| جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى (1994- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، شۇ كۈنى ئېلان قىلىندى) 1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1- ماددا بۇ قانۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەمگەك تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 2- ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى كارخانىلار، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان ئەمگەكچىلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنى ئورناتقان ئەمگەكچىلەر مۇشۇ قانۇننى ئىجرا قىلىدۇ. 3- ماددا ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئاساستا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ تاللاش ھوقۇقى، ئەمگەك ھەققى ئېلىش ھوقۇقى، دەم ئېلىش ھوقۇقى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش مۇھاپىزىتىگە ئېرىشىش ھوقۇقى، كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى، ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەمگەك ھوقۇقلىرىغا ئىگە. ئەمگەكچىلەر ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرىشى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئەمگەك ئىنتىزامى ۋە كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. 4- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قائىدە- تۈزۈملەرنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى ۋە ئەمگەك مەجبورىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 5- ماددا دۆلەت تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ، ئەمگەك ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ، ئىقتىسادىي كىرىمنى تەڭشەيدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرىدۇ. 6- ماددا دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەجبورىيەت ئەمگىكىگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئەمگەك مۇسابىقىسى ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ پەن- تەتقىقاتى، تېخنىكا يېڭىلاش، كەشپىيات، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى، ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. 7- ماددا ئەمگەكچىلەر قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىشقا ۋە ئۇنى تەشكىللەشكە ھوقۇقلۇق. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ،قانۇن بويىچە مۇستەقىل پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. 8- ماددا ئەمەگەكچىلەر قانۇندىكى بەلگىلەر بويىچە ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ياكى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن باراۋەر ئاساستا كېڭىشىدۇ. 9- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەمگەك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمگەك خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 2- باب ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش 10- ماددا دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى ھازىرلايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ. دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دائىرىدە كەسىپلەرنى ئېچىپ ياكى تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋە يەككە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىدۇ. 11- ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى كۆپەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم. 12- ماددا ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا مىللىتى، ئىرقى، جىنسى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كەمسىتىلمەيدۇ. 13- ماددا ئاياللار ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە. ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، جىنسى ئايرىما تۈپەيلىدىن ئاياللارنى قوبۇل قىلماسلىققا ياكى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۋىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ، دەپ بەلگىلگەن ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى بۇنىڭ سىرتىدا. 14- ماددا مېيىپلار،ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ۋە ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، قانۇن- نىزاملاردا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ. 15- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە ئالاھىدە ھۈنەر- سەنئەت ئورۇنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنى ئىشلەتسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تەستىقلىتىش رەسىمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت. 3- باب ئەمگەك توختامى ۋە كوللېكتىپ توختام 16- ماددا ئەمگەك توختامى _ ئەمگەكچىلەر بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان كېلىشىم. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا ئەمگەك توختامى تۈزۈش لازىم. 17- ماددا ئەمگەك توختامى تۈزەش ۋە ئۆزگەرتىشتە باراۋەر بولۇش، ئۆزى ئىختىيار قىلىش، بىردەك كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگەك توختامى قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن ھامان قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۇنىڭدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت. 18- ماددا تۆۋەندىكىدەك ئەمگەك توختاملىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ: (1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ ئەمگەك توختاملىرى؛ (2) ئالداش ۋە تەھدىت سېلىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئەمگەك توختاملىرى. كۈچكە ئىگە بولمىغان ئەمگەك توختاملىرى تۈزۈلگەن ۋاقىتتىن باشلارپلا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندە، قالغان قىسىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولىشىغا تەسر تەتكۈزمىسە، قالغان قىسىمى كۈچكە ئىگە بولىۋېرىدۇ. ئەمگەك توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئەمگەك تالاش- تارتشلىرى كېسىم ھەيئىتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. 19- ماددا ئەمگەك توختامى يازما تۈزۈلۈشى ھەمدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ماددىلىرى بولۇشى لازىم: (1) ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى؛ (2) خىزمەت مەزمۇنى؛ (3) ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ئەمگەك شارائىتى؛ (4) ئەمگەك ھەققى؛ (5) ئەمگەك ئىنتىزامى؛ (6) ئەمگەك توختامىنى توختىتىش شەرتى؛ (7) ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلغانلىق جاۋابكارلىقى. ئەمگەك توختامىنىڭ يۇقىرىدىكى تارماقتا بەلگىلەنگەن زۆرۈر مەزمۇنلىرىدىن باشقىلىرىنى ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. 20- ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى تۇرۇقلىق مۇددەت، تۇراقسىز مۇددەت ۋە مۇئەييەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش مۇددىتى دەپ ئايرىلىدۇ. ئەمگەكچىنىڭ بىر ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى ئون يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ توختامنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ئەھۋالدا، ئەمگەكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويسا تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. 21- ماددا ئەمگەك توختامىدا سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى كېڭىشىپ بېكىتىلسە بولىدۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 22- ماددا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامىغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ئائىت ئىشلارنى كېلىشىپ كىرگۈزسە بولىدۇ. 23- ماددا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا ياكى توختام تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ توختامنى توختىتىش ھەققىدە كېلىشكەن شەرتلەر ھازىرلانغاندا، ئەمگەك توختامى توختىتىلىدۇ. 24- ماددا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ. 25- ماددا ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ: (1) سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسا؛ (2) ئەمگەك ئىنتىزامىغا ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا؛ (3) ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە نەپسىيانەتچىلىك قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەنپەئىتىگە زور زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛ (4) قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولسا. 26- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، بىراق بۇنى ئەمگەكچىگە 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇش كېرەك: (1) ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ياكى ئىش ئۈستىدە بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن زەخىملىنىپ، داۋالىنىش مۇددىتى تۇشقاندىن كېيىن ئەسلىدە ئىشلەۋاتقان ئىشنى قىلالمىغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىشنىمۇ قىلالمىغان بولسا؛ (2) ئەمگەكچى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، تەربىيلەنگەن ياكى ئىش ئورنى تەڭشەلگەندىن كېيىنمۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا؛ (3) ئەمگەك توختامىنى تۈزگەندە ئاساس قىلىنغان ئوبيېكىت ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، شۇ توختامنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي، توختام تۈزۈشكەن ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ توختامنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان بولسا. 27- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىپ، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپكە سېلىۋاتقان مەزگىلدە ياكى ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ئەھۋالىدا ئېغىر قىيىنچىلىق يۈز بېرىپ، ئادەم قىسقارتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغاندا، 30 كۈن بۇرۇن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئەھۋالنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنى قىسقارتسا بولىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادەم قىسقارتقاندىن كېيىن، ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە ئادەم قوبۇل قىلماقچى بولسا، قىسقارتىۋېتىلگەنلەرنى ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. 28- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مۇشۇ قانۇننىڭ 24 -، 26 - ۋە 27- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قوشۇمچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما تۆلىشى كېرەك. 29- ماددا ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ۋە 27- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. (1) كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ياكى ئىش ئۈستىدە زەخىملىمىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقى ياكى قىسمەن يوقاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە؛ (2) كېسەل بولۇپ ياكى زەخىملىنىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە داۋالىنىۋاتقان بولسا؛ (3)ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھامىلىدارلىق، تۇغۇتلۇق، بالائېمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا؛ (4) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە. 30- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇۋاپىق كۆرمىسە ئۆز پىكرىنى بېرىشكە ھوقۇقلۇق. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن- نىزام ياكى ئەمگەك توختامىغا خىلاپلىق قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. 31- ماددا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا 30 كۈن بۇرۇن يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. 32- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالدا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويسا بولىدۇ: (1) سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە بولسا؛ (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەمگەك قىلىشقا زورلىغان بولسا؛ (3)ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئەمگەك ھەققى بەرمىگەن ياكى ئەمگەك شارائىتى يارىتىپ بەرمىگەن بولسا. 33- ماددا كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى كارخانا بىلەن ئەمگەك ھەققى، ئىش ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش، سۇغۇرتا، پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈستىدە كوللىكتىپ توختام تۈزسە بولىدۇ. كوللېكتىپ توختام لايىھىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلىرنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك. كوللېكتىپ توختامنى ئىشچىلار ئۇيشمىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن كارخانا بىلەن ئىمزالايدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلمىغان كارخانىلاردا ئىشچى- خىزمەتچىلەر كۆرسەتكەن ۋەكىل كارخانا بىلەن ئىمزالايدۇ. 34- ماددا كوللېكتىپ توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرىغا يوللىنىدۇ؛ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى كوللېكتىپ توختامنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويمىسا، كوللېكتىپ توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 35- ماددا قانۇن بويىچە ئىمزالانغان كوللېكتىپ توختام كارخانا بىلەن كارخانىدىكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن كارخانا تۈزگەن ئەمگەك ھەققى قاتارلىق ئۆلچەملەر كوللېكتىپ توختامدا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. 4- باب ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش 36- ماددا دۆلەت ئەمگەكچىنىڭ كۈنلۈك ئىش ۋاقتى سەككىز سائەتتىن ئاشمايدىغان، ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە ئىش ۋاقتى 44 سائەتتىن ئاشمايدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 37- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشىغا قاراپ ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك نورمىسى بىلەن ئىش بېشىغا قاراپ بېرىلىدىغان ئەمگەك ھەققى ئۆلچىمىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 36- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىش ۋاقتى تۈزۈمىگە ئاساسەن مۇۋاپىق بېكىتىشى كېرەك. 38- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ بىر كۈن دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 39- ماددا كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 36- ۋە 38- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلالمىسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن باشقىچە ئىش ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش چارىسىنى يولغا قويسا بولىدۇ. 40- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنى تۆۋەندىكى ھېيىت- بايرام كۈنلىرىدە قانۇن بويىچە دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك: (1) يېڭى يىل بايرىمى؛ (2) باھار بايرىمى؛ (3) خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى؛ (4) دۆلەت بايرىمى؛ (5) قانۇن- نىزاملاردا دەم ئېلىش بەلگىلەنگەن باشقا ھېيىت- بايرام كۈنلىرى. 41- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىش ۋاقتىنى ئوزارتسا بولىدۇ، ئۇزارتىلغان ۋاقىت ئادەتتە كۈنلۈكى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتى كۈنىگە ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 42- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش بۇ قانۇننىڭ 41- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. (1) تەبىئي ئاپەت ۋە ھادىسە يۈز بەرسە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يېتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر بولسا؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، قاتناش- ترانسپورت لىنىيىسى ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرىدىن كاشلا چىقىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە تەسىر يېتىپ، جىددىي ئوڭشاش زۆرۈر تېپىلسا؛ (3) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە. 43- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 44- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە ئەمگەكچىگە نورمال ئىش ۋاقتىدىكى ئىش ھەققىدىن يۇقىرى ھەق بېرىشى كېرەك: (1)ئەمگەكچىنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزاتىشىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ 150 تىن تۆۋەن بولماسلىقى؛ (2) دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەمگەكچىنى ئىشلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، دەم ئېلىشىنى تولۇقلاپ بېرەلمىگەندە، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ 200 تىن تۆۋەن بولماسلىقى؛ (3) ئەمگەكچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىشلەتكەندە، بېرىلىدىغان ھەق شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ 300 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرە%ك. 45- ماددا دۆلەت ئىش ھەققى توختىتىلمايدىغان يىللىق ئوتپوسكا تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقان ئەمگەكچى ئىش ھەققى توختىتىلمايدىغان يىللىق ئوتپوسكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 5- باب ئىش ھەققى 46- ماددا ئىش ھەققى تەقسىماتىدا ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىپ، ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ. ئىش ھەققى سەۋىيىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىدا تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئىش ھەققى ئومۇمىي مىقدارىنى ماكرولۇق تەڭشەيدۇ ۋە تىزگىنلەيدۇ. 47- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت ئالاھىدىلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن، شۇ ئورۇننىڭ ئىش ھەققى تەقسىمات شەكلى بىلەن ئىش ھەققى سەۋىيىسىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ. 48- ماددا دۆلەت ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بېرىدىغان ئىش ھەققى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. 49- ماددا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە تۆۋەندىكى ئامىللاردىن ئومۇملاشتۇرۇپ پايدىلىنىش كېرەك: (1) ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئۇ باقىدىغان ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش خىراجىتى؛ (2) ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيسى؛ (3) ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى؛ (4) ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى؛ (5) رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرقى. 50- ماددا ئەمگەكچىگە ئىش ھەققى ئۈچۈن ئايمۇئاي پۇل بېرىلىدۇ. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشقا ياكى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ. 51- ماددا ئەمگەكچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئۇلار توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- تېتىم رۇخسىتىنى ئالغان ۋە قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى قانۇن بويىچە بېرىدۇ. 6- باب ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش 52- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئەمگەكچىلەرگە ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئەمگەك جەريانىدا ھادىسە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەسپىي زىيان- زەخمەتنى ئازايتىش كېرەك. 53- ماددا ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى غول قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا لايىھىلەش، تەڭلا ئىش باشلاش ئاساسىدا، تەڭلا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شەرت. 54- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئويغۇن بولغان ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە ساقلىقنى ساقلاش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنى زۆرۈر بولغان ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى تەرت. كەسپىي زىيان- زەخمىتى بار مەشغۇلات بىلەن شەغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. 55- ماددا ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر مەخسۇس تەربىيلىنىشى ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى شەرت. 56- ماددا ئەمگەكچىلەر ئەمگەك جەريانىدە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكى باشقۇرغۇچىلار قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوماندانلىق قىلسا، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلىسا، ئەمگەكچى ئۇنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمگەكچى ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق قىلمىشلارنى تەنقىد قىلىش، پاش قىلىشقا ۋە ئۇ ھەقتە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 57- ماددا دۆلەت زەخىملىنىش، ئۆلۈش ھادىسىلىرىنى ۋە كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ستاتىستىكىلاش، مەلۇم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىلتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيتى تارمىقى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى زەخىملىنىش، ئۆلۈش ھادىسىلىرى ۋە كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە ستاتىستىكىلايدۇ، مەلۇم قىلىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 7- باب ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىش 58- ماددا دۆلەت ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارغا ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى يولغا قويىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچى 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 59- ماددا ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى كان قۇدۇقى ئاستىغا، دۆلەت بېكەتكەن 4- دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەككە ۋە ئۇلارنىڭ شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن باشقا ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ. 60- ماددا ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھېيىز مەزگىلىدە، ئېگىز جايدا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ۋە سوغۇق سۇدا مەشغۇلات قىلىشقا ھەمدە دۆلەت بېكەتكەن 3- دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 61- ماددا ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ھامىلدار مەزگىلدە دۆلەت بېكىتكەن 3- دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە جىسمانىي ئەمگەككە ۋە ھامىلىدار مەزگىلدە شۇغۇللىنىش چەكلەنگەن ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. ھامىلدار بولغىنىغا يەتتە ئايدىن ئاشقان ئايال ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ۋە ئۇلارنى كېچىلىك ئىسمېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 62- ماددا ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى 90 كۈندىن كەم بولمايدۇ. 63- ماددا ئېمىتۋاتقان بالىسى بىر ياشقا توشمىغان ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى دۆلەت بېكىتكەن 3- دەرىجىلىك سىجىلىققا ئىگە ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ۋە كېچىلىك ئىسمېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 64- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى كان قۇدۇقى ئاستىغا، زەھەرلەيدىغان ۋە زىيان- زەخمەت يېتىدىغان ئەمگەككە، دۆلەت بېكىتكەن 4- دەرىجىلىك سىجىللىققا ئىگە ئەمگەككە ۋە شۇغۇللىنىش چەكلەنگەن باشقا ئەمگەكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 65- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك. 8- باب كەسپىي تەربىيە 66- ماددا دۆلەت ھەرخىل يوللار ئارقىلىق، خىلمۇ- خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەسپىي تەربىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. 67- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي تەربىينى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، شارائىتى يار بېرىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ. 68- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي تەربىيە تۈزۈمى ئورنىتىپ، كەسپىي تەربىيە خىراجىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاجرىتىپ ۋە ئىشلىتىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئەمگەكچىلەرنى كەسىپ جەھەتتىن پىلانلىق تەربىيلىشى كېرەك. تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر ئىش ئورنىغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تەربىيلىنىشى شەرت. 69- ماددا دۆلەت كەسىپلەرنى تۈرگە ئايرىپ، بەلگىلەنگەن كەسىپ بويىچە ماھارەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، كەسپىي سالاھىيەتنامە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا ھۆكۈمەت تەستىقلىغان تەكشۈرۈپ باھالاش ئاپپاراتلىرى مەسئۇل بولىدۇ. 9- باب ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق 70- ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى تەسىس قىلىدۇ، ئەمگەكچىلەرنى ياشانغان، كېسەل بولغان، ئىش ئۈستىدە زۈخىملەنگەن، ئىشسىز قالغان ۋە تۇغقان چاغلاردا ياردەم ۋە ئىقتىسادىي تۇلۇقلىمىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. 71- ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سەۋىيىسى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ۋە جەمىئەتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا ماس كېلىشى كېرەك. 72- ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى سۇغۇرتىنىڭ تۈرىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ئۇنىڭدا جەمئىيەتتىن بىر تۇتاش غەملەش تەدرىجى يولغا قويۇلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇشى شەرت. 73- ماددا ئەمگەكچىلەر تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ: (1) پېنسىيىگە چىققاندا؛ (2) كېسەل بولغاندا ياكى زەخىملەنگەندە؛ (3) ئىش ئۈستىدە زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان ياكى كەسىپ كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا؛ (4) ئىشسىز قالغاندا؛ (5) تۇغۇتلۇق مەزگىلدە. ئەمگەكچى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. ئەمگەكچىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ شەرتى ۋە ئۆلچىمى قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ. ئەمگەكچىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىلىشى شەرت. 74- ماددا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن كىرىم- چىقىم قىلىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى نازارەت قىلغۇچى ئاپپاراتلار قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى كىرىم- چىقىم قىلىش، باشقۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلغۇچى ئاپپاراتلار بىلەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى نازارەت قىلغۇچى ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيىسى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 75- ماددا دۆلەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن قوشۇمچە سۇغۇرتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. دۆلەت ئەمگەكچىلەرنىڭ شەخسىي ئامانەت خاراكتېرىدىكى سۇغۇرتىنى يولغا قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 76- ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرگە دەم ئېلىش، كۈتۈنۈش ۋە ساناتورىيىدە دەم ئېلىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار شارائىت يارىتىپ، كوللېكتىپ پاراۋانلىقنى ياخشىلاپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. 10- باب ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى 77- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ئۈستىدە تالاش- تارتىش يۈز بەرسە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، دەۋا قىلسا بولىدۇ، كېڭىشىپ ھەل قىلۋالسىمۇ بولىدۇ. مۇرەسسە پرىنسىپى كېسىم ۋە دەۋا تەرتىپىگە باب كېلىشى كېرەك. 78- ماددا ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرىنى ھەل قىلىشتا قانۇنلۇق، ئادىل ۋە ۋاقتىدا بولۇش پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، ئەمگەك ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. 79- ماددا ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى يۈز بەرگەندە، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆز ئورنىدىكى ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىگەندە، كېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كېسىم قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.بىر تەرەپ ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 80- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئەمگەك تالاش- تارتشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتى قۇرۇلسا بولىدۇ. ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىلى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋەكىلى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرىدا مۇرەسسە ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئىككى تەرەپ ئىجرا قىلىشى لازىم. 81- ماددا ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتى ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ ۋەكىلى، تەڭ دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئەمگەك مەمۇرىيەت تارمىقىنىڭ ۋەكىلى ئۈستىگە ئالىدۇ. 82- ماددا كېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرىنى كېسىم قىلىش ھەيئىتىگە يازما ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. كېسىم قارارى ئومۇمەن ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغاندىن 60 كۈن ئىچىدە چىقىرىلىشى كېرەك. كېسىم قارارىغا پىكىر بولمىسا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۇنى ئىجرا قىلىشى شەرت. 83- ماددا ئەمگەك تالاش- تارتىشى قىلغۇچىلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلار كېسىم تاپشۇرۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.بىر تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دەۋا قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 84- ماددا كوللېكتىپ توختامنى ئىجرا قىلىشتا تالاش- تارتىش يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەشكىللەپ ھەل قىلىپ قويسا بولىدۇ. كوللىكتىپ توختام ئىمزالاشتا تالاش- تارتىش يۈز بېرىپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، ئەمگەك تالاش- تارتىشلىرى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ كېسىمگە قايىل بولمىغانلار شۇ قارارنى تاپشۇرۋېلىپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. 11- باب نازارەتچىلىك _ تەكشۈرۈش 85- ماددا ناھىيە دەىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەك قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن- نىزامغا خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئۇنى توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. 86- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقىدىكى نازارەتچى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋەزىپە ئۆتىگەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك قانۇن- نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە، زۆرۈر ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ھەمدە ئەمگەك سورۇنلىرىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىيتى تامىقىدىكى نازارەتچى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار ۋەزىپە ئۆتىگەندە، كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى شەرت. 87- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە نازارەت قىلىدۇ. 88- ماددا ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىدۇ. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئەمگەك قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 12- باب قانۇن جاۋابكارلىقى 89- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك قائىدە- تۈزۈملىرى قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ئەمگەكچىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 90- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 91- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تاماقلىرى ئۇلارنى ئەمگەكچىلەرگە ئىش ھەققى بېرىشكە ۋە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ (1) ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالسا ياكى سەۋەبسىز كېچىكتۈرسە؛ (2) ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۇزارتىلغان ئىش ۋاقتىدىكى ئىش ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلسا؛ (3) ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بەرسە؛ (4)ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمگەكچىنىڭ ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بەرمىسە. 92- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى بىلەن ساقلىقنى ساقلاش شارائىتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن ياكى ئەمگەكچىلەرگە زۆرۈر ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇملىرى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ئەسلىھەلىرى ھازىرلاپ بەرمىگەنلەرنى ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بويرۇريدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ؛ ھادىسە پەيدا قىلىدىغان يۇشۇرۇن ئاپەتلەرگە تەدبىر قوللانماي، زور ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتا جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 93- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا زورلاپ، زور زەخىملىنىش ۋە ئۆلۈش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 94- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن بولسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمامىقى ئۇنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ؛ئەھۋالى ئېغىر بولسا، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تامىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. 95- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەندە، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ؛ ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 96- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا تۆۋەندىكىدەك قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرگە 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش، جەرىمانە قويۇش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: (1)ئەمگەكچىلەرنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاستىلىرى ئارقىلىق زورلاپ ئىشلەتكەن بولسا؛ (2) ئەمگەكچىلەرنى ھاقارەتلىگەن، ئۇلارغا تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى ئۇرغان، قانۇنسىز ئاختۇرغان ۋە قامىغان بولسا. 97- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كۈچكە ئىگە بولمايدىغان توختامنى تۈزۈپ قويۇپ، ئەمگەكچىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئورۇن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 98- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەك توختامىنى تۈزۈپ قويۇپ، ئەمگەكچىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئورۇن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 99- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامى تېخى بىكار قىلىنمىغان ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىپ، ئەسلىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەن بولسا، شۇ ئەمگەكچىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 100- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى سەۋەبسىز تاپشۇرمىسا، ئەمگەك مەمۇرىيتى تارمىقى بەلگىلىك مۇددەتتە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرمىغانلاردىن كېچىكتۈرگەنلىك پۇلنى قوشۇپ ئالسا بولىدۇ. 101- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، پاش قىلغۇچىلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالسا، ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ياكى ئالاقىدار ئالاقىدار تارماقلار جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 102- ماددا ئەمگەكچىلەر بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ياكى ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن مەخپىيەتلىككە دائىر ئىشلارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 103- ماددا ئەمگەك مەمۇرىيىتى تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى خادىملار ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ ۋە شەخسىي غەرەز كۆز بويامچىلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 104- ماددا دۆلەت خادىملىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ خادىملىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 105- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى جازالاش توغرىسىدا باشقا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ. 13- باب قوشۇمچە پرىنسىپ 106- ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇنغا ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچلىرىنى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇنى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 107- ماددا بۇ قانۇن 1995- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى (2003- يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1- ماددا بۇ قانۇن يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش، قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مال- مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، شۇنداقلا يول قاتناش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. 3- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، يول قاتنىشىنىڭ تەرتىپلىك، بىخەتەر، راۋان بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. 4- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىقتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك يول قاتناش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. 5- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجخلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچە تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش، قۇرۇلۇشى باشقۇرۇش تارماقلىرى يول قاتنىشىغا ئائىت خىزمەتلىرىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. 6- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنىڭ يول قاتناش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك. ئورگان، قىسىم، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىدىكىلەرگە يول قاتناش بىخەترلىكى تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى قانۇنچىلىق تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ يو قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. 7- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە پەن تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى، تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش كېرەك. 2- باب قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ھەيدىگۈچىلەر 1- پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى 8- ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملىغاندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىقىشقا بولىدۇ. تىزىملاتمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ۋاقىتلىق ھەيدەپ چىقىشقا توغرا كەلسە، ۋاقىتلىق نۇمۇر ئىسپاتى ئېلىشى كېرەك. 9- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلشتا، تۆۋەندىكى ئىسپات، دوكۇمېنتلارنى تاپشۇرۇش كېرەك: (1) ماتورلۇق قاتانش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى؛ (2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ كېلىش مەنبە ئىسپاتى؛ (3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ زاۋۇتتىن پۈتۈپ چىققان لاياقەت ئىسپاتى ياكى ئىمپورت دوكۇمېنتى؛ (4) قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىۋېلىش بېجى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى ياكى باج كەچۈرۈم دوكۇمېنتى؛ (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشتا تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن باشقا ئىسپات، دوكۇمېنتلار. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگنىنىڭ قاتاناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە تاماملىشى، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملىغانلىق ئىسپاتى، نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى بېرىشى؛ ئالدىنىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىغا تىزىملىماسلىق ئاساسىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىنى بېرىشىگە ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە باشقا نومۇر تاختىسى ئېسىشنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق ئىسپاتى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنىڭ نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ ۋە ياسىتىدۇ. 10- ماددا تىزىملىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرتۈش كېرەك. لېكىن، دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىسپات بېرىشىدىن ئۆتكەن كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تىپىدىكى يېڭى قاتناش ۋاسىتىسى زاۋۇتتىن چىقىشتىكى سىناپ تەكشۈرۈشتە دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ لاياقەتنامە ئالغان بولسا، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە سىناپ تەكشۈرۈلمەيدۇ. 11- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، نومۇر تاختىسى ئېسىش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى، سوغۇرتا بەلگىسى چاپلاش ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېسىش ھەمدە پاكىز، بېجىرىم ساقلاش كېرەك، قەستەن توسۇپ قويۇشقا، پاسكىنا قىلىۋېتىشكە، زېدە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسىنى ئېلىۋېلىشقا ۋە تۇتۇپ قېلىشىغايول قويۇلمايدۇ. 12- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەر تىزىملىتىشى كېرەك: (1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەيدىغانلار؛ (2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىزىم مەزمۇنىنى ئۆگەرتىدىغانلار؛ (3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رەنە قويىدىغانلار؛ (4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى براك قىلىدىغانلار. 13- ماددا تېزىملانغاندىن كېيىن يولغا ھەيدەپ چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىلىش ئورنى، يولۇچى سېلىش، يۈك قاچىلاش مىقدارى، ئىشلىتىش يىل چېكى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرتۈش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۈچىنچى شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغانلىق تالونى بەرگەنلەرنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئورگان تەكشۈرۈپ بېرىشى كېرەك، ھەر قانداق ئورۇننىڭ باشقا قوشۇمچە شەرت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك يېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلىق بەلگىسى يېزىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرغان جايلاردا، ھەر قانداق ئورۇننىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرگۈچى ئورۇننى بېكىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلىدىغان، ئاسرايدىغان ئورۇننى بېكىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى كېرەك. 14- ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي براك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ھالىتى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان براك قىلىش ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ. براك قىلىشقا تېگىشلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا تىزىمدىن ئۆچۈرۈش شەرت. براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشقا يول قويۇلمايدۇ. براك قىلىنغان ئاپتوبۇس، يۈك ئاپتوموبىلى ۋە باشقا تىجارەت ترانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە پارچىلاش كېرەك. 15- ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بەلگىلىمە بويىچە بەلگە نۇسخىسىنى پۈركۈش، سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغى ئورنىتىش كېرەك. باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە يۇقىرىدا ئېيتىلغان قاتناش ۋاسىتىسىگە مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگە نۇسخىسى پۈركۈشكە، سىگنالىزاتور ياكى بەلگە چىرىغى ئورنىتىشقا بولمايدۇ. ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى قەتئىي تۈردە بەلگىلەنگەن ئىشلتىش ئورنى ۋە شەرتى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك. تاشيول نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەخسۇس قاتناش ۋاسىتىسىگە تاشيول قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش بەلگە بويىچە ۋە ئاگاھ چىرىغى ئورنىتىش كېرەك. 16- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ: (1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قۇراشتۇرۇۋېلىش ياكى تىزىملانغان قۇرۇلمىسى، تۈزۈلۈش ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىش؛ (2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپ نومۇرى، ماتور نومۇرى، رام نومۇرى ياكى قاتناش ۋاسىتىسى پەرق كودىنى ئۆزگەرتىۋېتىش؛ (3) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ياكى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلىرىنى ئىشلىتىش؛ (4) باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلىتىش. 17- ماددا دۆلەت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۈچىنچى شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، يولقاتناش ھادىسىلىرى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 18- ماددا قانۇن بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملىغاندىن كېيىن، يولغا ھەيدەپ چىقىشقا بولىدۇ. قانۇن بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تۈرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شەكىل رازمىرى، ماسسىسى، تورمۇزى، قوڭغۇرىقى ۋە كېچىدە نۇر قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. 2- پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر 19- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەشتە، قانۇن بويىچە ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلىگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە توشۇشى كېرەك؛ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تامىقى مۇناسىپ ھەيدەش كىنىشكىسى بېرىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسى بارلاردىن گوۋۇيۈننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەنگەن ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە توشقان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىرىگە جۇڭگونىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنشكىسى بېرىلسە بولىدۇ. ھەيدىگۈچى ھەيدەش كىنىشكىسىدە رۇخسەت قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىشى كېرەك؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشتە ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىۋېلىشىغا، تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 20- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىجتىمائىيلاشتۇرۇلىدۇ، قاتناش مەسئۇل تارمىقى شوپۇرلۇق مەكتىپى ۋە كۇرسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرىدۇ. مەخسۇس تراكتور شوپۇرى مەكتىپى، كۇرسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى يېزا ئىگىلىكى (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) گە مەسئۇل تەرمىقى باشقۇرىدۇ. شوپۇرلۇق مەكتىپى، كۇرسلىرى ئوقۇغۇچىلارنى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى، نىزامى، شوپۇرلۇق تېخنىكا ئىقتىدارى بويىچە تەربىيلەشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، تەربىيلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، شوپۇر تەربىيلەش ۋە ئىمتىھان ئېلىشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ شوپۇر تەربىيلەش مەكتىپى، كۇرسى ئېچىشىغا ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 21- ماددا ھەيدىگۈچىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقققۇچە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك؛ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى تولۇق بولمىغان ياكى زاپچاسلىرى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىقتەك يۇشۇرۇن خەۋپى بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە يول قويۇلمايدۇ. 22- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە بىخەتەر مەدەنىي ھەيدىشى كېرەك. ھاراق ئىچكەن، دۆلەت تىزگىنلەيدىغان روھىي دورا ياكى ناركوز دورىسى يېگەنلەر ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەشكە توسالغۇ بولىدىغان كېسىلى بارلار ۋە ياكى بەك چارچاپ، بىخەتەر ھەيدەشكە تەسىر يېتىدىغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەيدىگۈچىلەرنى ماتورلۇق قاتناش ۋاھىتىھىنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام ۋە بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە خىلاپ ھالدا ھەيدەشكە زورلىشىغا، بۇيرۇشىغا ۋە يول قويۇشىغا بولمايدۇ. 23- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ. 24- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، جەملەنمە نومۇر تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى جەملەنمە نومۇرى بەلگىلەنگەن نومۇر چېكىگە يەتكەنلىرىنىڭ كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزام تەربىيىسى بېرىپ ئۇلاردىن قايتا ئىمتىھان ئالىدۇ؛ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا رىئايە قىلىپ، بىر يىلغىچە جەملەنمە نومۇر تۇتۇلمىغانلىرىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 3- باب يول يۈرۈش شەرتى 25- ماددا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يول قاتناش سىگنالى يولغا قويۇلىدۇ. قاتناش سىگنالى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بېكىتىش ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى ۋە قاتناش بەلگە سىزىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە، راۋان بولۇش تەلىپىگە ۋە دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قويۇلۇشى ھەمدە ئېنىق، كۆزگە چېلىقىدىغان، تولۇق بولۇشى كېرەك. يول قاتناش سىگناللىرىنى يول يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋاقتىدا كۆپەيتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش كېرەك. چەكلەش خاراكتىرىدىكى يول قاتناش سىگناللىرىنى كۆپەيتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلاشتا، جەمئىيەتكە ئالدىن ئېلان قىلىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك. 26- ماددا قاتناش سىگنال چىرىغى قىزىل، يېشىل، سېرىق بولىدۇ. قىزىل چىراغ يۈرۈش مەنئى قىلىنغانلىقىنى؛ يېشىل چىراغ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى؛ سېرىق چىراغ ئاگاھلاندۇرغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. 27- ماددا تۆمۈر يول بىلەن باشقا يول تەكشىلىكتە كېسىشكەن ئېغىزلارغا ئاگاھ چىرىغى، ئاگاھ بەلگىسى ياكى بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىش كېرەك. قارىغۇچىسى يوق تۆمۈر يول ئېغىزلىرىغا مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇپ ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك. 28- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قويۇشى، يۆتكىشى، ئىگىلىۋېلىشى ۋە بۇزىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يولنىڭ ئىككى يېنى ۋە ئايرىش بەلۋېغىغا دەل- دەرەخ ياكى باشقا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈش، ئېلان تاختىسى، تۇرۇبا، سىم قاتارلىقلارنى ئورنىتىشتا، قاتناش ئەسلىھەلىرى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق قويۇش كېرەك. يول چىرىغى، قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە قاتناش بەلگىلىرىنى توسۇپ قويۇشقا، بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىغا دەخلى قىلىشقا، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. 29- ماددا يول، توختاش مەيدانى ۋە يولنىڭ يانداشما ئەسلىھەلىرىنىڭ پىلانلىنىشى، لايىھىلىنىشى ۋە قۇرۇلۇشى يول قاتناش بىخەتەرلىكى، راۋانلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە قاتناش ئېھتىياجىغا قاراپ ۋاقتىدا تەڭشىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تەرمىقى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن يولدا قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدىغان بۆلەك بارلىقى ياكى توختاش مەيدانى، يولنىڭ يانداشما ئەسلىھەلىرىدە قاتناش ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپى بارلىقىنى بايقىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشى لازىم. 30- ماددا يوللار گۆمۈرۈلۈش، ئازگال- يېرىق پەيدا بولۇش، سۇ بۇزۇۋېتىش، كۆتۈرۈلۈپ چىقىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇزۇلغاندا ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى بۇزۇلغان، ئۆچۈپ كەتكەن، يوقىلىپ كەتكەندە، يول، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تارماقلار ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىشى ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچە تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بارلىقى، قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بولسىمۇ، ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىلمىغانلىقىنى سەزسە، ۋاقتىدا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشى ھەمدە يول، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى تارماققا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 31- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىجازەت ئالماي يول ئىگىلەپ، قاتناشتىن باشقا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 32- ماددا قۇرۇلۇش ئېھتىياجى بىلەن يول ئىگىلەش، قېزىشتا ياكى يولنى ئاتلىتىپ، تېشىپ تۇرۇبا، سىم ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش ياكى كۆپەيتىشتە، ئالدى بىلەن يول مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىرىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭمۇ ماقۇللىقىنى ئېلىش كېرەك. قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇشنى تەشتىقلانغان بۆلەكتە ۋە ۋاقىتتا قىلىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلىدىغان جاينىڭ قاتناش ۋاسىتىسى كېلىدىغان تەرىپىگە بىخەتەر ئارىلىق قويۇپ روشەن ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىپ، مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛ قۇرۇلۇش تاماملانغاندا يولدىكى توسالغۇلارنى تېز تازىلاپ، يۇشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك. يول مەسئۇل باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، يول يۈرۈش تەلىپىگە يەتكەندىن كېيىن، قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ. قاتناشنى ئۈزبۋەتمەي قۇرۇلۇش قىلىدىغان يوللاردا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يول قاتناش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. 33- ماددا يېڭىدىن قۇرىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، كېڭەيتىدىغان ئاممىۋى ئىمارەت، سودا كوچىسى رايونى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، چوڭ (ئوتتۇرا) ئىمارەتلەردە توختاش مەيدانى يېتىشمىسە ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش ياكى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن توختاش مەيدانىنى ئىشلىتىشتىن خالىغانچە توختىتىشقا ياكى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شەھەر يوللىرىنىڭ دائىرىسىدە، پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە رەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا، توختاش ئورنى سىزىپ بەرسە بولىدۇ. 34- ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى،دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يوللاردا پىيادىلەر ئۆتىدىغان ئەسلىھە بولمىسا، پىيادىلەر توغرىسىغا ئۆتۈش سىزىقى سىزىش، كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك. شەھەرنىڭ ئاساسلىق يوللىرىدىكى پىيادىلەر يولىغا پىلان بويىچە ئەمالار يولى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئەمالار يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. 4- باب يول يۈرۈشكە دائىر بەلگىلىمە 1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە 35- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ئوڭ تەرەپتىن يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. 36- ماددا يوللار شارائىتى ۋە يۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولىغا ئايرىلغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى، ماتورسىش قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يوللارغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى ۋە پىيادىلەر يولى ئايرىلمىغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىدۇ، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە يۈرىدۇ. 37- ماددا يوللارغا مەخسۇس ئاپتوموبىل يولى سىزىلغان بولسا، ئۇنىڭدا پەقەت بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭلا يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىل يولىغا كىرىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلنمايدۇ. 38- ماددا قاتناش ۋاستىسى، پىيادىلەر قاتناش سىگنالى بويىچە يول يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولسا، قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندىسى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ئورنىتىلمىغان يوللاردا، بىخەتەرلىككە، راۋانلىققا كاپالەتلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە يۈرۈشى كېرەك. 39- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يول ۋە قاتناش ئېقىمىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرگە راۋانلاشتۇرۇش، يۈرۈشىنى چەكلەش، يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەر، كەڭ دائىرىلىك قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بولۇپ، قاتناش چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشتا ياكى جامائەتنىڭ يول قاتناش پائالىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىشقا توغرا كەلسە، جەمئىيەتكە ئالدىن ئېلان قىلىش كېرەك. 40- ماددا قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي ئاپەت، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ياكى زور قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق ئەھۋاللار بولۇپ، باشقا تەدبىر قوللانسىمۇ قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش تارمىقى ئىدارە قىلسا بولىدۇ. 41- ماددا يول يۈرۈشكە ئالاقىدار باشقا كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ. 2- پاراگراف ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە 42- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، ئەڭ تېز سائەتلىك سۈرئىتىنى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى يوق يول بۆلەكلىرىدە بىخەتەر سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك. كېچىدە ياكى خەتەر كۆپ كۆرۈلىدىغان يول بۆلەكلىرىدە يۈرگەندە، شۇنداقلا قۇم- بورانلىق، مۆلدۈرلۈك، قار- يامغۇرلۇق، يۇمانلىق، مۇزلۇق ھاۋا رايىغا يولۇققاندا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش كېرەك. 43- ماددا بىر يۆنىلىشتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن ئارقىدىكىسى جىددىي تورمۇز قىلىشقا يېتەرلىك بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە يانداشقا بولمايدۇ: (1) ئالدىدىكى ئاپتوموبىلغا سولغا، ئارقىغا بۇرۇلۇۋاتقان، يانداۋاتقان بولسا؛ (2) ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان ئاپتوموبىل بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولسا؛ (3) ئالدىدا جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بولسا؛ (4) تۆمۈر يول ئېغىزى، كېسىشكەن يول ئېغىزى، تار كۆرۈك، ئايلانما يول، تىك داۋان، تونېل، پىيادىلەر توغرا يولى، شەھەر رايونىدىكى قاتناش ئېقىمى زور بۆلەك قاتارلىق يانداش شارائىتى يوق يوللاردىن ئۆتۈۋاتقان بولسا. 44- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كېسىشكەن يول ئېغىزى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى ياكى قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئۆتۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بولمىغان ياكى قاتناش ساقچىسى قوماندانلىق قىلمىغان كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى ھەمدە پىيادىلەر ۋە ئاۋۋال يۈرىدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالدىن يۈرۈشىگە يول بېرىشى كېرەك. 45- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئالدى تەرەپتىكى قاتناش ۋاسىتىسى توختاپ سەپ بولۇپ ساقلاۋاتقان ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، يانداشسا ياكى ئۇدۇلىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يولىغا كىرىۋالسا بولمايدۇ، ساقلاپ تۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئارىلاپ ئۆتسە بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئاپتوموبىل يولى ئازايغان بۆلەك، ئېغىز ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى بولمىغان ۋە ياكى قاتناش ساقچىسى قوماندانلىق قىلمىغان كېسىشكەن يول ئېغىزلىرىدا توختاپ سەپ بولۇپ ساقلاۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى ياكى ئاستا يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىگە يولۇققاندا، نۆۋەت بويىچە يۈرۈشى كېرەك. 46- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تۆمۈر يول ئېغىزىدىن قاتناش سىگنالى ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئۆتۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ياكى باشقۇرغۇچى بولمىسا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ياكى توختاپ، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندە ئۆتۈشى كېرەك. 47- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەر توغرا يولىدىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر توغرا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بولسا، توختاپ يول بېرىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش سىگنالى بولمىغان يولدا يۈرگەندە، پىيادىلەر يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈۋاتقان بولسا، داجىپ يول بېرىشى كېرەك. 48- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە بېسىلغان يۈك بېكىتىلگەن كۆتۈرۈش ماسسىسىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ئارتۇق يۈك بېسىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ بېسىلغان يۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى قاچىلاش تەلىپىگە خىلاپ بولسا بولمايدۇ، توشۇۋاتقان يۈكنى چېچىش، توزۇتۇشقا بولمايدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چەكتىن ئاسقان، پارچىلىغىلى بولمايدىغان يۈكلەرنى توشۇپ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بېكىتكەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، ئېنىق بەلگە ئېسىشى كېرەك. تاشيولدا چەكتىن ئاشقان، پارچىلىغىلى بولمايدىغان يۈكلەرنى توشۇشتا، تاشيول قانۇنىدىكى بەلگىلىمىنىمۇ ئىجرا قىلىش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن پارتلايدىغان بۇيۇملار، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خىمىيىۋى بۇيۇم ۋە ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، بېكىتىلگەن ۋاقىت، لىنىيە، سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى، ئاگاھ بەلگىسى ئېسىشى ھەمدە زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. 49- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتسىگە بېكىتىلگەن ساندىن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ. يولۇچى توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈك قاچىلاشقا بولمايدۇ. 50- ماددا يۈك توشۇيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە مەشغۇلات خادىملىرىنى سېلىۋېلىشقا توغرا كەلسە، قوغداش بىخەتەرلىكى تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. 51- ماددا ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئولتۇرغۇچىلار ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن يول يۈرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى ئىشلىتىشى كېرەك، موتسىكىلىت ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىشى كېرەك. 52- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول يۈرۈۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ، توختىتىپ ئوڭشاشقا توغرا كەلسە، ھەيدىگۈچى خەتەر سىگنال چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا دەخلى قىلمايدىغان جايغا توختىتىشى كېرەك؛ يۆتكەش قىيىن بولسا، خەتەر سىگنال چىرىغىنى داۋاملىق ياندۇرۇپ قويۇشى ھەمدە قاتناش ۋاسىتىسى كېلىۋاتقان يۆنىلىشكە قارىتىپ ئاگاھ بەلگىسى قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئارىلىقىنى كېڭەيتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ساقچىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك. 53- ماددا ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىراغنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، يۈرۈش لىنىيىسى، يۈرۈش يۆنىلىشى، يۈرۈش سۈرئىتى ۋە سىگنال چىراغلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىماي ماڭىدۇ، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر يول بېرىشى كېرەك. ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلمىغاندا، سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يولدا يۈرۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ. 54- ماددا يول ئاسراش ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى مەشغۇلات قىلىشتا، لىنىيىسى ۋە يۆنىلىشى ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا، قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەر داجىپ ئۆتۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى.، سۈپۈرۈش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەر مەشغۇلات ئۆلچىمى بويىچە مەشغۇلات قىلىشى كېرەك؛ ئۇلار باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يوللارغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرۈشكە بولمايدۇ. 55- ماددا تراكتورلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى يوللاردا يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ. تراكتورلارنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدىغان باشقا يوللارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ. تراكتورلارنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان يوللاردا تراكتورلار يۈك ترانسپورتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. ئەمما، ئادەم سېلىشىغا بولمايدۇ. 56- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەنگەن جايدا توختىتىش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى پىيادىلەر يولىدا توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ لېكىن مۇشۇ قانۇننىڭ 33- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سىزىلغان توختىتىش ئورنى بۇنىڭ سىرتىدا. يوللاردا قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقىتلىق توختاتقاندا، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ. 3- پاراگراف ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈشىگە دائقر بەلگىلىمە 57- ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلەىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى چوقۇم ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا يۈرۈشى كېرەك؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولى يوق يوللاردا، ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىشى كېرەك. 58- ماددا مېيىپلار ماتورلۇق ھارۋىسى، ئېلېكتر ماتورلۇق ۋېلىسپىتلىرى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى يولىدا ماڭغاندا، سۈرئەتلىك سۈرئىتى 15 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 59- ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا توختىتىش كېرەك. توختىتىش ئورنى بەلگىلەنمىگەن بولسا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە دەخلى قىلمايدىغان ئورۇنغا توختىتىش كېرەك. 60- ماددا ئۇلاغ ھارۋىسىغا كۆندۈرۈلگەن ئۇلاغنى قېتىش كېرەك؛ ئۇلاغ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يولدىن توغرىسىغا ئۆتكەندە، ھارۋىكەش ئۇلاغنى يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك؛ ھارۋىكەش ھارۋا يېنىدىن ئايرىلغاندا، ئۇلاغنى باغلاپ قويۇشى كېرەك. 4- پاراگراف پىيادىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ يول يۈرۈشىگە دائىر بەلگىلىمە 61- ماددا پىيادىلەر پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى كېرەك. پىيادىلەر يولى بولمىسا يولنىڭ چېتىدە مېڭىشى كېرەك. 62- ماددا پىيادىلەر يولى ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، پىيادىلەر توغرا يولىدا ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك؛ پىيادىلەر قاتناش سىگنال چىرىغى بار توغرا يولدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ سىگنالى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە پىيادىلەر توغرا يولى يوق يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە ياكى كوچىدىن ئۆتۈش ئەسلىھەسى يوق بۆلىكىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشتە، بىخەتەرلىككە كۆزى يەتكەندە ئۆتۈشى كېرەك. 63- ماددا پىيادىلەرنىڭ يول ئايرىش ئەسلىھەسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشىگە، ئۇنىڭغا مىنىۋېلىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئېسىلىشىغا، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي توسۇشىغا ياكى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دەخلى قىلىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا بولمايدۇ. 64- ماددا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار، شۇنىڭدەك ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان ياكى كونترول قىلالمايدىغان روھىي كېسەللەر، ئەقلى كەملەر يول يۈرگەندە، ۋەسىيسى، ۋەسىيسى ھاۋالە قىلغۇچى ياكى ئۇنى باشقۇرۇش، ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيىتى بار كىشى يېتىلەپ مېڭىشى كېرەك. ئەمالار يولدا ئەمالار ھاسىسىنى ياكى ئەمالارنى يېتەكلەپ باشقا ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىپ يۈرۈشى لازىم، قاتناش ۋاسىتىسى ئەمالاردىن داجىپ ئۆتۈشى كېرەك. 65- ماددا پىيادىلەر تۆمۈر يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، قاتناش سىگنالى بويىچە ياكى بشقۇرغۇچىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە يۈرۈشى كېرەك؛ قاتناش سىگنالى ۋە باشقۇرغۇچى بولمىسا، پويىزنىڭ يولۇقىغا كۆزى يەتكەندە، تېز ئۆتۈشى كېرەك. 66- ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلارنىڭ ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ مېڭىشىغا، نەرسە- كېرەكلەرنى سىرتقا تاشلىشىغا ۋە تۆكۈشىگە، شوپۇرنىڭ بىخەتەر ھەيدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا بولمايدۇ.@@@@@ 5- پاراگراف يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە 67- ماددا پىيادىلەر، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، تراكتور، چاقلىق مەخسۇس ماشىنا، شارنېرلىق چاتما ئاپتوبۇس، پۈتۈن چاتما پرىتسىپلىق ئاپتوموبىل، شۇنىڭدەك سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى km 70 دىن تۆۋەن لايىھىلەنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدىكى سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئەت km 120 دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 68- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە كاشىلا كۆرۈلسە، مۇشۇ قانۇننىڭ 52- ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك؛ لېكىن، ئاگاھ بەلگىسىنى كاشىلا كۆرۈلگەن قاتناش ۋاسىتىسى كەلگەن يۆنىلىش بويىچە km 150 يىراقلىققا قويۇش كېرەك، قاتناش ۋاسىتىسىدىكى كىشىلەرنى دەرھال يولنىڭ ئوڭ ياقىسىغا ياكى ئېھتىيات يولىغا يۆتكىشى ھەمدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلۈپ ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ نورمال يۈرەلمىسە، ياردەم ئاپتوموبىلى ئېلىپ كېتىشى كېرەك. 69- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كېتىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنى توسۇپ تەكشۈرۈشىگە بولمايدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا. 5- باب قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش 70- ماددا يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ھەيدىگۈچىلەر قاتناش ۋاسىتىسىنى دەرھال توختىتىپ، نەق مەيداننى قوغدىشى كېرەك؛ تالاپەت ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، ھەيدىگۈچىلەر يارىدارلارنى دەرھال قۇتقۇزۇشى ھەمدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارماقلىرى دەرھال مەلۇم قىلىشى لازىم. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش سەۋەبىدىن نەق مەيداننى ئۆزگەرتىۋەتكەنلەر شۇ ئورۇنغا بەلگە قويۇشى كېرەك. قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، يولدىن ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە پىيادىلەر بۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى لازىم. يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ تالاپەت ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن، ئالاقىدار پاكىت ۋە ھادىسە سەۋەبى ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلمىغان بولسا، دەرھال ناق مەيداندىن ئايرىلىپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، زىياننى تۆلەشنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛ نەق مەيداندىن دەرھال ئايرىلىپ كېتەلمەيدىغانلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك. يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، يىنىك مال- مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان ھەمدە ئاساسىي پاكىتلار ئېنىق بولغان بولسا، ئالاقىدارلار نەق مەيداندىن كەتكەندىن كېيىن، كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 71- ماددا قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن بولسا، نەق مەيداندا كۆرگۈچىلەر ياكى ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا ياكى قاتناش ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتى راست بولغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مۇكاپاتلىشى كېرەك. 72- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قاتناش ساقچىلىرىنى دەرھال نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ قاتناشنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. قاتناش ساقچىلىرى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى چارلىشى، تەكشۈرۈشى، دەلىل- ئىسپات ئېلىشى كېرەك؛ دەلىل- ئىسپات ئېلىش ئېھتىياجى بىلەن، ھادىسە پەيدا قىلغان قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ، لېكىن ئۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئوبدان ساقلاپ قويۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالاقىدارلارنى فىزىئولوگىيە، روھىي جەھەتتە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، باھالاشنى مەخسۇس ئاپپاراتقا ھاۋالە قىلىشى كېرەك. باھالاش يەكۈنىگە باھالىغۇچى ئىمزا قويۇشى لازىم. 73- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدانىنى چالاش، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش، باھالاش يەكۈنىگە ئاساسەن، قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ دەلىل- ئىسپاتى قىلىشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئاساسىي پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىق يېزىش ھەمدە ئۇنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. 74- ماددا ئالاقىدارلار قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى تالاش- تارتىشى توغرىسىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى كۈچكە ئىگە مۇرەسسە نامىنى ئادا قىلمىسا، ئالاقىدار تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ. 75- ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغانلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى كېرەك، قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى، دەپ قۇتقۇزۇشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھادىسە پەيدا قىلغان قاتناش ۋاسىتىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3- شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى تاپشۇرىدۇ؛ قۇتقۇزۇش خىراجىتى جاۋابكارلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3- شەخس جاۋابكارلىق مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ياكى ھادىسە پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن بولسا، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىدىن بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى بېرىپ تۇرىدۇ، يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 76- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، تالاپەت ھادىسىسى پەيدا قىلمىسا، مال- مۈلۈككە زىيان سالسا، سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 3- شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋابكارلىق چېكى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ. جاۋابكارلىق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) قاتناش ۋاسىتىسى ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، خاتالىق بار تەرەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھەر ئىككى تەرەپتە خاتالىق بولسا، ھەر كىم ئۆزىنىڭ خاتالىق نىسبىتى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. (2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر ۋە پىيادىلەر ئوتتۇرىسىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرسە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ لېكىن ماتورسىز قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگۈچى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بولۇپ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى تېگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللانغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىنىڭ جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدۇ. قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى ۋە پىيادىلەر قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 77- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تامىقى يول سىرتىدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىلىرىدىن مەلۇم قىلىنغانلىرىنى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. 6- باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش 78- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ساقچىلىرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ساقچىلىرىنى قانۇنچىلىق ۋە قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كەسپى بويىچە تەربىيىلىشى ۋە سىناپ تەكشۈرۈشى لازىم. سىناقتا لاياقەتسىز بولغان قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا بولمايدۇ. 79- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتا، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئادىل، ئەستايىدىل، مەدەنىي، ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپىنى ئورۇندىشى لازىم. 80- ماددا قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا، بەلگىلىمە بويىچە ساقچى فورمىسى كىيىشى، ساقچى بەلگىسى تاقىشى، ساقچى كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى، رەتلىك، سالاپەتلىك، قوماندانلىقى قېلىپلاشقان بولۇشى كېرەك. 81- ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە نومۇر تاختىسى، كىنىشكا قاتارلىقلارغا تەننەرخ ھەققى ئېلىشتا گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ھەمدە ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش كېرەك. 82- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇن بويىچە جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىشتە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، جەرىمانە قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە پۇلى ئېلىشنى ئايرىۋېتىشى، جەرىمانە پۇلى ۋە قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان قانۇنسىز تاپاۋەتنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشى لازىم. 83- ماددا قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋە قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك: (1) شۇ دېلوغا ئالاقىدار بولسا ياكى ئالاقىدارنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛ (2) ئۆزى ياكى يېقىن تۇغقانلارنىڭ شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛ (3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا؛ 84- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەپتىش تارمىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن، نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ. 85- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، جەمئىيەتنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىقرا قىلماسلىق ۋە قانۇن- ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئەرز- شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئەرز- شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 86- ماددا ھەر قانداق ئورۇننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا جەرىمانە كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن جەرىمانە كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشىگە يول قۇيۇلمايدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ جەرىمانە سوممىسىنى قاتناش ساقچىلىرىنى سىناپ تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەردىن ھالقىغان بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىشقا ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا دوكلات قىلىشقا ھوقۇقلۇق، 7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى 87- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى پاكىتقا ۋە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىشى كېرەك. قىلمىشى يىنىك بولۇپ، يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالىدۇ. 88- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا تۈرى ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش ۋە توختىتىپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 89- ماددا پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلاردىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن، نىزاملاردىكى يول يۈرۈش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 5 يۈەندىن يۇقىرى، 50 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىلەر جەرىمانە قويۇش جازاسىنى رەت قىلسا، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى تۇتۇپ قېلىنسا بولىدۇ. 90- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىر قانۇن، نىزاملاردىكى يول يۈرۈش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 91- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى 1 ئايدىن يۇقىرى 3 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مەستلىكى يېشىلگۈچە چەكلەپ تۇرىدۇ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى 3 ئايدىن يۇقىرى، 6 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. تىجارەتلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى 3 ئاي تۇتۇپ قېلىنىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تىجارەتلىك ترانسپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ ھەيدىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى مەستلىكى يېشىلگۈچە چەكلەپ تۇرىدۇ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى 6 ئاي تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ. ئالدىنقى 2 تارماقتا بەلگىلەنگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى مەست بولۇپ ھەيدەش قىلمىشىنى بىر يىل ئىچىدە سادىر قىلىپ، 2 قېتىمدىن ئارتۇق جازالانغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. 5 يىلغىچە تىجارەتلىك ترنسپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 92- ماددا تاشيول يولۇچى ترانسپورت قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى سالغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن 20 ئاشۇرۇپ يولۇچى سالغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يۈك باسقانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. يۈك ترانسپورت ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ نورمىدىن 30 ئاشۇرۇپ ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يولۇچى سالغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى، ئالدىنقى 2 تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالىتىنى تۈگەتكۈچە تۇتۇپ قالىدۇ. ترانسپورت ئورۇنلىرىنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىدە مۇشۇ ماددىنىڭ 1-، 2- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولۇپ، جازالىغاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتمىسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىد%ۇ. 93- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملاردىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش، ۋاقىتلىق توختىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى كۆرسىتىپ بېرىلسە ھەمدە ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇپ، دەرھال ھەيدەپ كېتىشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچى نەق مەيداندا بولمىسا ياكى نەق مەيداندا بولسىمۇ قاتناش ۋاسىتىسىنى دەرھال ھەيدەپ كېتىشكە ئۇنىماي، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە دەخلى يەتكۈزسە، 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناشقان دەخلى بولمايدىغان جايغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بەلگىلىگەن ئورۇنغا ئاپىرىۋېتىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىنى سۆرىگەنلىكى ئۈچۈن ئالاقىداردىن ھەق ئالماسلىقى ھەمدە توختىتىلغان جاينى ئالاقىدارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ناتوغرا ئۇسۇل بىلەن سۆرەپ زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 94- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشتە گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ھەق ئالغان بولسا، ئارتۇق ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئۇلارنى باھا مەسئۇل تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرگۈچى ئاپپارات ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرمەي، ساختا تەكشۈرۈش نەتىجىسى بەرگەب بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئېلىنغان تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 95- ماددا يولغا ھەيدەپ چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە نومۇر تاختىسى ئاسمىغان، تەكشۈرۈش لاياقەت بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى چاپلىمىغان ياكى يول يۈرۈش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرمىگەنلەرنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قېلىپ، ئالاقىدارغا مۇناسىپ نومۇر تاختىسى، كىنىشكا ۋە بەلگىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 90- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىشى كېرەك. ئالاقىدارلاردىن مۇناسىپ نومۇر تاختىسى ۋە بەلگىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ياكى مۇناسىپ رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرگەنلىرىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم. ماتورلۇق قاتناش ۋاىسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويغان، پاسكىنا، زېدە قىلىۋەتكەن ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 90 ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 96- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغانلىرىنى ئىشلەتكەنۋە ياكى باشقا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى يىغىۋېلىپ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئالاقىدارلاردىن مۇناسىپ قانۇنلۇق ئىسپات يەتكۈزۈپ بەرگەن ياكى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ بېجىرگەنلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. 97- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنسىز ئورنىتىۋالغان سىگنال بەرگۈچ ۋە بەلگە چىرىغىنى مەجبۇرىي سۆكۈپ يىغىۋالىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 98- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ 3- شەخس جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىنى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغانغا قەدەر تۇتۇپ قالىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىلانغان ئەڭ تۆۋەن جاۋابكارلىق چېكى بويىچە تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ 2 ھەسسىسىگە تەڭ جەرىمانە قويىدۇ. ئالدىنقى تارماق بويىچە تاپشۇرۇلغان جەرىمانە پۇلنىڭ ھەممىسى يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندىغا كىرگۈزۈلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 99- ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: (1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالمىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەر؛ (2)ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالمىغان ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان، ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغانلارنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەنلەر؛ (3) قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛ (4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ سۈرئىتىنى سائەتلىك سۈرئەتتىن50 ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛ (5) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن، نىزاملارغا ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە خىلاپ قاتناش ھالدا ھەدەشكە مەجبۇرلاپ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛ (6) قاتناش ئىدارە قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، نەسىھەتنى ئاڭلىماي زورلۇق بىلەن يول يۈرگەنلەر؛ (7) قاتناش ئەسلىھەسىنى قەستەن بۇزۇۋېتىپ، يۆتكىۋېتىپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ زىيانلىق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛ (8) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قانۇنسىز توسقان، تۇتۇپ قالغان، نەسىھەتنى ئاڭلىماي قاتناشنى ئېغىر ھالدا توسۇپ قويغان ياكى مال- مۈلۈكنى خېلى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلار. قىلمىش سادىر قىلغۇچىدا ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (4) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، قوشۇمچە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنسا بولىدۇ؛ (1)، (3)، (5) تارماقچىدىن (8) تارماقچىگىچە بولغان ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، قوشۇمچە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىىتپ قويۇش جازاسى بېرىلسە بولىد%ۇ. 100- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قۇراشتۇرۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ياكى براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن يولغا چىققانلىرىنى يىغىۋېلىپ مەجبۇرىي براك قىلىشى كېرەك. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەيدەپ چىققانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ساتقان سوممىسىغا باراۋەر جەرىمانە قويۇلىدۇ، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مۇشۇ ماددىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 101- ماددا يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشىغا ئۆمۈرۋايەت يول قويۇلمايدۇ. 102- ماددا 6 ئاي ئىچىدە 2 قېتىمدىن ئارتۇق پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ياكى بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان كەسپىي ترانسپورت ئورنىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتمىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يولغا ھەدەپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ. 103- ماددا دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەر تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق تەكشۈرمەي، تىپى لاياقەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىجازەت بەرسە، جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەش كارخانىسىدىن دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئىشلىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى دۆلەتنىڭ قاتناش ۋاسىتىسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلماي ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلات سۈپىتىنى قاتتىق تەكشۈرمەي، سۈپىتى لاياقەتسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ ساتقانلارنى، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك تارمىقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ. دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى مەھسۇلاتى مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ئالماي تۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىگەن، ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلىگەن، ساتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەييار مەھسۇلاتى ۋە زاپچاسلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنسىز مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ تىجارەت كىنىشكىسى بارلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسى بولمىغانلىرىنىڭكىنى پېچەتلەيدۇ. قۇراشتۇرما ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلىگەن، ساتقان ياكى ئۆزگەرتىۋېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىگەن، ساتقانلارغا مۇشۇ ماددىنىڭ 3- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. مۇشۇ ماددىنىڭ 2-، 3-، 4- تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەپ ياكى سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 104 ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يول كولىغان، يول ئىگىلەپ قۇرۇلۇش قىلغان ياكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلارنى يولغا مەسئۇل تارماقلار قانۇنسىز قىلمىشىنى توختىتىشقا ھەمدە ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇن بويىچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋە باشقا مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، قاتناشنى تېزىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسا بولىدۇ. 105 ماددا يولدا قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقاندا ياكى يول بۇزۇلغاندا ئاگاھ بەلگىسىنى ۋاقتىدا ئورناتماي، مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي ياكى قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقى قويۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قويماي ۋە ياكى قاتناش بەلگە چىرىغى، قاتناش بەلگىسى، قاتناش بەلگە سىزىقىنى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ ۋاقتىدا ئۆزگەرتمەي، پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسى ۋە باشقا مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى بار ئورۇن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 106- ماددا يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ۋە ئايرىش بەلۋېغىغا دەل- دەرەخ تىكىپ، باشقا ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈپ ياكى ئېلان تاختىسى، تۇرۇبا قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، يول چىرىغى، قاتناش سىگنال چىرىغى، قاتناش بەلگىلىرىنى توسۇۋېلىپ بىخەتەر كۆرۈشكە توسالغۇ پەيدا قىلغانلارنى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى توسالغۇنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئىجرا قىلمىغانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە توسالغۇنى مەجبۇرىي تۈگەتكۈزىدۇ، بۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 107- ماددا يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇلارغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى شۇ مەيداندا مەمۇرىي جازا قارارى چىقارسا ھەمدە مەمۇرىي جازا قارارنامىسى يېزىپ بەرسە بولىدۇ. مەمۇرىي جازا قارارنامىسىگە ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى، مەمۇرىي جازانىڭ ئاساسى، جازا مەزمۇنى، ۋاقتى، ئورنى، شۇنداقلا جازالىغۇچى ئورگاننىڭ نامى يېزىلىشى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم ئونىڭغا ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم. 108 ماددا ئالاقىدارلار جەرىمانە قويۇش مەمۇرىي جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بېكىتىلگەن بانكىغا بېرىپ جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدارلارنىڭ پىيادىلەر، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىلار ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگۈچىلەرگە قويغان جەرىمانىگە باشقىچە پىكرى بولمىسا، جەرىمانە پۇلىنى نەق مەيداندا ئېلىشقا بولىدۇ. جەرىمانە قويۇشتا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان جەرىمانە تالونى كېسىپ بېرىلىدۇ؛ مالىيە تارمىقى بىر تۇتاش باستۇرغان جەرىمانە تالونى كېسىپ بېرىلمىسە، ئالاقىدارلار جەرىمانە پۇلى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 109 ماددا ئالاقىدارلار مەمۇرىي جازا قاررىنى مۆھلەت ئۆتكۈچە ئىجرا قىلمىسا، مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغان مەمۇرىي تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ: (1) مۆھلەت توشسىمۇ جەرىمانە پۇلى تاپشۇرمىغانلاردىن كۈنىگە جەرىمانە پۇلىنىڭ 3 ى بويىچە قوشۇپ جەرىمانە قويۇش؛ (2) خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلى%ش. 110- ماددا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئاۋۋال ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالسا ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. يول قاتنىشىغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچى 15 كۈن ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىششنى قوبۇل قىلىشى لازىم. يوللۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىشنى مۆھلەت ئۆتكۈچە قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش ياكى بىكار قىلىشتا، مەمۇرىي جازا قارارنامىسى چىقىرىشى كېرەك. 111- ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىش ھەققىدە ناھىيىلىك، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ياكى ناھىيە دەرىجىگە تەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى كېسىم چىقىرىدۇ. 112- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قېلىشتا، نەق مەيداندا ئىسپات يېزىپ بېرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا سۈرۈك ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىۋالماي، ئوبدان ساقلىشى لازىم. مۆھلەت ئۆتكۈچە بىر تەرپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان ھەمدە ئېلان چىقىرىلىپ 3 ئايغىچە يەنىلا بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 113- ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ۋەقتىنچە تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتى جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ جازا قارارى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۇتۇپ قېلىنغان بولسا، تۇتۇپ قالغان بىر كۈن ۋاقىتلىق تۇتۇپ قېلىش مۆھلىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قايتىدىن ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى مۆھلىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. 114- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتسىنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىنى قاتناش تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش خاتىرە ماتېرىيالىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە جازالايدۇ. ھەيدىگۈچىنى ئېنىق بېكىتەلىسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىسا بولىدۇ. 115- ماددا قاتناش ساقچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ: (1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغانلىق كىنىشكىسى، نومۇر تاختىسى،يول يۈرۈش كىنىشكىسى، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك بەلگىسى بەرگەنلەر؛ (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتسىگە ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال بەرگۈچىسى، بەلگە چىرىغىنى ئورنىتىش، ئىشلىتىش، بەلگە نۇسخىلىرىنى پۈركۈشنى تەستىقلىغانلار؛ (3) ھەدەش ئىجازەت شەرتىگە توشمايدىغان، ئىمتىھان ئېلىنمىغان ياكى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرگە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بەرگەنلەر؛ (4) جەرىمانە قويۇش قارارى چىقىرىش بىلەن جەرىمانە ئېلىشنى ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلماسلىق ياكى قانۇن بويىچە ئالغان ھەق، جەرىمانە پۇلىنى ۋە مۇسادىر قىلغان قانۇنسىز تاپاۋىتىنى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (5) شوپۇرلۇق مەكتىپى ياكى شوپۇر تەربىيلەش كۇرسى، ماتولۇق قاتناش ۋاسىتىسى رېمونت زاۋۇتى ئېچىش ۋە ياكى ھەقلىق توختىتىش مەيدانى قۇرۇش قاتارلىق تىجارەت پائالىيىتىگە ئارىلاشقانلار؛ (6) ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پۇل- مال ياكى باشقا نەپ ئالغانلار؛ (7) قاتناش ۋاسىتىسىنى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تۇتۇپ قالغانلار؛ (8) قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛ (9) نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانە ئۈچۈن تالون بەرمىگەنلەر ياكى جەرىمانە سوممىسىنى ئەينەن يازمىغدنلار؛ (10) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قاتناش ھادىسىسىنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛ (11) قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسىنى بېجىرىشنى قەستەن ئاۋارىچىلىك تېپىپ كېچىكتۈرگەنلەر؛ (12) جىددىي ۋەزىپىدىن باشقا ئىشلاردا سىگنال بەرگۈچ، بەلگە چىرىغى ئىشلەتكەنلەر؛ (13) نورمال يۈرۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىسنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توسقان ۋە تەكشۈرگەنلەر؛ (14) جىددىي ۋەزىپىدىن باشقا ئىشلاردا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە توسۇپ چىقىۋالغانلار؛ (15) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارغا چارە كۆرۈلىدۇ، مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا مۇناسىپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 116- ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 115- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قاتناش ساقچىسىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈشتە، مەمۇرىي چارە كۆرۈش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا قاماپ قويۇلسا بولىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 115- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قاتناش ساقچىلىرىدىن دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ئېلىپ تاشلاش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلگەنلىرى خىزمەتتىن بوشىتىلسا بولىدۇ. قاتناش ساقچىلىرىغا خىزمەتتىن ھەدەش چارىسى كۆرۈش ياكى ئۇلارنى خىزمەتتىن بوشىتىشقا، ساقچى ئۇنۋانىنى بىكار قىلىش كېرەك؛ ۋەزىپىسىدن ئېلىپ تاشلاش چارىسىدىن تۆۋەن مەمۇرىي چارە كۆرۈلگەن قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ساقچى ئۇنۋانىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. 117- ماددا قاتناش ساقچىلىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ جامائەت پۇل- مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، پارا سوراپ، پارا ئېلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 118- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 115- ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ ئالاقىدارلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم قاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 8- باب قوشۇمچە پرىنسىپ 119- ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز- ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى: (1) «يول» تاشيول، شەھەر يولى ۋە ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولسىمۇ، جەمئىيەتتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان جايلار، جۈملىدىن مەيدان، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىش مەيدانى قاتارلىق جامائەت يول يۈرىدىغان سورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. (2) «قاتناش ۋاسىتىسى» ماتورلۇق ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ. (3) «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى» ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياكى سۆرىتىلىدىغان، يولدا ھەدەپ ئادەم ياكى بۇيۇم توشۇيدىغان، شۇنداقلا قۇرۇلۇشتا مەخسۇس مەشغۇلات قىلىدىغان چاقلىق قاتناش ۋاسىتىسىنى كۆرسىتىدۇ. (4) «ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى» ئادەم كۈچى ياكى ئۇلاغ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان، يولدا ھەيدەيدىغان قاتناش قورالى، شۇنداقلا ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ئارقىلىق ھەرىكەتلەنسىمۇ، لايىھىلەنگەن سائەتلىك سۈرئىتى، يۈكسىز ماسسىسى، سىرتقى رازمېرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن مېيىپلار ماتورلۇق ھارۋىسى، ئېلېكترماتورلۇق ۋېلىسىپىت قاتارلىق قاتناش قوراللىرىنى كۆرسىتىدۇ. (5) «قاتناش ھادىسىسى» قاتناش ۋاسىتىسى يولدا سەۋەنلىك ياكى كۈتۈلمىگەن سەۋەب تۈپەيلىدىن تالاپەت پەيدا قىلىش ياكى مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ. 120- ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ شتاتلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسى، شتاتلىق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرىنى سىناش خىزمىتىگە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ. 121- ماددا يولغا چىقىدىغان تراكتورلارغا يېزا ئىگىلىكىنىڭ (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 8-، 9-، 13-، 19-، 23- ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. يېزا ئىگىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، بۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم؛ بەلگىلىمىگە خىلاولىق قىلغانلار مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى بەرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىسى بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 122- ماددا چېگرا سىرتىنىڭ چېگرىدىن كىرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى دۆلەت بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. 123- ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، كونكرېت ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن جەرىمانە دائىرىسىدە بەلگىلىسە بولىدۇ. 124- ماددا بۇ قانۇن 2004- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
2009 – يىل 12– ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى ›› قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئاسراش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق– مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، روھىي، جىسمانىي جەھەتلەردىنئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى ›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلغانبولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە نىسبەتەن ‹‹ قالقان ›› لىق رولئوينايدۇ. نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. بۇ نىزامنىڭ 6 – ماددىسىدا ‹‹ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ›› دەپكۆرسىتىلدى ھەم ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىپ بېرىلدى: 1 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر قانۇن – نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛ 2 . شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ – چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ قارار قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى چىقىرىش؛ 3 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىشقا دائىر ئەرز– شىكايەتنى قوبۇل قىلىش ھەم ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغاھەيدەكچىلىك قىلىش. نىزامدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى خىراجىتىگە كېپىللىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.نىزامنىڭ 7 – ماددىسىدا ‹‹ ھەر دەرىجىلىكخەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىقوغداش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك ›› ، دەپ كۆرسىتىلدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاتا – ئانىسى ئۇرۇپ – تىللىسا، كەمسىتسە، خورلىسا، تاشلىۋەتسە مەمۇرىي جازاغا تارتىلىدۇ. نىزامدا ئاتا – ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلدى: 1 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پەزىلەتلىك تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش؛ 2 . ئوقۇش يېشىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە تاماملىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇلارنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالماسلىق؛ 3 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىياخشى ئۆگىنىش ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى قىلالىغۇدەك ئائىلە ئەمگىكى ۋە جامائەت پاراۋانلىقئەمگىكى قىلىشىغا ھەم باشقا پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش؛ 4 . مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ۋە ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ 5 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شۇنىڭدەك ئىشقۋازلىق، زوراۋانلىق، خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىك قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى كىتاب – ژۇرنال، كىنو –تېلېۋىزىيە، ئۈن – سىن ھاسىلاتى، ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇمى ۋە تور ئۇچۇرىنى كۆرمەسلىك، ئوقۇماسلىق، ئاڭلىماسلىق، تارقاتماسلىققا ئۈندەش، يېتەكلەش؛ 6 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، مەكتەپتىن قېچىش، ئۆيدىن چىقىپ كېتىش، تورغا مەستانە بولۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئىقىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش،شۇنىڭدەك مۇشتلىشىش،سوقۇشۇش، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش، زەھەر ئېلىپ سېتىش، ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش، تىغلىق سايمانلارنى ۋەباشقا خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش؛ 7 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇرماسلىق، تىللىماسلىق،كەمسىتمەسلىك، خورلىماسلىق، تاشلىۋەتمەسلىك، ئۇلارنىڭ شەخسىي ھوقۇقىغا زىيان سالماسلىق؛ 8 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتمەسلىك، ئازدۇرماسلىق، زورلىماسلىق، مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك ياكى قانات ئاستىغا ئالماسلىق؛ 9 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ياكى ئۇلارنىشۇنداق قىلىشقا زورلىماسلىق؛ 10 . قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلارنىڭ بالا ئىشچى بولۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ياكى مەجبۇرلىماسلىق. نىزامنىڭ 13 – ماددىسىدا مەكتەپنىڭ قوغدىشىغا نىسبەتەن ‹‹ مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىقوبۇل قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى ھەم ئۇنى قوغدىشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئوقۇش يېشىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى رەت قىلىشقا، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرس توختىتىش، مەكتەپ ئالمىشىش، مەكتەپتىن چېكىنىشكە بۇيرۇشقا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن قوغلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ ››، دەپ كۆرسىتىلدى. نىزامدا جەمئىيەتنىڭ قوغدىشىغا نىسبەتەن ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان جامائەت سورۇنى ۋە ئەسلىھەلەر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئۇلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر ئاگاھبەلگىسى ئورنىتىلىشى، ماس كېلىدىغان يېشىياكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك ›› ، دەپ كۆرسىتىلدى. 27 –ماددىسىدا ‹‹ ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بالا ئىشچى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدا ئالىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلاش، كۈشكۈرتۈش، ئازدۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ ›› ، دەپكۆرسىتىلدى. نىزامنىڭ 49 – ماددىسىدا قانۇنىي جاۋابكارلىققا نىسبەتەن ‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىلىرىياكى باشقا ۋەسىيىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 9 –، 10 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەسىيىلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلالمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭقانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتىنەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توسىدۇ. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ ›› دەپ، 50 – ماددىسىدا ‹‹ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، يەسلى قاتارلىق ئورۇنلارۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 3 – بابىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭقانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مائارىپمەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ ›› دەپ، 51 – ماددىسىدا ‹‹ مۇشۇ نىزامنىڭ 27 – ماددىسىدىكىبەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ پايدا ئالىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان، كۈشكۈرتكەن، ئازدۇرغان ھەرقانداق تەشكىلات ياكىشەخسكە مەسئۇل تارماق تەنقىد – تەربىيە بېرىدۇ، تۈزۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلاردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ›› دەپ، 55 – ماددىسىدا‹‹ مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا مال – مۈلۈك جەھەتتە ياكى باشقا جەھەتتە زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ ›› ، دەپ كۆرسىتىلدى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ كەسپى مائارىپ قانۇنى 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومتىتنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللاندى. 1996-يلى 5-ئاينىڭ 15- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتنىڭ رەئىسنىڭ 69-نۇمۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئىلان قىلىندى. 1-باپ ئومۇمى پىرىنسىپ : 1-ماددا بۇقانۇن دۆلەتنى پەن -مائارىپ ئارقىلق گۈلەندۈرۈش ئىستىراتىگىيىسنى يولغا قۇيۇپ، كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگكچلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسيالستىك زامانۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشنى ئىلگىرى سۇرۈرش مەخستتدە، مائارىپ قانۇنى ۋە ئەمگەك قانۇنغائاساسەن تۈزۈلدى. 2- ماددا: بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل كەسپى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى كەسپى تەربىيلەشكە تەدبىقلىنىدۇ. دۆلەتئورگانلىرىنىڭ ئۆز خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيلىشى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 3-ماددا: كەسپى مائارىپ دۆلەت مائارىپ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئىقتىسادى، ئىجىتمائى تەرەققىياتىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يۇلى. دۆلەت كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، كەسپى مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەسپى مائارىپ سۈپتىنى ئۆستۈرىدۇ. سوتسىيالىستىك بازار ئگلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئويغۇن كىلدىغان كەسپى مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. 4-ماددا: كەسپى مائارىپتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيلەنگۈچىلەرگە ئىددىيۋى سىياسى تەربىيە ۋە كەسپى ئەخلاق تەربىيسى ئېلىپ بېرىش، كەسپى بىلىملەرنى ئۆگتىش، كەسپى ماھارەتنى يىتلدۈرۈش، كەسپى جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىش، تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش شەرىت. 5- ماددا: پۇخرالار قانۇن بۇيىچە كەسپى تەلىم-تەربىيە ئېلىش ھۇقۇقىغا ئىگە. 6-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى خەلق ئىگلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجىتمائى تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش لازىم. 7-ماددا: دۆلەت تەدبىر قوللۇنۇپ، يىزا كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرى، چەت، ياقا، نامرات رايۇنلارنىڭ كەسپى مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار يۆلەك بۇلىدۇ. دۆلەت تەدبىر قوللۇنۇپ، ئاياللارنىڭ كەسپى تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا ياردەم بىرىدۇ، ئىشسىزلارنى ھەرخىل شەكىلدىكى كەسپى تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا تەشكىللەيدۇ، مېيىپلار كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار يۆلەك بۇلىدۇ. 8-ماددا: كەسپى مائارىپتا، ئەمەلىيئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت بەلگىلىگەن كەسىپ تۈرى ۋە كەسىپ دەرىجە ئۆلچىمىگە يارىشا، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيلىنىش گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش كىرەك. 9-ماددا: دۆلەت كەسپى مائارىپ ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئىلھام برىدۇ ۋە ئونى تەشكىللەيدۇ. 10-ماددا: دۆلەت كەسپى مائارىپتا كۆرۈنەرلك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 11-ماددا: گوۋيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋيۈەن بەلگىلىگەن مەسئولىيەت دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك كەسپى مائارىپ خىزمىتىگە مەسئول بۇلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلكىتىن يۇقۇرى يەرلىك ھەردەىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايۇندىكى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى ۋە مۇپەتتىشلىك قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىشى كىرەك. 2-باب كەسپى مائارىپ سېستىمىسى: 12-ماددا: دۆلەت ئوخشاش بولمىغان رايۇنلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سەۋىيسى ۋە مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن،ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ئايرىپ تەربىيلەشنى يولغا قۇيۇشتا تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى تەربىينى مۇھىم نوقتا قىلىپ، كەسپى مەكتەپ مائارىپى بىلەن كەسپىي تەربىيە بىللە ئېلىپ بېرىلدىغان ھەمدە باشقا مائارىپ بىلەن ئۆز- ئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرىدىغان كەسپى مائارىپ سېستىمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. 13-ماددا: كەسپى مەكتەپ مائارىپى باشلانغۇچ،ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ مائارىپى دەپ ئايرىلىدۇ. باشلانغۇچ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ مائارىپىنى باشلانغۇچ،ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر يولغا قۇيىدۇ. ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ مائارىپىنى ئېھتىياجىغا ۋە شارائىتقا قاراپ، ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر يولغا قۇيىدۇ ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر يولغا قۇيىدۇ. باشقا مەكتەپلەر مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تۇتاش پىلانى بۇيىچە،ئوخشاش قاتلامدىكى كەسپى مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويسا بۇلىدۇ. 14-ماددا: كەسپى تەربىيلەش ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرى تەربىيلەش، كەسىپ ئالماشتۇرۇشتا تەربىيلەش، شاگرىت تەربىيلەش، ئىشئورنىدا تەربىيلەش، ئىشئورنىنى ئالماشتۇرۇشتا تەربىيلەش ۋە باشقا كەسپى تەربىيلەشنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، باشلانغۇچ،ئوتتۇا، ئالىي دەرىجلىك كەسپى تەربىيلەش دەپ ئايرىلسا بۇلىدۇ. كەسپى تەربىيلەشنى مۇناسىپ كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى ۋە كەسپى مەكتەپ يولغا قۇيىدۇ. باشقا مەكتەپلەر ياكى مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا قاراپ، جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسپى تەربىيلەشنى قانات يايدۇرسا بۇلىدۇ. 15-ماددا: مېيىپلار كەسپى مائارىپىنى مېيىپلار مائارىپ ئاپپاراتى يولغا قويغاندىن سىرىت، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى، شۇنداقلا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىمۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىملىرى بۇيىچە مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش لازىم. 16-ماددا: ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ، كەسپى مائارىپقا دائىر دەرىسلەرنى تەسىس قىلسا ياكى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، كەسپى مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىسە بۇلىدۇ. 3-باب كەسپى مائارىپنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى: 17-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تايانىچ ۋەئۈلگە بۇلدىغان كەسپى مەكتەپ، كەسپى تەربيلەش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، يېزىلار كارخانىلار، كەسپى تەشىكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجىتمائى تەشكىلاتلار، شۇنداقلا پۇخرالار قانۇن بۇيىچە ئاچقان كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا يىتەكچىلىك قىلىش ۋە يار-يۆلەك بۇلۇشى لازىم. 18-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىزا ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكىسى ۋە مائارىپنى يولغا قۇيۇپ، ئەمەلىي تېخنىكا بۇيىچە تەربىيلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يىزا كەسپى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. 19-ماددا: ھۆكۈمەتىنىڭ مەسئول تارماقلىرى، ساھە تەشكىلاتلىرى كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرۇش ياكى بىرلىشىپ قۇرۇشى، ئۆز ساھەسىدىكى كارخانلار، كەسپى تەشكىلاتلارنى كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا تەشكىللىشى، ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئولارغا يىتەكچىلىك قىلىش كىرەك. دۆلەت زامانۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بىرىدۇ. 20-ماددا: كارخانىلار ئۆزئورننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۆزئورنىدىكى ئىشىچى-خىزمەتچىلەرگە ۋە قۇبۇل قىلىندىغان بولغان كەسپى تەلىم-تەربىيلەشنى پىلانلاپ يولغا قۇيۇش لازىم. كارخانىلار كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنى ئۆز ئالدىغا ئاچسىمۇ ياكى بىرلىشىپ ئاچسىمۇ بۇلىدۇ، ئۆزئورنىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ۋە قۇبۇل قىلندىغانلارغا كەسپى تەلىم-تەربىيلەشنى مەكتەپكە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بۇلىدۇ. تېخنىكىلىق ئىش تۈرى بىلەن شوغۇللانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيلىنىشى شەرىت، ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شوغۇللانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەربىيلىنىشى ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات بىلەن شوغۇللىنىشى سالاھىيتىگە ئىگە بۇلۇشى شەرت. 21-ماددا: دۆلەت كەسپى تەشكىلاتلار جامائەت تەشكىلاتلىرى باشقا ئىجىتمائى تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالارنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمرى بۇيىچە كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنىڭ جۇڭگۇ چىگرىسى ئىچىدە كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرۇش چارىسىنى گوۋيۈەن بەلگىلەيدۇ. 22-ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنى بىرلىشىپ قۇرۇشتا، قۇرغۇچىلار بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش توختامى تۈزۈش كىرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەسئول تارماقلىرى ساھە تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپى تەشكىلاتلاردىن كەسپى مائارىپنى يولغا قۇيۇشنى مەكتەپكە ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھاۋالە قىلىش توختامى تۈزۈش لازىم. 23- ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كەسپى مائارىپتا ئىگلىك بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايۇننىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، كارخانا بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەتئورنىتىپ، ئەسقاتىدىغان خادىملارنى ۋە مەلىكىلىك ئەمگەكچىلەرنى يىتىشتۈرۈش كىرەك. كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كەسپى مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا ياكى پىراكتىكا ئورۇنلىرىنى قۇرسا بۇلىدۇ. 24-ماددا: تەسىس قىلىندىغان كەسپى مەكتەپ تۈۋەندىكى ئاساسىي شەرىتلەرگە ئويغۇن كىلىشى شەرىت: (1) تەشكىلىي ئاپپاراتى نىزامنامىسى بۇلۇش؛ (2) لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرى بۇلۇش؛ (3) بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە لايىق ئوقۇتۇش ئورنى، كەسپى مائارىپقا ماس كىلدىغان ئەسلىھەسى ۋەئۈسكۈنسى بۇلۇش؛ (4) تىگىشلىك مەبلىغى ۋە مۇقۇم خىراجەت مەنبەسى بۇلۇش. تەسىس قىلىندىغان كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى تۈۋەندىكى ئاساسىي شەرىتەرگە ئويغۇن كىلىش شەرىت: (1) تەشكىلىي ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بۇلۇش؛ (2) تەربىيلەش ۋەزىپىسىگە ماس كىلدىغان ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى بۇلۇش؛ (3) تەربىيلەشكە ماس كىلدىغان ئورۇن، ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنسى بولۇش؛ (4) مۇناسىپ خىراجىتى بۇلۇش. كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە توختۇتۇش دۆلەتنىڭ ئالاقدار بەلگلملرى بۇلۇش. 25-ماددا: مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مەكتەپ ئىنتاھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىرىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە تەربىيلىنىش گۇۋاھنامىسى بىرىلىدۇ. ئوقۇتۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيلىنىش گۇۋاھنامىسى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسى بۇيىچە كەسپى مەكتەپتە ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئوقۇغان ئوقۇغۇچلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاساس قىلىنىدۇ. 4-باب كەسپى مائارىپنى كاپالەتلەندۈرۈش شەرتى: 26-ماددا: دۆلەت كەسپى مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق قانۇن بۇيىچە جوغلاشقا ئىلھام بىرىدۇ. 27-ماددا: ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايۇنىدىكى كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرچە خىراجەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ. گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، گوۋيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆز تارمىقىدىكى كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە خىراجەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدۇ. كەسپى مەكتەپ قۇرغۇچىلار كەسپى مائارىپ خىراجىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجەت ئۆلچىمى بۇيىچە تۇلۇق ئاجرىتىدۇ. ھەر دەرىجىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىغا كىرەكلىك مالىيە خىراجىتىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ كەسپى مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىۋېلىشىغا ۋە قىسۋېلىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ. 28-ماددا: كارخانىلار ئۆز ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە قۇبۇل قىلىندىغانلارنىڭ كەسپى تەلىم-تەربىيە خىراجتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ كونكىرىت چارىسىنى گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى گوۋيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قانۇن بۇيىچە بەلگىلەيدۇ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بۇيىچە بەلگىلەيدۇ. 29-ماددا: كارخانلارنىڭ بۇ قانۇننىڭ 20- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە كەسپى تەلىم-تەربىينى يولغا قويمىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئونى تۈزۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىگەنلەرنىڭ كارخانائۈستىگە ئالدىغان كەسپى مائارىپ خىراجىتىنى ئېلىپ، شۇ رايۇننىڭ كەسپى مائارىپقا ئىشلەتسە بۇلىدۇ. 30-ماددا: ئۆلكىلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى «مائارىپ قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بۇيىچە ئېلىپ مائارىپقا ئىشلىتىدىغان يەرلىك قۇشۇمچە خىراجەتنى مەخسۇس تۈر ياكى ئونىڭ مەلۇم نىسبىتى بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسپى مائارىپقا ئىشلەتسە بۇلىدۇ. 31-ماددا: ھەر دەرىجىلىك خەلق خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىزىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرۈش كېڭەيتىش خىراجىتىنى يىزىلارنىڭ كەسپى تەربىيلەش ئىشىغا مۇۋاپىق ئىشلەتسە بۇلىدۇ. 32-ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەسپى تەبىيدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇۋاپىق ئوقۇتۇش ھەققىي ئالسا بۇلىدۇ، ئىقىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش ھەققىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى ئالماسلىق لازىم. ھەق ئېلىش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ. دۆلەت كارخانا ،كەسپى تەشكلاتلار،جامائەت تەشكلاتلرى،باشقا ئىجتمائى تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلملىرى بۇيچە كەسپى مائارىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش قەرىز پۇلى تەسس قلىپ،ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچلارنىڭ مۇكاپاتلىشىنى ياكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىشنى قوللايدۇ. 33-ماددا: كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كارخانا قۇرۇش ۋە ئىجىتمائى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق قىلغان كىرىمنى ئاساسلىقى كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىشلىتىشى لازىم. 34-ماددا: دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىرېدىت ۋاستىلىرىنى قوللۇنۇپ، كەسپى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياريۈلەك بۇلۇشقا ئىلھام بىرىدۇ. 35-ماددا: دۆلەت كارخانا، كەسپى تەشكىلاتلار، جامائەت تەشكىلاتلىرى، باشقا ئىجىتمائى تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالارنىڭ كەسپى مائارىپ ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە ئىلھام بىرىدۇ، چىگرا سىرتىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپى مائارىپقا ئىقتىسادى ياردەم قىلىشقا ۋە ئىئانە قىلىشقا ئىلھام بىرىدۇ. ماددى ياردەم ۋە ئىئانە پۇللارنى كەسپى مائارىپقا ئىشلىتىش شەرىت. 36-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسپى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يىتىشتۈرۈش ۋە تەربىيلەش خىزمىتىنى ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كەسپى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قۇشۇنىنىڭ كەسپى مائارىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئويغۇنلىشىشغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى كەسپى تېخنىكا خادىملىرى ئالاھىدە ماھارەتلىك خادىملار ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قۇشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلسا بۇلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم. 37-ماددا: گوۋيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتى قۇرغان تەشكىلاتلار ۋە پۇخرالار كەسپى مائارىپنىڭ ئىشلەپچىقرىش پىراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشى لازىم. كارخانا، كەسپى تەشكىلاتلار، كەسپى مەكتەپ ۋە كەسپى تەربىيلەش ئاپپاراتىنىڭ ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكىسىنى قۇبۇل قىلىشى لازىم. ئىش ئورنىغا چىقىش پىراكتىكىسى قىلغانلارغا مۇۋاپىق ھەق بىرىشى لازىم. 38-ماددا: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەسپى مائارىپ مۇلازىمەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسپى مائارىپ دەرىسلىكلىرىنى تۈزۈش- تەھرىرلەش، نەشىر قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم. 5-باب قۇشۇمچە پىرىنسىپ: 39-ماددا: كەسپى مائارىپ پائالىيتىدە مائارىپ قانۇندىكى بەلگىلىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلارغا مائارىپ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلملەر بۇيىچە جازا بېرىلىدۇ. 40-ماددا: 1996-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى نىزامى (گوۋۇيۇەننىڭ 188- نۇمۇرلۇق پەرمانى 1995-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىلان قىلىنغان) بىرىنجى باب ئومۇمى قائىدە 1-ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ،ئوقۇتقۇچىلار قوشونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، <<جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى>> غا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈپ چىقىلىدى. 2-ماددا جۇڭگۇ پۇقرالىرى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا تەلىم- تەربىيە ئورگانلىرىدا مەخسۇس تەلىم- تەربىيە ، ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، قانۇن بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتگە ئىرىشش لازىم. 3-ماددا گووۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. ئىككىنجى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلىتىلىشى 4-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ: 1.بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 2. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 3. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇقسىز كەسپى مەكتەپلەرنىڭ مەدىنىيەت دەرس، كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سالاھىيتى . 4. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 5.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر ، تىخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ،كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەدىنىيەت دەرسى، كەسپى دەرس ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 6. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تىخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ،كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. 7.ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى. چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيتى چوڭلار مائارىپ قاتلىمى بويىچە يۇقارقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. 5-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ئىرىشكەن پۇقرالار شۇ دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائاىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا بولىدۇ،ئەمما ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردە پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىگە ئىرىشكەن پۇقرالارئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەر، تىخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ،كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۈسىتىگە ئالالايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆزئارا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. ئۈچىنچى باب ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ شەرتلىرى 6- ماددا ئوقۇتقۇچلۇق سالاھىيتىنىڭ شەرتلىرى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»نىڭ 10- ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن ئىجىراقىلنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى «تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارى» دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن بولغان تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىشتىكى بەدەن شەرتىنىمۇ ئۆزئچىگە ئىلىشى كىرەك . 7- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىگە ئىرششتە ھازىرلاش زۈرۈر بولغان ئوقۇش تارىخى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»نىڭ 11- ماددىسىدىكى بەلگىلمە بويچە ئىجىرا قىلنىدۇ.ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىگەئىرششتە گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بەلگىلىگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلاش ھەمدە ياردەمچى ئىنژېنېردىن يۇقۇرى كەسپى تىخنىكا ۋەزىپىسىگە ياكى ئوتتورا دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى تىخنىك ئىشچى دەرىجىسىگە ئىگە بولىشى كىرەك تۆتىنچى باپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ئىمتىھانى 8-ماددا «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»دىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى بويچى ئوقۇش تارىخى ھازىرلىمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتىگە ئىرششنى ئىلتىماس قىلىشتا دۆلەت ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئىتىراپ قىلىشنى ماقۇللىغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھانىغا قاتنشش كىرەك . 9- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىمتھاننىڭ پەن تۇرى ئۆلچىمى ۋە ئىمتىھان پىرۇگىراممىسى گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىكىتىلدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھاننىڭ ئىمتاھان سۇئاللىرى چىقىرىش ئىمتاھان ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئىمتىھان نەتىجىسى ئىسپاتىنى تارقىتىشتا باللار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ۋە ئوتتۇرا دەرجىلىك مەكتەپلەردىكى پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ئمتىھانىغا تەۋە بولغانلىرىنى ناھيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلىق ھۆكۇمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيەت ئىمتاھانىغا تەۋە بولغانلىرى گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مامۇرى تارماقىلىرى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغان ئالى مەكتەپلەر تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. 10-ماددا بالىلار باغچىسى ،باشلانغۇچ مەكتەپ،تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى پراكتىكا يىتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ھەر يىلى بىر قىتىم ئىلىپ بىرىلىدۇ.يۇقىرىدا ئىيتىلغان ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتھانىغا قاتنىشىپ ئىمتاھان ئىلىنغان پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە لاياقەتلىك بولغانلارغا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتاھانىدا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى بىرىلىدۇ. شۇيىلىق ئىمتاھاندا لاياقەتسىز بولغان پەنلەردىن كىيىنكى يىلى تولۇقلاپ ئىمتاھان بىرىشكە بولىدۇ . تولۇقلاپ ئىمتاھان بىرشتە يەنىلا بىر ياكى بىردىن يۇقۇرى پەندىن لاياقەتسىز بولغانلار ئىمتاھان بىرلىدىغان بارلىق پەنلەردىن ئىلىندىغان ئىمتىھانغا يىڭى باشتىن قاتنشش لازىم. 11- ماددا ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى ئىمتاھانى ئىھتىياجىغا قاراپ ئىلىندۇ ، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىمتاھانىغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلرنىڭ ئۈگۈنۈشتە ئاالاھىدىلىكى بولىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كەسپتىكى ئىككى پىرافىسور ياكى ياكى دوتسسىنىت تونۇشتۇرىشى كىرەك . بەشىنچى باپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنىڭ ئىتراپ قىلنىشى 12- ماددا « ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»دا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغان ياكى ئوقۇتقۇچىلىق لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. 13- ماددا بالىلار باغچىسى ،باشلانغۇچ مەكتەپ،تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھيە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن ئىتراپ قىلندۇ . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپوسى تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھيە دەرجىلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرنىڭ مائارىىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن تەكشۇرۈلگەندىن كىيىن، بىردەرىجە يۇقۇرى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئىتراپ قىلىشغا يوللىندۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ۋە ئوتتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپلەرنىڭ پىراكتىكا يىتەكچىلىكى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشغا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئىتىراپ قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.گوۋۇيىننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى يىاكى ئۆلىكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ھاۋالە قىلىنىغان ئالى مەكتەپلەر ئۆز مەكتىپىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خادىملار ۋە تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىنى بىكىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ھاۋالەقىلنمىغان ئالى مەكتەپلەردىكى ۋەزىپىگە تەيىنىلەنگەن خادىملار ۋە تەكلىپ قىلىنماقچى بولغان خادىملارنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى مەكتەپلەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىك مۇناسىۋىتى بويىچە گوۋۇيۈۋەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىدۇ ياكى مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇري تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنىدۇ. 14-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئىتىراپ قىلىشتا، شۇ كىشى ئۆزى ئىلتىماس قىلش كىرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ھاۋالەقىلنىغان ئالى مەكتەپلەر ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىلىدە ھەر قايسى بىر قىتىمدىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى ئىتىراپ قىلىش ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىشنى قوبۇل قىلىدۇ. كونكېرىت قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش مۇددىتى مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلىنغان ئالى مەكتەپلەر تەرپىدىن بەلگىلنىدۇھەم مۇۋاپىق شەكىلدە ئىلان قىلنىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى بەلگىلەنگەن قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلش مۇددىتى ئىچىدە ئىلتىماس قىلىشى كىرەك . 15- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتىراپ قىلشنى ئىلتىماس قىلشتا، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى بىكىتىش ئىلتىماس جەدىۋىلى ۋە تۆۋەندىكى ئىسپات ياكى ماتىرياللارنى تاپشۇرشى لازىم . 1. سالاھيەت ئىسپاتى؛ 2. ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىمتىھان بويىچە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ؛ 3. مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلغان ئالى مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن دوختۇرخانلارنىڭ بەدەن تەكشۇرۇش ئىسپاتى؛ 4. نوپوسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالىلەر ئىش باشقۇرۇش ئورنى يىزلىق خىەلق ھۆكۇمىتى ياكى خىزمەت ئورنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتەپنىڭ ئۇنىڭ ئىدىيە - ئەخلاقى ، جىنايەت ئۆتكۇزگەن، ئۆتكۇزمىگەنلىك خاتىرسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى باھاسى ۋە ئىسپات ماتىرىيالى . تاپشۇرغان ئىسپاتى ياكى ماتىرىيالى تولۇق بولمىغانلارغا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلنغان ئالى مەكتەپلەر ئىلتىماس قىلغۇچىغا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش مۇددىتى ئاخىرلششتىن بۇرۇن تولۇقلاپ بىرىشنى ئۆزۋاختىدا ئۇقتۇرۇش لازىم . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى گوۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن بىرتۇتاش قىلىپلاشتۇرلىدۇ. 16- ماددا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالەقىلغان ئالى مەكتەپلەر پۇخرالارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىنى ئىتىراپ قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ شەرتىنى تەكشۇرۇش؛ شەرتى ئىتراپ قىلشقا مۇۋاپىق كەلگەنلەرگە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش ۋاختى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى 30 كۇن ئىچىدە مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى گۇۋانامىسىنى تارقىتىپ بىرىش ئىتىراپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارغا قاراپ چىقىشقا قوبۇل قىلىش ۋاختى ئاخرلىشىپ 30 كۇن ئىچىدە ئىتىراپ قىلىش يەكۇنىنى شۇ كىشىگە ئۇقتۇرۇشى كىرەك . غەيرى پىداگوگىكا مەكتەپلەرنى پۇتتۇرگەن ياكى ئوقۇتقۇچىلىقك سالاھيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىقك بولغان پۇقرالاردىن باللار باغچىسى ، باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى باشقا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى ئىتىراپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلارغا نىسپەتەن يۇزتۇرانە ئىمتىھان ئىلىپ ياكى سۆزلىتىپ ، تەلىم -تەربىيە، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى تەكشۇرۇش لازىم. ئەمىلى ئەھۋالغا ۋە ئىھتىياجغا ئاساسەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلغان ئالى مەكتەپلەر ئىلتىماس سۇنغۇچىغا پىداگوگىكا، پىسخولۇگىيە قاتارلىق دەرسلەرنى تولۇقلاپ ئۈگۈنۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ . ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيەت گۇۋاھنامىسى مەملىكەت دائىرسىدە ئىشلىتىلدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيتى گۇۋاھنامىسى گوۋۇيۇەننىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرپىدىن بىر تۇتاش بىسىلىدۇ. 17-ماددا ئوقۇتقۇچىلق سالاھيتى گۇۋاھنامىسىگە ئىرشكەن پۇقرالاردىن تىخمۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتىگە ئىرشمەكچى بولغانلار مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلق سالاھيتى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى ياكى «ئوقۇتقۇچىلار قانۇن»دا بەلگلەنگەن مۇناسىپ ئوقۇش تارىخىغا ئگە بولۇىشى ھەمدە مۇشۇ بابتىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن لاياقەتلىك ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلنغاندىن كىيىن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ئالى مەكتەپلەر تەرپىدىن مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھيىتى گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىشى كىرەك . ئالتىنىجى باب جازالاش پىرىنىسىپى 18-ماددا ‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ››نىڭ 14-ماددىسىىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى يوقاتقانلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى گۇۋاھنامىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن يىغىۋىلىنىدۇ. 19-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولغانلارنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى بىكار قىلىنىدۇ. 1.ساختىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلار . 2.ئەخلاقى ناچار ،ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەپ يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى بىكار قىلغانلارنىڭ بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى گۇۋاھنامىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرى تەرىپىدىن يىغىۋىلىنىدۇ. 20- ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئۈچ يىلغىچە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىتى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 21-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتى ئىمتىھانىدا سۇئال چىقارغۇچى خادىملار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپىلق قىلىپ، ئىمتىھان سۇئالى ، پايدىلىنىش جاۋابى ھەم نۇمۇر قويۇش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلاپ قويغانلارنىڭ مەسئۇليىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتىلىدۇ. 22-ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى ئىتىراپ قىلىش خىزمىتى جەريانىدا ،خىزمەتكە ئىتىبارسىز قاراپ ، شەخسى مەنپەئەتكە بىرىلىپ ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيتىنى ئىتىراپ قىلىش خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرى جازا بىرىلىدۇ. جىنايەت شەككىلەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتىلىدۇ. يەتتىجى باب قوشۇمچە قائىدە 23-ماددا بۇ نىزام ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى (1993 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى) 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىلىنىشىگە ۋە كەسپىي سۈپەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قانۇن تۈزۈپ چىقىلىدى. 2 - ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا مەخسۇس تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. 3 - ئوقۇتقۇچىلار تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان كەسپىي خادىملار بولۇپ ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەم ئادەم تەربىيىلەش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتقۇچىلار خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى كېرەك. 4 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىدىيە - سىياسىي تەربىيە ۋە كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. 5 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، ئوقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 6 - ماددا ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولىدۇ. 2 - باب ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت 7 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ: (1) تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇش؛ (2) ئىلمىي تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، كەسپىي ئىلىم تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، ئىلىم پائالىيەتلىرىدە تولۇق پىكىر بايان قىلىش؛ (3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش؛ (4) ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلەنگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىش ھەققى ئېلىپ دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش؛ (5) مەكتەپنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش؛ (6) بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا شەكىلدىكى تەربىيىلىنىشلەرگە قاتنىشىش. 8 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: (1) ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا ۋە كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش؛ (2) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قائىدە - تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش ئەھدىنامىسىنى ئادا قىلىش، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش؛ (3) ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپ تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، قانۇن - تۈزۈم تەربىيىسى، شۇنداقلا ئىدىيە - ئەخلاق، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش؛ (4) بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاق - پەزىلەت، زېھنىي كۈچ، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ (5) ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش؛ (6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيە - سىياسىي ئېڭىنى، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. 9 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك: (1) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەش؛ (2) زۆرۈر كىتاب، ماتېرىيال ۋە باشقا تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەش؛ (3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، ئىلمىي تەتقىقات داۋامىدىكى ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام بېرىش ۋە ياردەم قىلىش؛ (4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى چەكلىشىنى قوللاش. 3 - باب سالاھىيەت ۋە ئىشقا قويۇش 10 - ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرىدىن، ئومۇمەن ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ياخشى ئىدىيە - ئەخلاققا ئىگە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغان، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، لاياقەتلىك دەپ ئېتراپ قىلىنغانلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. 11 - ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى: 1( بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، بالىلار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك؛ 2) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئوتتۇرا دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ 3(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە تولۇقسىز كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئالىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ 4) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت دەرسى، كەسپىي دەرس ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، ئالىي دارىلمۇئەللىمىن ئىنستىتۇت مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرسىنى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئوقۇش تارىخى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ 5( ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك؛ 6) چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە، چوڭلار مائارىپىنىڭ قاتلىمى، تۈرى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغان پۇقرالار ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى لازىم. دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئىمتىھانى تۈزۈمى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 12 - ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇتقۇچلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغانلىرىغا قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئۆتكۈنچى چارىسى بەلگىلىنىدۇ. 13 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنى تەشكىللىشى ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان مەكتەپەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئىمتىھانى ئارقىلىق لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئاساسەن ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خادىملار تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بولۇشى كېرەك. 14 - ماددا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ياكى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 15 - ماددا ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. دۆلەت غەيرىي دارىلمۇئەللىمىن ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 16 - ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت چارە گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 17 - ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي يولغا قويۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ قەدەم - باسقۇچى، چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 4 - باب يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش 18 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دارىلمۇئەللىمىن مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇنەۋۋەر ياشلارنى ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتەپلىرى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.غەيرىي دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كەسپىي مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 19 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەرنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە مەكتەپلەر، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارغا كۆپ خىل شەكىلدە ئىدىيە - سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۇلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىشى كېرەك. 20 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈشى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى، ياردەم قىلىشى كېرەك. 21 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە چەت ياقا نامرات رايونلار ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ بېرىشى، تەربىيىلەپ بېرىشى كېرەك. 5 - باب سىناپ تەكشۈرۈش 22 - ماددا مەكتەپلەر ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيە - سىياسىي، كەسپىي سەۋىيىسىنى، خىزمەت پوزىتسىيىسىنى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى سىناپ تەكشۈرۈشى كېرەك. 23 - ماددا سىناپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىپ، ئادىل، توغرا بولۇش، شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇنداقلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش كېرەك. 24 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش، جازالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. 6 - باب تەمىنات 25 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى ياكى يۇقىرى بولۇشى ھەمدە پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك. نورمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 26 - ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىق ستاژ ياردەم پۇلى ۋە باشقا ياردەم پۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ. 27 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا، شۇنداقلا تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا ۋە چەت يىراق، نامرات رايونلارغا بېرىپ تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك. 28 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىغا، ئۆي ئىجارىگە ئېلىشىغا، ئۆي سېتىۋېلىشىغا ئالدىن ئېتىبار بېرىدۇ. ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلادىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئولتۇراق ئۆي ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 29 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار داۋالىنىش جەھەتتە شۇ جايدىكى دۆلەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش ھەمدە شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 30 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيىگە چىققان ياكى خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيىگە چىقىش ياكى خىزمەتتىن چېكىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇزاق مەزگىل تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پېنسىيىگە چىققان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پېنسىيە پۇلى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ. 31 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ قوشۇمچە ياردەم بېرىدىغان، كوللېكتىپتىن ئىش ھەققى بېرىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى كىرىمى جەھەتتە دۆلەتتىن ئىش ھەققى ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھەق ئېلىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، كونكرېت چارىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ. 32 - ماددا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 7 - باب مۇكاپاتلاش 33 - ماددا تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىلمىي تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ تەرىپىدىن تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ. زور تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە شەرتلىك نام بېرىلىدۇ. 34 - ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش فوندى تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ ياردەم قىلىشنى قوللايدۇ ۋە شۇنداق قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ. 8 - باب قانۇنىي مەسئۇلىيەت 35 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغانلارغا ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ، زىيان پەيدا قىلغانلار زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 36 - ماددا قانۇن بويىچە ئەرز قىلغان، شىكايەت قىلغان پاش قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن خاتالىقنى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئەھۋالى ئېغىرلارغا كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 146 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. 37 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى كۆرۈلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق مەكتەپ، باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ياكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىش بىكار قىلىنىدۇ: (1) تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قەستەن ئورۇنلىماي، تەلىم - تەربىيە ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ (2) ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرگەن، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛ (3) ئەخلاقى ناچار، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن تەسىرى يامانلار. يۇقىرىقى 2( 3) تارماقلاردا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردىن بىرەرسى كۆرۈلگەن، ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. 38 - ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرىگەنلەرنى ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلەرنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مالىيىسىنىڭ مائارىپقا ئىشلىتىدىغان راسخوتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەنلەر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرىگەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن يۆتكەپ ئىشلەتكەن راسخوتنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ ھەمدە بىۋاستە جاۋابكارلىقى بار خادىملارغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. 39 - ماددا مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەن ياكى مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەرزنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 30 كۈن ئىچىدە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارمىقىنى ئۆزىنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قارىغان ئوقۇتقۇچىلار تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ. تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارمىقى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 9 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ 40 - ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: 1. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل تىپتىكى مەكتەپلەر مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مائارىپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ، شۇنداقلا ئالاھىدە مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويغان مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. 2. باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئۆسمۈرلەر سارىيى، شۇنداقلا يەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلار باغچىسى، ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، چوڭلار باشلانغۇچ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنداقلا باشقا باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. 41 - ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملار، باشقا تىپتىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملار، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، بۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ. ھەربىي قىسىملارغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، ئىنستىتۇتلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تەلىم - تەربىيە، ئوقۇتۇشقا ياردەملەشكۈچى خادىملارغا قارىتا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بۇ قانۇنغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 42 - ماددا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 43 - ماددا بۇ قانۇن 1994 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى 1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1-ماددا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلار، مەمۇرىي نىزام، بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈلدى. 2- ماددا بۇ چارە مەكتەپ يولغا قويغان تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ياكى مەكتەپ تەشكىللىگەن مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەردە، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولغان مەكتەپ بىنالىرى، مەيدان ۋە باشقا تەلىم – تەربيە، ئوقۇتۇش مەسلىھەلىرى، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىدە يۈز بەرگەن، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا جىسمانىي زىيان ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ. 3-ماددا ئوقۇغۇچىلار ھادىسىلىرىنى قانۇغا تايىنىش، ئوبيېتكتىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 4- ماددا مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ بىنالىرى، مەيدان ھەمدە باشقا تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىشى لازىم. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيولەشتۈرۈشىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ھادىسىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، مەكتەپلەرنىڭ نورمال تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك. 5- ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەربىيىسى ۋە ئۆز ئۆزىنى قوغداش، ئۆز ئۆزىنى قوتقۇزۇش تەربىيىسى بېرىشى؛ بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇناسىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش مۇھىتىدا ساقلانغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى يوقىتىشى؛ زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇشى كېرەك. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىش، باشقۇرۇش ۋە قوغداشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى، بېلىش ئىقتىدارى ۋە قانۇنىي ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، مۇناسىپ كېلىدىغان مەزمۇن ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. 6-ماددا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈمى ۋە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى؛ ئوخشاش بولمىغان تەربىيىلىنىش باسقۇچىدا، ئۆزلىرىنىڭ يېشى، بىلىش ئىقتىدارى ۋە قانۇنىي ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ماس ھالدىكى خەتەرلەردىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى لازىم. 7- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ھامىيلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ھامىيلىرى دېيىلىدۇ) قانۇن بويىچە ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، مەكتەپكە ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىشى، باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىنى ئىشلىتىشى كېرەك. مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى ياكى مەكتەپنىڭ ھاۋالە بويىچە ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىپ ئۈستىگە ئېلىش ئەھۋالى بۇنىڭ سىرتىدا. 2- باب ھادىسە ۋە جاۋابكارلىق 8- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئالاقىدار تەرەپلەر (دەۋالاشقۇچىلار)نىڭ قىلمىشى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – تەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بېكىتىش كېرەك. مەكتەپ، ئوقۇغۇچى ياكى ئالاقىدار تەرەپنىڭ سەۋەبلىكى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولسا، ئالاقىدار تەرەپ قىلمىشىنڭ سەۋەبلىك دەرىجىسى نىسبىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسن، مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. داۋالاشقۇچىنىڭ ھەرىكىتى زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ دەۋالاشقۇچىنىڭ ھەرىكىتى زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئاساسي سەۋەب بولمىسا، مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 9- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ئەۋالى كېلىپ چىقسا، مەكتەپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. (1) مەكتەپنىڭ ئۆي – ئىمارەتلىرى، مەيدان ۋە باشقا ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئوقۇش قوراللىرى، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولماسلىق ياكى روشەن ھالدا خەتەرلىك ئامىللار بولۇش؛ (2) مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك، قوغداش، ئوت ئۆچۈرۈش، ئەسلىھە ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق بىخەتەرلىك، باشقۇرۇش تۈزۈملىرىدە روشەن ھالدا يوچۇق بولغان ياكى باشقۇرۇشى قالايمىقان بولغان، بىخەتەرلىك جەھەتتە زور يوشۇرۇن ئاپەت ساقلىنىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغان بولۇش؛ (3) مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەمىنلىگەن دورا، يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىقلار دۆلەت ياكى ساھەلەرنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەم، تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان بولۇش؛ (4) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ياكى مەكتەپتىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە، ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىپ ھالدىكى بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارمىغان ھەمدە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان دائىر ئىچىدە زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان بولۇش؛ (5) مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا ىىزمەتچى خادىملارنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا زۆرۈر تەدبىر قوللانمىغان بولۇش؛ (6) مەكتەپ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغانى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئەمگەكلەرگە، تەنتەربىيە ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىلىگەن ياكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇش؛ (7) مەكتەپ ئوقۇغۇچىنڭ ئالاھىدە غەيرىي بەدەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئالاھىدە كېسىلى بارلىقىنى، مەلۇم تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن زۆرۈر دەرخقىدە دىققەت قىلمىغان بولۇش؛ (8) ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدە ئۇشتۇمتۇت كېسىلى قوزغىلىپ قالغان ياكى يارىلانغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەھۋالغا قارىپ ۋاقتىدا مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛ (9) مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملىرى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەن ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا خىزمەت تەلىپى، مەشغۇلات قائىدىسى، كەسپىي ئەخلاق ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولۇش؛ (10) مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن باشقۇرمىغان، ئاگاھلاندۇرمىغان، توسىمىغان بولۇش؛ (11) ئوقۇغۇچى ئۆز مەيلىچە مەكتەپتىن ئايرىلىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەكتەپ بايقىغان ياكى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىييلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرماي، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغىچ ھامىيسىنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلغانلىقى تۈپەيلىدىن يارىلانغان بولۇش؛ (12) مەكتەپلەر قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان باشقا ئەھۋاللار. 10– ماددا ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچى ھامىيلىرىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) ئوقۇغۇچى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە، ئىجتىمائىي جامائەت ھەرىكەت ئۆلچىمىگە، مەكتەپنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرى ياكى ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ئوقۇغۇچىنىڭ يېشى ۋە بىلىش ئىقتىدارى بويىچە خەتەرلىكلىكى ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مۇنكىنچىلىكىنى بىلىش كېرەك بولغان ھەرىكەتنى قىلغان بولۇش؛ (2) ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتى خەتەرلىك بولۇپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئاگاھلاندۇرغان، تۈزۈىتىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان، تۈزىتىشنى رەت قىلغان بولۇش؛ (93 ئوقۇغۇچى ياكى ھامىي بولغۇچى ئوقۇغۇچىىنڭ ئالاھىدە تەن تۈزۈلۈشىگە ئىگە ئىكەنلىكى ياكى ئالاھىدە كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەكتەپتە ئېيتمىغان بولۇش. (4) قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىدا بەدەن ئەھۋالى، ھەرىكىتى، كەيپىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال بولۇپ، ئۇنى ھامىيسى بىلگەن ياكى مەكتەپ ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن مۇناسىپ ھالدا ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولۇش؛ (5) ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسى باشقا خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولۇش. 11-ماددا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا، مەيدان، ئۈسكۈنە، قاتناش قۇراللىرى، يېمەكلىك ۋە باشقا ئىستېمال مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتكەن تىجارەتچىلەر ياكى مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتكە تەشكىللىگەنلەرنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەرەپ قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 12- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەخىملىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىققان بولۇپ، مەكتەپ مۇناسىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ھەمدە ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى بولمايدۇ: (1) يەر تەۋرەش، چاقماق چېقىش، تەيفىڭ بورىنى، كەلكۈن قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئەت ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛ (2) مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇشتۇمتۇت، تاساددىپىي يۈز بەرگەن ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش؛ (3) ئوقۇغۇچى ئالاھىدە بەدەن تۈزۈلۈشىگە، ئالاھىدە كېسەلگە ياكى غەيرىي پىسخىك ھالەتكە ئىگە بولۇپ، مەكتەپ بىلمىگەن ياكى بىلىش قىيىن بولغان بولۇش؛ (4) ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋالغان، ئۆزلۈكىدىن يارىلانغان بولۇش؛ (5) قارىشىلىشىش خاراكتېرلىك ياكى خەتەرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە تاساددىپىي تارىلانغان بولۇش؛ (6) باشقا كۈتۈلمىگەن ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇش. 13- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا ي ۈز بەرگەن، ئ وقۇغۇچىلاردا جىسمانىي زىيان ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەردە مەكتەپنىڭ ھەرىكىتى مۇۋاپىق بولغان بولسا، مادىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ ھادىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېكىتىش كېرەك. (1) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش، مەكتەپكە يىغىلىش، مەكتەپتىن ئايرىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ھادىسە؛ (2) ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىرتقا چىققان ياكى خالىغانچە مەكتەپتىن ئايرىلغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ھادىسە؛ (3) مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ھېيت – بايرىم، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى تەتىل قاتارلىق مەكتەپنىڭ خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى مەكتەپتە قېپقالغان ياكى مەكتەپكە كېلىپ يۈز بەرگەن ھادىسە؛ (4) مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت دائىسىرىدىن سىرتقى ئورۇنلاردا يۈز بەرگەن ھادىسە. 14-ماددا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى ياكى خىزمەتچى خادىملىرى ئۆز ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتىسز بولغان شەخس ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ياكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا شەخىسلەر قەستەن قىلغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىدا جىسمانىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولسا، زەخىملەندۈرگەن كىشى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 3-باب ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى 15-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ زەخىملەنگەن ئوقۇغۇچىنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيسىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى؛ شارائىتى بارلار جىددىىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ قۇتقۇزۇشى لازىم. 16-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، ئەھۋالى ئېغىرلارنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك؛ زور تالاپەت ۋەقەسىگە كىرىدىغانلىرىنى مائارىپ مەمۇرىيى تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئوخزاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يۇقىرى بىر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. 17- ماددا مەكتەپنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ياكى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مەكتەپنىڭ ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، نورمال تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ياردەم قىلىشى لازىم. 18-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، مەكتەپ زەخىملەنگەن ئوقۇغۇچى ياكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا – ئانىشى بىلەن مەسلىھەتلىشىش شەكلىنى قوللىنىپ ھەل قىلىشقا بولىدۇ؛ ىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىنڭ مۇرەسسە قىلىپ قۇيۇشىنى يازما دوكلات ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشقىمۇ بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ئوقۇغۇچى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيىلرى قانۇن بويىچە بىۋاسىتە ئەرز قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 19- ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇرەسسە ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، زۆرۈر دەپ قارىغاندا، مۇرەسسە قىلىشقا مەخسۇس خادىم بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن 60كۈن ئىچىدە مۇرەسسەنى تاماملاش كېرەك. 20- ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى بىرلىككە كەلگەن بولسا، مۇرەسسە قىلغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، مۇرەسسەنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ مۇرەسسە مۇددىتى ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلمىگەن بولسا ياكى مۇرەسسە جەريانىدا بىر تەرەپ ئەرز سۇنغان خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قوبۇل قىلغان بولسا، مۇرەسسەنى توختىتىش لازىم. مۇرەسسە ئاخىرلاشقان ياكى توختىتىلغاندا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى دەۋالاشقۇچىلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 21-ماددا مۇرەسسە ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېلىشىمنامىگە دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئەمەل قىلمىسا ياكى كېلىشىمنامىدىن يېنىۋالسا، ئىككىنچى تەرەپ قانۇن بويىچە ئەرز سۇنسا بولىدۇ. 22-ماددا ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاخىرلاشقاندا، مەكتەپ ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا يازما دوكلات قىلىشى كېەك؛ زور تالاپەت ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى مەكتەپنى ئاسالىق باشقۇرىدىغان مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوخشاش دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. 4-باب ھادىسە زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىلىدىغان تۆلەم 23- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلات ۋە شەخسىيلەر قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ ھالدا زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 24- ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنىڭ تۆلەم دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن، يەرلىك قانۇن ياكى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيىلىك ئىزاھاتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇرەسسە قىلىشتا، مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارىسا، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملار، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇناسىپ مۇرەسسە لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 25-ماددا زەخىملەندۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى بېكىتىشتە تالاش – تارتىش بولغانلىرىنى شۇ جايدىكى مۇناسىپ باھالاپ بېكىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان دوختۇرخانا ياكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئادەم بەدىنىنى يارىلاندۇرۇپ مېيىپ قىلىش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا باھالاپ بېكىتىشىگە ھاۋالە قىلىش لازىم. 26-ماددا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىگە قارىتا جاۋابكارلىقى بولسا، مەسئۇلىيەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تۆلەم بەرسە بولىدۇ، لېكىن يارىلانغان ئوقۇغۇچىنى قۇتقۇزۇپ، مۇناسىپ ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان نوپۇش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرش قاتارلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولمىان ئەھۋالدا، ئەگەر مەكتەپنىڭ شەرت – شارائىتى يار بەرسە، ئەمەلىيۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ئىمكانىيىتى بولۇش پرىنسىپى بويىچە، يارىلانغان ئوقۇغۇچىغا مۇۋاپىق ياردەم بەرسە بولىدۇ. 27-ماددا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملار خىزمەت قىلىۋاتقاندا، قەستەن ياكى زور سەۋەبلىك تۈپەيلىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، مەكتەپ تۆلەم تۆلىگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئالاقىدار كىشىگە تۆلەم تۆلەتكۈزسە بولىدۇ. 28-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىگە نىسبەتەن جاۋابكارلىقى بولسا، ئۇلارنىڭ ھامىيلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ دەرىجىدە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ ھەرىكىتى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ، شۇنداقلا باشقا تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، قۇرامىغا يەتكەن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھامىيلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلىشى لازىم. 29-ماددا ئىككى تەرەپ تۈزگەن كېلىشىمگە، مۇرەسسە ئارقىلىق شەكىللەنگەن كېلىشىم ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمىگە ئاساسەن، مەكتەپ ئۈستىگە ئالىدىغان پۇلنى مەكتەپ مەسئۇل بولۇپ تەييارلىشى كېرەك؛ مەكتەپنىڭ تولۇق تەييارلىشىغا قۇربى يەتمىسە، مەكتەپنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان تارماق ياكى ئۇيۇشتۇرغۇچى ماسلىشىپ تەييارلايدۇ. 30-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمقلىرى ياكى مەكتەپ باشقۇرۇغۇچىلاردىن شارائىتى يار بەرگەنلىرى ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش زاپاس تۆلەم مەبلىغىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قانۇن بويىچە زەخىملىنىش تۆلەم مەبلىغى تەييارلىسا بولىدۇ. 31-ماددا مەكتەپنىڭ شارائىتى يار بەرسە، سۇغۇرتا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ، مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرسە بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئىختىيارىي ھالدا كۈتۈلمىگەن زەخىملەندۈرۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاساسىدا، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن زەخىملەندۈرۈش سۇغۇرتىسغا قاتنىشىشىقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ھەر قانداق خىراجەت ئېلشىقا بولمايدۇ. 5- باب ھادىسىگە جاۋابكار بولغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش 32-ماددا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىى يۈز بەرگەندە مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولغان ھەمدە قىلمىشى ئېغىر بولغان بولسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان خادىملارغا ئايرىم ھالدا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگخە ئالغۇچىنىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلشىق بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاش لازىم. 33-ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇپ، بىخەتەرلىك جەھەتتە زور يوشۇرۇن ئاپەت ساقلانغان بولسا، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مۇددەت بەلگىلەپ تەرتىپكە سېلىشنى بۇيرۇشى ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان ياكى ياخشىلاشنى رەت قىلغانلارغا قانۇن – نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىشى , كېرەك. 34-ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مۇناسىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىدە جاۋابكارلىقى بولسا، ئالاقىدار تارماقلار بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچىغا ۋە باشقا ئاساسلىق جاۋابكارلىقى بار خادىملارغا ئايرىم ھالدا مۇناسىپ مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرنىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا ياتىدىغان بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاپ بېرىش لازىم. 35- ماددا مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا جاۋابكارلىقى بولغان ئوقۇغۇچىغا مەكتەپ مۇناسىپ چارە كۆرۈشكە بولىدۇ؛ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپىق قىلىشقا چېتىشلىق بولسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاش لازىم. 36-ماددا زەخىملەنگە ئوقۇغۇچىنىڭ ھامىيلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملاردىن ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يولسىزلىق قىلىپ، مەكتەپنىڭ نورمال تەربىيە، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قالايمىغانلاشتۇرغان ياكى مەكتەپنىڭ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ياكى باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا مەلۇم قىلىش كېرەك؛ زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم تۆلەشنى تەلە قىلىشقا بولىدۇ. 6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 37-ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن مەكتەپ، دۆلەت ياكى ئىجتىمائىي كۈچلەر ئاچقان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر خىل ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چارىدە دېيىلگەن ئوقۇغۇچىلار، يۇقىرىدىكى مەكتەپلەردە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ38-ماددا بالىلار باغچىلىرىدا يۈز بەرگەن بالىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى، بالىلرنىڭ تولۇق تېتىلمەسلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ. 39-ماددا باشقا مائارىپ ئورگانلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى يۈز بەرسە، بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. مەكتەپ رويخەتكە ئالغان باشقا تەربىيلەنەۈچىلەردە مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە زەخىملەندۈرۈش ھادىسى كۆرۈلسە بۇ چارىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. 40- ماددا بۇ چارە 2002– يىل 9– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. سابىق دكلەت مائارىپ كومىتېتى، مائارىپ مىنستىرلىقى تارقاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلىرى بۇ چارىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇ چارە ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى 1-باپ ئومومىي پىرىنسىپ 1-ماددا بۇ قانون ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ،مەجبورىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ،پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ،ئاساسي قانونغا ۋە مائارىپ قانونىغا ئاساسەن چىقىرىلدى . 2-ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبورىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ . مەجبورىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر . مەجبورىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ،ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن قۇبۇل قىلىدىغان مائارىپ ،دۆلەت جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر . مەجبورىيەت ،مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە خىراجەت ئىلىنمايدۇ . دۆلەت مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى تۈزۈمىنڭ يولغا قۇيۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . 3-ماددا مەجبورىيەت مائارىپىدا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ،ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇپ ،مائارىپ سۈپىتىنى ئۈستۈرۈپ ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يتىلدۈرۈپ ،غايىلىك ،ئەخلاقلىق مەدەنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش شەرت . 4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلارۋە ئۆسمۈرلەرجنسى ،مىللتى ،ئىرقىي ،ئۆي بىساتى ،دىنىي ئىتقادىي قاتارلىقلارغا قارىماي ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش ھوقۇقىدىن قانون بويىچە بەھرىمان بولىدۇ ھەمدە مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش مەجبوريىتىنى ئادا قىلىدۇ . 5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانوندا بەلگىلەنگەن مەسئولىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ،ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىش ھۇقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك . ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشى ۋە تاماملىشىغا قانون بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . مەجبورىيەت مائارىپىنى قانون بويىچە يولغا قويغان مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئوقۇش –ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . ئىجتىمائي تەشكىلات ۋە سەخسلەر ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ، ئۆسمۇرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك . 6- ماددا گۇۋۇيۇەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى يەرلىك خەلق ھۇكۇمەتلىرى مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەقىياتىغا تۇركە بۇلۇپ ،ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى ھەمدە تەدبىر قۇللۇنۇپ ، يېزىلار ۋە مىللى رايۇنلاردا مەجبۇرىيات مائارىپىنىڭ يۇلغا قۇيۇلۇشىنى كاپالەتلەندۇرۇشى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئۆسمۇرلەردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرى ۋە مىيىپلىرىنىڭ مەجبۇرىيات مائارىپىنى قۇبۇل قىلىشنى كاپالەتلەندۇرۇش كېرەك . دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققى تاپقان رايۇنلارنى ئىقتىسادى تەرەققى تاپمىغان رايۇنلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇشىغا ياردەم بېرىشكا تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ . 7- ماددا مەجبۇرىيات مائارىپىدا گوۋۇيۇەن رەھبەرلىك قىلىش ، ئۇلكىلىك ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۇكۇمىتىبىر تۇتاش پىلانلاپ يۇلغا قۇيۇش، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۇكۇمىتى ئاساسلىق باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى يۇلغا قۇيۇلىدۇ . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى مەجبۇرىيات مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۇنكىرىت مەسئول بۇلىدۇ ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇلغا قۇيۇش خىزمىتىگە مەسئولىيىتى دائىرسىدە مەسئول بۇلىدۇ . 8- ماددا خەلق ھۇكۇمىتىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىك ئاپاراتى مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىدە قانون نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ،ئۇقۇش –ئۇقۇتۇش سۈپىتى شۇنىڭدەك مەجبورىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىي قاتارلىقلارنى مۇپەتتىش قىلىدۇ .،مۇپەتتىش دۇكىلاتىنى جەمىيەتكە ئېلان قىلىدۇ . 9-ماددا ھەرقانداق ئجدىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىس مۇشۇ قانونغا خىلاپ قىلمىشنى ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھۇقۇقلۇق.مۇشۇ قانونغا خىلاپ چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ ،مەجبورىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قۇيۇلىشىغا تۇسالغۇ بۇلۇپ ،زور ئىجدىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا ،رەھبەرلىك جاۋاپكارلىقى بار خەلق ھۈكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىنىڭ مەسئولى ئىستىپا بېرىشى كېرەك . 10-ماددا مەجبورىيەت مائارىپىنى يولغا قۇيۇش خىزمىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرى ۋە ئونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ .مۇكاپاتلايدۇ . 2-باپ ئوقۇغۇچى 11-ماددا ئالتە ياشقا تولغان بالىنى ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بۇيىچە تەربىيە ئىلىشى ھەمدە ئۇنى تۇگىتىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك ؛شارائىت يار بەرمەيدىغان جايلاردىكى بالىلار يەتتە ياشتا مەكتەپكە بېرىلسىمۇ بۇلىدۇ .ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈلەرنى سالامەتلىك تۈپەيلى مەكتەپكە كىچىكتۈرۈپ بېرىشكە ياكى ئوقۇشتىن تۇختىتىشقا تۇغرا كەلسە ،ئۇلارنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ ،شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك . 12-ماددا ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرمەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىدۇ ،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپوسىقا ئېلىنغان جايدا يىقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك .ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن نوپوسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا جايدا ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغانلىرىنىڭ بالىلىرى ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغان جايدا مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان بولسا ،شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ،مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك .كونكىرىت چارىسىنى ئۆلكە ئاپتونوم رايون ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەيدۇ . ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئۆز مەمورىي رايونىدىكى ھەربىىيلەرنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك . 13-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ۋە يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە تەشكىللشىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ئۇلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشى ،تەدبىر قوللىنىپ ،ئۇلارنىڭ ئۇقۇشتىن تۇختاپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .شەھەر ئاھالە كومېتىتى ۋە كەنىت ئاھالە كومېتىتى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ ئۇقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك . 14-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى ئىشلىتىش مەنئي قىلىنىدۇ . ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ قۇبۇل قىلىپ ،ئەدەبىيات –سەنئەت ،تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيلەيدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرى قۇبۇل قىلغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .مەجبورىيەت مائارىپىنى ئۆزئالدىغا يولغا قويىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك . 3-باپ مەكتەپ 15-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى شۇ مەمورىي رايون تەۋەسىدە ۋە جايلىشىش ئەھۋالىي قاتارلىق ئاممىلارغا قاراپ ،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بۇيىچە تۈزىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ ،يىڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالە رايونىدا مەكتەپ قۇرۇش زۆرۆر بولسا ،ئاھالە رايونىنڭ قۇرۇلىشى بىلەن تەڭ قۇرۇش كېرەك . 16-ماددا مەكتەپ قۇرۇشتا دۆلەت بەلگىلگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ،ئوقۇش –ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ؛دۆلەت بەلگىلىگەن ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ ،ئوقۇغۇچى ،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . 17-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ تارقاق تۇرىۋاتقان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ . 18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر لىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،ئىقتىسادىي تەرەقىقىي قىلغان رايونلاردا ئوقۇش يىشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ،ئۆسمۈرلىرى قۇبۇل قىلىنىدىغان مەكتەپ (سىنىپلارنى )ئاچىدۇ . 19-ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئھتىياجىغا قاراپ ،ئالاھىدە مائارىپ قۇيۇلىدىغان مەكتەپ (سىنىپ )لىرىدە مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھە بۇلۇش كېرەك . ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يىشىدىكى مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قۇبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك . 20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانونىدا بەلگىلەنگەن ناچار ئىللىتى بولغان ئوقۇش يىشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە مەخسوس مەكتەپ ئىچىپ ،ئۇلارنى مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلشى كېرەك . 21-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر ۋە مەجبورىي تەربىيە تەدبىرى قوللىنىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبورىيەت مائارىپىنى تۈگەتمىگەنلىرىنى مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيلەش ،خىراجەتنى خەلق ھۆكۈمىتى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك . 22-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ تەكشى تەرەقققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى پەرقىنى كىچىكلىتىشى ،مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى مەكتەپلەر سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىق كېرەك . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ھەر قانداق نام ياكى باشقىچە يول بىلەن ھۆكۈمەت مەكتەپنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك . 23-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپىنى قانون بويىچە ساقلاپ ،ئوقۇغۇچىلار ،ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ قانونىي ھوقوق –مەنپەئىتىنى قوغداپ مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ . 24-ماددا مەكتەپلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى ئىلىپ بېرىپ ،باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،يۇشۇرۇن خەۋىپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ ،ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمىتى مەكتەپ ئىمارەتلىرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ ؛رىمونىت قىلىشقا ،ئۆزگەرتىشكە تىگىشلكلىرنى ۋاقتىدا رىمونىت قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ . مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقوقتىن مەھرۇم قىلىنغانلارنى ياكى مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك . 25.ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسىگە خىلاپ ھەق ئالماسلىق ،تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يولى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالماسلىقى كېرەك . 26-ماددا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى مەسئول بۇلۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ .مەكتەپ مۇدىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە تۇشىشى كېرەك .مەكتەپ مۇدىرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى بويىچە تەكلىپلىك تەيىنلەيدۇ . 27-ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تەنقىد –تەربىيە بېرىشى ،ئۇلارنى مەكتەپتىن چىقىرۋەتمەسلىكى كېرەك. 4-باپ ئوقۇتقۇچى 28-ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانونىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىشى قانوندا بەلگىلەنگەن مەجبورىيەتنى ئادا قىلىشى ،باشقىلارغا ئۈلگە بۇلىشى كېرەك . پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش كېرەك . 29-ماددا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئۇقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقنى نەزەردە تۇتۇپ ،ئەھۋالغا قاراپ تەربىيلەپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇلۇق يىتىلىشىگە تۈتكە بىلىشى كېرەك . ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ،ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكى ،ئۇلارغا تەن جازاسى ،شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى ياكى ئىنسانىي ئىززىتىگە تېگىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى قانونىي –ھوقۇق مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك . 30-ماددا ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك . دۆلەت مەجبورىيەت مائارىپىدا بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپە تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزەپىسى تۆۋەن دەرىجىلىك ۋەزىپە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە دەپ ئايرىلىدۇ . 31-ماددا ھەر دەرىجىلك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ،ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ ؛ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسى شۇ جايدىكى مومورلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك . ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى قۇشۇمچە يادەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . 32-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەدبىر قوللىنىپ ،پىداگوگىكا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك . ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئۆز مەمورىي رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشى ،مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلىشى تەڭشىشى ،ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك . 33-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلارغا ،ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىلىشغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ . دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىل مەكتەپلەردە پىدائىي ئوقۇتقۇچى بۇلۇشىغا ئىلھا م بېرىدۇ .ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئۇلارنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قانون بويىچە بېكىتىدۇ ،ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقتىنى خىزمەت ئىستاجىغا كىرگۈزۈپ ھېساپلايدۇ . 5-باپ ئوقۇش –ئۇقۇتۇش 34-ماددا ئوقۇش-ئوقۇتۇش خزمىتىنى مائارىپ قانونىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ،روھي جەھەتتىكى يىتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈپ ،ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيلەپ ،ئەخلاق تەربىيىسى ،ئەقلىي تەربىيە ،تەنتەربىيە گۈزەللىك تەربىيسى قاتالىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى ،يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلي ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يىتىلىشكەتۈرتكە بېرىش كېرەك . 35-ماددا – گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ،يىتىلىش ئەھۋالىي ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ،ئوقۇتۇش تۇزۈمى ،ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەرنى بىكىتىپ ،ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلپ ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ ،ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بېكىتىلگەن ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەرنى بىكىتىپ ،ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ ،ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇش –ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بىكىتىلگەن ئوقۇش –ئوقۇتۇش مەزمونى ۋە دەرسلەر بويىچە ئىلىپ بېرىپ ،دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي سۈپەت تەلىپىگە يەتكۈزشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . دۆلەت مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش يولى بىلەن تەربىيلەش قاتارلىق ئوقۇش –ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، ئوقۇش –ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ . 36-ماددا مەكتەپلەر ئەخلاق تەربىيىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ،ئونى ئوقۇش –ئۇقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىشىغا ماس كىلىدىغان ئىجدىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ مەكتەپ ،ئائىلە جەمىئىيەت ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيىسى سىېستىمىسى بەرپا قىلىش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىل ئىديىىۋى پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتى يىتلدۈرۈشكە تۇرتكە بۇلىشى كېرەك . 37-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى ،ئۇلارنى مەدەنىي كۈڭۈل ئىچىشىغا ئوخشاش دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىشى كېرەك جامائەت مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سرتقى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا قۇلايلىق بۇلۇشى كېرەك . 38-ماددا دەرسلىكنى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى ۋە دەرسلىك ئۆلچىمى بۇيىچە تۈزۈش مەزمونىنى ئىخچام ،مېغىزلىق قىلىش زۆرۆر ئاساسي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتلەرتنى كىرگۈزۈش ،ئەرزان ۋە ئەسقاتىدىغان قىلىش ،سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەر دەرسلىك تۈزۈمى خىزمىتىگە قاتناشسا ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشسا بولمايدۇ . 39-ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۇزۈمىنى يولغا قۇيىدۇ ،دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەنىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى بېكىتىدۇ . تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشىر قىلىشقا ،ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . 40-ماددا دەرسلىكنىڭ ئۆلچەملىك باھاسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەمورىي تارمىقى نەشىرىيات مەمورىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئاز پايدا ئىلىش پىرىنسىپى بويىچە بىكىتىدۇ .پارچە سىتىش باھاسىنى ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنڭ باھا مەمورىي تارمىقى نەشرىيات مەمورىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆلچەملىك باھا بويىچە بېكىتىدۇ . 41-ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ . 6-باپ خىراجەت كاپالىتى 42-ماددا دۆلەت مەجبورىيەت مائارىپىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە تۇلۇق كىرگۈزىدۇ ،مەجبورىيەت مائارىپىنى خىراجىتىنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمە بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ . گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ ،ئۇنى ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ شىتات ئۆلچىمى ،مائاش ئۆلچىمى ۋە مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى قاتارلىقلار بويىچە ،ۋاقتىدا تۇلۇق ئاجرىتىپ ،مەكتەپلەرنىڭ نورمال يۈرىشىگە ۋە مەكتەپ ئىمارىتى بىخەتەرلىكىگە ،ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبورىيەت مائارىپىغا مالىيىدىن ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ كۆپىيىش نىسپىنى مالىيىنىڭ دائىملىق كىرىمنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقىرى قىلىپ ،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەجبورىيەت مائارىپ خىراجىتىگە قاراپ تەدرىجىي كۆپەيتىشكە ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك . 43-ماددا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مائارىپ مەمورىي تارمىقى بىرلىكتە بىكىتىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجدىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەپ تۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىى ئاساسى ئۆلچىمىنى بىكىتىش ۋە تەڭشەشتە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە ئوقۇش-ئوقۇتۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك . ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمورىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ،مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجەت ئۆلچىمىنى دۆلەت ئۆلچىمىدىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتسىمۇ بولىدۇ . ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ (سىنىپ)لىرى ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى ئادەتتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك . 44.ماددا مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىدە گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئولىيىتى بويىچە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان ئۆلكىلىك ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ئەمىليلەشتۈرۈشكە مەسئول بولىدىغان تۈزۈلمە يولغا قۇيۇلىدۇ ،يېزىلارنىڭ مەجبورىيەت مائارىپىغا كېرەكلىك خىراجەتنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈر ۋە نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ . ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەردىن ئائىلسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرىغا دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىدۇ ھەمدە ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغانلارغا تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ . مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ كونكىرىت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ . 45-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىدا ئايرىم ئورۇنلاشتۈرىدۇ . يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىل بولغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خام چوت تۈزىگەندە مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەك . 46-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك ،ئاپتونوم رايونلۇق ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ،ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ۋە مەجبورىيەت مائارىپى مەخسوس يۆتكىمە چىقىمنى قىلىپلاشتۇرۇپ ،يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبورىيەت مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا مەدەت بېرىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .يەرلىك ھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن مەجبورىيەت مائارىپى يۆتكىمە چىكىم مەبلىغىنى مەجبورىيەت مائارىپىغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . 47-ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ مەخسوس مەبلەغ ئاجرىتىپ ،يېزىلار ،ئازسانلىق مىللەت رايونلىرنىڭ مەجبورىيەت مائارىپىغا مەدەت بېرىدۇ . 48-ماددا دۆلەت ئىجدىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخىسلەرنى مەجبورىيەت مائارىپىغا ئىئانە ۋە ھەدىيە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ،دۆلەتنىڭ فونىد جەمىيىتىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبورىيەت مائارىپى فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ . 49-ماددا مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى قەتئىي تۈردە خام چوتتا بەلگىلەنگىنى بويىچە مەجبورىيەت مائارىپىغا ئىشلىتىش كېرەك ؛ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىۋېلىشقا ،ئىشلىتىۋېلىشقا ،مەكتەپتىن قانونسىز ھەق ئېلىشىغا ياكى مەكتەپكە سىلىق سېلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ . 50-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى تەپتىش –نازارەت قىلىش تۇزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممللەشتۈرۈش كېرەك . 7-باپ قانون جاۋاپكارلىق 51-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانوننىڭ 6-بابىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئولىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى گوۋۇيۈەن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكارمەسئول خادىمى ۋە باشقا جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ . 52-ماددا ناھىيە دەرىجىلكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ : (1) مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگلىمىسى بويىچە تۈزىمىگەن ،تەڭشىمىگەنلىرى ؛ (2) قۇرغان مەكتىپى دۆلەت بەلگىلىگەن مەكتەپ ئىچىش ئۆلچىمى ،ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇش ئۆلچىمىگە توشمىغانلىرى ؛ (3) مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قەرەللىك تەكشۈرمىگەن ھەمدە ۋاقتىدا رېمونىت قىلمىغان ،ئۆزگەرتمىگەنلىرى ؛ (4) مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇشۇ قانوندىكى بەلگلىمە بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىغانلىرى . 53-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارماقلىرىدىن تۈۋەندىكى ئەھۋاللىرىنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەيدۇ ؛قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ : (1) مەكتەپنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتكى دەپ ئايرىغانلىرى ؛ (2) ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى باشقىچە يول بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرى . ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتىرىنى مائارىپ مەمورىي تارماقلىرى ياكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشتە ياكى ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن توختاپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەدبىر قوللانمىغانلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قانون جاۋاپكارلىقىغا تارتىلىدۇ . 54-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ،مالىيە تارمىقى ،باھا مەمورىي تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى مەسئولىيىتى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بويىچە چارە كۆرىدۇ: (1) مەجبورىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغان ،ئىشلىتىۋالغانلىرى ؛ (2) مەكتەپتىن قانونسىز ھەق ئالغان ياكى مەكتەپكە سىلىق سالغانلىرى . 55-ماددا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلاردىن مەجبورىيەت مائارىپى خىزمىتىدە مائارىپ قانونى ،ئوقۇتقۇچىلار قانونىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا مائارىپ قانونى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانونىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ . 56-ماددا ھەق ئېلىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان مەكتەپلەرنى ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ھەقنى قايتۇرۇشىقا بۇيرۇيدۇ ؛ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانون بويىچە چارە كۆرىدۇ . مەكتەپلەردىن تاۋار سېتىش ،مۇلازىمەت قىلىش يۇلى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالغانلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ئومومىي ئوقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىتلەيدۇ ؛قانونغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانونغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانونغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ؛ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىم ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلارغا قانون بويىچە چارە كۆرىدۇ . دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەردىن دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۇمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزۈتىشكە بۇيرۇيدۇ ،ئۇلارغا قانون بويىچە مەمورىي چارە كۆرىدۇ ؛قانونغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانونغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ . 57-ماددا مەكتەپلەردىن تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئول خادىمى ۋە باشىقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانون بۇيىچە چارە كۆرىدۇ : (1) ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يىشىدىكى مىيىپ بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇشقا ئالمىغانلىرى ؛ (2) سىنىپىنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىغانلىرى ؛ (3) ئوقۇغۇچىنى مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن چىقىرۋەتكەنلىرى ؛ (4) بېكىتلمىگەن دەرسلىكنى ئىشلەتكەنلىرى . 58-ماددا ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ياكى قانوندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسيلىرىدىن باشقا يولسىز سەۋەپ كۆرسىتىپ ،مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قۇيۇپ ،مەجبورىيەت مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە بەرمىگەنلىرىگە شۇ جايدىكى يېزىلىق ،بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتنىڭ مائارىپ مەمورىي تارمىقى تەنقىد ،تەربىيە بېرىدۇ ،سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ . 59-ماددا تۈۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارغا ئالاقىدار قانون ،مەمورىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ : (1) مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلارنى قانونسىز ئىشلەتكەنلەر ؛ (2) مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەرنى قانونسىز ئىشلەتكەنلەر ؛ (3) قانون بويىچە بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشىر قىلغانلار . 60-ماددا مۇشۇ قانوندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانون بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ 8-باپ قۇشۇمچە پرىنىسىپ 61-ماددا مەجبورىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يىشىدىكى بالىلار ،ئۆسمۈرلەردىن پارچە خىراجەت ئالماسلىق قەدەم باسقۇچنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ . 62-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخىسلەر قانون بويىچە قۇرغان پۇقرا مەكتەپلىرىدىن مەجبورىيەت مائارىپىنى يولغا قويغانلىرىغا پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانوندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ ؛ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانونىدا بەلگىلىمە بولمىسا ،مۇشۇ قانون تەدبىقلىنىدۇ . 63-ماددا بۇ قانۇن 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقوقلېرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بارلىق پۇقرالار بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر قاتار ئالاھىدە خاس ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاساسلىقى : 1. جازا كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى ؛ 2. جىنايى جازاغا تارتىلغاندا يېنىك، يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىش ھوقۇقى؛ 3. كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق ھوقۇقى ؛ 4. مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيىسىنى داۋاملىق ئېلىش ھوقۇقى ؛ 5. ھۆكۈمنامە كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ھوقۇقى ؛ 6. مىراس تەقسىم قىلغاندا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى ؛ 7. باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئالاھىدە قوغدىلىنىش ھوقۇقى ؛ 8. سوراق قىلىنغاندا، گەپ سورىغاندا ۋەسىيىسى يېنىدا تۇرۇشقا ئۇقتۇرۇلۇش ھوقۇقى؛ 9. ئوچۇق سوت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛ 10. ئايرىپ قامىلىش ھوقۇقى ؛ 11. نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلانماسلىق ھوقۇقى ؛ 12. خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلانماسلىق ھوقۇقى ؛ 13. جىنايەتكە دەۋەت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛ 14. بالا ئىشچى بولماسلىق، تونۇشتۇرۇلماسلىق ھوقۇقى ؛ 15. قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىش ھوقۇقى ؛ 16. قان تەقدىم قىلىشقا دەۋەت قىلىنماسلىق ھوقۇقى ؛ 17. ئېلان ئارقىلىق زىيان يەتكۈزمەسلىك ھوقۇقى ؛ 18. بېقىۋېلىشقا بېرىلىشتە ماقۇللۇقى بولۇش ھوقۇقى ؛ 19. تۇغۇلۇپلا ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغائىگە بولۇش ھوقۇقى ؛ 20. ئاتا – ئانىسى ئاجراشقاندا قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى بەلگىلەش ھوقۇقى ؛ 21. گۇۋاھلىق بېرىش ھوقۇقى ؛ 22. سوتلانغاندا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى ؛ 23. ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك ھوقۇقى ؛ 24. ئالداپ ئائىلىسىدىن، ۋەسىيىسىدىن ئايرىۋېتىلمەسلىك ھوقۇقى؛ 25. ئاتا – ئانىسىدىن بېقىش، تەربىيىلەش ھەققى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى 1991- يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1991 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 50 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى) 1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1-ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى. 2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان. 3-ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسىئونالىزم، كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم - پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ. 4- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم: (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ (2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش؛ (3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش؛ (4) تەربىيىلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش. 5 -ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى، مال - مۈلۈك ۋە باشقا جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار. دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم. 6- ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم. 7- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. -2 باب ئائىلىدە قوغداش 8- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ؛ بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 9- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسىگە بېرىش، مەكتەپتە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرماسلىقى كېرەك. 10- ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇۋېلىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى لازىم. 11-ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇشىغا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە «چاي» ئىچكۈزۈشىگە بولمايدۇ. 12- ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىي بەلگىلەيدۇ. 3- باب مەكتەپتە قوغداش 13- ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھار مەزگىلى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى لازىم. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىكى بولغان، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى، ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم. 14- ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلاندى قىلماسلىقى لازىم. 15- ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىشكە، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە ياكى باشقا كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشقا بولمايدۇ. 16- ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىكىگە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەسىلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇزماسلىقى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوقۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى، ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىغا بولمايدۇ. 17-ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە بالىلارنى يىغىلىشقا، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى لازىم. 18-ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئەمگەك - تېخنىكا تەربىيىسى ۋە كەسىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ھۆرمەتلىشى لازىم، ئۇلارنى كەمسىتىشكە، ئۇلاردىن بىزار بولۇشقا بولمايدۇ. 19- ماددا بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالدا تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. 4 -باب جەمئىيەتتە قوغداش 20- ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 21- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرت - شارائىت يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 22- ماددا مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، كىنو - تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (زالى)، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېتىبار بېرىلىپ ئېچىۋېتىلىشى لازىم. 23- ماددا تىجارەت خاراكتېرلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن ئەمەس، ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنداق سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك. 24- ماددا دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - سەنئەت ئورۇنلىرىنى، يازغۇچىلارنى، ئالىملارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە باشقا پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا ۋە تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبيېكت قىلغان كىتاب، گېزىت - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى مەخسۇس نەشر قىلىشقا يار - يۆلەك بولىدۇ. 25- ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى سېتىشى، ئىجارىگە بېرىشى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. 26- ماددا بالىلار يېمەكلىكلىرى، ئويۇنچۇقلىرى، لازىمەتلىكلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولماسلىقى كېرەك. 27- ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەردىكى سىنىپلاردا، ياتاقلاردا، پائالىيەت ئۆيلىرىدە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان باشقا بۆلۈملەردە تاماكا چېكىشىگە بولمايدۇ. 28- ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ باشقىچە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندە خىزمەت تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە قوغداش تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ئۇلارنى بەك ئېغىر، زەھەرلىك، زىيانلىق ئەمگەكلەرگە ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. 29-ماددا سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياكى ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولۇپ، ئاتا- ئانىسىغا ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنى ۋاقتىنچە ئېنىقلىغىلى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەسىس قىلغان بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ئۇلارنى يىغىۋېلىپ باقىدۇ. 30- ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ. 31- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يوشۇرۇۋېلىشى، يىرتىۋېتىشى، تاشلىۋېتىشىگە بولمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقاندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئېچىشىغا بولمايدۇ. 32-ماددا سەھىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زۆرۈر بولغان سەھىيە، سالامەتلىكنى ئاسراش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. 33- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بالىلار باغچىسى، يەسلى ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلى، بالىلار باغچىلىرىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇشى، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بالا ئېمىتىش ئۆيى، يەسلى، بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ئائىلە يەسلى قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى لازىم. 34- ماددا سەھىيە تارماقلىرى بالىلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇلارغا ۋاكسىنا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشىنى پائال ئىشلىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋە يەسلى، بالىلار باغچىسىنىڭ سەھىيە - ساقلىقنى ساقلىشىغا كەسپىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم. 35-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەرنىڭ تەربىيىچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيىلىشى ۋە چېنىقتۇرۇشى، ئۇلارغا قا, , رىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى ۋە كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىشى لازىم. 36- ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقلىي نەتىجىلىرى ۋە شان - شەرەپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئالاھىدە تۇغما تالانتى بولغان ياكى گەۋدىلىك نەتىجىسى بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپلەر ساغلام تەرەققىي قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 37- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگىتىپ مەكتەپتىن كۆچەلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلارنى كەسىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم. 5- باب ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش 38- مادداقانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا تەربىيىلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. 39- ماددا14 ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىسە، ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇلارنى باشقۇرۇش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش بۇيرۇلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەيدۇ. 40- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولىرىنى بېجىرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىشى لازىم، شۇنداقلا بۇ دېلولارنى ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ بېجىرسە بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش - تەربىيىلەش ئورۇنلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. 41-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشتىن بۇرۇن قامالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاماقتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ باشقۇرۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ قاماش، باشقۇرۇش كېرەك. 42- ماددا14 ياشتىن ئاشقان، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوتلانمايدۇ. 16 ياشتىن ئاشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن ئاخبارات، كىنو - تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا، تۇرالغۇ جايى، سۈرىتى ۋە مەزكۇر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ. 43-ماددا ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم. 44-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلغان ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى جاكارلىغان، يىغىۋېلىپ تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىشكە بولمايدۇ. 45- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم. خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھدىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، نىكاھدىن ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشى لازىم. 6- باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 46- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 47- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئۇلارنى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 48- ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلەرنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 49- ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر 16 ياشقا توشمىغان بالىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشچىلىققا ئېلىپ ئىشلەتسە، ئەمگەك تارماقلىرى ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 50- ماددا تىجارەت خاراكتېرىدىكى تانسىخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا باب كەلمەيدىغان سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 51- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانە مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇمى قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن ياكى تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 52-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن ئائىلە ئەزالىرىنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا قائىدە - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 189 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنى بېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 132 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈش خەۋپى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي، مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 53-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ ئۇردۇرۇشقا ياكى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 54-ماددا دەۋالاشقۇچىلار بۇ قانۇن بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانلارغا ياكى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى كېرەك؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇش، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش بەلگىلەنگەن بولسا، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك. دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىش قارارى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ ئەرز سۇنمىسا، قارارنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازالاش قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ. 7- باب قوشۇمچە پرىنسىپ 55- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يولغا قويسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. 56- ماددا بۇ قانۇن 1992 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
|
|