كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 6

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن 40 سۆز

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن 40 سۆز

1.سېنىڭ ئورنىڭدا مەن بولسام          ياشىمىغان بولاتتىم!
2.ھەجەپ دۆت ھاماقەت نىمىكەنسەن!  
3.سېنى كۆرسەملا بىزار بولىمەن!  
4.ساڭا كىم بەرسە شۇنى نەس باسىدۇ.
5.كاللاڭنىڭ دەردى بار ئوخشايدۇ.ئۆيگە بارغاندا ئاپاڭغا دېگىنسېنى بىر تەكشۈرتۈپ باقسۇن!
6.ھەي،ساڭا پەقەت ئامال يوقكەن.
7.ئولتۇرە قاپاقباش!بىلمىگەن ئادەم      نېمىشقا قول كۆتۈرىسەن؟
8.بالىڭىزنى ئوقۇتالمىغىدەكمىز،ئەڭ    ياخشىسى ئۆيگە ئەكىتىڭ!
9.يۈزۈڭ ئابدۇخالىقنىڭ چەمى ئىكەنغۇ؟
10.ئاغزىڭنى يۇم گېپىڭنى ئاڭلىغۇم يۇق!
11.ئۆتەپ بارە قېلىنلىقىنى قارا!

12.ئەڭ ناچىرى سەن بولۇپ قالدىڭ  جۇمۇ!
13.بۇ كۆزمۇ يا تامنىڭ تۆشۈگىمۇ!
14.كاللاڭنىڭ سۈيى باركەن جۇمۇ!  
15.بەك ئاجىزكەنسەن!
16.ئاغزىڭنى يۇم بەك ئاجىزكەنسەن
17.بىر چەتتە تۇرە!
18.ساڭا ئەمدى ئامال يۇق ئىكەن.
19.ئۆتۈپ كەتكەن ياغاچ قۇلاق           ئىكەنسەن.
20سەندە ۋىجدان دېگەن نېمە بارمۇ- يوق؟  
21.ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ جۇمۇ.  
22.نەچچە قېتىم سۆزلەپ بەرسەم يەنە چۈشەنمىدىڭمۇ؟               مەن تامغا سۆزلەپتىمەندە؟
23.سەندەك ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن!  
24.ئەتە داداڭ(ئاپاڭ)ۋەدىنامە يېزىپ   كەلسۇن،يەنە چاتاق چىقارساڭمەكتەپكە كەلگۈچى بولما!
25.ئوقۇتقۇچى دېگەن ئوقۇتقۇچى،ئۇ نىمە دىسە ھەق،ئاڭلىماي ھەددىڭئەمەس.    ئاڭلىمايمەن دىسەڭ مەكتەپكە ئاياغ باسما!  
26.يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ ئاتا- ئاناڭنى چاقىرتىمەن.  
27.سەندە ئەقىل دىگەن نەرسە بارمۇ؟
28.سەن چىرايلىق گەپ قىلغاننى       بىلمەيدىكەنسەن.  
29.ھە قاپاقباش،مەكتەپكە بىكار كەپسەن –دە!  
30.چىقىپ كەت!كۆزۈمدىن يۇقال!
31.ۋاي ئۆپكىسى يوق ئالدىراڭغۇ!
32.ئورنۇڭدىن قوپە!  
33.ھۇ دېتى يۇق!  
34.ھەي بۇلۇمسىز!

35.كاللاڭنىڭ دەردى بار ئوخشايدۇ    تەكشۈرتۈپ باقە!  
36.ھەي،ئىشەكتىن ھورۇن بىرنىمە     كەنسەن!
37.ئۇچىغا چىققان نان قېپىكەنسەنغۇ!
38.نېرى كېتە،كاللاڭدىن ئۆتكەندە      ئاندىن مېنى ئىزدىگىنە!
39.سىنىپنى تولا مالىماتاڭ قىلماي،نەگە بارساڭ بارغىنە!
40.قايسىڭ ياخشى ئۆگەنمىسەڭ ئاتا –ئاناڭنى چاقىرتىمەن!


مەنبە: سەئىدىيە تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-18 06:36:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق قىلىشقۇ چەكلەنگەن ،بەزى ئاچچىقى كىلىپ قالغاندا ئادەم چىقىرىپمۇ سالىدىكەن .خۇددى ئاتا - ئانىمىزمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرسەك تىللىغانغا ئوخشاش .
ۋاقتى: 2014-8-20 06:20:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردا ئېيتىلغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىش چەكلەنگەن ئىبارىلەر تۇلمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن .لىكىن
ھازىرقى بەزى ياش ئۇستازلار ھاقارەتلەشتىن ساقلانمايدۇ ،
ۋاقتى: 2014-8-26 00:50:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆزلەر نى ياخشى يوللاپسىز .بەزىدە سىز بولسىڭىزمۇ ساقلىنالمايسىز ،بۇ سۆزلەرنىڭ بەزىلىرىنى قىلىشتىن.بولسا دىققەت قىلىپ كەسپىي ئەخلاقىمىزغا ئەمەل قىلىشقا تىرىشايلى.ئەدەپ-ئەخلاقلىق ،قائىدە -يۇسۇنلۇق ئىز باسارلارنى تەربىيلەش بىزنىڭ بۇرچىمىز.بىز قىلساق ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ ئۈگىنىۋېلىشى مۇمكىن.
ۋاقتى: 2014-9-12 11:01:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆزلەر نى ياخشى يوللاپسىز .
ۋاقتى: 2016-2-29 16:31:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى بولغان دوستلار كۆرۈپ قويغىدەك سۆزلەر ئىكەن جۇمۇ .
ۋاقتى: 2016-6-24 09:00:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن سۆزلەرنى ناھايتى دەبدەبىلىك جاكارلاپ ،تەشۋىق قىلىمىز ،ئەمما ئۆزىمىز بۇ ئەمىليەتتىن بىزنىڭ ناھايتىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىمىزنى قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يىرىدىلا بىلىپ تۇرمىز ،توغرا ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەشكە ،تەن جازاسى بىرىشكە ،كەمسىتىشكە ،سەت قاراشقا ،ھومۇيۇشقا ........ئىشقىلىپ ئاللا قانداقتۇر سانسىزلىغان بولمايدۇلارنى بەك كۆپ دەپ كەتتۇق ،ئەمما بىزنىڭ ئومۇمى ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ئەمەلى ئەھۋالى زادى قانداق ،ئۇلارغا كونكىرىتنى بولغان تەربىيلەش ئۇسۇلى قانداق بولىشى كىرەك ؟نىمە ئۈچۈن ئەلمىساقتىن ھەممە بالىلار ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىقىپ كەتمەيدۇ ،دىگەن ئەمەلىيەتنى زادىلا سۈرۈشتۈرمەمدۇق ،قۇرۇق داۋراڭنى سېلىۋەرمەيلى ،كونا كۆينەكنى ياماۋەرمەيلى، ئۆزىمىزنى سۆلەتلىك سۆزلەر بىلەن ئالداۋەرمەيلى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش