ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ رېتسىپى — ئەرنى ماختاش، ئايالنى ئاسراش
ئالدىنقى ھەپتە دوستلار يىغىلىشىدا بىر دوستۇمنىڭ يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئەر–ئايال ئىككىيلەن ھەممىمىزنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بىر جۈپلەردىن ئىدى. ئىككىسىلا كەسپىي ئورۇندا ئىشلەيتتى، قوشكېزەك بالىلىرى بار ئىدى، خىزمەتتىكى نەتىجىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى تولىمۇ بەختلىك ياشايتتى. ئەپسۇس بىر يىل ئىلگىرى دوستۇمنىڭ يولدىشى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن، ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات سۇسلىشىشقا باشلىدى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، يولدىشى ئۇنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۇنىڭ بىلەن قىلچە كارى بولمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. يولدىشىنىڭ دېيىشىچە، دوستۇم ئۇنىڭغا كۆيۈنمەيدىكەن، ئۇ پۈتۈن كۈن ئىشلەپ ھېرىپ–ئېچىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە دوستۇم ئۇنىڭغا ئوچۇق چىراي ئاچمايدىكەن، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ بارغانسېرى بىر–بىرىدىن بىزار بولۇشقا باشلاپ، ئارىسىدىكى مۇھەببەت سۇسلىشىپ كېتىپتۇ. بىر قېتىملىق ئائىلە يىغىلىشىدا دوستۇم يولدىشىغا گەپ ياندۇرۇپتۇ، يولدىشىمۇ پەقەتلا يول قويماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسى ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ئاخىر نىكاھىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاپتۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، يولدىشىنىڭمۇ، دوستۇمنىڭمۇ خاتا، دېيىشكە بولمايدۇ، پەقەت ئىككىسىلا مەسىلىنى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلمىغان. نىكاھ ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىش سەنئىتى. ئەگەر يولدىشى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دوستۇمغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرگەن بولسا، شۇنداقلا دوستۇممۇ يولدىشىنى چۈشىنىپ، پات–پات ماختاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، خىزمەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلى چۈشكۈنلەشكەن يولدىشىغا روھىي جەھەتتىن مەدەت بەرگەن بولسا بەلكىم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولۇشى مۇمكىن ئىدى! يولدىشىنى ماختاش — ئاياللار بەختلىك نىكاھىنى ساقلاپ قېلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم سەنئەت. ئەرلەرنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۆيگە كېلىدىغان، ئايالىغا ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدىغان، ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ئامىل دەل «ماختاش» تىن ئىبارەت. بۇ يەردىكى ماختاش ئالداش، بويسۇنۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەرلەرگە ئاتا قىلىنغان ھەقىقىي مېھرىبانلىق، ئەرلەرنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىغان ئەڭ ياخشى مەنىۋى مەدەت، شۇنداقلا ئەر–ئاياللىق مۇناسىۋىتى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېسىل دورىسىدۇر. ئايالنى ئاسراش ئەرنىڭ نىكاھنى مۇستەھكەملىشىدىكى بىباھا گۆھەر. دۇنيادا يولدىشىنىڭ ئاسرىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئايال بولمىسا كېرەك. ئاسراش ئايالغا نىسبەتەن ئۈچ ۋاق تاماقتىنمۇ مۇھىم بولغان مەنىۋى ئوزۇق، ئۇ ئاياللار ھاياتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاياللار ئۇنىڭدىن مەڭگۈ بىزار بولمايدۇ. ھەرقانداق ئەر ئايالىغا كۆيۈنۈش، ئاسراشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ قارىشى كېرەك. ئائىلىدە بىرەر ماجىرا يۈز بەرگەندە ئەر قاراملىق قىلماسلىقى، ئەگىتىپ ئۆتۈپ كېتىشنى بىلىشى لازىم. ئەر–ئايال ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل سۈركىلىش بولغاندا ئەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاتلىق سۆز، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كېيىنكى ئىشلارمۇ ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. ئومۇمەن، ئەر ماختاشقا، ئايال ئاسراشقا موھتاج. بۇ ئىككى تەرەپ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىل. ئەقىللىق ئايال ئىشەنچكە تولغان كۆزلىرى ۋە تاتلىق سۆزلىرى بىلەن يولدىشىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، يولدىشىنى مۇۋاپىق ماختىغاندا ئاخىرقى ھېسابتا پايدا ئالىدىغىنى يەنىلا ئۆزى بولىدۇ؛ ئەرنىڭ ئاسرىشى ئايال ئۈچۈن ئەڭ سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇمى، يولدىشىنىڭ كۆيۈنۈشى يۈزىنى يول–يول قورۇق بېسىپ كەتكەن ياشانغان ئايالنىمۇ ياشارتىۋېتەلەيدۇ. مەنبە:چىنبۇلاق تورىدىن ئېلىندى
http://my.tv.sohu.com/user/profi ... =25&sortType=2#
|