كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 1

ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا دائىر تۈزۈملەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا دائىر تۈزۈملەر


ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى،قىياپىتىنى قىلىپلاشتۇرۇش، جەمىئيەتتىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كەسپى ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ،ئۆزىنى بىغىشلاش روھى بىلەن ئادەم تەربىيلەش،باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش خىزمىتىنى قىلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈزۈملەرنى تۈزدۇق.                                                            
1.گەپ-سۆز،كىيىنىش،يۈرۈش-تۇرۇش،جەمىئيەت ئەخلاقى،ئاممىۋى        ئەخلاقى جەھەتتە:  
(1گەپ-سۆزلىرى ،ئىلمى،قايىل قىلارلىق بولۇش،ئەدەپسىز،ھاقارەتلىك،سەت گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىق،ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى قىلىپلاشتۇرىشى كىرەك.ئەگەر ئەدەپسىز سۆزلەرنى قىلسا ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ تەربىيە بىرىش،ئۆزىنى تەكشۈرتۈش،يۈز-تۇرانە ئەپ سوراتقۇزۇش،ئايلىق باھالاشقا ئەگەشتۈرۈش،ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەسۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئىلىش قاتارلىق چارىلار قوللىنىلىدۇ.
2)ئوقۇتقۇچىلار شىم كىيمەسلىك،چىچىنى رەڭلىك بويىماسلىقى،توم پاشنىلىق ئاياق،ساپما كەش كىيمەسلىك،مەكتەپكە پايپاق كىيمەي چىقماسلىق،دىننى تۈس ئالغان خۇراپىي كىيىملەرنى كىيمەسلىك،ئاياللار باش كىيىمىنى ئىلىپ مەدەنىي بولۇپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش.مەدەنىي،يارىشىملىق كىيىنىشى،بەك تار،قىسقا ياكى بەك ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيمەسلىكى،قىنىق گىرىم قىلماسلىقى،زىننەت بويۇملىرىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ تاقىماسلىقى كىرەك.ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئۆستۇرمەسلىكى،رەتلىك كىيىنىشى،مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار بار جايدا تاماكا چەكمەسلىكى كىرەك.ئەگر يۇقارقىلارغا خىلاپلىق قىلسا ئايلىق باھالاشنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا بىرىلىدىغان    نۇمۇر بىرىلمەيدۇ.غەلىتە كىيىنىپ تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىسە خىزمەتتىن توختىتىلىپ،يۇقىرى تەشكىلگە مەلۇم قىلىنىدۇ.
  (3 ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.ئەگەر خىلاپلىق قىلغۇچىلار سىزىلسە ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يىنىكلىكىگە قاراپ ئۆزىنى تەكشۈرۈش،ئايلىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالاش ،ئقتىسادىي جەھەتتىن 200-2000 يۈەنگىچە جەرىمانە ئىلىنىدۇ.يارىلانسا داۋالىتىش چىقىمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەھۋال پەۋقۇلادە ئېغىر بولسا قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.تەكرار سادىر قىلغۇچىلار بولسا ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ،ئاتا-ئانىلاردىن ئەپۇ سوراپ قايىل قىلىدۇ.  
(4ھەر بىر ئىشچى-خىزمەتچى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا،ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىققا ئالاھىدە ئەھمىيىەت بىرىش كىرەك.ئىتىپاقلىققا دەخلى يەتكۈزىدىغان سۆلاز-ھەركەتلەرنى قىلماسلىقى،گۇرۇھۋازلىق قىلماسلىقى،پىرىنسىپسىز ئىتىپاق بولىۋالماسلىقى،پىرىنسىپال ئىتىپاقلىقنى قەدىرلىشى،باراۋەر ئاساستا ئۆز-ئارا تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش،باشقىلارنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇپ،غەيۋەت-شىكايەت قىلىپ،تۆھمەت چاپلاپ ئىتىپاقسىزلىق پەيدا قىلماسلىق كىرەك.ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا تەنقىد-تەربىيە ئىشلىنىدۇ.ئىغىر بولسا ئوقۇتقۇچىلار چوڭ يىغىندا ئۆزىنى تەكشۇرۇش،يۈز تۇرانە ئەپۇ سوراش،ئايلىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالاش،ئۆز-ئارا ئۇرۇش-جىدەل قىلسا كەسپى ئەخلاقىغا نۇمۇر بىرىلمەيدۇ.ئەھۋالىغا قاراپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن جەرىمانە قويۇلىدۇ.جىدەل-ماجرا ئىغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە قانۇن ئورۇنلىرىغا ماتىرياللىرىنى يوللاش چارىلىرى كۆرۈلىدۇ.   
(5ھەر بىر ئوقۇتقۇچى،ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ يۇقىرى قىزغىنلىقى ياخشى بولۇشى،تەشكىل تاپىلىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىجاندىل ئورۇندىشى كىرەك.ئورۇنلىمىسا ياكى باھانە كۆرسىتىپ تەلەپ بويىچە سۈپەتلىك ئورۇنلىمىسا ياكى باھانە كۆرسىىتىپ شۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولۇش ۋاقتى ئىشىپ كەتكەن قىسمى خىزمەت تاشلىغانلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ،ئەگەر شۇ سەۋەپلىك خىزمەتلەرگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزسە خىزمەتتىن توختىتىپ تۇرۇپ مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.يىللىق خىزمەت باھالىشىغا ئەگەشتۈرۈلىدۇ.
6)تۈرلۈك سودا مۇناسىۋىتى بىلەن نىسى نەرسە سىتىۋىلىپ مال ئىگىسى ئىزدەپ كىلىدىغان ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق ،ئەگەر بايقالسا ئېغىرلىتىپ چارە كۆرۈلىدۇ.
7)ياش ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە مۇھەببەتلىشىشنى باھانە قىلىپ نورمالسىز يۈرۈش مەنئىي قىلىنىدۇ.
8)ئامما رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشى جەمىئەتكە ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشى،ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىشى كىرەك.
9)ھەرقانداق شەكىلدىكى قىمار خارەكتىرلىك ئويۇن ئوينىماسلىق ،مەكتەپ ئىچىدە قارت،ماجىياڭ ئوينىماسلىق،نورمال پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش،خىزمەت تۈپەيلىدىن مەسئۇلچىلار بىلەن سۈركىلىش، ئىتتىپاقسىزلىق،پەيدا قىلسا بىر قىتىملىق ئىتتىپاقسىزلىق پەيسا قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
10)مەكتەپ ئىچىدە سومكا،پۇل ،زىبۇ-زىننەتلەرنى ياخشى ساقلاش،ياخشى ساقلىماي ئوغۇرلىق قاتارلىق مەسىلە كىلىپ كىلىپ چىقسا ئايلىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالىنىدۇ.
11)ھاراق ئىچىپ مەكتەپكە كەلمەسلىك.
12)ئوقۇشقا ئەۋەتىش ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئاتا-ئانىلارنى ئالداش ،پۇل ئىلىش ئەھۋاللىرى قاتتىق چەكلىنىدۇ،مەسىلە كىلىپ چىقسا قالايمىقان ھەق ئالغان قاتاردا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
13) ھەرقانداق  ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي باشقۇرۇش،كىچىكىش پۇلى سۈپۈرگە پۇلى ،يوپۇق پۇلى ۋە باشقا ھەرقانداق ھەق ئالماشلىق لازىم .ئەگر بۇ خىل ئەھۋالنى سادىر قىلسا مەئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرگەندىن باشقا ،نەق مەيداندا ئالغان ھەقنى قايتۇرۇش ،ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ،ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن بىر يۈەن ئۈچۈن 100يۈەندىن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئىلىنىدۇ.ئايلىق باھالاشتا لاياقەتسىز باھالىنىدۇ.يىللىق باھالاشقا ئەگشتۈرىلىدۇ.
14) زاكاس قىلىنمىغان قۇشۇمچە ماتىريالارنى سىتىشقا پۇل يىغىپ ئىچشقىپ بىشكە بولمايدۇ.فۇداۋ ھەققى، مۇاسىم كىيمى سىتىۋلىش دىگەن باھانىلەر بىلەن ھەرقانداق ھەق ئىلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئەھۋال يۈز بەرسە يۇقارقى بەلگۇلمە بويىچە بىر تەرەپ قىلنىدۇ.  

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-27 00:00:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەك مۇكەممەل ، ئەتىراپلىق تۈزۈلگەن تۈزۈملەر ئىكەن . مۇشۇنداق بىر قاتتىق تۈزۈم بولمىسا ، بۇ ياغاچ قۇلاق ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرغىلى بولامتى ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش