توغراق يۇرتىنىڭ ئەۋلادلىرى بىز
(مەكتەپ مارشى)
توغراق يۇرتىنىڭ ئەۋلادلىرى بىز، ئەجدات ئارزۇسى-يۈرەكتە ئارمان. گۈزەل گۈلباغنىڭ غۇنچىلىرى بىز، مەرىپەت نۇرى-دىللاردا يانغان.(ئوقۇغۇچى)
"مەرىپەت مارشى"بىزنىڭ ناخشىمىز، تەۋپىق روھى بار ئۇقۇتقۇچى بىز. ھارمايمىز مەڭگۈ،ئەۋلاد ئىشقىدا ، تارىم باغرىدا ئۆچمەس مەشئەل بىز.(ئوقۇتقۇچى)
مەكتەپ بىز ئۈچۈن بىلىم بۇلىقى، مەدەت،ئىلھامدۇر ئۇستاز ھىكمىتى. ئۇقۇيمىز خوشال،ئىناق ،بەختىيار، ھاياتقا مىزان،توغراق خىسلىتى.(ئوقۇغۇچى)
ئىلىم-پەن قانات،ئۆرلەيمىز كۆككە، غايىمىز يۈكسەك،كۈلەر بەختىمىز. ۋەتەن،مىللەتكە ئوتلۇق مۇھەببەت، گۇيا يالقۇندۇر،تۇتاش قەلبىمىز. (كوللىكتىپ) تەييارلىغۇچى:خالىدەم نۇرى مەكتەپ مارشى .docx |