| سامساق بۇرۇندىن قان چىقىپ توختىمىغاندا خام سامساقتىن ئىككى چىش ئاخلاپ ،سوقۇپ يانچىپ ،تاۋا نىنى چوڭلۇقتىكى ھالەتكە كەلتۈرۈپ ،ئاۋۋال سۇ مايدىن پۇت ئالقىنىغا سۈركەپ ،ئاندىن تەييارلىغان دورىنى سۈرتۈپ ، داكىغا تىڭىپ قويۇلىدۇ . سول بۇرۇن تۆشۈكىدىن ئاققان بولسا ، سول پۇت ئالقىنىغا ،ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن ئاققان بولسا ،ئوڭ پۇت ئالقىنىغا قويۇلدۇ. قاداقنى يوقىتىشتا خام سامساقتىن بىر چىش ،(ئاقلىمىغان )،غول پىياز (ئاقلىغان ) ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى : ئىككىسىنى تەڭ سوقۇپ يەنچىپ ، يەرلىك ئورۇنغا سىرتتىن سۈرۈلدۇ . بەش كۈندىن كىيىن سويۇپ ئىلىۋەتكەندە ، يەرلىك ئورۇن قارىداپ ، ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ . تەمرەتكىنى يوقىتىشتا خام سامساقتىن بىر چىش ئاقلاپ ، سامساق بېشىنى كېسىپ ئېلىۋىتىپ ئاچچىقسۇغا ئازراق چىلىغاندىن كىيىن ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈشنى بىر كۈندە ئىككى قىتىمدىن داۋاملاشتۇرۇش كىرەك . ھاشارەت چىكىۋالغان ئورۇنغا خام سامساقتىن بىر چىش ئاقلاپ ، سامساق بىشىنى كىسىپ ئېلىۋىتىپ ، يەرلىك ئورۇنغا ھەر قىتىمدا ئون مىنۇتتىن سۈركەشنى داۋاملاشتۇرغاندا ، ئاغرىقنى توختىتىپ ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ . |
|