| 3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرسلىكدىكى چىچەكلەر ناملىق ناخشنىڭ دەرس ئايانى
1. دەرس ماتىريالى ئايانى: ‹‹چىچەكلەر ››دىگەن ناخشا باشلانغۇچ 3-يىللىق 2-ماۋسۇمدىكى بىرنچى دەرسنىڭ ئۇقۇتۇش تەلەپ قىلنغان ئىككىنىچى ناخشسى ،بۇ ناخشنى بىرنىچى دەرسكە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلق بۇدەل باھار پەسلى بولغاچقا ئۇقۇغۇچىلارغا باھارنىڭ گۈزەللىگنى ھىس قىلدۇرۇش ،باھارنىڭ كىشلەرگە خۇشاللىق ھۇزۇر ئۈمۈت ئاتا قىلدىغان پەسىل ئىكەنلىكنى ھىس قىلدۇرۇش مەخسەت قىلىنىغان . 2.ئۇقۇغۇچلار ئەھۋالى ئايانى : 3-يىللىقتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا بىلمى تۈۋەن يىللىقتىكى بىلمىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا يېڭى بىلمنى تىز قۇبۇل قىلدىغان ،ئەقىل –ئىدراكى تەرەققى قلىۋاتقان سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى يۇقرى كۈتۈرلۋاتقان باسقۇچتا بولغاچقا بۇدەرسنىڭ مۇھىم قىيىن نوقتىللىرىنى ئاساسەن قۇبۇل قىلىپ ئىگەللىيەلەيدۇ مەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇتەرپىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى بۇدەرسنىڭ نىشانى بۇيچە مەلۇم سەۋىيگە يەتكۈزمەن . 3.ھىسىيات پوزىتسىيە قىممەت قارشى ئايانى : ھىسيات پوزتسىيە قىممەت قارشى نىشاندا ئۇقۇغۇچىلارغا ناخشا مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇقۇتقۇچلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى قەدىرلەش ،ئۇقۇتقۇچلارنى ھۈرمەتلەش تۇيغۇسى يۇقىرى كۈتۈرلدۇ ۋە باھاردىن ھۇزۇرلىنىش باھارنىڭ كىشلەرگە ئۈمۈت ئېلىپ كىلدىغان ياخشى پەسىل ئىكەنلگى ھىس قىلدۇرلدۇ. 4.مۇھىم نوقتا ئايانى: مۇھىم نوقتدا ناخشنىڭ كۈيى،ئۇدار شەكلى ، تىكىسىت مەزمۇنىنى توغرا ئىگەللەش مەخسىتگە يىتىلىدۇ. چۈنكى ناخشىنى تەلەپ بۇيچە ئۆلچەملىك ئۇقۇش ئۈچۈن چۇقۇم ناخشا كۈيى،ئۇدار شەكلى،تىكىسىت مەزمۇننى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ،شۇڭا بۇ نوقتىلارھەرقانداق بىر ناخشنى ئۈگۈتۈشتە ئۇقۇغۇچىلارغا ئىگەللىتىش ئالدىنىقى شەرت قىلنغان. 5.قىيىن نوقتا ئايانى: قىيىن نوقتىدا ئۇقۇغۇچلار ناخشنى ناخشا تىكىستى بىلەن ئۇدارى ماسلاشقان ھالدا ھىسياتىلق، خۇشال كەيپىياتتا ئۇقۇش ،ئاھاڭدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى توغرا ئىگەللەش مەخسەت قىلنىغان بۇ ئارقىلق ئۇقۇغۇچىلارغا ناخشا ئۇرۇنداشتىكى دەسلەپكى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىنىدۇ. 6.يىڭئ دەرئسكە باشلاپ كئرئئش: يېڭى دەرس باشلاشتىن ئىلگىركى تەييارلانغان سۇئاللار ئۇقۇغۇچلارغا ئۈتۈلمەكچى بولغان دەرستىن ئالدىن بىشارەت بىرىش،قوزغۇتۇش،قىزىقتۇرۇش ئاساسى مەخسەت قىلىنغان بۇلۇپ مۇشۇبىر سائەتلىك دەرسنى ئۈنۈملىك ئۈتۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
7.ئۇقۇتۇش جەريانى ئايانى ؛
بۇدەرسنىڭ بىلىم ئىقتىدار نىشانىدا 4/2لىك ئۇدارغا ماسلىشىش ناخشنىڭ ھىسياتنى تەلەپ بۇينچە ئۇرۇنداش تەلەپ قىلندى . چۈنكى ئۇقۇغۇچىلارغا 4/2لىك ئۇدارغا چۈشۇرۇپ ناخشنىڭ ھىسيات تەلپى بۇيچە ئۇرۇنداش ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئۇسۇل جەريان نىشانىدا ئۆلگە كۆرسىتىش ئارقىلق ناخشنىڭ ئاھاڭنى ئۇقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش. ئەگەشتۈرۈپ ئۇقۇتۇش ئارقىلىق ناخشا تىكىستىنى ئاھاڭغا ماسلاشتۇرۇش، مەشقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلق ئاھاڭنى سىڭدۈرۈش مەخسىتىگە يىتلىدۇ. دەرسىتىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلارغا ناخشىغا ھەركەت سېلىش ھەركەتكە بىرلەشتۈرۈپ ناخشنى ئۇرۇنداشنى تاپشۇرۇق بىرىش ئارقىلق ئۇقۇغۇچلارنىڭ ئۈگەنگەنلىرىنى ئۇرۇندىيالايدىغان باشقىلارغا ئېيتىپ بىرەلەيدىغان ۋە ناخشنى ئاڭلاپ ھەركەت سالالايدىغان سەۋيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۇقارقىدەك تاپشۇرۇق مەزمۇنلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇردۇم . مەن ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بۇدەرسنى ئۇقۇغۇچلارغا ئىگەللىتىپ،باھار پەسلنىڭ گۈزەللىكنى ئۇقۇغۇچىلارغا ھىس قىلدۇرۇپ بۇ پەسىلنىڭ كىشلەرگە ئۈمۈت ،خۇشاللىق ئېلىپ كىلدىغان پەسىل ئىكەنلىكنى ئۆز ھىسياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ناخشا قىلىپ ئېيتىيالايدىغان ،ناخشا ئېيتىش جەريانىدا ناخشا ئېيتىشتىكى ئاساسى تەلەپلەرگە دىققەت قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋە بۇ بىر سائەتىلك دەرسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .
چىچەكلەر ناملىق ناخشنىڭ دەرس ئايانى1409735130821.doc
3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرسلىكدىكى چىچەكلەر ناملىق ناخشنىڭ دەرس ئايانى
چىچەكلەر ناملىق ناخشنىڭ دەرس ئايانى1409735130821.doc
|
|