كۆرۈش: 2369|ئىنكاس: 16

مۇنبەرداشلارغا ھېتلىق شىئېر چاقچاق ( زەپەر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنبەرداشلارغا ھېتلىق شىئېر  چاقچاق

ئاپتۇرى : نۇرمۇھەممەت

زەپەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەردىكى  يارەنلەر  
كۈنلىرىڭلار باياشات ،ئەزىز تەنلەر ئامانمۇ ؟
قوش بايرامدا قوش شادلىق ،دىلىڭلاردا تەنتەنە .
بۇ مۇنبەرگە سالامنى يوللىساڭلار يامانمۇ   ؟.

قاراپ باقسام بايقاشقا  ئەزالارنىڭ  ھالى سۇس ،
يوللىماپتۇ بىر ئىنسان ، ھېت ھەققىدە ياخشى سۆز .
بېلگەيتىسكە شاگىرىت بۇپ  كەتتىڭىزمۇ بايقاشجان
ئەسلا سىزنى كۈرەلمەي  ،تۆت بۇپ كەتتى مەندە كۆز

بايقاش ،ئامان باش  بولۇپ ھېيىت ئوينىساق بۇلاتتى  ،
ئارلىق يىراق بولسىمۇ  ، پەتىلەشسەك بۇلاتىتى  .
چاڭ كەلتۈرۈپ بايقاشنى  ياخشى تىلەك يوللىساق  ،
مىھرى ئوتلۇق دىللارمۇ  خوش تەبەسسۇم قىلاتتى  .

پەرى ئىدى نامىڭىز ، پەرىلەرنىڭ ئۈزىسىز   ،
مەن ئاڭلىسام يېقىندا مىسرانىمغا قېچىىپسىز .  .
بايقاش سىزدەك ئۇستازغا ئەجەپ بەكمۇ مۇھتاجتى،  
بايقاش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ پارلاق يولنى ئېچىپسىز .

ئاتچان تاغدا ئىلغارجان يۈرەمدىكىن قوي بېقىپ ،
قوينى تاشلاپ مۇنبەرگە  قايتىپ كەلسە بۇلاتتى  .
كىرگەن بولسا بايقاشقا كۆپلەپ تەڭگە بىرەتتۇق ،
پۇل غېمىدىن قۇتۇلۇپ خوتۇن ئالسا بۇلاتتى

ھۈنەر ئايرىپ گۈلزار قىز ،يىڭى بىكەت قۇرغۇدەك ،
بايقاش ئۈچۈن تەر تۆكمەي،  ئەزا ئىزدەپ يۈرگۈدەك.
مەيلى ئىزدەڭ ئەزانى ، بايقاش ئەستىن چىقمىسۇن ،
ئۇستازلىرىنى ئۇنتىسا بىر قىسمىلا تۇرغۇدەك ......

پاكنۇر ئىدى نامىڭىز ،بەكمۇ چوڭقۇر سۈزىڭىز ،  
بايقاش دىگەن مۇنبەرگە شىئېر يوللاپ تۇردىڭىز
چىن يۈرەكتىن سىزگىمۇ ھېت سالىمى يوللۇدۇم ،
يۇقاپ كەتمەي مۇنبەردىن زاھىر بۇلۇپ تۇرسىڭىز .

ئامانگۈلدەك زىبانى تەرىپلەشكە تىل ئاجىز ،
قاراپ باقسام بايقاشقا ھەپتىدە بىر كەلمەيسىز .
كۈندە ئۇيۇن -تاماشا  ياكى ۋاقىت يوقمىدۇ ،
گەپ قىلمىسام ئەجەپ بىر ئۈزىڭىزنى بىلمەيسىز ..

ئون قەۋەتلىك داچىدا بېگىم ئىكەن مەرىپەت ،
يەتتە -سەككىز  خانىشى كۈتىدىكەن كارامەت
سايىم دەيدۇ ئۈيىدە ،كۈنى بەكمۇ تەس ئىكەن ،
كەلسە ئىدى مۇنبەرگە ،بۇلار ئىدى ئالامەت

ئەتە ئايەم ، ئەتە  ھېيت ، ھەممىمىزگە قۇتلۇق كۈن ،
دىدار بولسۇن غەنىيمەت ، كۈلكە بولسۇن سايىمىز .
بايقاش ئىللىق ئائىلە  ،بىزلەر بولساق قېرىنداش ،
بايقاش ئۈچۈن تەر تۈكۈش ،بولسۇن ئالىي غايىمىز


قېنى ئەزىز قېرىنداش ،قايتىپ كىلىڭ بۇياققا
قۇرۇق كەلمەي سوغاتلىق ئېلىپ كىلىڭ بايقاشقا  .
مەن زەپەرنىڭ چاخچىقى ،ئېغىر كەلسە ئەگەردە .
يول قويمايمەن ھەرگىزمۇ ، كۆز ئالايتىپ باتناشقا .

ئايەم تۈگەر چارشەنبە   ،ھەممىمىز جەم بۇلارمىز .
جەم بولغاندا بايقاشقا يىڭى  تىما  يوللايمىز .
مۇنبەرداشلار  ئۇقاردۇر يىڭى يازما  تىمىنى ،
يازمىغانلار ئىدىتلىق يازار ياخشى ئىنكاسنى .


(ئەسكەرتىش :بۇ قۇربان ھېتلىق يازمىنى كۆرگەن ھەر بىر ئەزا چۇقۇم ئۈزەڭلارنىڭ ئۆز -كۆز قارشىڭلارنى شىئېر چاخچاق ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن )

قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا باشلانغۇچ مەكتىۋىدىن   :   نۇرمۇھەممەت  جۈمە  
   بۇ يازما كىچە سائەت  12:00   دە يېزىلدى

2014- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4قىزغىنلىق +20تىللا +20تۆھپە +20شۆھرەت +20يىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
pari + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-6 23:36:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينا ياخشىمۇ سىز ؟ مەن مۇنبەرگە بىر كۈن -كىرىپ بىر كۈن كىرمەيدىغانلارنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . داۋاملىق كىرىپ تۇرۇڭ  سىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايمەن
ۋاقتى: 2014-10-6 00:35:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .
ۋاقتى: 2014-10-6 17:46:58يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بايقاشنى بىلمەيتتىم ،
دوسلار مىنى ئېلىپ كەلگەن.
تىما سېتىۋالامماي يۈرۈيمەن ،
قانداق قىلسام بولا باللا ؟
ۋاقتى: 2014-10-6 19:50:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەن-مائارىپ سېپىدە زەپەر قۇچقان ئۆزىڭىز ،
مودىر دەيدۇ ئاڭلىسام، خېلى چوڭكەن يۈزىڭىز .
تالاي باغۋەن ئىشنى ئاسان قىلغاچ ئۆزىڭىز ،
قالماس دىلدا ئارمانلار  يۇمۇلسىمۇ كۆزىڭىز.

ھەق بەرمەيدۇ ھېچكىممۇ قىلغان ئارتۇق مېھنەتكە ،
شۇنداقتىمۇ نۇرمەمەت ۋايسىماپسىز ھېچكىمگە .
بىكار ئىشلەپ يۈرگىچە ئۇخلاڭ دەپتۇ خوتۇنمۇ ،
ئاڭلىماپسىز  زەپەرجان قان تەر تۆكۈپ مۇنبەرگە .

جىدەل كۆپمىش ئاڭلىسام ئۆيىڭىزدە ھەر كۈنى ،
ئايالىڭىز جىدەل قىپ ئۇرۇشۇپتۇ ھەر تۈنى .
ئۆيۈڭ بولسۇن مۇنبىرىڭ ، خوتۇن قىلىغىن مائۇسىنى ،
دەپتۇ دەيدۇ ئاچچىقتا ئايالىڭىز بىر كۈنى .

شۇنداقتىمۇ زەپەرجان مۇنبەر ئۈچۈن كۆيۈپسىز ،
ئەل ئۈچۈنلا جاپانى ھېچ ئايانماي سۆيۈپسىز .
قالار تارىخ بېتىدە ئەل سۆيگەننىڭ ئىزلىرى ،
شۇ ئىز بىلەن ھۆرمەتتە توغراق كەبى ئۆسۈپسىز ...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +15تىللا +15تۆھپە +15شۆھرەت +15يىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
گۈلزار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللا تېرىشىڭ!
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ئورۇنلۇق، گەپ كەتمەيد.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-10-6 21:23:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، ئائىلىڭىز شاتلىققا تولسۇن …… تولىمۇ ياخشى تىمىدىن بىرنى ئېلىپ كەپسىز ، قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن ، مۇشۇنداق ئېسىل تىمىللىرىڭىز بىلەن بايقاشنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كىلىۋاتىسىز ، ئەجرىڭىزگە باركاللا …… سالامەت بولۇڭ !
ۋاقتى: 2014-10-6 22:40:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلاندىم ، مۇنبەرنى بەكلا قىزتىپسىز ھارماڭ دائىم خۇشاللىققا چۈمەيلى .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-6 23:26:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكنۇر ياخشزىمۇ سىز ؟ ماڭا بەرگەن مەدەت ئىلھامىڭىزگە تۇلىمۇ پەخىرلەندىم . مەن  كىچىدە ئۇخلىساممۇ بايقاش مۇنبىرى قانداق بولغاندۇ دەپ شۈدەيدىغان بۇلۇپ قالدىم . مەن سىز دىگەندەك راستىنلا  ئىچى -قەلبىم بىلەن بايقاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا دائىم تەييارمەن . مەن خىزمەت ۋاختىللىرىمدىمۇ كۈنىگە ئەڭ ئاز بولغاندا ۋاقىت چىقىرىپ 3 سائەت ئەتىراپىدا مۇنبەرگە كىرىمەن . كىرگەندە باشقىلارنىڭ تىمىسىنى كۈرۈپ مۇۋاپىق ئىنكاسلارنى يېزىپ ئۇلارنىڭ روھىغا مەدەت -ئىلھام بىرىمەن . تىمىلىرى خاتا سەھىپىگە يوللانغان بولسا ماس بولغان سەھىپىگە يۆتكەش ئىشلىرى بلەن ئالدىراشلىقتا ئۈتىۋاتىمەن . چۈشۈرۈش ئادىرسى يوق بولغان تىمىلارنى ئۆز ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىپ كىلىۋاتىمەن . مەن بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق تىرشىمەن . بايقاش مىنىڭ ئائىيلەم
ۋاقتى: 2014-10-6 23:31:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاخچاخ يوللاپ زەپەرجان ،
قىزىتىپسىز مۇنبەرنى .
خاپا بۇلۇپ قالدىممەن ،
ئۇنتۇپ قاپسىز بىزلەرنى.
رەخمەت سىزگە زەپەر ئەپەندىم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-6 23:36:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: بۇ يازما چەكلەندى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش