كۆرۈش: 381|ئىنكاس: 3

ماتىماتىكا ئۆگنەيلى (ئەھمەد موھىدىن كارۋانى، لىرىك نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 09:26  

ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى !

لىرىك نەسىر
ئەھەد موھىدىن كارۋانى

ماتېماتىكا سانلىق مىقدار ۋە شەكلىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ماتېماتىكا تەبئىي پەن ئىچىدىكى قورال خاراكتېرلىك پەن. ماتېماتىكا تەبىئىي پەننىڭ ئاساسى. ماتېماتىكا تەبىئىي پەننىڭ ئاچقۇچى. ماتېماتىكا بىلمەي تۇرۇپ تەبىئىي پەننىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقىلى بولمايدۇ.  خېمىيىدىكى تەڭلىمىلەر، فىزىكىدىكى فورمۇلالار ۋە كومپيوتېردىكى سېستىمىلار، بۇيرۇقلار بولسۇن ھەممىسى ماتېماتىكىلىق ئىپادە، ماتېماتىكىلىق يېشىم ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. ئىلىم-پەن تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر فىزىكا ئالىمى نىيوتۇن، ئېينىشتىيىن دېگەنلەرمۇ ماتېماتىكا بىلىملىرىگە ئىنتايىن پىششىق ئىدى. نىيوتۇن شۇڭا نىيوتۇننىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى، ئىككىنچى ھەرىكەت قانۇنى، ئۈچىنچى ھەرىكەت قانۇنى شۇنداقلا يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى، ئالەملىك تارتىش كۈچى قاتارلىق كۈچ ھەققىدىكى ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىغان. ئېينىشتىيىن بولسا نىسپىيلىك  نەزىريىسى، ماسسا ئىنىرگىيە تەڭلىمىسىگە ئوخشاش مۇرەككەپ ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىغان. يېقىنقى زامان خىمىيىنىڭ ئاتىسى–لاۋۇزىرمۇ ماتېماتىكىنى پىششىق بىلەتتى، يەنى ئۇ كۆيۈشنىڭ ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رىئاكسىيىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت توغرا نەزىريىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى فىلوگىستۇن تەلىماتىنىڭ گۇڭگالىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تۇيۇق يولدىن داغدام يولغا باشلىغان. ئەگەر لاۋۇزىرمۇ ماتېماتىكىنى بىلمىگەن بولسا شۇنچە مۇرەككەپ ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسزلىنىش رىئاكسىيىسى، ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى بىلمىگەن بولاتتى.
ئېرسىيەتشۇناس، ئىلمىنىتلار دەۋرى جەدىۋىلىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئۇلۇغ ئالىم مىندىلىمۇ ماتېماتىكىنى پىششىق بىلەتتى.
ئەگەر مىندىلى ماتېماتىكا بىلمىگەن بولسا ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەلا سورتلىرىنى يىتىشتۈرەلمىگەن، ئىنسانلارنىڭ يېقىن تۇغقانلار ئارا توي قىلىشىنىڭ كىينكى ئەۋلادلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ھەتتا خىمىيەنىڭ يول خەرىتىسى، خىمىيەنىڭ ئاچقۇچى، خىمىيە ئىلمىنتلارنىڭ سىرى بولغان، ئىلمىنىتلار دەۋرى جەدىۋىلىنى لاھىيلەپ چىقالمىغان بولاتتى، چۈنكى ئىلمىنتلار دەۋرى جەدىۋىلىدە ئىلمىنىتلارنىڭ «ئاتوم ئېغىرلىقى، زىچلىقى، ئاتوم رەت نۇمۇرى»دېگەندەك مۇرەككەپ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش قانۇنىيىتى بار.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
بىز يەۋاتقان يىمەك-ئىچمەك، تۇز-تائامنىڭ سانى، ھەجىمى، تۈرى، ئېغىرلىقى  بولىدۇ. بىز كىيىۋاتقان كىيىم-كېچەكنىڭ بوي، كۆكرەك، بەل، كاسسا، غول، يەڭ، قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولىدۇ. بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى ئىسكىلىتنىڭ سانى، چىشىمىزنىڭ سانى، قول ۋە پۇتنىڭ بارماق سانى، بەدىنىمىزدە نەچچە كىلوگىرام قان بولىدىغانلىقى، ئىگىزلىكىمىزنىڭ قانچىلىك، ئېغىرلىقىمىزنىڭ قانچىلىك، يېشىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن سان بولمىسا بولمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ماتېماتىكىدىن ئايرىپ قالالمايمىز.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
بىز ئولتۇرىۋاتقان ئۆيلەرنىڭ، بىنالارنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، كوۋادرات سانى، ھەجىمى، بىز ئولتۇرىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، چاقلىرىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى، دىئامېتىرى بولىدۇ.
يەرشارى بىلەن ئاي شارىنىڭ ئارلىقى، يەرشارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشتا يەنىلا ماتېماتىكىدىن ئايرىپ قالالمايمىز.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە بولۇپ تاكى تۇغۇلغىچە شۇنداقلا تۇغۇلۇپ بولۇپ، ئايىغىمىز چىققۇچە، ئايىغىمىز چىقىپ بولۇپ ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، قىرانلىق، قېرىلىق دەۋىرلىرىدە ھەتتا كۆز يۇمۇپ كەتكۈچە بولغان ئىنساننىڭ ھەرقايسى ھاياتلىق دەرۋىرلىرىدە «دەقىقە، سىكونت، مىنۇت، سائەت، كۈن، ھەپتە، ئاي، يىل» دېگەندەك ماتىماتىكىلىق ۋاقىت ئۇقۇمدىن ئايرىپ قالالمايمىز.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
بىز ئولتۇرىۋاتقان ئوقۇتۇش بىنانىڭ، سىنىپنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، ئىگىزلىكى، ھەجىمى، كوۋادرات سانى بولىدۇ.
بىز ئولتۇرىۋاتقان جوزا، ئورۇندۇقنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، ئىگىزلىكى بولىدۇ. بىز ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداش، قەلەم، قاپچۇق، دەپتەر قاتارلىق ئوقۇتۇش قوراللىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى، يۈزى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماتېماتىكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
بىز ئىشلىتىۋاتقان كىرئالغۇ، توڭلاتقۇ، تېلىۋېزور، DVD قاتارلىق ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئىگىزلىكى، ھەجىمى بولىدۇ. بۇلارمۇ ماتېماتىكىدىن ئايرىلىپ قالالمايدۇ.
بىز ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان سۈيۈملۈك كىتابلىرىمىزدىكى خەتنىڭ سانى، چوڭ-كىچىكلىكى، خەت ئارلىقى، قۇر سانى، قۇر ئارلىقى بولىدۇ. قەغەزنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى بولىدۇ. بۇلارمۇ ماتېماتىكىدىن ئايرىلىپ قالالمايدۇ.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
بىز مېڭىۋاتقان ئاسفالىت يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك  تاش يولنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، قېلىنلىقى بولىدۇ. شۇ يولغا كەتكەن قۇم ، شېغىل، سىمونت، ۋە باشقا ماتېرىياللارنى قانچىلىك نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ماتېماتىكىدىن ئايرىلىپ قالالمايمىز.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
بىز سودا-سېتىق، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىمىزدا كىرىم-چىقىم، پايدا-زىيان، مەبلەغ قاتارلىقلارنى ئىنچىكە ھېسابلىمىغاندا تىجارەت ئورۇنلىرىمىز، كارخانىلىرىمىز، شىركەتلىرىمىز ھەش-پەش دىگۈچە ۋەيران بولىدۇ، شۇڭا تىجارىتىمىزنىڭ، كارخانىمىزنىڭ روناق تېپىشىمۇ ماتېماتىكىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
گۈزەل ئانا يۇرتىمىزنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىنى، بىپايان ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆگۈنەيلى.
شۇ گۈزەل ئانا يۇرتىمىزنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆگىنەيلى.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
خۇددىي گالىلىي ئېيتقاندەك، «ماتېماتىكا ئىلىمىي تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تىلى» بىز تەبىئەت دۇنياسى بىلەن سىردىشىمىز، مۇڭدىشىمىز، ئۇلارنى چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، ماتېماتىكا ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
بىزدىنمۇ:«ئەبۇ ناسىر فارابى، ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتۇرى شەۋكەت قادىر، ئابدۇرىشىت ئابدۇۋىلى»گە ئوخشاش ماتېماتىكا ئالىملىرىمىز چىققان ھەم چىقىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغان ئوتتەك قىزىقىشىدىن ، ھارماي-تالماي ئۆگۈنىشىدىن، چوڭقۇر ئىزدىنشىدىن ئۆگۈنىشىمىز كېرەك.
ساۋاقداشلار، ماتېماتىكا ئۆگىنەيلى!
ماتېماتىكا ئۆگۈنۈشتە ماتېماتىكىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرايلى، ماتېماتىكىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، تەتقىقات، خىزمەتتە تۇتقان ئورنىنى، ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ يىتەيلى.
ماتېماتىكا سىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق سىرلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان، بىلگىلى بولمايدىغان، زىرىكىشلىك پەن ئەمەس، بەلكى ماتېماتىكا ئۆگەنگىلى بولىدىغان، چۈشەنگىلى بولىدىغان، بىلگىلى بولىدىغان، قىزىقارلىق پەن، ماتېماتىكا ئۆگەنگەندە ماتېماتىكا بىلىملىرىنى تۇرمۇشقا تەدبىقلاشقا ماھىر بولساق، جاپالىق تىرىشىپ ئۆگەنسەك، ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلساقلا چۇقۇم ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنەلەيمىز.



ماتىماتىكا ئۆگنەيلى (ئەھمەد موھىدىن كارۋانى، لىرىك نەسىر)ماتىماتىكا ئۆگنەيلى.doc

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-8 12:53:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .
ۋاقتى: 2014-6-8 09:29:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەرچەن ئوغلى ، ياخشىمۇ سىز ؟ يېقىندىن بۇيان ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر . ماتىماتىكا ئۈگىنەيلى تېمىسىدىكى بۇ تەشەببۇسنامە خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ شۇڭا بىۋاستە كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەھرىرلەپ قويدۇم . تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر بەھىرلەنسۇن !
ۋاقتى: 2015-12-28 21:29:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك بىر ماتىماتىكا  ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى يىزىپسىز ،ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش