كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 0

زېھىن سىناش مۇسابىقىسى سۇئال جاۋاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ
1. سۇئال: بىر يىلدا قانچە پەسىل بار؟ ئۇلار قايسى؟
جاۋاپ: 4 پەسىل بار. ئۇلار: ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش قاتارلىقلار.
2. سۇئال:باھار يىتىپ كەلگەندە تەبىئەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟
جاۋاپ: ھاۋا ئىسسىشقا باشلايدۇ. دەرەخلەر يۇپۇرماق چىقىرىدۇ. ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىدۇ. 3-4-5-ئاي مەزگىلى.
3. سۇئال: مايمۇنچاق ئاخىرى نېمىنى ھېس قىلدى؟
جاۋاپ: ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل بولغاندا خەتنى چىرايلىق يازغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
4. سۇئال:باھار يامغۇرى قانداق رەڭدە؟
جاۋاپ:رەڭسىز رەڭدە.
5. سۇئال: نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىك نىگارەنىڭ تاپشۇرۇقىنى ياخشى ئىشلىگەن تاپشۇرۇق دەپ باھالايدۇ؟
جاۋاپ: گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخنى ئاسرىغانلىقى ئۈچۈن.
6. سۇئال: چىرايلىق چىغىر يول نېمە ئۈچۈن غايىپ بولدى؟
جاۋاپ: تازلىقنى سۆيمىگەنلىكى ئۈچۈن. تازلىققا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن  غايىپ بولدى.
7. سۇئال: كۈچەت تىكىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
جاۋاپ: ھاۋانى ساپلاشتۇرىدۇ، قۇم-بۇراندىن توسىدۇ.
8. سۇئال: بىز كۈچەتلەرگە قانداق ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟
جاۋاپ: سۇ قۇيىمىز، ئۇغۇتلايمىز، ھارام شاخلارنى ئالىمىز.
9. سۇئال: تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق بولىدۇ؟
جاۋاپ: ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلىماي، ئەخلەت ساندۇقىغا سالىمىز.
10. سۇئال: يامغۇر يېغىش ئالدىدا قارلىغاچ نېمە ئۈچۈن پەس ئۇچىدۇ؟
جاۋاپ: ھاشارەتلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن پەس ئۇچىدۇ.
11. سۇئال: سىز قانداق بايراملارنى بىلىسىز؟
جاۋاپ: ئاياللار بايرىمى، بالىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى، نۇرۇز بايرىمى.
12. سۇئال: ئېدىسون قانداق قىلىپ ئاپىسىنى قۇتقۇزىۋالدى؟
جاۋاپ: ئەقىل ئىشلىتىپ ئاپىسىنى قۇتقۇزىۋالدى.
13. سۇئال:قاغا ئاخىرى قانداق ئامال تېپىپ سۇنى ئىچەلىدى؟
جاۋاپ: كومزەككە تاشلارنى تاشلىغاندىن كېيىن سۇ ئىچەلىدى.
14. سۇئال: ئاق بۆجەن نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان يىسىۋېلەككە ئىگە بولدى؟
جاۋاپ: ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆزى تېرىپ پەرۋىش قىلغانلىقىدىن نۇرغۇن يېسىۋىلەككە ئىگە بولدى.
15. سۇئال: ھۇرۇن شىر بالىسى نېمە ئۈچۈن ماھارەت ئۆگەنمەيدۇ؟
جاۋاپ: تەييار تاپ بولغانلىقى ئۈچۈن.
16. سۇئال: دوستلىرىمىز قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاپ: ئۇلارغا سەمىمى ياردەم بېرىمىز.
17. سۇئال: قانداق قىلغاندا تۇرمۇشىمىزنى خۇشال ئۆتكۈزۈلەيمىز؟
جاۋاپ: باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىكىمىزدىن خۇشال ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.
18. سۇئال: نېمە ئۈچۈن ئابدۇللانى پادىشاھلىققا تاللىۋالدى؟
جاۋاپ: ئۇ سەمىمى، ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىدىن.
جۈملە تۈزۈش
1) ...ھەم...ھەم...—  بىزنىڭ سىنىپ ھەم كەڭ ھەم يۇرۇق.
2) ...شۇنچە...شۇنچە— بۇ ئۆي شۇنچە كەڭ، شۇنچە يۇرۇق.
3) ...-دە — ئۇ جاۋاپ بىرەلمىدى-دە يىغلاپ كەتتى.
4) ...شۇنداقلا... — ئۇ شۇنداقلا كېتىپ قالدى.
5) ... يەنىلا... — ئۇ يەنىلا يازالمىدى.
6) ...ھەقىقەتەنمۇ... — ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بالا.
7) ...چە... — ئۇ يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى.
8) ھېلى...ھېلى... — ئۇ ھېلى يىغلاپ ھېلى كۈلۈپ كەتتى.
9) بەزىدە...بەزىدە — بالىلار بەزىدە كىتاپ ئوقۇسا بەزىدە خەت يازىدۇ.
10) ... ئامال... — ئۇ بۇ ئىشقا ئامال تاپتى.
11) بەزىلىرى...بەزىلىرى... بەزىلىرى... بەزىلىرى... — بۇ گۈلنىڭ بەزىلىرى قىزىل بەزىلىرى ئاق بەزىلىرى سېرىق بەزىلىرى يېشىل رەڭدە.
12) ...ئوڭۇشلۇق... — بۇ ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى.
13) ... ئادەتتىن تاشقىرى — بۇ ئۆي ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق.
14) ...بارغانسىرى... — ئۇ بارغانسىرى تېز ماڭدى.
15) ... دىلا، ئاندىن— مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغاندىلا ئاندىن ئالىم بولغىلى بولىدۇ.
16) ...دەمسەن، ...دەمسەن،...دەمسەن— بۇ گۈللەرنىڭ قىزىلىنى دەمسەن، سېرىقىنى دەمسەن، يېشىلىنى دەمسەن ھەممىسى چىرايلىق.
17) ... بېشى قېتىش... — دادامنىڭ بېشى قېتىپ كەتتى.
18) ئاپرىن ئېيتىش— كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاپرىن ئېيتىشتى.
19) ...ئۇيان ئويلاپ... بۇيان ئويلاپ... — ئۇ ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى جاۋاپ تاپتى.
20) ئاندىن— ئۇ ئاۋال خەت يازدى. ئاندىن كىتاپ ئوقۇدى.
جۈملە تۈزۈش
1) توختاۋسىز— يامغۇر توختاۋسىز ياغدى.
2) تالىشىپ قېلىش— بىز بۇ ئىشتا تالىشىپ قالدۇق.
3) تامامەن— ئۇنىڭ دېگىنى تامامەن توغرا.
4) بەخىرامان— ئۇ بەخىرامان ئۇخلىدى.
5) ئەجەپلەنگەن— ئۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ئولتۇردى.
6) تەبەسسۇم بىلەن— مۇئەللىم بىزگە تەبەسسۇم بىلەن قارىدى.
7) ئەستايىدىل— ئۇ ئەستايىدىل بالا.
8) سۆيۈنۈش — مەن ئاتا-ئانامدىن سۆيۈنىمەن.
9) ھۇزۇرلىنىپ — ئۇ مۇزىكىنى ھۇزۇرلىنىپ ئاڭلايدۇ.
10) ئاسراش— بىز كىچىكلەرنى ئاسرايمىز.
11) ھەيران بولۇش— مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ھەيران بولدۇم.
12) ھالىدىن خەۋەر ئېلىش— مەن مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.
13) دەرھال— ئالىم دەرھال كەلسۇن.
14) دىمىق— بۈگۈن ھاۋا بەكمۇ دىمىق.
15) راستىنلا— ئۇ راستىنلا كەلمىدى.
16) ئەجەبا—ئەجىبا ئۇ كەلمىسە بولامدۇ؟
17) تايىنىڭ— سىز بۇ ئىشتا ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ.
18) ئاۋارە بولۇش— سەن بۇ ئىشقا ئاۋارە بولما.
19) مۇستەقىل— سەن مۇستەقىل ياشا.
20) سوۋغا قىلىش— مەن مۇئەللىمگە گۈل سوۋغا قىلدىم.
21) سەمىمى— ئۇ سەمىمى بالا.
22) پەرۋىش قىلىش— ئۇ گۈللەرنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈردى.
23) شۇنىڭدىن باشلاپ— ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگەردى.
24) كەلگۈسى— مەن كەلگۈسىدە دوختۇر بولىمەن.
25) ئۈمۈد— مەن ياخشى ئادەم بولۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
26) روھى چۈشۈش— بۇ گەپنى ئاڭلاپ روھىم چۈشۈپ كەتتى.


مەنىسىنى يېزىڭ
1. نۇرۇز بايرىمى- يىل باشلانغان كۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى  
2. زىمىن- يەر، تۇپراق
3. چىۋەر- چاققان      
4. ئۇستا-ماھىر      
5. سەپسېلىپ قاراش- دىققەت بىلەن قاراش
6. پۈتۈن زېھنى بىلەن- پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن 7.يۇمران-يۇمشاق، نازۇك  
8.ھەۋەس قىلىش- قىزىقىش
9.ئەيىپلىك-ئەيىپى بار، گۇناھى بار
10.ئاسراش- قۇغداش
11.تۇنجى –دەسلەپكى، بالدۇرقى
12.ئەجىر قىلىش-تەر تۈكۈش
13.زىچ –قۇيۇق
14.ئىھتىياتسىزلىق-  دىققەتسىزلىك
15.كەشپىيات- ئىجادىيەت
16.ئالەمدىن ئۆتۈش-ئۈلۈپ كىتىش
17.لەرزان –يىنىك
18.مەڭگۈ-ئۆمۈرۋايەت
19.ئارىيەت ئېلىش- ئۆتنە ئېلىش
20.ئەستايىدىل –كۆڭۈل قۇيۇش.
21.مەشھۇر –داڭلىق،نامى بار
22.زوقلىنىش –ھەۋەسلىنىش
23.قىياپەت-سىرتقى كۆرۈنۈش
24.غايىپ بۇلۇش-يۇقىلىپ كىتىش
25.نەقىش چىكىش –گۈل چىكىش
26.تارتىنىش –خىجىل بۇلۇش
27.كۈيلەش – مەدھىيلەش
28.ئىھتىيات قىلىش- دىققەت قىلىش
29.كەشپىيات –ئىجاد قىلىش
30.ئەجەپلىنىش –ھەيران قىلىش
31.بىخارامان –خاتىرجەم،غەمسىز
32.نەس بېسىش-ئىش ئوڭدىن كەلمەسلىك
33.تىت-تىت بۇلۇش- جىددىلىشىش
34.جانۋار –كىچىك جانلىق
35.پەيلى يامان –ئاچچىقى يامان
36.تامامەن –پۈتۈنلەي
37.ئارزۇ- ئارمان
38.تىنىمسىز-  توختىماي
39.سەمىمىي-راستچىل
40.بىپايان-چە كسىز
41.سۆيىنىش-خۇرسەن بۇلۇش
42.مەستانىسى-قىزىققۇچى، ئامراق
43.تايىنىش-يۆلىنىۋېلىش
44.ئىزىلەڭگۈلۈك-ھۇرۇنلۇق
45.ياي شەكىل-يىرىم ئاي شەكىل
46.ھۇشسىز-ھالىدىن كىتىش
47.ياخشى-ئوبدان
48.ئاجايىپ-غەلىتە
49.ئامال-چارە
50.بىپەرۋالىق قىلىش-بىغەم يۈرۈش  
51.تاماشىبىن-ئۇيۇن كۆرگۈچى
52.ئازاپلىنىش-كۆڭلى يىرىم بۇلۇش
53.ئاتاقلىق-مەشھۇر،نامى بار
54.ھەيۋەتلىك-كاتتا،زور  
55.ھۇزۇرلىنىش-راھەتلىنىش
56.كۆركەم-گۈزەل،چىرايلىق
57.كۇپايە-يىتەرلىك
58.ماھارەت-ھۈنەر
59.مۇستەقىل-ئۆزىگە تايىنىش
60.باھار پەسلى-كۆكلەم پەسلى
61.ئوپراتسىيە-يېرىپ داۋالاش
62.چارچاش-ھېرىش،ماغدۇرى قالماسلىق
63.ئاسراش-كۈيۈنۈش
64.ھالىدىن خەۋەر ئىلىش-بېقىش
65.ئەندىزە-قېلىپ
66.مەخپىيەتلىك-سىر
67.تارتىنىش-ئىزا تارتىش
68.غايىپ بۇلۇش-يۇقۇلۇش
69.رەھمەت ئىيتىش-تەشەككۇر ئېيتىش
70.سەللىمازا-پۈتۈنلەي
71.ھەمراھ-ئايرىلمايدىغان دوست
72.ئەجەبلىنىش-ھەيران قىلىش
73.سوۋغا قىلىش-ھەدىيە قىلىش
74.تايىنىش-يۆلىنىۋېلىش
75.زېرىكىش-يالغۇزلۇق ھىس قىلىش
76.كەلگۈسى-كەلمەكچى بولغان زامان  
77.سەمىمى-راست
78.روھى چۈشۈش-غەمكىن
79.قۇتلۇق-مۇبارەك
80.توختاۋسىز-توختىماي
81.تالىشىپ قىلىش –مۇلاھىزە قىلىش
82.زادىلا-پەقەت
83.بىپايان-چەكسىز  
84.سۆيىنىش-رازى بۇلۇش،پەخىرلىنىش
85.ئەپچىل-چاققان
86.ماھىر-ئۇستا  
87.ھەقىقەتەن-راست  
88.تۇلىمۇ-بەكمۇ   
89.دەرھال-ئىتتىك   
90.دىمىق-ئىسسىق
91.ساما-ئۇسسۇل
92.ئۇڭۇشلۇق-غەلبىلىك
93.نامرات-كەمبەغەل
94.شىرىن-تاتلىق
95.تۇيۇقسىز-توساتتىن، ئۇشتۇمتۇت
96.سەيلە-ساياھەت
97.مۈگدەش-ئۇخلاش
98.تېتىپ-يەپ
99.شىرىن-تاتلىق
100.ئالاھىدە-نۇقتىلىق
101.كۈن بۇيى-ھەركۈنى
102.ياشاش-تۇرمۇش كەچۈرۈش
103.ئاپىرىن ئېيتىش-تەشەككۇر ئېيىتىش
104.جابدۇنۇش-كىيىنىش
105.ھامان-ھەرۋاقىت
106.يامانلىشىپ-ئەسكىلىشىپ
107.ئامال-چارە
108.بارغانسىرى-بارا-بارا
109.خەۋەر ئېلىش-بېقىش
110.ساقىيىپ-ئوڭشۇلۇپ
111.ئاجايىپ-غەلىتە
112.ئۈمۈد-ئارزۇ
113.رازى بۇلۇش-مەمنۇن بۇلۇش
114.ھەرقانچە-شۇنچە     
قارمۇ-قارشى مەنىلىك سۆز
1.ئىلگىرى-كىيىن
2.چىرايلىق-سەت
3.مەھكەم –بوش
4.يۇمشاق-قاتتىق     
5.ئاچچىق-تاتلىق
6.ئىگىز-پەس
7.ئالدى-كەينى
8.ئۈستى-ئاستى
9.ئاچ-توق
10.ئىچى-سىرتى
11.ئاق-قارا
12.قاراڭغۇ-يۇرۇق  
13.ياخشى-يامان  
14.يېقىن-يىراق  
15.كۈلۈش-يىغلاش      16.ئاستا-ئىتتىك        17.يۇقۇرى-تۆۋەن         18.چاپسان-ئاستا
19.شىرىن-ئاچچىق           20.ھۆل-قۇرۇق           21.راسىت-يالغان          22.ئاسان-قىيىن           23.نامرات-باي             24.ئېغىر-يىنىك         25.پىششىق-خام         26.سېمىز-ئۇرۇق           27.چوڭ-كىچىك
28.ئاز-كۆپ  
29.ئىگىز-پەس
30.سەل قاراش-ئەستايىدىل     31.بىلىملىك-بىلىمىسىز             32.بېرىش-كىلىش          33.پاكىز-مەينەت          34.ھۇرۇن-ئىشچان  
35.ئۇزۇن-قىسقا
36.ئوچۇق-يېپىق
37.تۇتۇق-ئۇچۇق
38.ئىسسىق-سۇغۇق
39.كۈچلۈك-ئاجىز        40.دوست-دۈشمەن
41.كېچە-كۈندۈز
42.رەڭلىك-رەڭسىز
43.زىچ-شالاڭ  
44.گۈزەل-سەت        45.خۇشاللىق-خاپىلىق        46.كەڭ-تار  
47.دىمىق-سالقىن  
جۈپ سۆزلەر  
1.مىۋە-چىۋە   
2.خۇشال-خۇرام
      
3.بارا-بارا  
4.ئەقىل-پاراسەت
5.گۈل-غۇنچە
6.تىت-تىت   
7.ئاستا-ئاستا   
8.ئېتىز-ئېرىق
9.سۆز-جۈملە   
10.ئىگىز-پەس   
11.ئۇزۇن-قىسقا
12.نەرسە-كېرەك  
13.ئاق-قارا   
14.جاراڭ-جۇرۇڭ
15.ئىسىم-فامىلە
16.ئوت-چۆپ   
17.شىرنە-شەربەت
18.ئىچى-تېشى   
19.ئوڭغۇل-دوڭغۇل
20.بىر-بىرىگە  
21.گۈل-گىياھ   
22.باغ-باراۋان
23.دەل-دەرەخ
24.ئاتا-ئانا  
25.دەپتەر-قەلەم  
26.ئارچا-قارىغاي
27.ناخشا-ئۇسسۇل   

سۆز بىرىكمىسى   
1.نۇرۇز-نۇرۇز بايرىمى، نۇرۇز ئاخشىمى  
2.قۇتلۇق-قۇتلۇق كۈن،قۇتلۇق مەشرەپ، قۇتلۇق بايرام
3.مەشھۇر-مەشھۇر ئالىم، مەشھۇر دوختۇر
4.رەڭگارەڭ- رەڭگارەڭ گۈللەر، رەڭگارەڭ رەختلەر، رەڭگارەڭ كىيىملەر
5.بەك-بەك ئاسان، بەك ئېگىز، بەك ياخشى
6.ئاجايىپ-ئاجايىپ چوڭ، ئاجايىپ ئېگىز، ئاجايىپ سېمىز
7.يۇرتۇمنىڭ-يۇرتۇمنىڭ باغلىرى، يۇرتۇمنىڭ سۈيى
8.پاكىز-پاكىز ئۆي ، پاكىز كىيىم   
9.بىپايان-بىپايان قۇملۇق،  بىپايان ئېتىز  
10.ئېگىز-ئېگىز ئاسمان، ئىگىز دەرەخ،   ئىگىز بىنا  
11.كۈزۈتۈش-ئەستايىدىل كۈزۈتۈش
12.ئوخشاش-پۈتۈنلەي ئوخشاش
13.توپ-توپ مەستانىسى، توپ مۇسابىقىسى
14.سەيلىسى-باھار سەيلىسى، گۈل سەيلىسى
15.يايراش-كۆڭۈل يايراش، خۇشال يايراش
16.سېلىش-ئۆي سېلىش، ساما سېلىش
17.قەدىردان-قەدىردان ئاتا،قەدىردان مۇئەللىم
18.مىھرىبان-مىھرىبان ئانا،مىھرىبان ئۇستاز
19.ھەيۋەتلىك-ھەيۋەتلىك تاغ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش
20.گۈزەل-گۈزەل قىز، گۈزەل مەنزىرە،گۈزەل شەھەر  
21.ئالاھىدە-ئالاھىدە كۈن، ئالاھىدە تاپشۇرۇق، ئالاھىدە ئىش
22.ئىسىل-ئىسىل ئادەم، ئىسىل بالا،
23.جاپالىق-جاپالىق ئىش، جاپالىق تۇرمۇش
24.بىرتۈپ-بىر تۈپ دەرەخ   
25.بىر خالتا-بىر خالتا ئۇن   
26.بىر بولاق-بىربولاق قەغەز  
27.بىر تال- بىر تال قەلەم
28.بىر باغلام-بىر باغلام سەي
29.بىر ھارۋا- بىر ھارۋا سەي
30.ئانا-ئانا ۋەتەن
31.باھاردىكى- باھاردىكى ئۆزگىرىش
32.كەڭ-كەڭ كۇچا  
33.ئىككى جۈپ-ئىككى  جۇپ ئاياغ
34.ئاپپاق –ئاپپاق قار
35.بىر ساپاق-بىر ساپاق ئۈزۈم
36.ئۈچ مىتىر –ئۈچ مىتىر رەخت
37.بىر سىقىم-بىر سىقىم ئۈزۈم
38.ئالاھىدە-ئالاھىدە تاپشۇرۇق
39.يۇمىلاق-يۇلاق تاش
40.چىرايلىق-چىرايلىق قۇش
41.ساما-ساما سېلىش
42.خۇشال –خۇشال كۈن
43.بەختلىك-بەختلىك تۇرمۇش
44.بىر يۈرۈش-بىر يۈرۈش ئۆي
45.بىر قاپ-بىر قاپ سەرەڭگە
46.قىشلىق-قىشلىق كىيىم
47.ئاجايىپ-ئاجايىپ ئىشلار
48.خەيرىلىك-خەيرىلىك سەپەر
49.يېشىل-يېشىل چىراغ
50. باھار-باھار يامغۇرى
51.مامكاپ –مامكاپ گۈللىرى
52.شاپتۇل-شاپتۇل دەرىخى
53.جىددى –جىددى قىياپەت
54.تامامەن –تامامەن بۇلىدۇ
55.ئوخشىمىغان- ئوخشىمىغان تاماق
56.مەي باغلىغان-مەي باغلىغان مېۋىلەر
57.كۆز يەتكۈسىز-كۆز يەتكۈسىز يايلاق
58.يۇمىران –يۇمىران ئوت-چۆپ
59.ئىنچىكە-ئىىنچىكە سىم
60.ياپ-يېشىل
61.ئوت-چۆپ   
62.ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن –ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن مېڭىش
63.خۇشياقمىغان-خۇشياقمىغان ئىش
64.ماھىرى-پۇتبول ماھىرى، كومپىيۇتىر ماھىرى

بوش ئۇرۇننى تۇلدۇرۇڭ؟
1قۇشلار بولسا تېخى (ئۇچۇرما) بولمىغان بالىلىرىغا (ئاپپاق) پەيلەردىن بۈشۈك ياساۋاتاتتى.
2.باھار يامغۇرى قۇشلارنىڭ (تاراشلارنى-تاراشلارنى) ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. قانداقتۇر بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولغاندەك تېخىمۇ (شارىلداپ) يېغىپ كەتتى.
3.باھار كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. باھار يامغۇرى ( زېمىنغا توختاۋسىز) يېغىۋاتاتتى.
4.قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان چۈمۈللەر كۈرۈشكەندە (تەبەسسۇم) بىلەن (خەيرىلىك باھار) دېيىشەتتى.
5.مايمۇنچاق (سىنىپتا) خەت يىزىشنى (مەشىق) قىلىۋاتاتتى،ئۇ (ھەرقانچە قىلسىمۇ) يازغان خېتى (چىرايلىق) چىقمايۋاتاتتى.
6.بۇنىڭدىن (400)يىللار ئىلگىرى ئىتالىيىدە(داۋىنىچ)ئىسىملىك (داڭلىق) رەسسام بار ئىدى.
7.بالىلار ئۆز (يۇرتىنى) ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا يۇرتىنىڭ گۈزەك (مەنزىرىسىنى) سىزىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
8.ئۇچقۇننىڭ يۇرتى(بىپايان) قۇملۇقنىڭ (چېتىدە).ئۇ سىزغان قۇملۇق (سارغۇچ) ھەم (پارقىراق) .
9.زىلالىنىڭ يۇرتى ئىگىز (تاغنىڭ باغرىدا) .
10.مىڭلىغان تۇخۇم ئىچىدىن تامامەن (ئوخشايدىغان ئىككى تۇخۇم ) تاپقىلى بولمايدۇ.
11.شۇنىڭدىن باشلاپ (ھەرقانداق ئىشنى) (ئەستايىدىل) قىلىدىغان بولدى.
12.دوستلارنىڭ ھەممىسى بىر چىرايلىق يۇلدا (مېڭىشقا  ئامراق).
13.ئاخىرى چىرايلىق چىغىر يول (غايىپ بولدى) .
14.ئۇكامنىڭ سۇئالى بىلەن گىپىمنىڭ (ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالدى ).
15.غۇدىرىغىنىچە سىرت

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش