| كومپىيوتېر ئاساسى بىلىملىرىدىن نەزەرىيە ئىمتىھان سۇئالى(1) (ئمتىھان ۋاقتى 40 مىنۇت ، 50 نومۇر) I. بىرنى تاللاپ جاۋاپ بېرىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ) 1.كومپىيوتېر ۋىرۇسى ھەققىدە قاراشلاردىن توغرىسى ( ). A. ۋىرۇس تازلاش دىتالى ھەرقانداق ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلەيدۇ B. ۋىرۇس ئەمىليەتتە بىر پىروگرامما C. ۋىرۇس پەقەت ئەمەلى ئشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىلا يۇقۇملاندۇردۇ D. ھەقسىز ۋىرۇس تازلاش دىتالنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن 2. كومپيۇتېردىكى بارلىق ئۇچۇرلار ساقلانغاندا ( ) بۇيىچە ساقلىدۇ. A. ئونلۇق سىستېمىدىكى سانلار B. ئون ئالتىلىك سىستېمىدىكى سانلار C. ASCII كودى D. ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلار 3. تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە مەشغۇلات سىستېمىسىغا تەۋە بولغىنى ( ). A. WORD B. PPT C. CPU D. Android 4. تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەردىن چىقىرىش ئۈسكۈنىسىگە تەۋە بولغىنى ( ). A. كۇنۇپكا تاختىسى B. مائۇس C. ياڭراتقۇ D. ئوپتىكىلىق قەلەم 5. ئۈچۈنچى ئەۋلاد ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېردا قوللىنىلغان لوگىكىلىق توك يولى ( ). A. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى B. چوڭ كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى C . كرىستال لامپا D. ئېلېكترونلۇق لامپا 6. تۆۋەندىكى پروگراممىلاردىن قوشۇمچە ماتېرىيال (附件) غا تەۋە بولمىغىنى ( ). A. ھېسابلىغۇچ(计算器) B. يىزىق تاختىسى(写字板) C. ئۇيۇن(游戏) D. رەسىم سىزغۇچ(画图) 7. Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا، پۈتۈن ئېكران ( ) دەپ ئاتىلىدۇ. A. كۆزنەك B. مەشغۇلات سۇپىسى C. خىزمەت رايۇنى D. ئۈستەل يۈزى 8. «كومپىيوتېردا ياردەمچى لايھەلەش» نىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ( ). A. CAM B. CAI C. CAD D. PPT 9. ماگنىتلىق دېسكىنى ( ) دىيىش خاتا. A. كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى B. چىقىرىش ئۈسكۈنىسى C. ئىچكى ساقلىغۇچ D. سىرتقى ساقلىغۇچ 10. Windows دا، ( ) نى ھۆججەت نامى قىلىشقا بولمايدۇ. A. "<" B. "_" C. "+" D. "خەنزۇچە خەت" 11. تۆۋەندىكى ساقلىغۇچلارنىڭ ئىچىدە سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى ( ). A. بارماق دىسكا B. ئىچكى ساقلىغۇچ C. ئوپتىكىلىق دىسكا ساقلىغۇچ D. قاتتىق دىسكا ساقلىغۇچ 12. core i3 3220\4G\500G دا 4G( ) نىڭ سەپلىمىسگە ۋەكىللىك قىلدۇ. A. cpu B. قاتتىق دىسكا C. ئىچكى ساقلىغۇچ D.مائۇس 13. windowns نىڭ مەنبە باشقۇرغۇچى ‹‹资源管理器›› كۆزنىكى ( ) قىسىمغا بۆلىندۇ. A. 1 B. 2 C. 3 D. 4 14. Windows دا، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يىغىش پونكىتى (回收站) غا قويماي بىۋاستە ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ( ) مەشغۇلات ئىشلىنىدۇ. A. Alt + F4 B. Shift + Delete C. Alt + Shift D. Ctrl + X 15. Windows دا، قاتتىق دىسكىدىن لوگىكىلىق ياكى ۋاقىتلىق ئۆچۈرۋىتىلگەن ھۆججەتلەر ( ) غا قويۇلىدۇ. A. غول مۇندەرىجە ئاستى B. يىغىش پونكىتى C. كونترول تاختىسى D. ئوپتىكىلىق دىسكا 16. Windows نىڭ كۆزنەك تاقاش كۇنۇپكىسى ( ). A. B. C. D. 17. تۆۋەندىكىلەردىن ( )كۆپ ۋاستە قۇيۇش دىتالغا تەۋە بولغىنى A. B. C. D. 18. WWW.AKS.GOV.CN دىكى GOV ( ) A.مائارىپ ئورگىنى B. ھۆكۈمەت تور بىتى C. خەلىقئارالىق نام D. خەيىر-ساخاۋەت ئورگىنى 19. رەسىم سىزىش پروگراممىسى (画图) دا ساقلاشقا بولدىغان ھۆججەت تىپى ( ). A.GIP B. MP3 C. DAT D. PPT 20. تۆۋەندىكىلەردىن ( ) ھۆججەت پرېسلاش يۇمشاق ماتېرىيالىغا تەۋەبولمىغىنى A. Win zip B. Win rar C. 7ZIP D. WinPx 21. تور بېتىنى كومپيۇتېرىمىزنىڭ قاتتىق دىسكىسى ياكى باشقا ساقلىغۇچقا ساقلىماقچى بولساق، ( ) تىزىملىكىدىكى «باشقا نامدا ساقلاش»(另存为) بۇيرۇقىنى تاللايمىز. A. «文件» (ھۆججەت) B. «编辑» (تەھرىرلەش) C. «收藏» (يىغىپ ساقلاش) D. «工具» (قورال) 22. ئەگەر Windows نىڭ تىزىملىك بويرۇقىنىڭ ئاخرىدا "..." بەلگىسى بولسا، سىستېما بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغاندا ( ) ئېچىلىپ ئىشلەتكۈچىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. A. كۆزنەك B. ھۆججەت C. كونترول تاختىسى D. دىئالوگ رامكىسى 23. Word قوزغىتىلغاندىن كېيىن، ( ) ناملىق دوكۇمېنتتىن بىرنى ئاپتۇماتىك ئاچىدۇ. A. Noname B. Untitled C. 文件1 D. 文档1 24. Word دوكۇمېنتىغا جەدۋەل كىرگۈزۈش ئۈچۈن ( ) تىزىملىكىدىكى بويرۇقنى ئىشلىتىمىز. A. «格式» (فورمات) B. «表格» (جەدۋەل) C. «工具» (قورال) D. «插入» (قىستۇرۇش) 25. Word دا، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە دوكۇمېنت ئېچىپ تەھرىرلەشكە بولىدۇ، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىىۋەتلىك بويرۇق ئارقىلىق ھەر قايسى دوكۇمېنت كۆزنەكلىرى ئارىسىدا ئالمىشىشقا بولىدۇ. A. «编辑» (تەھرىرلەش) B. «窗口» (كۆزنەك) C. «视图» (كۆرمە سۈرەت) D. «工具» (قورال) 26. قىستۇرۇش نۇقتىسىنى Word دوكۇمېنتىنىڭ بېشىغا تىز يۆتكەش ئۈچۈن، ( ) كۇنۇپكىنى بېسىش كېرەك . A. PageUp + Ctrl B. Ctrl + ↓ C. Ctrl + Home D. End + Ctrl 27. Word كۆزنىكىنىڭ تېكىست رايۇنىدا، لىپىلداپ تۇرىدىغان كىچىك تىك سىزىق ( ) نى بىلدۇرىدۇ. A. سىزغۇچ ئورنى B. كىرگۈزۈش نۇقتىسى C. كۇنۇپكا ئورنى D. مائۇس ئورنى 28. ئەگەر Word كۆزنىكىدە شەكىل سىزىش (绘图) قورال ئىستونىنى كۆرسەتمەكچى بولساق، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بويرۇقنى تاللاش كېرەك. A. «文件» (ھۆججەت) B. «视图» (كۆرمە سۈرەت) C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «格式» (فورمات) 29. Excel دە، كاتەكچىگە فورمۇلا كىرگۈزگەندە، ئالدى بىلەن ( ) بەلگىسى كىرگۈزۈلىدۇ. A. < B. > C. # D. = 30. Excelدە، يېڭى قۇرۇلغان خىزمەت دەپتىرى ( ) دانە خىزمەت جەدۋىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. A. 3 B. 256 C. 65536 D. 65534 31. Excelخىزمەت جەدۋىلىنىڭ ئاساسلىق ئېلمېنتى ( ) . A. خىزمەت دەپتىرى B. خىزمەت جەدۋىلى C. قۇر ياكى ئىستون D. كاتەكچە 32. Excelدە، كىرگۈزۈلگەن ھەرىپ ئۆزلىگىدىن كاتەكچىنىڭ ( ) توغرىلىنىدۇ. A. سول تەرىپىگە B. ئىككى ئۇچىغا C. ئوتتۇرسىغا D. ئوڭ تەرىپىگە 33. Excel دە، ( ) بەلگە ئارقىلىق ھەرپ-بەلگە تېزىقىنى ئۇلاشقا بولىدۇ. A. & B. + C. @ D. * 34. Excelنىڭ، كاتەكچە قوللىنىشى نىسپىي قوللىنىش، ئارىلاشما قوللىنىش ۋە ( ) دەپ بۆلۈنىدۇ. A. مۇتلەق قوللىنىش B. كاتەكچە قوللىنىش C. ئىستون قوللىنىش D. قۇر قوللىنىش 35. PowerPoint نىڭ كۆز يۈگۈرتىش كۆرمە سۈرەت شەكلى (幻灯片浏览视图) دە، Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مەلۇم بىر پلاستىنكىنى سۆرىسەك، ( ) مەشغۇلاتى ئىجرا قىلىنىدۇ. A. پلاستىنكىنى يۆتكەش B. پلاستىنكىنى كۆچۈرۈش C. پلاستىنكىنى ئۆچۈرۈش D. پلاستىنكىنى تاللاش 36. PowerPoint ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى ( ). A. .ppt B. .pwt C. .xsl D. .doc
|
|