| بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە كېيىن قىلىشى كىچىك كەمچىلىك، جىسمانى ۋە پەزىلەت جەھەتتە مەسلە بولسا، ئۇ بىر قەدەر ئېغىر كەمچىلىك، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش پىسخىكىسى بولمىسا، ئۇ ئەجەللىك كەمچىلىك، چۈنكى ئۇ ھېچقانداق بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىقالمايلا قالماستىن پۈتۈن ھاياتى ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ. بىر ئادەمدە پەزىلەت بولۇپ، بىلىم بولمىسا، ئۇ ئادەم جەمئىيەتكە نىسبەتەن بىر يۈك. بىر ئادەمدە بىلىم ھەم پەزىلەت بولسا، ئۇ ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ بەختى. بىر ئادەمدە بىلىم بولۇپ، پەزىلەت بولمىسا ئۇ ئادەم ئىنسانىيەتكە دۈشمەندۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەرستە كېيىن قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پۈتۈنلەي كىرەكسىز ئادەم بولغانلىقدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇ ئادەم ياخشى پەزىلەت، تىرىشچانلىق، ئېسىل مىجەز-خۇلقى بىلەن بۇ كىچىككىنە كەمچىللىكىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ. جىسمانى جەھەتتىكى كەمتۈكلىكىنى تولۇقلىغىلى بولمىغان بىلەن، يەنىلا ئېسىل پەزىلەت بىلەن يوشۇرغىلى بولىدۇ. پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىك بولسا، بىلىم ۋە ھەرقانداق نەرسە بىلەن تولۇقلىغىلى بولمايلا قالماي، بەلكى بۇ كەمچىلىك بۇ كىشىنى ئىنسانىيەتكە دۈشمەن قىلىپ قويىشى مۇمكىن، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت پىسخىكا جەھەتتىكى كەمچىلىككە كەلسەك، بۇ كەمچىلىك جىسمانى كەمچىلىكتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولۇپ، ئادەمنى روھى جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈپ، ئالغا ئىنتىلىش يولىنى پۈتۈنلەي توسۇپ، «روھسىز تەن»گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق «تەن»دە نەدىمۇ بىر ئىشنى باشقا ئىلىپ چىققۇدەك جاسارەت، ئۈمىد بولسۇن؟ مەسىلەن: ئوقۇغۇچى ئا بىلەن ب ئوخشاشلا دەرستە ئاجىز. (ھەر ئىككىسىنىڭ جىسمانىيىتى ساغلام ئەمەس دەپ قارايلى) ئوقۇغۇچى ئا: «مەن دېگەن دەرستە بەك ئاجىز، چۈنكى سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغاچقا، مەكتەپكە تولۇق كىلەلمەي، ئاساسىم ئاجىز بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچۇم ھەم ساۋاقداشلىرىم مىنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ. قانچە تىرىشساممۇ، ‹ئېشەك قانچە چاپسىمۇ ئات بولالمايدۇ› دېگەندەك، مەن ئۈگىنىشتە ئالغا باسالمايمەن. بولدىلا....» ئوقۇغۇچى ب: «مېنىڭ تىنىم ئاجىز بولغاب بىلەن روھىم ئاجىز ئەمەس، مەن ئۆزۈمنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى كەمچىلىكىمنى، روھى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىم بىلەن تولدۇرۇشۇم كېرەك، دەرستە ئاجىز بولسام نېمە بوپتۇ؟ ‹بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىب›، مەن قانداقلا بولمىسۇن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ، ئاتا-ئانامغا ، قېرىنداشلىرىغا، جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قالماسلىقىم كېرەك. نەدىمۇ‹بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن›دەيدىغانلارغا بېرىۋىرىدىغان ئىش بار ؟ بولغان تەقدىردىمۇ تويغىچە بىرىۋەرمەيدۇ-دە. چۈنكى بۇ‹ئىشلىگەن چىشلەيدۇ›غان دەۋر. بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تورداشلارغا سۆزلەپ يۈرمىسەممۇ بولار. چۈنكى: تېرشچانننىڭ ئەجىرى ھېچقاچان يەردە قالغان ئەمەس، ساغلام غايە، تىرىشچانلىق بولغاندىلا مەيلى ئۈگىنىشتە ئاجىز بولسۇن، مەيلى جىسمانىيىتى ئاجىز بولسۇن، كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلەيدۇ، ساغلام روھى پىسخىكا ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ، |
|