كۆرۈش: 743|ئىنكاس: 8

قاراقاش ناھيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپنى چۈشىنەمسىز ،..؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھۆرمەتلىك ئۇقۇتقۇچى ،ئۇستازلار ،ساۋاقداشلار :
2013ـ يىلى كاۋاك يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە كاۋاك خەلقى ئۈچۈن كاۋاك مائارىپىدا كىشىنى سۈيۈندۈرىدىغان ،خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن مول - ھۇسۇللۇق بىر يىل بولدى .
بۇ يىلدا مەكتىپىمىز 10يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ،رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇغۇچى يەتكۈزۈش غايىمىز ئىشقا ئاشتى.
مەكتەپ تەشكىلىنىڭ ماددى - مەنىۋى جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللىشى،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈزىنى ئۇنتىغان ھالدا ئەجىرـ مىھنەت سىڭدۈرشى ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنىق مەۋقە يىتىلدۈرۈپ توختاۋسىز ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە مەكتىپىمىزدىن ئىككى نەپەر ئۇقۇغۇچى يۇقىرى نۇمۇر ،ئەلا نەتىجە بىلەن دۆلەت بەلگىلىگەن نۇمۇر سىزىقى ،تەكشۈرۈش،تاللاشلاردىن دادىل ھالقىپ ئۈتۈپ،بېيجىڭ شەھرى ۋە ۋۇخەن شەھرىدە ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.
مەكتىپىمىزدىن ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇغۇچى ئۈتۈشى بىزگە پەقەت تىرىشچانلىق بولغاندىلا ئۆزگەرگىلى بۇلىدىغانلىقىنى ،پەقەت تىرىشچانلىق كۆسەتكەندىلا ئۆزگەرتكىلى بۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى.
مەكتىپىمىز بۇ نەتىجە ئارقىلىق مۇنداق تۆت قاراشقا خاتىمە بەردى.
1.        كاۋاك يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۈتەلەيدىغان ئۇقۇغۇچى يوق دىگەن قاراش.
2.        كاۋاك يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇغۇچى يەتكۈزەلەيدىغان ئۇقۇتقۇچى يوق دىگەن قاراش.
3.        كاۋاك يېز كاۋاك يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇغۇچى يەتكۈزەلەيدىغان رەھبەرلىك بەنزە يوق دىگەن قاراش.
4.        كاۋاك يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئۇقۇغۇچى يەتكۈزگىلى بولمايدۇ دىگەن قاراش.
بىز بۇ نەتىجىمىز ئارقىلىق،يەنە شۇنداق يەكۈنگە ئىرىشتۇقكى ،ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە تۆت بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.
1.        تەدبىرى كۈچلۈك ،باش چۈكۈرۈپ ئىشلەش روھىغا ئىگە رەھبەرلىك بەنزە بۇلۇش.
2.        ئىزدىنىش روھىغا باي ،جاپادىن قورقمايدىغان ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى بۇلۇش.
3.        توغرا غايە،ئاڭلىق ئۈگىنىش قىزغىنلىقىغا ئىگە ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇش
4.مائارىپ قارشى يۇقىرى،پەرزەنتلىرنى قوللايدىغان ئاتا-ئانىلارقۇشۇنى بۇلۇش.
يۇقارقى تەلەپلەرخىزمەت ئەمىليىتىمىزداۋامداھەقىقى تۈردە ئۆزئىپادىسىنى تاپالىسا،يىزىمىزئوتتۇرامەكتەپ مائارىپىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەقىقيات مۇساپىسىدە تېخىمۇشانلىق نەتىجىلەرنى كۈتىۋېلىشغاگەپ كەتمەيدۇ.
يۇقاردا قەيت قىلغىنىمىزغا ئوخشاش بىزنىڭ يۇقارقىدەك نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرشىمىزدە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىمىزنىڭ ئازبولمىغان ئەجىر-مھنتىى بار.
شۇسىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرىس ئۆتكەن  ئابدۇلباسىت خەبەر،مەمەت ئابدۇللا غۇجابدۇللا،ئابلىكىم يۈسۈن،نۇرمەمەت مەمىتىمىن ،ئۇبۇلقاسىم رۇزى ،مەمىتىمىن ئابدۇللاقاتارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىل بىلەن ئىپادلگۈسىز ئەجىر-مھنتى بار.مەكتىپىمىزنى قوللىغان،خىزمتىمىزگە ماسلاشقان ئاتا-ئانىلار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىر-مىھنىتى بار.
بىزمەكتەپ تەشكىلى ئۇلارغا چىن دىلىمىزدىن ئالاھدە رەھمەت ئىېتىمىزۋەسەمىمى تەشەككۇرىمىزنى بىلدۇرىمىز.
يولداشلار،ساۋاقداشلار!!!
بىزدە تۈنۈگۈن –ئۆتمۈش،ئەتە-چۈش،بۈگۈن-رئاللقتۇر،دەيدىغان گەپ بار.بىزنىڭ2013-يىللىق ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈش خىزىمىتىدىكى نەتىجلەر مەكتىپىمىز ئۈچۈن بىر ئابىدە،ئۇ بىزدىن ھەربىر يىلدا ئۈزىگە يىڭى مەزمۇنلارنىڭ ئۇيۇلىشىنى ئەتىدىمۇ ،كەلگۈسىدىمۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ نامايەن بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئۇ گوياكى بۈگۈنكىلەرنىڭ قولىدا يانغان مەشئەل ئۇ ئەتىدىمۇ ،كەلگۈسىدىمۇ ئۈزىنىڭ ئۈچۈپ قالماسلىقىنى كۈنسايىن تېخىمۇ جۇلالىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بىزدىكى ،ھەممىمىزدىكى ئىرادە تېخىمۇ كۈچەيگەندە يىراققا نەزەر تاشلاپ توختاۋسىز ئىزدىنىش روھىمىز تېخىمۇ كۈچەيگەندە ،بىرىلىپ ئىشلەپ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۆھپە قۇشۇش ئاڭلىقلىقىمىز كۈچەيگەندە ئۇ تەلەپ چۇقۇم ئىشقا ئاشىدۇ .
بىز ئەنە شۇ ئابىدىلەرگە يىڭى مەزمۇنلارنى نەقىشلەۋاتقاندا يالقۇنقاۋاتقان مەشئەل يۈزىمىزنى يۇرۇق قىلىدۇ.
ئاخىرىدا مەن 2014ـ يىلىنى ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمتاھان بىرىدىغان بىرىدىغان ئۇقۇغۇچىلارغا دەرس بىرىۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئىرادە ۋە تىرىشچانلىقىغا ئۇتۇق ،ئۇقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ روھىيتىگە ساپلىق ،ئۈگىنىش قىزقىنلىقىغا مەدەت تىلەيمەن.
ھۆرمەت بىلەن :        ئۆمەر مەمتۇرايىم

QQ图片201405071713061399454929338.jpg
كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ فورمىسى.

كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ فورمىسى.

ئۇقۇغۇچىلار دەرىس ئۇقۇماقتا.

دەرىسخانىدىن بىر كۈرنۈش .

مەكتەپ ئاپتاپ تەنتەربىيىسىدىن بىر كۈرنۈش .

مەكتىىپىمىزنىڭ تىرىشچان ئۇقۇغۇچىللىرى .

مەكتەپ ئاپتاپ تەنتەربىيىسىدىن بىر كۈرنۈش

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +15تىللا +15تۆھپە +15شۆھرەت +15يىغىشسەۋەبى
ئىلغار + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!
كەۋسەر + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
زەپەر + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-7 18:07:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەت نۇسخسىنى ئوڭشاپ قويغان بولساڭلا ،ئەلپىدا خەت نۇسجىسىنى تۇنۇتالمىدىم .
ۋاقتى: 2014-5-7 20:01:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بەك ياخشى تېما يوللاپسىز . ھازىر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ، مەكتەپلەر ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ " شىنجاڭ سىنىپلىرى" غا  ئوقۇغۇچىلارنى ئۆتكۈزۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى .جۈملىدىن سىزلەرمۇ بۇ مەقسەتكە يېتىپسىزلەر .
مۇبارەك بولسۇن ! داۋاملىق تىرىشىپ يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزلەرگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن . بۇ بىر ياخشى ئىش . بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ : مىنىڭ بىر قىزىممۇ " تىيەنجىن"دە "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا "سىنىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ . شۇ سەۋەولىك سىزنىڭ تېمىڭىزنى كۆرۈپ ، كۆپ سۆزلەپ قويدۇم .
ۋاقتى: 2014-5-7 20:03:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ فورمىسىنى مۇنداق بىرلىككە كەلتۇرسە تىخىمۇ روھلۇق ،مىللىي روھ نامايەن بۇلىدىكەن ،ساۋاقداشلارغا بەكمۇ يارىشىپتۇ
ۋاقتى: 2014-5-7 20:45:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئاۋۇ ساۋاقداشلارنىڭ مەكتەپ فورمىسى ، نىمە دىگەن ھەيۋەت ، نىمە دىگەن مىللى پۇراق بۇ ھە ؟ رەھمەت شۇ تېما يوللىغان خەنجەر ئەپەندىمگە .
ۋاقتى: 2014-5-7 21:00:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل بىر خۇشاللىق بولۇپتۇ ... سىللەرنىڭ مەكتەپتىكى شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈش خۇشاللىقىدا سىللەر خۇشال بولغاندىن ئارتۇق ، مەن خوشال بولۇپ كەتتىم ... ھەرقانداق ئىش بىرلىشەلمەسلىكتىن ، شەخسىيەتچىلىك سولچىللىقىدىن ، مەنپەئەتپەرەسلىكتىن يۈز بىرىدۇ ... ھازىر ھەرقايسى مەكتەپلەردە دەرىس ئۆتەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى يوق ، ئەمما كەسىپكە چوڭقۇر كىرىشىپ ماڭالمايدىغان ئوقۇتقۇچى بار ... ھازىرقى مائارىپىمىزدا ئوقۇتقۇچى ، ياكى مەكتەپ مۇدىرى ياكى مەكتەپ رەھبىرى دىسە كىشىنىڭ قەلبى شۇنداق سۈيىنەتتى ئىلگىرلەردە ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھال ئۆزگەردى ... جەمئىيىتىمىز بىكار تەلەپلەرنىڭ ، بۇيرۇقۋازلارنىڭ ، ئەمەل مەنسەپ ئۈچۈنلا تىرشىپ شۇ ئۇلۇغۋار شەرەپ خىزمەت ۋە شەرەپلىك ناملارغا داغ تەككۈزىدىغان نۇرغۇن كەسىپداشلىرىمىز بار ... يەنە بىرگە ئەگىشىپ ماڭغان شەكىلۋازلىق ۋە يالغانچىلىق مەكتەپلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ ... شۇنداقتىمۇ ئەقىل ھۇشى جايىدا ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغان يەنە بەزىي بىر مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بار ... مەكتىۋىڭلاردىكى مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئېچىلغىنى ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ ... مەنمۇ يېقىننىڭ ياقى شۇ ئىچكىرىي تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتاھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن فىزىكا ، تارىخ- سىياسەت ، تىل- ئەدەبىيات ، خمىيەدىن ، خەنزۇتىلىدىن ئۈچ يىللىق دەرىسلك مۇھىم نوقتىلار توپلاملىرىنى لاھىيەلەپ چىقتىم ... تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن ... سىللەر مەڭگۈلۈك شۇ خۇشاللىق يار بولسۇن ...
ۋاقتى: 2014-5-7 21:02:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ فورمىسىدا سەل ئازاد بولۇپسىلەر ،بىزنىڭ بۇ يۇرىتلاردىكىدەك مائارىپ ئىدارىسىدەك پۇل تاپارلارنىڭ بۇيۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپسىلەر ... ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن ... كۆز تەگمىسۇن ...
ۋاقتى: 2014-5-8 01:29:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتە پۈتۈن ناھيە بۇيىچە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ۋە ھەر ساھە خىزمەتلىرىدىن  ئۈگۈنۈش دولقۇنى قوزغىلىۋاتىدۇ . بۇ جەھەتتە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئىناق ئىتىتپاىلىقى . ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ سەرخىللىقى ، ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش ۋە مەكتەپ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە ناھيىمىز بۇيىچە ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇردىغانلىقىنى بۇ  ياش غۇنچىلارنىڭ روھى قىياپىتىدىن كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇ . بۇلۇپمۇ مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ  ھەم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق مەكتەپنى بۇرۇنقى قالاق ھالەتتىن ھازىرقىدەك ئۇقۇ- ئۇقۇتۇش جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇنغا يەتكۈزۈپ پۈتۈن ناھيە بۇيىچە ئەڭ ئالدىنقى ئوتتۇرا مەكتەپلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدۇرشى  شۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . مەكتەپ مۇدىرى رولنى قانداق تۇتسا  شۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار شۇنىڭ يىتەكلىشى بۇيىچە ماڭىدۇ . ئەقەللىسى بۇنى ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسى تۇلۇق چۈشىنىدۇ .
ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پورمىسى ھەقىيقەتەن يارشىپتۇ . بولسا بىز مائارىپچىلار ئۈزىمىزنىڭ ئۆرىپە ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن  چۇقۇم ئۈزىمىزنىڭ كىيىم كىچەكلىرىنىڭ قەدىر قىممىتىگە يىتىشىمىز كىرەك .   
ھەمىمىز  كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ روھىدىن ئۈگۈنەيلى !  كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپ مەڭگۈ ئالغا ئىنتىلىپ يىڭىچە روھ ، يىڭىچە قىياپەت بىلەن داۋاملىق مەڭگۈ ئالغا ئىنتىلگەي. رەخمەت سىزگە ئۇقۇغۇچىلانىڭ  كەيگەن مەكتەپ پورمىسى  نىمە دىگەن مىللى پۇراق ھە كۆزتەگمىگەي .  ئاخىردا مەن شۇ مەكتەپتىكى بارلىق ئۇقۇتقۇچىلارنى  توغىرا يىتەكلەپ ماڭغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن  ىىزمىتىنىڭ داۋاملىق نەتىجىىلىك بۇلىشىنى تىلەيمەن . رەخمەت  سىزگە .
ۋاقتى: 2014-5-8 23:45:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما لېكىن ماۋۇ فورما بەك يارىشىپتۇ . مۇبارەك بولسۇن !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش