مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 7

كائىناتقا ساياھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

88

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
16 سەر
شۆھرەت
19 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 10:14:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنبەسى:
http://www.akademiye.org/ug/?p=2467

**************************************************************************************************************.
بىلدۈرگۈ: بارلىق ئوقۇرمەنلەرگە كائىناتنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنى چۈشىنىش يولىدا مەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ۋە بارلىق شەخسلەرنىڭ كائىنات توغرسىدا ئىزدىنىۋاتقان ماتېرىياللىرىنى ۋە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن بارلىق فىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئانا تىلىدا، ئانا يېزىقىدا كائىناتنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇ «كائىناتقا ساياھەت» دېگەن تېمىدا ماقالە يازدىم



**************************************************************************************************************.

فىلىملەر ئادىرىسى:

http://www.iqiyi.com/jilupian/20120205/a2a214591c2bb65d.html

http://www.iqiyi.com/jilupian/20 ... rank=3&tag=tail

**************************************************************************************************************


كائىناتقا ساياھەت

**************************************************************************************************************


مۇختارجان توختى بۇغراخان

**************************************************************************************************************

قىسقىچە مەزمۇنى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ كائىناتقا بولغان قىزىقىشى   يۇقىرىلاپ، ئىنسانلارنىڭ تاشقى پىلانتلاردىن ھاياتلىق ئىزدەيدىغان ۋە چوڭ تىپتىكى كائىنات ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە كائىناتقا ساياھەت ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ

**************************************************************************************************************.

:ئاچقۇچلۇق سۆزلەر


DNA؛ تېلسكوپ؛ ساياھەت كائىنات؛ ھاياتلىق؛

**************************************************************************************************************

ئاسترونوم ھابول ئېيتىدۇلەركى: ئىنسانلار بەش خىل سەزگۈ بىلەن كائىنات ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ «تەۋەككۈلچىلىك ئىلمى» دەپ ئاتالدى.


نېمىنىڭ چوڭ، نېمىنىڭ كىچىكلىكىنى بىز ئادەتتە ئاددىي سىزغۇچ ئارقىلىق ئۆلچەيمىز. بىراق ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانچىلىك؟ ھەقىقىي كىچىك ۋە ھەقىقىي چوڭ دېگەن نېمە؟ ئىزدىنىش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق بىز دەۋاتقان ئالەم ناھايىتى كەڭرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش دەل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تەۋەككۈلچىلىكلىرىنىڭ بىرى.

يىراق ئۇپۇق سىزىقىغا نەزەر سالساق، ئېھتىمال ئۆزىمىزدىن «بىزنىڭ ئالەمدىكى ھەقىقىي ئورنىمىز نەدە؟» دەپ سورىشىمىز مۇمكىن. بىز پەقەت ئاخىرى چىقماس ئىزدىنىشلەر ئىچىدىكى بىر ساياھەتچى خالاس.

25 ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتلار ئىلگىرى گىرىتسىيە ئارىلىدا ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا پەلسەپەشۇناسلىق نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار «تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاجايىپ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ جاۋابىنى تاپقىلى بولىدۇ» دەپ قارىغان. گىرىتسىيەلىك بىر مۇتەپپەككۇر يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق يەنە بىرسى «بارلىق كائىناتلار، جۈملىدىن ئادەم ۋە تەبىئەت، ئادەم كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدىغان مولىكولىلاردىن تۈزۈلگەن» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە بەزىلەر يەرشارى بىلەن ئاينىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنى مۆلچەرلەشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ شار شەكلىدە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدى.

بىراق، يېقىنقى نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئاندىن بىزنىڭ كۆزىتىش قوراللىرىمىز بارلىققا كىلىپ، ئىلگىرىكى مۇتەپپەككۇرلارنىڭ قىياسىنى جەزىملەشتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كىشىلەر يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ ئۆلچىدى ھەمدە ئۇلارغا ئىسىم قويدى. نۇرغۇن كىشىلەر يەرشارىنى «ئالەمنىڭ مەركىزى» دەپ قارىدى.

قەدىمكى دېڭىز دۆلىتى ۋىنىتسىيەدە ماتىماتىكا پروفىسىسورى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلغىچە ئارلىقتا 2000 يىل ۋاقىت ئۆتتى. گالېلى (1642-1564) ئىتالىيەلىك فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ئالىمى 1609- يىلى تېلىسكوپنى كەشىپ قىلدى. گالېلى شەھەرنىڭ ئېگىزىدە تۇرۇپ كېلىۋاتقان كېمىگە تېلىسكوپ بىلەن قارىغاندا ئاددىي كۆز بىلەن قارىغاندىن نەچچە سائەت بۇرۇن كۆرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. كىيىن ئۇ تېلىسكوپتا كېچە ئاسمىنىنى كۆزىتىۋىتىپ ئاينىڭ نۇرغۇن تاغ تىزمىلىرىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى، يۇپىتىرنىڭ ھەمراھى بارلىقىنى، سامانيولى سېستىمىسىنىڭ سان-ساناقسىز يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى بايقىدى.

بىزنىڭ ئالەم ساياھىتىمىز ئىتالىيە ۋىنىتسىيەنىڭ مەركىزىدىكى مارىك مەيدانىدىن باشلاندى. ئالەم چەكسىز بولغاچقا بىز ئاسانلا نىشاندىن ئادىشىپ قالىمىز، شۇڭا بەلگە قويىۋېلىشىمىز لازىم.

(دېققەت: بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن ئازراق ئېنىقلىما بېرەي، يەنى رەسىمدە ئالەمنىڭ بىنا بولۇپ، ئاندىن كىيىن يەرشارى ۋە يەرشاردىكى بارلىق ھاياتلىق شەكىللىنىشى چۈشەندۈرۈلگەن رەسىم)

بىر سىرىك چەمبىرىكىنىڭ دىئامېتىرى 1 مېتىر بولسا، كىشىلەر توپى چەمبىرەكتىن 10 ھەسسە چوڭ بولسا، دىئامېتىرى 10 مېتىر بولسا، 10 نىڭ بىر ھەسسىسىدىن كېڭەيسە، ھەربىر قەدەمدە ھەربىر چەمبىرەك بىز ۋىنىتسىيەدىن 10 ھەسسە يىراقلىشىمىز. كۆرۈش دائىرىمىز 10 ھەسسە كېڭىيىدۇ. 100 مېتىرلىق چەمبىرەك مارىك مەيدانىنى قورشىسا، 1000 مېتىرلىق يىراقلاشساق پۈتۈن شەھەر مەركىزىنى كۆرەلەيمىز. تېزلىكىمىزنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆت قەدەمدە 10 نىڭ 4 ھەسسىسىگە كەلگەندە پۈتۈن ۋىنىتسىيە ئارىلىنى، ئادرائاتىك دېڭىزىنى ۋە ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قىسمى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. 6 قەدەمدە گىرمانىيەدىن پۈتكۈل بالقان يېرىم ئارىلىغىچە بولغان ياۋروپانى كۆرەلەيمىز. ئاندىن تېزلا پۈتكۈل يەرشارىنى، يەنى بوشلۇقتىكى ماكانىمىزنى كۆرەلەيمىز. 8 قەدەمدە يەرشارىدىن ھالقىپ چىقىپ كىتىمىز. 10 نىڭ (مۇئەييەن ئارىلىق دىئامېتىرى 1 مېتىرلىق چەمبىرەك) 8- دەرىجىسىگە كەلگەندە ئىنسان قەدىمى يەتمىگەن جايغا بارالايمىز، ئاي شارىنى كۆرەلەيمىز. ئەگەر بىز 9 پىلانت (خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلەشمىسى 2006- يىلى 8- ئايدا پىلوتوننى 9 چوڭ پىلانتتىن رەسمىي چىقىرىپ تاشلىدى) نىڭ ئايلىنىش ئوربېتىسىنى، يەنى ئۇلارنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئوربېتىسىنى كۆرەلىسەك، مارىك مەيدانىدىن 13 قەدەمگىچە بولغان ئارلىقتا پۈتكۈل قۇياش سېستىمىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. 15 قەدەمدە، يەنى 10 نىڭ 15- دەرىجىسىدە قۇياشنىڭ بىر تۇرغۇن يۇلتۇزغا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. تۆۋەندە بۇ يەردە باسقان مۇساپىمىزنى نۇر يىلى ئارقىلىق ھېسابلايمىز.

بىر نۇر يىلى نۇرنىڭ بىر يىلدا باسقان مۇساپىسىدۇر. بىزگە ئەڭ يېقىن ئاسمان جىسىمى بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز 5 نۇر يىلى ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. ئەگەر ھازىرقى ئالەم كېمىسىنىڭ سۈرئىتى بويىچە 5 نۇر يىلىنى تۈگىتىش ئۈچۈن 100 مىڭ يىل ۋاقىت كىتىدۇ. بىز مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇقنى كېسىپ ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا ئاللىبۇرۇن قۇياش ئەتراپىدىن ئايلىنىپ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قاينام گىرۋىكىگە يېقىنلاشقان بولىمىز. سامانيولى سېستىمىسى ئەمەلىيەتتە قايناملىق يۇلتۇزلار سېستىمىسىدۇر. قۇياش پەقەت ئاشۇ مىليارد يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى خالاس. بىزنىڭ ئورنىمىز بۇ غايەت زور پىلانتلار ئارىسىدا، يەنى ئارىلىقى 10 نىڭ 23- دەرىجىسى بولغاندا (مۇئەييەن ئارىلىق دىئامېتىرى 1 مېتىرلىق چەمبىرەك) ئەمدى بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز ئەمەلىيەتتە بىر يۇلتۇز ئەمەس، بەلكى سان-ساناقسىز يۇلتۇزلاردىن تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار سېستىمىسى. ئاسترونوملار يۇلتۇز سېستىمىسىنىڭ بىر-بىرىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئالەم كېڭەيمەكتە.

بىزنىڭ سامانيولى سېستىمىمىز ۋە باشقا زور يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭ كۆلىمى غايەت زور بولۇپ، كېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن نەچچە مىليون نۇر يىلى كىتىدۇ. بۇ يەردىن ۋىنىتسىيەدىن تەخمىنەن 15 مىليارد نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، ئالەمدىكى كۆرەلەيدىغان ئەڭ يىراق چېكىمىز. ئەمدى ئالەم ئۇپۇق سىزىقىنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى كۆرەلمەيمىز ھەم بىلىشكە ئامالسىز…

گالېلىنىڭ تېلىسكوپى بىزنى ئالەمنىڭ تېخىمۇ يىراق ئارىلىقىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان دەقىقىلەردە، گوللاندىيەنىڭ دىلىفىت شەھىرىدە بارلىققا كەلگەن كەشپىياتلار بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشلىرىمىزگە تۈرتكە بولدى.

ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى ئانتو. ۋان. لېۋىنفوك بۇرۇنقى مىكروسكوپنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۇ تامچىسىنى كۈزەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئانتو. ۋان. لېۋىنفوك ئەينى چاغدا ئىشلىگەن تەجرىبىلەرنى سىناپ كۆردى ھەمدە سۇ تامچىسىدىكى قايناق ھاياتنى كۆردى

**************************************************************************************************************.

تۆۋەندىكى رەسىم (سولدىكى) بىر تامچە سۇ (نى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق) دىكى ھاياتلىق (ئوڭدا) ۋە سۇدىكى DNA مولىكولاسى (ئوتتۇرىدا)

**************************************************************************************************************

بۇ بىر بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋاننىڭ ئىچكى دۇنياسى. سىز كۆرۈۋاتقان بۇ كۆرۈنۈش بەكلا كىچىك، ئارانلا بىر مىللىمېتىر كىلىدۇ. مىكروسكوپ بىزنى مىكرو دۇنيا ئىچىدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر ھۈجەيرىنىڭ يادروسىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ۋاقتىمىزدا، ھەربىر ھۈجەيرىنىڭ يېپيېڭى بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى، رادىئوسىنىڭ ئەسلىدىكىدىن 10 ھەسسە كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ھۈجەيرە يادروسىغا ئىچكىرىلەپ كىرگىنىمىزدە بىر ھەيۋەتلىك تۈزۈلۈش كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. بۇ ئۇزۇنچاق نەرسە دەل DNA مولىكولاسىدۇر.

بۇ DNA دا خېمىيىلىك شىفىر بولىدۇ. يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلاردا، مەيلى سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، مەيلى ئادەم، مەيلى پۈچەك گۈل بولسۇن ھەممىسىدە DNA بولىدۇ. ساياھىتىمىزنى داۋاملاشتۇرساق بىز كۆرگەن مولىكولا تېخىمۇ كىچىك بولغان ئاتومدىن تۈزۈلگەنلىكىنى بايقايمىز.

ئەلۋەتتە ئادەتتىكى ئاتومنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئاجايىپ-غارايىپ، ئۇنىڭ ئېلىكتىرونى ھەر تەرەپكە ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ.

ھازىر بىز باشقا بىر بوشلۇققا كىرىمىز (بۇ راست تەجرىبە ئىشىلىگەن جەرياندىكى ئىلمىي خاراكتېرلىك كۆرۈنۈش شەكلى


بۇ يەر خۇددى يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى بوشلۇققا ئوخشاش كەڭ. كۆرىۋاتقىنىمىز ناھايىتى كىچىك بولغان ئاتوم يادروسى. ئەگەر پۈتۈن ئاتومنى بىر تىياتىرخانا دىسەك، ئۇنداقتا ئاتوم يادروسى پەقەت بىر چاڭ-توزانچىلىك كېلىدۇ. ۋەھالەنكى ئاتوم يادروسى ئاتومنى تەشكىل قىلغۇچى مۇتلەق كۆپ قىسىم تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ ماددىلار پىروتۇن ۋە نېتىروندىن ئىبارەت. ھالبۇكى پىروتون ۋە نېتىرونلار تېخىمۇ كىچىك بولغان كۇۋارىكلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئالەمنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى ھەققىدە ئىزدەنگەندە فىزىكىشۇناسلار «كۇۋارىك يەنە قانداق مىكرو ماددىلاردىن تۈزۈلگەندۇ؟» دەپ ئويلاشماقتا.

**************************************************************************************************************

تۆۋەندىكى رەسىم سىزىلغان ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭلۇقتىكى مىكروسكوپتا تارتىلغان پىروتون ۋە نېتىرونلار




**************************************************************************************************************

ئالىملار چىكاكو يەرئاستى تونىلىدا مۇنداق بىر سىرلىق تەتقىقات ئېلىپ باردى. بىر زور تىپتىكى زەررىچە تىزلەتكۈچ تېخى ئەمدىلا پەيدا بولغان ئالەم مۇھىتىغا تەدبىقلاپ ياسالغان نەچچە مىليونلىغان پىروتون ۋە ئاتتىتى پىروتونلار قارشى يۆنىلىشتە تۇرۇبىغا كىرىدۇ ھەمدە نۇر تېزلىكىدە ئىككىلەمچى ئاتومغا سوقۇلىدۇ.

ئەمدى بىز باشقا بىر ئالەمدە ساياھەت قىلىمىز. ۋاقىت جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ يەردە بۇنىڭغا بىر نېمە دېمىكىمىز تەسرەك، سوقۇلغان كۇۋانىتلار ھاسىل قىلغان ئوربىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق فىزىكىشۇناسلار ئالەملىك چوڭ پارتلاشتىن كىيىنكى ئالەمنىڭ ئىپتىدائىي ھالىتىنى بىلمەكچى بولدى

**************************************************************************************************************.

تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك. ئىككىلىسى تارتىلغان رەسىم



**************************************************************************************************************

ھازىر ئالىملار چوڭ پارتلاش نەزەرىيىسىنى ئىزاھلىماقتا. بۈگۈن ئاسترونوملار ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. كېڭىيىشنى ئارقىغا ياندۇرۇشنى پەرەز قىلساق نەچچە مىليارد يىل ئىلگىرى ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەر چوقۇم ناھايىتى زىچ بىرىككەن ھالدا مەۋجۇت بولغان، بۇنى پەرەز قىلماق تەس، بىراق بىز قىياس قىلىپ باقايلى!

ئالەمنى تەشكىل قىلغۇچى بىز كۆرەلەيدىغان بارلىق شەيئىلەر، ئۆي-ئىمارەت، دەل-دەرەخ، ئادەم ۋە سەييارىلەر، كومىتتا، سامانيولىدىن ئەڭ يىراق يۇلتۇزلار ئىلگىرى بۇنىڭدىنمۇ كىچىك بولغان بوشلۇققا جايلاشقان. كىيىن ئالەملىك پارتلاش يۈز بېرىپ، كۆپ مىقتاردا ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىلگەن. بۇ يۇقىرى تېمپىراتورىلىق مەزگىلدە يېڭى شەكىللەنگەن ئالەم تەدرىجىي كېڭەيگەن ۋە سوۋۇشقا باشلىغان.

كۋارك بولسا پىرتون بىلەن نېرىتوننى شەكىلەندۈرگەن. كىيىن ئۇلار ئېلىكتىرون (ماسسىسى ئىنتايىن كىچىك بولغان مەنپىي زەرەتلىك، ئۇ ئاتوم يادروسىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ) ئېلىكتىرونلارنى ئۆزىگە تارتىپ ئاتومنى شەكىللەندۈرگەن. زور قويۇق تۇمان پەيدا بولغان. نەچچە مىليون يىلدىن كىيىن، تارتىش كۈچى ماددىلارنى غايەت زور تورسىمان تۈزۈلۈشكە مۇجەسسەملەپ مۇشۇ ئالەمنى بەرپا قىلغان

**************************************************************************************************************.

تۆۋەندىكى رەسىم بولسا تورسىمان تۈزۈلۈشكە ئىگە تۇمان (تارتىلغان رەسىم)



**************************************************************************************************************

ئىككى مىليارد يىلدىن كىيىن، يۇلتۇزلار سېستىمىسى شەكىللىنىش جەريانىدا، بولۇت ۋە چاڭ-توزانلار بىرىكىپ، ھەر خىل يۇلتۇزلارسېسىتىمسىنى شەكىللەندۈرگەن. يۇلتۇزلار سېستىمىسى يۇلتۇزلار توپىنى ھاسىل قىلغان. بەزى يۇلتۇزلار سېستىمىلىرى تەرەققىي قىلىپ غايەت زور تەخسىسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. بەزىسى بۇرمىسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسى دەپ ئاتالسا، بەزىسى تۇمان ياكى ئالەم توزانى دەپ ئاتالغان. قوشنا سېستىمىلار ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۆز-ئارا يېقىنلىشىپ غايەت زور سوقۇلۇشنى ھاسىل قىلىپ، بىر گەۋدىلەشگەن. بۇنداق ھالەت بىر مىليارد يىل داۋاملاشقان.

تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە بۇ يېڭى چوڭ سېستىما گاز ۋە يۇلتۇزلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان تەڭپۇڭ ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئارىلىقى مانا مۇشۇنداق يىراقلاپ كەتكەن.

بەلكىم ئالەم شەكىللىنىپ 10 مىليارد يىل ئۆتۈپ ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ سېستىمىمىزنى تاپقاندىمىز. سامانيولى سېستىمىسى مانا شۇ يەردە يېڭى يۇلتۇزلار شەكىللەنگەن، بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن يوقىلىپ كەتكەن.

تۆۋەندىكى رەسىم: تارتىش كۈچى تەسىرىدە قاتتىق سۇقۇلغان ئىككى غايەت زور چوڭ تەخسىسىمان يۇلتۇزلار سېستىمىسى


يۇلتۇزلار زور تىپتىكى يادرو رىئاكتورىدۇر. ئۇلار تاكى ئېنىرگىيەسى تۈگىگىچە چاقناپ تۇرىدۇ. بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلار پارتلاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بۇ پارتلىغان يۇلتۇزلار ياكى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزلار ھاياتلىقنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلار (ئېلىمىنتلار) نى قويۇپ بېرىدۇ. بىز نەپەسلىنىۋاتقان ئوكسىگىن، مۇسكۇللىرىمىزدىكى كاربون، قېنىمىزدىكى تۆمۈر، ھازىر لەيلەپ يۈرۋاتقان گازلارمۇ ئاشۇ ئېلىمىنتلاردىن پەيدا بولغان.

بىر يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇز – قۇياش چاقنىماقتا. ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەييارىلەر شەكىللەنگەن. تۆت مىليارد يىل ئىلگىرى  بىز ياشاۋاتقان يەرشارى ۋە ئاي شارى، ئالەم توزىنى، كىچىك سەييارىلەر كومىتتا بىلەن سوقۇلغان. قاتتىق سوقۇلۇش ۋە ھەر خىل يۇقىرى تېمپىراتورىلىق گازلار، كېسلاتالىق يامغۇر، كۈچلۈك ئېنفىرا قىزىل نۇرىنىڭ رادىئاتسىيىسى تەسىرىدە ياش يەرشارىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇھىت شەكىللىنىشكە باشلىغان. ۋاھالەنكى ئۇ يەردە دەسلەپكى ھاياتلىق مۇھىتى ھازىرلانغان ئىدى. سۇ، كاربون ۋە ئېنىرگىيە دېڭىزغا يوشۇرۇنغان ئېلىمىنتلار مەلۇم شەكىللەر ئارقىلىق بىرىكىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان.

نەچچە مىليون يىلدىن بۇيان يەرشارىدىكى بىردىنبىر مېكرو ھاياتلىق باكتىرىيە (يېشىل باكتىرىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئاستا-ئاستا ئاز مىقتاردا ئوكسىگىن قويۇپ بېرىپ، ئاتمۇسفىرانىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. ئاز مىقتاردىكى ئوكسىگىن بۇلۇت ئۈستىدە نېپىز بىر قەۋەت ئوزون قەۋىتىنى ھاسىل قىلىپ، قۇياش نۇرىدىكى ئېنفىرا قىزىل نۇرىنى توسۇش رولىنى ئوينىغان.

مانا مۇشۇ شارائىتتا، يېڭى جانلىقلار يەرشارىدىكى دېڭىز (دېڭىزدا تۈرى 122500 خىلغا يېتىدىغان جانلىقلار ياشايدۇ) لاردىن تەدرىجى كۆپەيگەن. دېڭىزدىكى يېشىل يۈسۈنلەر تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگىن ئىشىلەپچىقارغان، ئاندىن جانلىقلار تەدىرىجى تەرەققىي قىلىپ ھەرخىل شەكىلگە ئۆزگەرگەن.

ھاياتلىقنىڭ نۆۋەتتىكى چاقىرىقى ئوتتەك قىززىق قاقاسلىقنى بويسۇندۇرۇش بولۇپ، ئاۋۋال دېڭىز يۈسۈنىنى، ئاندىن ئۆسۈملۈك، ئاندىن ھايۋانلار، ئاندىن قالسا باكتىرىيە راۋاجلانغان.

ئومۇرتقۇلۇق ھايۋانلار دەسلەپتە قۇرۇقلۇقتا پەيدا بولغاندا، دەسلەپتە ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلارنى ئوزۇق قىلغان، ئاندىن تېخىمۇ چوڭ بولغان ھاياتلىق ئېكىلوگىيىسى بەرپا قىلىنغان. بەزىلەر كەڭ بوشلۇقنى بويسۇندۇرغان، بەزىلەر بىپايان تۈزلەڭلىكنى ۋە ئوتلاقنى بويسۇندۇرغان.

بىزنىڭ ئالەم ساياھىتىمىز چوڭ سوقۇلۇشتىن ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولىشىغىچە تەخمىنەن 15 مىليارد يىل ۋاقىتنى بېسىپ ئۆتتى. بىز دەسلەپتە قېدىرىپ تەكشۈرۈش، ئىجادىيەتچى، تېخنولوگ بولغان بولساق، نەچچە  مىڭ يىلدىن كىيىن قىزىقىش ۋە تېخنىكا بىزنى يۇلتۇزلار ئارىسىغا باشلاپ چىقتى. سۈنئىي ھەمرانى ئوربېتىسىغا كىرگۈزدۇق، ئالەم تېلىسكوپى ۋە نۇرغۇنلىغان ئاسترونومىيە رەسىملىرىنى تارتتۇق. بۇ رەسىملەر ھەم چىرايلىق ھەم سىرلىق ئالەم مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ نامايەن قىلدى**************************************************************************************************************.

مانا بۇ يۇلتۇز يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا (تارتىلغان رەسىم


)

**************************************************************************************************************

بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى تۇمانلىقتا كۆتۈرۈلىۋاتقان گاز ئىچىدىكى يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇزلار پەيدا بولماقتا (تارتىلغان رەسىم



**************************************************************************************************************)

ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى تۇماندىكى توزان بەلبىغى يەنە بىر قۇياش سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە (تارتىلغان رەسىم



)

**************************************************************************************************************

ئالەم ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ تەۋەككۇلچىلىكى بىزنى تېزلىكتە ئىلگىرىكى ئىلمي فانتازىيە – فىزىكا بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ماكانىغا، يەنى سىرلىق گاز ئۆڭكۈرگە ئاپىرىش، بۇ يەرلەردە غايەت زور يۇلتۇز ئاستا-ئاستا يوقالماقتا. ئۇنىڭ گازلىرى قارا ئىچىگە تارالماقتا. بەزى قارا ئۆڭكۈرلەر غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ يېمىرىلىشىنىڭ يادروسىدۇر. بۇنداق غايەت زور تارتىش كۈچىدىن ھەتتا نۇرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بىراق ئۇلار ھاسىل قىلغان قايناملاردىن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يۇلتۇزلارنى يالمىۋەتكەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ.

تۆۋەندىكى رەسىم بولسا قارا ئۆڭكۈرنىڭ يۇلتۇز سۈمۈرىشى

ئۆتمۈشتىن ھازىرغىچە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆز ئەتراپىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلدىغانلىقىنى سەييارىلەرنىڭ ئوربېتىسىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئالىملار پەقەت سامانيولى سېستىمىسىدىكى يەرشارىغا ئوخشاش نەچچە يۈزمىڭىلغان سەييارە بار دەپ قارايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇلاردىن ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

ھازىر ئىنسانلار راسىئو تېلسكوپى بىلەن تاشقى پىلانتلاردا مەدەنىيەت ئۇچۇرى بار-يوقلۇقىنى ئىزدىمەكتە. بۇ بىر مۈشكۈل ۋەزىپە. بىراق بىز بىر كۈنلەردە مۇشۇنداق ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قالساق، بۇ بايقاش نەزەر دائىرىسى ھەم دۇنيارىمىزنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

تېلىسكوپ، مەسىلەن، ھاۋايدىكى كېك رەسەتخانىسى خۇددىي ۋاقىت مىخاينىكىسىغا ئوخشاش ئاجىز نۇرلارنى سىزەلەيدۇ. بۇ نۇرلار ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەندىلا ئاندىن يەرشارىغا يېتىپ كىلەلەيدۇ. ئاسترونوملار ئالەمنى قانچە ئىچكىرىلەپ كۆزىتەلىسە، ئۇلارنىڭ ئالەمنى چۈشىنىشىمۇ شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ. ئالەمنى قانچە كۆپ چۈشەنسەك، «ھەقىقىي ئالەم ئىزدىگۈچى» بولالايمىز. تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى يېشىش كەلگۈسىدىكى ئالەم ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالەم يەنە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىدۇ، ھاياتلىق زادى قانداق پەيدا بولغان؟ بىزنىڭ بۇ ئالىمىمىزدىن باشقا ئالەم زادى بارمۇ يوق؟ ئالەمدە يەنە باشقا ئادەملەر ياشامدۇ يوق؟ مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى تېپىش، ھەتتا مۇشۇنداق سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادە. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئالەم ساياھىتىگە تاشلىغان بىرىنجى قەدىمىدىن باشلاپ نەزەر سالايلى، بىز ئالەمنى قانچىلىك ساياھەت قىلدۇق؟

ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىسى 1969- يىلى ئاي شارىغا چىقىپ، تۇنجى قېتىم ئاي شارى تۇپرىقىغا دەسسىگەن ئادەم دەپ ئاتالغان. 1929- يىلى ئاستېرىنومىيە ئالىمى ئابول ئىلىم-پەن ساھەسىنى زىل-زىلگە كەلتۈرىدىغان بايقاشنى ئېلان قىلدى. بۇ بايقاش زور تەسىر قوزغاپ مۇنداق بىر يەكۈننى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. سامانيولىنىڭ سىرتىدىكى بارلىق يۇلتۇز سېستىمىسى بىزدىن ناھايىتى يىراقلاشماقتا، يەنە ئالەم تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇ بايقاش ئارقىلىق ئاسترونومىيە ئالىملىرى «ئالەم كېڭىيىۋاتقانكەن، ئۇ ھالدا كېڭىيىشنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىن» دېگەننى ئويلىدى. ئاسترونومىيە ئالىمى لېمىتىر مۇنداق دەپ قارىدى: «ھازىرقى ئالەم «ئىپتىدائىي مولىكولىلار» نىڭ پارتلىشىدىن شەكىللەنگەن، بۇ چوڭ پارتلاش تەلىماتىنىڭ ئاساسى بولدى. ئامېرىكا ئاسترونومىيە ئالىمى گاموف، لېمىتىرنىڭ ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، ھەمدە 1948- يىلى رەسمىي يوسۇندا ئالەمنىڭ كېڭىيىش مەنبەسى بولغان چوڭ پارتلاش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. گاموف مۇنداق دەپ قارىدى:

«ئالەم ئەڭ دەسلەپتە تېمپىراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى، زىچلىقى چوڭ بولغان، ئەڭ ئاساسىي زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن «ئىپتىدائىي ئوت شارى» ئىدى. ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلمىگە ئاساسلانغاندا بۇ ئوت شارى مۇقەررەر ھالدا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى بىر قېتىملىق غايەت زور چوڭ پارتلاشقا ئوخشايدۇ. تېز سۈرئەتتە كېڭىيىش سەۋەبىدىن ئالەم زىچلىقى ۋە تېمپىراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ. بۇ جەرياندا بەزى خېمىيىلىك ئېلىمىنتلار (ئاتوم يادروسى) شەكىللىنىدۇ. كىيىن ئاتوم مالىكولاسىدىن تۈزۈلگەن گاز جىسىم ماددىلىرى شەكىللىنىدۇ. گاز جىسىم ماددىلىرى ئۇيۇشۇپ تۇمانلارنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇماندىن تەدرىجىي ھالدا خىلمۇ-خىل ئاسمان جىسىملىرى پەيدا بولۇپ ھازىرقى ئالەم شەكىللەنگەن». بۇ خىل تەلىمات ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئاڭلىماققا ناھايىتى ھەيران قىلارلىق، ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك بىلىنەتتى. ئەينى چاغدا ئىلىم-پەن ساھەسىدە بۇ تەلىماتنى كۆزىتىلگەن جانلىق دەلىل-ئىسپاتمۇ كەمچىل بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئەمدىلا ئوتتۇرىغا چىققان چاغدا ئومومىيۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشەلمىگەن.

1965- يىلىغا كەلگەندە ئالەم ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى رادىئاتسىيە بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ پارتلاش تەلىماتى قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى. ئەسلىدە چوڭ پارتلاش تەلىماتى مۇنداق ئالدىن ھۆكۈم قىلىنغانتى. ئالەمنىڭ ھەممە جايلىرىدا «ئىپتىدائىي ئوت شارى» نىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقى ساقلانغان بولۇشى كېرەك. بۇ خىل «قالدۇق ئىسسىقلىق» بىرخىل تۆت يۈزلۈك سەككىز تەرەپلىكنىڭ ھەممىسىدە ئارقا كۆرۈنۈشتىكى رادىئاتسىيەنىڭ بارلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، گاموف ئالدىن ھۆكۈم قىلغان «قالدۇق ئىسسىقلىق» نىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلەن ئالەم ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى رادىئاتسىيەنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئوخشاش ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاسترونومىيەگە مۇناسىۋەتلىك سان-سىفىرلار تېپىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ سان-سىفىرلارغا ئاساسلىنىپ ئالامنىڭ كېڭىيىش يېشىنى ھىسابلاپ چىقىپ، ئەسلىدىكى 5 مىليارد يىلدىن 10-20 مىليارد يىلغا كۆپەيدى. بۇ ياش بىلەن ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگىرىش تەتقىقاتىدا بايقالغان ئەڭ چوڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يېشى ئۆز-ئارا ماس كىلىدۇ.

چوڭ پارتلاش تەلىماتى باشقا ئالەم تەلىماتلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئالەم كۈزىتىش پاكىتلىرى ئارقىلىق ھادىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرەلەيتتى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھاياتى كۈچى بارا-بارا نامايەن بولدى. ھازىر كۆپ ساندىكى ئاسترونومىيە ئالىملىرى «چوڭ پارتلاش» تەلىماتى ئاساسى ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلدى. بۇرۇن چۈشەندۈرگىلى بولمىغان خېلى كۆپ مەسىلىلەر بارا-بارا ھەل بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە، ئەڭ ئۈستۈنلىككە تولغان بىر ئالەم تەلىماتىدۇر.

يىغىپ ئېيىتقاندا، تاكى ھازىرغىچە ئالىملار ئالەمنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بىلەلمىدى. يۇقىرىقى بايانلار پەقەت ئىنسانلارنىڭ تولۇق ئىسپاتلىيالمىغان تەلىماتى خالاس. نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بۇ سىرلىق دۇنيا ھەققىدە تەتقىقاتىنى يەنىلا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش بىلەن ئاياغلاشتۇرماقتا. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى پۈتكۈل ئالەمنى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاپ، ئۆز ئىلكىگە ئالغۇچى يەنە بىر قۇدرەتلىك كۈچتۇر. ئۇ شۇنداقلا ئالەمدىكى جەمئىي مەۋجۇدىيەتنى ياراتقىچىدۇر. ھەممىگە قادىردۇر. ھەممە يەردە ھەممىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىلاھتۇر، ئۇ – بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى ئۇلۇغ ئاللاھتۇر.

شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇكى، بۇ تېمىدا سۆزلەنمىگەن سىپىرچى 1 بىلەن سىپىرچى 2 گە27 خىل تىل قاچىلانغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر بىزنىڭ قۇياش سېستىمىمىز بىلەن باشقا سېستىمىلارنىڭ ئاخىرقى چېكىگە باردى[2]. ھازىر ئۇنىڭدىن يىراققا بارالىغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى يوق. ھازىرغىچە ئالەم بوشلىقىغا چىقىرىلغان تېلىسكوپلارنىڭ ھەممىسى قۇياش سېستىمىسى ئىچىدە ھەمدە يەرشارىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىر بىز 30 مىڭ نۇر يىلى ئىچىدىكى يۇلتۇزلاردىن بىزنىڭ يەرشارىغا ئوخشاش پىلانتلارنى ئىزدەۋاتىمىز. يەرشارىغا ئوخشايدىغان پىلانتلار تېپىلغان تەغدىردىمۇ ھازىر ئۇنىڭغا بارىدىغان ۋاستە ۋە ئۇچقۇرلار يوق، لىكىن كەلگۈسىدە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە بىز دەسلەپتە 30 مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتىكى پىلانتلارغا بېرىشنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىز ھاياتلىق بار بولغان پىلانتلاردىن يەرشارىدىنمۇ باشقىسى بار دەپ قارايمىز. ھازىر ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىدا ياساۋاتقان، 2016- يىلى قويۇپ بېرىلىدىغان «ھاياتلىق بار بولغان پىلانتلارنى ئىزدەيدىغان تېلىسكوپ» نى ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ ساھەدە تېخى يەرشارىدىن باشقا پىلانتلار يوق دېگەن يەكۈن چىقىرىلمىدى[

3].

پ**************************************************************************************************************

ايدىلانىما ماتىرياللار:

**************************************************************************************************************

[1] «ئالەمگە ساياھەت»: ئىنتىل تورى، ئەردىۋەل ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم

[2] مەرىپەت كائىنات تور بىتى

[3] ئەركىن سىدىق يازمىلىرى

[4] http://www.iqiyi.com/jilupian/20120205/a2a214591c2bb65d.html

[5]http://www.iqiyi.com/jilupian/20100423/n5818.html?event_id=114b3bca1f6a32a5b19b0dcd5b40a31c&bucket=bkt_main&area=rec02&rank=3&tag=tail

**************************************************************************************************************

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايۇنلۇق جەنۇبى نەنچاڭ يولى 42- نومۇر،شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنىسستوتى 2008- يىللىق (مىللىي) 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى



ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

4

تېما

0

دوست

88

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
20 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
16 سەر
شۆھرەت
19 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 10:15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://bbs.misranim.com/thread-104740-1-1.html   بۇ توردا سۇرەتلەر بار

263

تېما

45

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2838 سەر
تىللا
1105 دانە
تۆھپە
3233 سەر
شۆھرەت
2525 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 10:32:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق توغرىسدا ئىزدىنىشلىرى بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالغىنى يوق.ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن،رەھمەت.
ھىكمەت: ‹‹سۇ ئېچكەندە،قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما››.           باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش...

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 11:13:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن،داۋاملىق ئىزدىنىپ مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش ياخشى ماقاللەرنى سۆۋغا قىلشىڭىزنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمۇت قىلمەن،رەھمەت سىزگە.

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 13:19:11يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپقىلغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز. خۇش كەپسىز قېرىندىشىم .  ئانا تىلىمىزدا كائىناتنى چۈشۈنۈش  توغرىسىدا  يېزىلغان بۇ ماقالىڭىز   ئەمىلى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرغا  قويۇلۇپتۇ يارايسىز .    سىزنىڭ بۇ دەۋاملىق ئىزدىنىپ يېڭى -يېڭى  بايقاشلارغا ئىگە بولۇشىڭىزنى ھەم ئاشۇ نەتىجىلىرىڭىزنى ۋاقتى - ۋاقتىدا مۇنبەرداشلارنىڭ ھۆزۇرىغا سۈنۈپ تۇرۇشىڭىزنى ، كەلەۈسىدە دۇنياغا تونۇلغان ئاستىرونومىيە ئالىمى بولۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . اللا  ئىشلىرىڭىزغا ئوڭۈشلۈق ئاتا قىلسۈن
来自: Android客户端
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 19:24:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن يېقىندىن بىرى ۋىلايىتىمىزدە تورنىڭ تۇيۇقسىزلا تاقىلىپ قېلىشى بىلەن ئىچىم بەكلا پۇشقانتى مانە بۈگۈن مۇنبەر ئەسلىگە كەپتۇ . مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ئەگىشىپ سەر خىل تىمىلارمۇ يوللىنىپتۇ مەن بەك خۇشالمەن
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

11

تېما

6

دوست

3975

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
900 سەر
تىللا
185 دانە
تۆھپە
815 سەر
شۆھرەت
758 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 20:21:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   تەپەككۈر ئىختىدارىمىزنى زىللاستۇرۇپ،كائىناتنىڭ سىرلىرى، ئىلمى توغرىسىدا مول يېڭىلىقلاردىن قىممەتلىك ئۇچۇر بىلىمى يوللاپسىز.ئەجىر-ئەقىدىڭىزگە تەشەككۈر.سۆرەتلەرنى بەكمۇ كۆرگۈم بار ئىدى ئەپسۇس،كۆرالمىدىمغۇ؟

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6953 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7466 سەر
شۆھرەت
5474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 22:40:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چركىپسىز رەھمەت .
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 00:48, Processed in 0.480462 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش