كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 0

بىز نىمە ئۈچۈن كلاسسىك ئەدەبىياتنى ئۈگىنىمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز نىمە ئۈچۈن كلاسسىك ئەدەبىياتنى ئۈگىنىمىز؟

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ نادانلىقتىن سورىغان سۇئالغا بىر مۇئەللىمنىڭ بەرگەن جاۋابى:
-مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟ بىز نېمە ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ، كلاسىسىك ئەدەبىياتىنى ئۈگىنىمىز؟ ئۇنىڭ ئورنىغا كومپىيوتىر ، تىل ۋە پەن –تېخنكا ئۆگەنسەك بولمامدۇ؟ دەپ سورىغانىكەن: ئۇ زات مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىپتۇ:
-بۇنىڭدىن مۇقەددەم مىڭ يىل ئىلگىرى قەشقەرلىك يۈسۈۋاخۇن ئىسىملىك بىر كىشى چىقىپ، ئۇ دۆلەت باشقۇرۇش، ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەخلاق كەلىمىسىنى يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە بىر بۇرادەر چىقىپ، ئۇ يەر شارنىڭ يۇمىلاقلىقى سىزىپ، دۇنيا ئىلم- پەن مۇنبىرىدە تىلشۇناسلىقى ئۆزگە ھەمرا قىلىپ كاتتا بىر ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن. دۇنيادىكى بىزدىن باشىقا بارلىق مىللەتلەر ئۇلارنىڭ كىتابى ئوقۇپ ئىلىم ئېلىپ شۇلارنىڭ پىكىرى بويچە ئەۋلاد تەربيلەپ، دۆلەتنى ئىدار قىلىپ كەپتۇ، بىز ئۇلارنى تونۇماي يۈرۈپتۇق. بىز ئەمدى ئۇ ئىككى زاتنىڭ كىتابىنى تېپىپ قايتىدىن نەشىر قىلدۇرۇپ. ئەمدى  يەنى 2008- يىلى بىز ئەمدى ئۇنى بىزنىڭ ئۇيغۇر قەۋمىمىز ئىكەن  بىزنىڭ ئالىمىمىز ئىكەن دەپ، قەشقەرگە مەھمۇد قاشقىرنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىدۇق.
ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەرگە ساياھەتكە چىقسام ئۇ يەردە بىزنى تونۇيدىغان، ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ئىلىم ئىگەللەۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى كۆردۇم، ئۇلار ئانا ۋەتەندىن، ئالىمىمىزنىڭ يۇرتىدىن چىقىپتۇ دەپ پەخىرلىنىپ چەتئەللەردە يۈزىنى يورۇق قىلىپ،  ئىلىم مۇنبەرلىرىدە ھاردىم-تالدىم دېمەي ئىلىم ئېلىۋاتقان، مىللەتنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى ئىلىم ئارقىلىقلا قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلقىنى تونۇپ يەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مىنى ئىلىم ئەھلى ئالىملارنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ، ھۆرمەتلەپ مۇنبەرگە بىر –ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشىقان تەكلىپ قىلدى، مەنمۇ پەخىرلىنىپ چەتئەلدە تۇرۇپ قېلىشىنى ئويلىنىپ قالدىم. يەنە چەتئەلدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى كۆردۈم! ئۇلار نەگە بارسا ئوخشاش مىللەتنىڭ نامنى تۆكۈپ، يۈزىنى قويمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىلىم ئۆگەنمەي يۈرگەن نۇرغۇنلىغان مەن « ئۇيغۇر» دېگەن كىشلەردىن يىرگىنىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدىم.
نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەر ئالىمنىڭ يۇرتىغا بارىمىز دەپ نۇرغۇنلىغان دوللارنى سەرپ قىلىپ، قىتئە ئاتلاپ،ئوكياندىن كېچىپ ۋە ئۈچۈپ ئۆتۈپ بۇ ئۈچ تاغ ئىككى ئويمانلىققا تىكلەنگەن مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى كۆرگىلى كەلگەندىن سىرىت،يەنە تۇرپاندا بايقالغان بىر ئەسكى تاملىقنى ساياھەت قىلىپ، قۇمغا كۆمۈلۈپ، تۇرپاندىكى بۇ بىر ئەسكى تاملىق بايقىلىپ، تۇرپاننىڭ ئىقتسادنىڭ %95 تى ساياھەتچىلىكتىن كىرىدىغان بولدى،بىز شۇنىڭ ئۈچۈن كلاسسىك ئەدەبىياتنى ئۈگىنىمىز دەپتىكەن 500كىشىلىك كۆپ ۋاستىلىق دەرسخانا ئىچىدە گۈلدۈراس ئاۋازى زالنى بىر ئېلىپ ئۇ مۇئەللىمنى ماختاپ،تىللاردا داستان بولدى.


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش