىدە «پاختا» دېگەن سۆز خاتا ئىشلىتىلگەن.
B.«بىز گاھىدا جاراڭلىق ھەم شاد كۈلەتتۇق،كۈلكىمىز خۇددى جەننەتتىكى پەرىشتىلەرنىڭ كۈلكىسىگە ئوخشايتتى»دېگەن جۈملىدە جانلاندۇرۇش ئۇسولى قوللىنىلغان.
C.«كارىز ئەجداتلىرىمىز ياراتقان يەنە بىر ئۇلۇغ كەشپىيات،ئۇلۇغ سۇ ئىنشاھات قۇرۇلىشى بولۇپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر جىلۋىگەر كۆزنىكى»پارچىدىكى ئاستىغا سىزىلغان سۆزنىڭ مەنىسى كارىزدىن باشقىمۇ بار دېگىنى.
D.«باھار خۇددى بوۋاقتەك بېشىدىن ئايىقىغىچە يېڭى،ئۇ ئۆسمەكتە،باھار خۇددى سەبئىي قىزچاقتەك گۈل-چېچەكلەرگە پۈركىنىپ كۈلمەكتە،ماڭماقتا.»بۇ پارچە «كەچ كۈز لىرىكسى » دېگەن ئەسەردىن ئېلىنغان.
6.«بۇ قايسى ھايۋان ؟ نېمە؟ ئىشەك!»دېگەن جۈملە ھەققىدىكى خاتا جاۋاب: (     )
A. بۇ «يازلىق لاگىردا »ناملىق ئەسەردىن ئېلىنغان.
B.شەھەرلىك بالىنىڭ تىل تەسۋىرى.
C.سەھرالىق بالىنىڭ چۈشەندۈرۈشى.
D.بۇ جۈملىدە جەمئىي ئۈچ سوراق جۈملە بار.
7.«موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش »دېگەن ئەسەر قانچىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان: (    )
A.Ⅲشەخس       B.Ⅱشەخس      C.Ⅰشەخس           D.Ⅰۋە Ⅲشەخس
8.تۆۋەندىكىلەردىن ئىملا خاتالىقى ئەڭ كۆپ گۇرۇپپا :  (     )
A.   تىلىگى ،ئۈزۈم،  مۇش،توختاخۇن.  
B.    ئىملائى ،دوست،ئازات،پوتلا
C.  يۈرىگى،قەسىت،كىتاۋى،مەكتىۋى.
D.    توخويۇم،تۈگكەن،چىلىكى،تاغقا.
Ⅲ.توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.(14 نومۇر بېرىلىدۇ.)
9  .گېزىت_ژورنال،مەتبۇئاتلاردا ئىشلىتىلىدىغان تىل__ جانلىق ئېغىز تىلىدۇر،دېگەن كۆز قاراش خاتا ئەمەس.(            )
10.«تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ»دېگەن ئەسەردە ئاپتور ئۆزىنىڭ تەكلىماكاننىڭ گۈزەللىكىگە بولغان قايناق ھېسياتىنى ئىپادىلىگەن.(         )
11.«تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش»دېگەن جۈملىدە قوللىنىلغان ئوخشىتىش  ۋەكىللىك ئوخشىتىشتۇر (     )
12.«ئەينەك» دېگەن شېئىرنىڭ ئاپتورى خالىدە ئىسرايىل بولۇپ،شېئىردىكى« ئەينەك» ھەقىقەتكە،راستچىللىققا سىموۋۇل قىلىنغان.(           )
13.«نورۇز»ئەسلىدە پارىسچە ئاتالغۇ بولۇپ،«نەۋ »بىلەن «رۇز»سۆزىدىن تۈزۈلگەن.بۇ« يېڭى يىل كۈنى »دېگەن مەنىدە.(      )
14.«ئالىم بولاي دېسەڭ مەكتەپكە بار،ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار»دېگەن ماقالنىڭ مەنىسى__مەشرەپ ئادەمنى ئەخلاقى پەزىلەتتە تەربىيىلەيدىغان ياخشى مەيدان دېمەكچى.(    )
15.«ياشاش ئۈچۈن ئەڭ موھىم بولغان نەرسە __ئىشەنچ»دېگەن ھېكمەت«مېنىڭ ئەقىدەم»دېگەن ئەسەردە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.(        )
Ⅳ. تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ.(19نومۇر)
16.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ قارىمۇ-قارشى مەنىلىك سۆزلىرىنى يېزىڭ.(4نومۇر)
(1).ئالدىراڭغۇ___________                  (2).پىغان_____________
(3).نۇرانە______________                (4).ئاۋات_____________
17.تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ  ماقال_تەمسىللەرنى داۋاملاشتۇرۇڭ .(4نومۇر)
1)ئورىنى كىم كولىسا(                                                      )
2).ئېغىز يۈگۈرىكى باشقا،(                                               )
18.تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەنىداش سۆزلىرىنى يېزىڭ.(2نومۇر)
تەلۋە_____________________  
مۈشكۈلات___________________
ساما______________________  
كۆركەم____________________
19.تۆۋەندىكى شەكىلداش سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈڭلار.(6نومۇر)
          (1)
كۈل      (2)
          (3)


          (1)
ئات       (2)
          (3)

20. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاپ يېزىڭ.(3نومۇر)
باققا_________     ئۈمۈتۋار__________     ئىقتىسات_____________
مۇش_________       قۇلىغى___________        ئەژداتلار_____________
كىتاپ________        ھېساپ___________        چېلىگى_____________


Ⅴ.ئىقتىدار سىناش سۇئاللىرى. (10نومۇر)
21.ئاي سانى بىلەن ئۇنىڭ ئاتىلىشىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇڭ.
5-ئاي                                                  ماي
1-ئاي                                                  دېكابىر
3-ئاي                                                 ئاۋغۇست
4-ئاي                                                 يانۋار      
6-ئاي                                                 مارت
8-ئاي                                                 ئۆكتەبىر
10-ئاي                                               ئىيۇن
9-ئاي                                                 سېنتەبىر
12-ئاي                                               ئاپرېل
11-ئاي                                               نويابىر
22.تۆت پەسلىدە تەبىئەتتە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى بىر جۈملىدىن بايان قىلىڭ.( ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان تەرەپتىن سۆزلىسىڭىزمۇ بولىدۇ)






Ⅵ.تەسەۋۋۇرىڭىزنى قاناتلاندۇرۇڭ. (10نومۇر)
23.تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە كۆرسەتمە بويىچە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى قۇشۇپ ،تىلنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇڭ.(6نومۇر)
1).مەيىن شامالدا ياپيېشىل چىمەنلەر توختىماي يەلپۈنەتتى.(جانلاندۇرۇش بولسۇن)

2).بۇ بالا چىرايلىق ئىكەن. (ئوخشىتىش)

                                                                    
3).ئۇ ئاجىزلىقىغا باقماي مەن بىلەن ئېلىشماقچى بوپتۇ. (مۇبالىغە بولسۇن)


24.تۆۋەندىكى ماقال –تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى يېشىڭ.(4نومۇر)
1).بىلىمسىز ياش،تام تۆۋىدىكى تاش.




2).ئاناڭنىڭ بالىسى بولغىچە  ئەلنىڭ بالىسى بول.




Ⅶ.قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ.(10نومۇر بېرىلىدۇ)
25.ئەدەبىياتتىكى تەسۋىرلەر قانچىگە بۆلىنىدۇ؟قايسىلار؟(3نومۇر)


26.ئەجدادلىرىمىزنىڭ قارنى «قىشنىڭ زىننىتى» دېيىشىدىكى سەۋەب نېمە؟سىز قارنى ياقتۇرامسىز؟



27. سىز مارى كيۇرى خانىمنىڭ تۇرمۇش قارىشىدىن قانداق تەسىرات ئالدىڭىز؟ مارى كيۇرى قايسى پەنلەردە قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؟ (4نومۇر)



Ⅷ.تەھلىل قىلىڭ.(10نومۇر)
28.«جاھاندىكى قاپقانلارنىڭ ھەممىسى دەسلەپتە باشقىلارغا قۇرىلىدۇ.كېيىنچە ئۇنىڭغا ھەمىشە قۇرغانلارنىڭ ئۆزى چۈشىدۇ.....»
(1).ئاستىغا سىزىلغان سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى بىلەن ئىستىمال مەنىسىنى ئىزاھلاڭ. (2نومۇر)



(2).پارچىدىكى مەزموننى قانداق ماقال-تەمسىلگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ؟(2نومۇر)


29.«__مانا بۇ  داستىخاننى ئېلىڭ!قاچانكى غىزا-تاماق لازىم بولسا «ئېچىل داستىخىنىم،ئېچىل» دېسىڭىز، دەررۇ ئېچىلىپ، ئۈستىدە خىلمۇ خىل تائاملار ھازىر بولىدۇ.يولدا ھېچ يەردە قونماڭ،داستىخاننىڭ سىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ،__دەپتۇ. بوۋاي خۇشال بولۇپ ،داستىخاننى ئېلىپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ.»
تەلەپ : (1).بۇ پارچىدا قانداق تەسۋىرلەر بار؟(2نومۇر)



(2).يۇقىرىدىكى سۆزنى قىلغۇچىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ پارچىدا  قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلغان؟(2نومۇر)



(3).پارچىدىكى بوۋاي قانداق خاراكتىردىكى ئادەم؟(2نومۇر)






Ⅸ.يېزىقچىلىق مەشىقى.(20نومۇر)
30.ھازىرقى قىش مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.
تەلەپ:   1).قىش كىرىپ تەبىئەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى يېزىڭ.
2).تەسۋىرگە مەلۇم بىر ئەھمىيەتلىك ۋەقەنى قۇشۇپ قۇيۇڭ.
3).خەت چىرايلىق،ئىملا توغرا بولسۇن.ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىمۇ ئىشلىتىڭ.
4) ئەسەر ژانىرى چەكلەنمەيدۇ.




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-28 22:59:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ياخشى چىقىرىلغان سۇئال كۆپچىلىك پايدىلانغايسىلەر
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش