كۆرۈش: 636|ئىنكاس: 1

1-ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمەت خۇلاسىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2012-2013 –ئوقۇش يىلى 1- ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش تەلىم –تەربىيە خىزمەت خۇلاسىسى .

بۇ ئوقۇتۇش ماۋسۇمدا مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى ،مەكتەپ مەمۇريىتى ئوقۇتۇش تەلىم –تەربىيە خىزمىتنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ پاڭجنى پارتىيە 18- قۇرۇلتاي روھنى يېتەكچى قىلىپ تۈرلۈك ئۈگنىش ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ ،تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ مائارىپنى ساپا مائارپىعا يېڭى دەرىس ئىسلاھاتنىڭ تەلۋىگە يۈزلەندۈرۈپ،ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسى ئىددىيۋى تەربىيەنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ،دىننىڭ مائارىپقا سىڭىپ كىرىشنى ئۈنۈملۈك چەكلەش جەھەتتە دەرىسلىككە ئىددىيۋى تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈپ مەكتىۋمىزنى مىللى بۈلگۈنچىلىك ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇردىغان مۇستەھكەم بازغا ئايلاندۇرۇپ ‹‹مۇقۇملۇق ئاساس،ئوقۇتۇش مەركەز،بىخەتەرلىك خىزمىتنى كاپالەت ››قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇختنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ ئوقۇتقۇچلارنىڭ سىياسى نەزىريە ساپاسى ،مەدەنيەت سەۋيەسى ۋە كەسپى سەۋيەسنى يۇقۇرى كۆترىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۇردۇق.
ئومۇمى ئەھۋال:
مەكتىۋمىز تەۋەسىدە 8كەنىت 32مەھەللە 503ئائىلە 9177نوپۇس بولۇپ مەكتىۋمىزدىكى ئوقۇغۇچى 932 نەپەر ،سىنىپ سانى 19 بۇنىڭ ئىچىدە قۇش تىل سىنپى 9،ئادەتتىكى سىنىپ 10 مەكتىۋمىىزدىكى ئومۇمى ئىشچى خىزمەتچى 54 نەپەر، مەخسۇس ئۇقۇتقۇچى 49 نەپەر ،ئىشچى ئشتاتتىكلەر 6 نەپەر .
1)        بىز بۇ ئوقۇش مەۋسۇمدا پارتىيە 18- قۇرۇلتاي روھنىڭ تۈرۈتكىسدە ھەمدە ناھيىلىك

پارتىكۇم خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھيىلىك مائارىپ خىزمەت كومتىتى ،مائارىپ ئىدارسنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ،شۇنداقلا يۇقۇرى دەرجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرنىڭ كۇنكىرتنى يېتەكچىلگى ئاستىدا مەكتەپ پارتىيە ياچايكىسى ،مەكتەپ مەمۇريىتى ۋە ھەر قايسى يۈرۈشلەشكەن تەشكىلى ئاپراتلارنىڭ فۇنكىسيەلىك رۇلنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ مەكتەپ رەھبەرلىك كۇللىكتىۋى بەنزە ئەزالىرى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇيۇشچانىقى ئاساسدا ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىش پىرنسپدا قەتئى چىڭ تۇرۇپ دەرىسخانا ئوقۇتشنى دائىملىق تەرتىپ بۇيچە ئىزچىل باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى.دەرىسحانا ئوقۇتشنى قەرەرلىك قەرەرسىز تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ يىتەكلەشنى كۈچەيتىش ،ئوقۇتۇش سۈپتنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ۋە مەكتىۋمىزدىكى چالا ساۋات ۋە ساۋاتسىز ئوقۇغۇچلارنى ئىز قۇغلاپ تەكشۈرۈش بەنجۇرۇن دەرىس ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆددىگە بېرىش ،مەسئۇليەتنامە ئىمزالاش ،ئىش ئۈنۈم  مۇئاشعا چېتىلدۇرۇش ئارقىلىق 2012-يىلى 9- ئايدا تەكشۈرۈپ ئىنقلىغان 76 نەپەر ساۋاتسىز ۋە چالا ساۋات ئوقۇغۇچلارنى ھەر ئايدا تەكشۈرۈپ خۇلاسلاش ساۋادنى چىقارغانلارنى مۇكاپاتلاش، قالغانلىرنى يەنە ھۆددە بېرىش ئارقىلىق ساۋاتسىزلار مەۋسۇم ئاخىرىدا ئاساسى جەھەتتن تۈگتىلدى .
2)        ئوقۇتقۇچلار قۇشۇن قۇرلىشغابولغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى .
1)ئوقۇتقۇچلار قۇشۇنغا بۇلغان باشقۇرۇشنى كۇچايتىپ ،ئوقۇتقۇچلارنى ئىش ئۇرنىدا تەربىيلەشنى ئاساس قىلىپ ئۇنۋىرسال بىلىمنى ۋە ماھارەتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ،تىرشىپ بىلىم يېڭلاپ ،ئوقۇتقۇچلارنى تەتىل مەزگىلدىن پايدىلنىپ كومپىيۇتىردا دەرىس لاھيىلەش ،دەرىس ئۆتۈش بويچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىپ مەكتىۋمىزدىكى 45 ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچلارنى چۇقۇم   يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنسىدىن پايدىلنىپ دەرىس ئۆتەلەيدىغان بۇلۇش تەلۋى كۈچەيتىلدى.
2)ياش يېڭى ئوقۇتقۇچلارنى ۋە ھازىرقى يېڭى دەرىس ئىسلاھاتنىڭ تەلۋىگە

ماسلىشالمايۋاتقان ئوقۇتقۇچلارنى يىتەكلەش مۇھىم نۇختا قىلنىپ ،دەرىسخانا ئوقۇتشنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەدرىجى ئوقۇتۇش سۈپتنىڭ تەدرىجى يۇقۇرى كۆترىلشنى قۇلغا كەلتۇردۇق.
3)ئوقۇتقۇچلارنىڭ دەرىس تەييارلاشقا بۇلغان تەلپنى كۇچايتىپ ،ئىزدنىپ سېستىملىق ،ئەتراپلىق دەرىس تەييارلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ،ئۇقۇعۇچلارغا بىلىم بېرىش دائىرسنى كېڭەيتىپ 11 قېتىم ئۇچۇق دەرىس، 3 قېتىم ئۈلگىلىك دەرىس ،مۇكاپاتلىق ئوچۇق دەرس پائاليتنى قانات يايدۇرپ تەجىربىلەر قانات يايدۇرۇلدى.شۇ ئارقىلىق دەرىسخانا ئوقۇتشنى تەشكىللەش مىتوتى تۆۋەن ئوقۇتقۇچلارنى تەربىيلەش ئېلىپ باردۇق.
4)قۇش تىل ئوقۇتشىغا بولغان تەلەپ كۇچايتىلدى. قۇش تىل ئوقۇتشىغا رەھبەرلىك بەنزسىدىن بىر نەپەر غۇللۇق خادىمنى مەسئۇل قىلىش ئارقىلىق قۇش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ بىلىم ئىگەنلەش،كېتىپ بېرىش ئەھۋالى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كۆرۈلگەن چوڭ كىچىك مەسىللەرنى ۋاختىدا تۈزتىش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.مەكتىۋمىزنىڭ 3-يىللىق 1-سىنىپ (قۇش يىل) ئوقۇغۇچسى مەرەمنساگۇل ناھيىدە ئۆتكۈزىلگەن قۇش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش ،ماھارەت كۆرستىش پائاليتىگە قاتنىشىپ 2-دەرجىگە ئېرشىپ ۋىلايەتكە تاللاندى .
3)تاپشۇرۇق بېرىش تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ،باھا سۆزى يېزىش خىزمىتى كۈچەيتىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەدرىجى خەنزۇ تىلى دەرسكە قىزقىش ،تېكىس يادلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىزقىشى يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى.
4)ئوقۇتۇش خىزمىتنىڭ مۇھىم ئورنىغا بولغان تونشنى يەنمۇ ئۆستۈرۈپ  ئوقۇتۇش سۈپتنىڭ يۇقۇرى كۆتىرلىشگە زۇر دەرجىدە كۈچ چىقىرىپ ،ئالدىنقى يىلى %26 ئەلاچى دىگەن ئوقۇغۇچىلار  نىسبتنى%30گە يەتكۈزدۇق .بارلىق پەنلەرنىڭ ئۆزلىشىش نىسبتنى ئالدىنقى ماۋسۇمدىكدىن %2-%7گە يوقۇرى كۆتۈرۈلشتەك ئىلگىرلەشلەرنى قۇلغا كەلتۈردۇق .

5)دەرىسلەرنى دۆلەت ۋە مائارىپ تارماقلىرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيچە تۇلۇق تەسىس قىلىپ تۇلۇق ئۆتۈلىشكە كاپالەتلىك قىلدۇق.
6)ئىككىنجى دەرىسخانا پائاليىتى جاللاندۇرۇلدى .ئىككىنجى دەرىسخانا پائاليىتى جاللاندۇرلۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە قاتنىشىش نىسبىتى %95 گە يەتكۈزدۇق .ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزقىش ئالاھدىلىگى ۋە ياش ئالاھدىلىگىگە ئاساسەن خەنزۇ تىلى ،ماتماتكا،ئەدەبىيات ،مۇزىكا،تەنتەربىيە،كۇرجىكلىرگە تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىق تەرەققى قىلشى ھەقىقى ئىشقا ئاشرۇىلدى .ئالدىنقى مەۋسۇمدا 6قېتىم تەنتەربىيە پائاليىتى بىر قېتىم قۇش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش پائاليىتى ،بىر قېتىم ئۇنۋىرسال بىلىملەردىن زىھنى سىناش پائاليىتى ئېلىپ بېرىلدى .
قىسقىسى :بۇ بىر ماۋسۇملۇق خىزمەتلەرە يۇقۇرى دەرجىلىك ئۇرۇنلارنىڭ تۇغرا رەھبەرلىگى ،بەنزە ئەزالىرنىڭ ئىتتپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى،تىرشىپ ھەمكارلىششى ،جاپاغا چىداش روھى باشقا ساھەدىكى ئاممنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرشىگە ئېرىشتى .بۇ ماۋسۇمدىكى خىزمەتلەردە نەتىجىلىرمىز ئاساسى ئورۇندا تۇرسىمۇ ساقلانغان مەسسىللەرمۇ يوق ئەمەس.
1)        ياشتا چوڭلار يېڭى دەرىس ئىسلاھاتنىڭ تەلۋى بويچە دەرىس تەييارلاش ۋە دەرىس ئۆتۈشكە ماسلشالماسلىق،ياش يېڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشكىللەش،دەرىس مەزمۇننى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش مىتۇتى كەمچىل بولۇش سەۋەبدىن ئۇلارنىڭ ئۆتكەن دەرىسنىڭ ئۆزلىششى كۆپ ھاللاردا لاياقەتسىز بولۇش.
2)        كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئەمىللەشمىگەن .
3)        بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوچۇق دەرىس ئۆتكەن ۋاختىدىكى دەرىسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن ئادەتتىكى دەرىس ئۆتكەن ۋاقىتتىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلدا پەرىق چۇڭ بولۇش مەسلىسى ساقلاندى .
4)        دەرىسلەرنىڭ ئۆزلىشىش نىسبىتىگەقاراپ چىققان ئەھۋالغا قارغاندا قۇش تىل سىنىپ ماتماتكسىنىڭ ئۆزلىشدە پەرىق چۇڭ بولۇش،خەنزۇ تىلى دەرسنىڭ (ئادەتتىكى

سىنىپلارنىڭ )نەتىجىسى تەلەپتن خېلىلا يىراق بولۇش مەسلىسى ساقلاندى.
بىز بۇ ئوقۇش مەۋسۇمدىكى نەتىجىلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ تىرشىپ ئىشلەپ ،ساقلانغان مەسىللەرنى تىز پۇرسەتتە تۈزۈتۈپ ،ئالدىمىزدىكى يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمدا دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ،ۋەزيەت ۋەزىپلەرنى ئېنىق تۇنۇپ ،خەلق رازى بۇلغۇدەك مائارىپ،مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر ياقدىن باش بىر يەڭدىن قۇل چىقىرىپ يېڭى بىر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرشىمىز.




















شەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2012-2013 –ئوقۇش يىلى 1- ماۋسۇملۇق ئوقۇتۇش تەلىم –تەربىيە خىزمەت خۇلاسىسى .









2013-1-12

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-8-13 18:13:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن، كۆپتىن كۆپ رەھمەت
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش