كۆرۈش: 628|ئىنكاس: 5

«ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائا...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-11 17:27  

«ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائاليىتى  



  « ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » ئۆتكەندە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، جىددى ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالغان ئېرفانجانغا ئۇيۇشما نامىدىن سىرت ئىئانە توپلاش ھەققىدە  «ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى»دىكى ئەزالارغا مۇراجىئەتنامە چىقارغان ئىدۇق. بىر قىسىم ئەزالارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشىشى نەتىجىسىدە 2000 يۈئەن فوند جۇغلاندى. ئۇيۇشما رەئىسى ھاۋاگۈل تۇرسۇن (گۈلزار)، ھەيئەتلەردىن روزاخۇن (بايقاش)، ئەزالاردىن مەمتىمىن (پاكزات) قاتارلىقلار 2014-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتونۇم رايونلۇق شىمالىي قوۋۇق بالىلار دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئۇيۇشما نامىدىن بۇ بىمارنى يوقلىدى ۋە ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىنى (2000 يۈەن) يەتكۈزدى.

«ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائاليىتىدىن كۆرنۈشلەر








[img]http://pic2.qnpic.com/doimg/baykax5/ca6e300a/[/img
]
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-11 16:45:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ . دۇنيا مېھرى - مۇھابەت بىلەن گۈزەلدۇر .ھممىمىز قولىمىزدىن كىلىشىچە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بىرەيلى !

باھا سۆز

رەھمەت دوستۇم  ۋاقتى: 2014-1-13 00:11
ۋاقتى: 2014-1-12 01:54:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-12 02:16  

«ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» مېھرىبانلار ئائىلىسى ھەقىقەتەن ئۈزىنىڭ مېھرىبانلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپتۇ،ئاللاھ  بۇ ئائىلىدىكى مېھرىبانلارنىڭ ئالتۇن تېنىنى مەڭگۈ سالامەت،ئائىلىسىنى خاتىرجەم،خىزمىتىنى ئۇتۇقلۇق قىلغاي!
قېنى مۇنبىرىمىزدىكى قەلبى دېڭىزدەك جاپا كەشلەر سىلەرمۇ ئۈزۈڭلارنىڭ تامچە مېھرىنى بۇ سەبىگە يەتكۇزۇشنى ئويلىمىدىڭلارمۇ؟ قېنى سىزمۇ «ئىللىق ئائىلە مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى» غا ئەزا بولۇپ،مېھرىڭىزنى يەتكۈزۈڭ!
ئەگەر ئەزا بولۇشنى خالىسىڭىز بۇ تىمىنى كۈرۈڭ:
/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=16182

باھا سۆز

رەھمەت ئۇستاز  ۋاقتى: 2014-1-13 00:12
ۋاقتى: 2014-1-12 23:02:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا ھەقىقەتەن ھېھرى-مۇھەببەت بىىلەن گۈزەل

باھا سۆز

توغرا دەيسىز  ۋاقتى: 2014-1-13 00:12
ۋاقتى: 2014-1-13 12:08:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن، سىلەرگە بەخت مەڭگۈ يار بولسۇن!

باھا سۆز

دىگىنىڭىز كەلگەي !  ۋاقتى: 2014-1-13 14:46
ۋاقتى: 2014-1-13 20:44:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ، مېھرى -مۇھەببەت پائالىيىتى بوپتۇ ، پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ، قوللىغان  ،بىۋاستە ئىشتىراك قىلغان  مېھرىبانلاردىن تەسىرلەندۇق، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ، بۇ خىل ئىللىقلىقنىڭ ئىزچىللىقنى ھەقىقى گەۋدىلەندۈرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز :
دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەلدۇر !

باھا سۆز

رەھمەت ئۇستاز  ۋاقتى: 2014-1-14 01:01
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش