| سىنىپ مودىرىنىڭ خىزمەت ئۇسسۇلى جەھەتتە بولۇشقا تېگىشلىك تەرەپلەر . 1. سىنىپ مودىرى ؛ ئوقۇتۇش ئالاقىسىغىلا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە،ھىسيات ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 2.سىنىپ مودىرى ؛ئائىلە سۆھبىتىنى ھەقىقى، جانلىق،سەمىمى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . 3.سىنىپ مودىرى ؛ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ئالاقىسىغا توغرا پوزتسىيە بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . 4.سىنىپ مودىرى ؛تاق يۆنۈلىشلىك ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىگە سەل قارىماسلىق كېرەك . 5.سىنىپ مودىرى ؛ دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇشقا ۋە رەھبەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك . 6.سىنىپ مودىرى ؛ ئوقۇغۇچىلارنى ماختاشقا ئەھمىيەت بەرمەيلا قالماي،ئاز ماختاش،قوپال مۇئامىلە قىلىش، قالايمىقان ماختاشدىن ساقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . 7. سىنىپ مودىرلىردا؛ قائىدە بولماسلىق ياكى قائىدە بەك كۆپ بولۇپ كېتىشدىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . 8.سىنىپ مودىرى؛ دائىمى تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىددىيگە سەل قاراشدىن ساقلىنىش لازىم . 9.سىنىپ مودىرى؛ ئەخلاقى تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەقلىي تەربىيگە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ياكى ئەقلىي تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاقى تەربىيىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىككە سەل قاراشدىن ساقلىنىش كېرەك . 10.سىنىپ مودىرى؛ ئۈگۈنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيەگە سەل قارىماسلىقى لازىم . 11.سىنىپ مودىرى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىقىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ ، جەريانىغا سەل قاراپ ئۇلارنىڭ ئۈگىنىش پوزتسىيسىنى بوغۇپ قويۇشدىن ساقلىنىش لازىم . 12. سىنىپ مودىرى؛ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ باراۋەر بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرشى كېرەك . 13.سىنىپ مودىرىنىڭ؛ ئالاقە ئۇسسۇلى مۇۋاپىق بولۇشقا ماھىر بولۇشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . 14. سىنىپ مودىرى؛ ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا يۇزلىنىپ ۋە يىتەكلەپ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كارى بولماسلىق ، ئۇلارنى يىتەكلەشكە سەل قارىماسلىق لازىم .
|
|