| ئاتىكارچىلىق قىلىپ ئازرار سۆزلەپ قوياي: 1. مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق پىلان خۇلاسە قاتارلىق ماتىرىياللارنى قارغۇلارچە يوللاشتىن ساقلانساق.چۈنكى ھەممىدە ئەمەلىيەتتىنى چىقىش قىلىش كېرەكقۇ دەيمەن .تورىمىزدىكى تېما بايلىقىمىزدىن كۆپ سانلىق كەسىپداشلار ئىجابىي يۇسۇندا پايدىلىنىۋاتقان بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا قىسمەن تېرىگتاپلارنىڭ جان بېقىش كوزۇرى،ئۆزىنى قابىلىيەتلىك كۆرسىتىدىغان پەدەزخانىسى بولۇپ قالمىسۇن. 2. دەرسلىكتە شۇ دەرس تەييارلىغۇچىنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى بىلىم قۇرۇلمىسى ،دەرسلىككە نىسبەتەن تۇرلۇك كۆز قارىشى سىڭگەن بولىدۇ.لىكىن پىلان خۇلاسىلەرگىچۈ؟؟؟پەقەت مەكتەپ نامىنىلا ئۆزگەرتىپ قىلغان قىلمىغان ھەممە ئىشتا شۇقەدەرمۇكەممەللىككە ئىگە بولۇپ كەتكەندەك قانائەت ھاسىل قىلىپ شۇمەكتەپنىڭ رىئال ئەھۋالىنى ئۇنتۇش ئەھۋاللىرى گەۋدىلىنىپ مائارىپىمىزغا ساختىپەرلىكنىڭ بىخى ئۇرۇشنىڭمۇ ئاساسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ ئەلۋەتتە قالغىنى ياخشىراق ئويلىنىپ باقارسىلەر . 3. ھەرقانداق تېمىغا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىلسە، مەسىلەن: پىلان، خۇلاسە، 5-يىللىق تەييارلىق دىگەندەك تېمىلاردا يوللىنىۋاتىدۇ. بۇ زادى قانداق پىلان، قانداق خۇلاسە، ئىچىدە قانچە تۈرلۈك ماتېرىياللار بار؟ قايسى باسقۇچتىكى مەكتەپلەرگە ماس كىلىدۇ. كىلىش مەنبەسى نەدىن؟ ئۆزى تۈزگەنمۇ؟ تەييارلىق ۋە باشقا ماتېرىياللار بولسا، قايسى ماۋسۇم، قايسى پەن، قانداق سىنىپلارغا ماس كىلىدۇ؟ تىلى ئۇيغۇرچىمۇ ياكى خەنچىمۇ؟ بىر ماۋسۇملۇق تولۇقمۇ ياكى بىر سائەتلىكمۇ؟ ئۆزى مۇستەققىل تەييارلىغانمۇ ياكى باشقا يوللار بىلەن كەلگەنمۇ ئىنىق ئەسكەرتىش شۇنچە تەسمىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن؟ بۇنى تورداشلار ئويلاپ كۆرگەيسىلەر!!!...؟؟؟؟ |
|