| قىسقىچە مەزمۇنى: نېتزى مۇنداق كۆرسىتىدۇ:ئانا تىل ــ «ھەقىقىي تەربىيە شۇنىڭدىن باشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم،ئەڭ بىۋاستە ئۇبيېكىت»تۇر.ياخشى بولغان ئانا تىل مەشىقى«بارلىق كېيىنكى تەربىيلەش خىزمىتى»نىڭ«تەبئىي،مۇنبەت تۇپرىقى».تەربىيچى چۇقۇم تەربىيلەنگۈچىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا ئانا تىل تەربىيسىگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشى،«ئانا تىلغا ھۆرمەت»قوزغىيالىشى،ئەڭ ياخشىسى سەبىيلەر قەلبىدە«ئانا تىلغا يۈكسەك مۇھەببەت»ئويغىتالىشى»لازىم.شۇڭا،مېنىڭ تەشەببۇسۇم، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىلغار ئانا تىل-يېزىق ئەنئەنىسىگە ئىگە،بۇ ئەنئەنە شۇ مىللەتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ساقلانغان،ئانا تىل ئۆگىنىشتە تورتىلىغا ئەمەس،دەل شۇ ئەسەرلەرگە يۈزلىنىش كېرەك. جۇگوپىڭ (جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ تەتقىقاتچىسى،ئاتاقلىق ئالىم،يازغۇچى) مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى نېتزى مۇنداق كۆرسىتىدۇ:ئانا تىل ــ «ھەقىقىي تەربىيە شۇنىڭدىن باشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم،ئەڭ بىۋاستە ئۇبيېكىت»تۇر.ياخشى بولغان ئانا تىل مەشىقى«بارلىق كېيىنكى تەربىيلەش خىزمىتى»نىڭ«تەبئىي،مۇنبەت تۇپرىقى».تەربىيچى چۇقۇم تەربىيلەنگۈچىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا ئانا تىل تەربىيسىگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشى،«ئانا تىلغا ھۆرمەت»قوزغىيالىشى،ئەڭ ياخشىسى سەبىيلەر قەلبىدە«ئانا تىلغا يۈكسەك مۇھەببەت»ئويغىتالىشى»لازىم.مەن بۇ قاراشقا تامامەن قوشۇلىمەن. مائارىپ ـــ ھېسيات ۋە ئەقىلنىڭ يېتىلىش جەريانى.ئانا تىل بولسا بۇ خىل يېتىلىش ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان شارائىتنىڭ بىرى.ئانا تىل مەدەنىيەتنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ.بىز شۇ سۈتنى ئېمىپ تەپەككۇر قىلىشنى،ئىپادىلەش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگەندۇق.گەرچە كېيىنكى تەربىيلىنىشىمىزدە ئوخشىمىغان ساھە ۋە پەنلەر ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ،ئەمما بارلىق تەربىيلىنىشىمىزنىڭ ئاساسى تەلىپى توغرا ئوقۇش،ئويلاش،يېزىشتىنلا ئىبارەت بولدى.بۇخىل توغرىلىق دەل ياخشى بولغان ئانا تىل مەشىقلىنىشىمىزدىن كەلگەن.تىلغا ئەستايىدىل بولۇش،ھەربىرسۆزنى چامىمىز يەتكەنچە توغرا ئىشلىتىش باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا بولماستىن،ھېسسىي ۋە ئىدراكىي ھاياتىمىزغا تۇتقان كەسكىن پوزىتسىيەدۇر.باشقىلارنىڭ كۆرۈشىگە ئىنتايىن يەڭگىلتەكلىك بىلەن بىرنېمىلەرنى يازغان قەلەم ئىگىسىنىڭ پىكىر يۈرگۈزگەن ھالىتىنى «ئەستايىدىل»دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.ئەكسىچە، جان-جېنىدىن مەنىۋىيەتكە كۈچ سەرپ قىلغۇچى باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنىڭ قەدرىگە يېتىپ،يەتكۈزۈش جەريانىدا يېزىققا پاكىزە قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەگەر مەدەنىيەت بىرخىل ساپا بولىدىغان بولسا،ئۇنداقتا ئانا تىل ئۇنىڭ ئۇلىدۇر.ساپادىكى كەمتۈكلۈك تىلدا ئىپادىلەنمەي قالمايدۇ. تىلى قوپال كىشى تەربىيە كۆرمىگەن، دەپ قارىلىدۇ.تىلى تولا ياسالما كىشىمۇ يالغان بىلىملىك دەپ قارىلىدۇ.ھەرىكەت-قىلىقتىكى يۈكسەكلىك ئادەتتىكى ئەڭ ئۇششاق ئىشلاردىكى مەشىق ۋە ئۆز-ئۆزىنى مەشىقلەندۈرۈشتىن كەلگەن،تىلدىكى ياخشى ئىستىلمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق.ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلەرنى دېمەيلى،ئادەتتە مەلۇم كىشىگە يازغان خەت،ئۆزىمىزلا كۆرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى سۆز ئىشلىتىش ۋە گرامماتىكىنىڭ توغرا بولۇشىنى،يېزىقچىلىق ئىستىلىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنى،چالا-پۇچۇق تۈزۈلگەن جۈملىلەرنىڭ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.مۇشۇنداق قەتئىي تۈردە داۋاملاشسا،ياخشى بولغان يېزىق ئادىتى ئىقتىدارغا ئايلىنىدۇ.بۇدەل يېزىق جەھەتتىكى ساپا بولۇپ،ساپا مەسلىسى ياخشى بولغان ئادەت مەسلىسىلا بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرى نىتزى ياشلارنى ئانا تىلنى نېمىس تىلىدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئۆگەنمەستىن، تاراتقۇلاردىن ئىزدەشتى،دەپ ئاغرىنغان ھەم ياشلارنىڭ «تېخى شەكلى پۈتۈلمىگەن روھىغا ئاخبارات ئىستېتىكىسىنىڭ قىزىقارلىق ياۋايى بەلگىسى»بېسىلىشىدىن ۋەھىمە يېگەن ئىدى. ئەگەر نېتزى بۈگۈنكىدەك تور دەۋرىدە ھايات بولغان بولسا،قانداق تەسىراتلارغا كېلەر بولغىيتتى؟ مېنىڭ قارىشىمچە،تور تىل-ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى يېزىقچىلىقنىڭ ئۇمۇملىشىش دائىرىسى ۋە ئېلان قىلىش ئەركىن بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش.ئەمما،شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېتزى ئېيتقان«ئاخبارات ئىستېتىكىسىنىڭ قىزىقارلىق ياۋايى بەلگىسى»نىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئاگاھ بولۇش لازىم.تور تىل-ئەدەبىياتىدا ھەمىشى تېزلىك قوغلىشىلىدۇ.شۇ سەۋەب تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن: بىرى، مەزمۇن جەھەتتىكى تېيىزلىق.«دەم يېگۈزۈش» ۋە «توپلىنىش» كەمچىل بولغاچقا،خۇشى كەلسىلا ئىپادىلەۋېرىدىغان،موداقىزغىنلىقىغا جۆربولغان تاماشا سورۇنىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئىككىنچىسى،تىل جەھەتتىكى بىپەرۋالىق. ئوڭايلا ئانا تىلغا ئېتىبارسىز قارايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ،خاتا سۆز-ئىبارە ۋە كېسەل جۈملىلەر باسقان ئېغىر ئاپەت رايۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا،مېنىڭ تەشەببۇسۇم، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىلغار ئانا تىل-يېزىق ئەنئەنىسىگە ئىگە،بۇ ئەنئەنە شۇ مىللەتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ساقلانغان،ئانا تىل ئۆگىنىشتە تورتىلىغا ئەمەس،دەل شۇ ئەسەرلەرگە يۈزلىنىش كېرەك. «جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى»تورىدىن
ئەسلى مەنبە:http://www.chinadaily.com.cn/dfp ... ntent_10629176.html
|
|