| قانداق ئەھۋال ئاستىدا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ؟ قورساق بەك تويۇپ كەتكەندە ياكى بەك ئېچىپ كەتكەندە يۇيۇنسا بولمايدۇ.قورساق توق ۋاقىتتا يۇيۇنسا ،قاننىڭ كۆپ قىسمى بەدەننىڭ باشقا يەرلىرىگە ئېقىپ،قورساق بوشلىقىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تۆۋەنلەپ ،ھەزىم قىلنىپ قوبۇل قىلىشقا تەسىر يىتىپ ،قان شىكىرى تۇۋەنلەش ،ھەتتا كوللاپىس (ھوشىنى يۇقۇتۇش)،ئايلىنىپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يۇيۇنسا قان شېكىرى ئۆز ۋاقتىدا تۇلۇقلىنالماي ،ئاسانلا باش قېيىش ،كۆز قاراڭغۇلىشىش،پۇتۇن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش،ئېغىرراق بولغاندا قان شېكىرى تۇۋەنلىكتىن ھۇشىدىن كىتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.ئەمگەك قىلىپ بۇلۇپلا يۇيۇنسا بولمايدۇ.بولمىسا ،يۈرەك ،مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق،ھەتتا ئايلىنىپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. قان بېسىمى تۇۋەن ۋاقىتتا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ.قان بېسىمى تۇۋەن كىشىلەردە ئاسانلا مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمېنلىنىشى يېتەرلىك بولماي كوللاپىسنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئېلېكترودلارنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ،ئاسانلا ۋاقىتلىق سىستىما قالايمىقانلىشىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ،تۇتقاقلىقنى قوزغايدۇ. ياشانغانلار بەك كۆپ يۇيۇنماسلىقى كېرەك .يۇيۇنغان ۋاقىتتا سۇنىڭ تېمپېراتۇرسى يۇقىرى بولغاچقا ،بەدەندىكى ئىسسىقلىقى ئاسانلىقچە تارقىلالماي قىل قان تۇمۇرلار كېڭىيىپ ،چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەي باش قېيىش ،ھەتتا ئايلىنىپ كېتىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
‹‹ھايا تلىق›› ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى. |
|