| بۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى (مائارىپتا كۈچلۈك رايون بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى) نىڭ ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى بولۇپ،بۇ خىزمەت نۆۋەتتە ناھىيىمىزدە يوقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.بەزى ناھىيەلەر ئاللىقاچان تاماملاپ بولدى،لېكىن بەزىلىرىدە بولسا ئەمدى باشلىنىشى مۇمكىن،بۇ خۇددى «ئىككى ئاساسەن»گە ئوخشىغان ،ئاۋارىچىلىكى بىر قەدەر كۆپ بىر ئىشتەك قىلىدۇ.مەن بۇنى مۇشۇ يىلى چوكانتال بايرىمىدا «سۆيۈملۈك»ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ ئروۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دەم ئېلىشىمنى قۇربان قىلىپ ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.باشقا ناھىيە (شەھەر،رايون)دىكى قېرىنداشلارغا پايدىسى بوپقېلىشى چوقۇم دېگەن ئۈمىدتە يوللاپ قويدۇم.يەسلىي،باشلانغۇچ ،تولۇقسىزنىڭ ئايرىم -ئايرىم جەدىۋەل بولغاچقا ئايرىم -ئايرىم يوللىدىم.توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن. بۇتېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرمەڭ،ئەگەر كۆچۈرمەكچى بوپقالسىڭىز چوقۇم بايقاشنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ. |
|